بۇ مەزمۇن 38قەۋەتتىكى hasanowدە2012-04-24 02:02يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇنى يەتتە سەككىز يىلنىڭ ئالدىدىلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەلۇم بىر زاۋۇت بازارغا سالغان مەھسۇلاتقۇ، ھەيران قالغۇچىلىكى يوق، چۈنكى مەنمۇ ئۆيگە ئورناتقىلى 5 يىلدىن ئاشتى. پەقەت ئۇنىڭ ماركىسىنىڭ «مەشئەل » بولۇپلا قالغان يېرى بار. مەن گەرچە ئۇ ئىسىتقۇنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگەن بولساممۇ، ئىشىنىمەنكى خۇددى «ئابىدە» ئىچىملىكىگە ئوخشاش ئىشلەپ چىقارغان ئورۇن ئىچىكىرى ئۆلكىدىكى كارخانا، پەقەت ئۇنىڭ ماركىسىلا مەشئەل.
ئاۋال ئىچكىرىدىكى كارخانا بىلەن توختاملىشىدۇ. ئىشلەپچىقىرش ئىجازەتنامىسى شۇ كارخانىغا مەنسۇپ، ئۇ كارخانا شىنجاڭدا بازار تېپىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مەشئەل ماركىسىنى كومپيۇتېدا ئۇرۇپ چىقىرپ چاپلاپ بېرىدۇ. بۇنىڭ ئۇچۇن باھا ئازراق ئۆرلەيدۇ. شىنجاڭغا ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئىشلەپ چىقارغان ئورۇننى (خۇددى ئابىدە ئىچىملىكىدەك) ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلمايدۇ، ھازىر ئابىدە ئىچىملىك زاۋۇتى خوتەندە قۇرۇلۇپتۇ بۇ بەلكىم بىر يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىش بولىشى مۈمكىن، چۈنكى مەن بۇلتۇرلا خەنزۇچە چۈشەندۈرۈشىدە ئىشلەپ چىقارغان ئورۇننىڭ ئىچكىرىسىدىكى بىر ئۆلكە ئىكەنلىكىنى ئوقۇغان ئىدىم. مۇشۇ ئىنكاسنى يېزىۋېتىپ توڭلاتقۇدىن ئاشۇ ئىچىملىك بوتۇلكىسىنى ئېلىپ قارىسام، زاۋۇت ئادىرىسى خوتەندە ئىكەن. قارىغاندا تېخى يېقىندىلا قۇرۇلغان ئوخشايدۇ. خەنزۇچە سەۋىيەسى بار ئادەم بولسا ئىشلەپچىقارغان ئورۇننى خەنزۇچە خەتلىك چۈشەندۈرۈلىشىدىن بىلەلەيدۇ. بىراق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خەنزۇچە خەتنى ئوقۇماسلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشكە كىرگۈزمەيدۇ.
بوپتۇ ھالال ھارام دەپ يەيدىغان نەرسە ئەمەس. قانداقلا بولمىسۇن شنىجاڭدىكى باش ۋاكالەتچىسى ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭ مىللەتچىلىك قىلىپ باشقىلارنىڭكىنى سېتىۋالغىچە ئۆز كارخانىچىلىرىمىزنىڭكىنى سېتىۋېلىپ ئۇلارنىڭ سودىسىنى قوللاپ قويساق بولىدۇ.