saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1370 قېتىم كۆرۈلدى
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1086
شۆھرەت: 6991 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7100 سوم
تۆھپە: 3920 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3984 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1590(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 دەيۈزلۈك ئەخلاقىنىڭ كېلىپ چىقىشى


ئىنسانلارنىڭ پەرۋازى زىمىن، ھاۋا ۋە سۇلارنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇردى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاسماننىڭ يىراق بۇرجىدىكى يۇلتۇزلار….سۇنئى ھەمراھلار يۇلتۇزلارنىڭ سىرلىرىنى چارلاپ، يەر يۈزىنىڭ ئەلپازىنى نىشانلىدى.

ئەسۋاپلار شۇ قەدەر نازۇك، يۈرەكنىڭ ئەنسىز سوقۇشلىرى، ئىچ – باغرىمدىكى ئاينىشلار، قان تىپلىرىمىز، گېن تۈزۈلۈشىمىزنىڭ ھەممىسى ئاشكارا، ھەر – بىر بوسۇغا، ھەر – بىر دوقمۇش ئارخىپىمىزغا يېڭى بىر مەزمۇن قوشىدۇ. بارغانسىرى كارتىلارغا ئايلاندىم، كارتىلار مىنى توشۇماقتا.
تېلىفۇن…….تېلىفۇنلاردا پارغا ئايلاندىم، كىملەردۇ مېنى سۈزمەكتە، لىكىن مەشۇقۇمنىڭ كارى يوق.
يالغۇزلۇق، ھىچكىمگە چۈشەندۈرەلمىگەن گەپلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن سوغۇق يالغۇزلۇق بازارغا ئۆتمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزەمگە قېپقالدى.

مەنپەت مۇرەسسەلىرى ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىنى بىر – بىرىگە يېقىنلاشتۇردى. يەتتە ئىقلىمدىن كەلگەن بىر توپ ئادەم بىر شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىچىشتى، ئاندىن پاي چېكى، موھىت كىرزىسى، تېرۇرىزىم ھەققىدە گەپ قىلىشتى. دەل شۇ ۋاقىتتا، ئوقۇش يېشىدىكى گېزىتچى بالىلار تېرۇرىزىمنى باش ماقالە قىلغان گېزىتنى توۋلاپ سېتىشىۋاتاتتى. دەل شۇ كۈنى بىر مايلامچى بالا قۇياشنى دوقمۇشتا كۈتۇۋېلىپ، يەنە شۇ دوقمۇشتا ئۇزىتىپ قويدى. ئۇنىڭ كۆرۇپ يېتەلىگىنى ئاياغلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئۇ، چەملەرنىڭ ئاستىدىكى يوللارنى كۆرۈشكە ئامالسىز ئىدى.

كىتاپ كۆتۈرۈپ رەستىدە كېتىۋاتقانىدىم، رەستە بويىدىكى بىر تىلەمچى يېنىمدىكى بىر تىلەمچىگە مىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ بىر نىمىلەرنى دىدى. ئۇلار كىر چىرايلىرىنى پۈرۈشتۇرۇپ كۈلدى. مەن ئۇلارغا ھومايدىم.
- كەچۈرۈڭ ئەپەندىم، باج ئالمىغاندىكىن كۈلىۋەردۇق. …….. مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي ئۇلارغا قاراپلا قالدىم.
- بىز ئەرزىمەس ئادەملەر _ دىدى ئۇلارنىڭ بىرى
- ئەرزىمەس ئادەملەرنىڭ ئالىجاناپلار ئۈستىدىن كۈلۈش ھوقوقى بولار!؟
- ئەمىسە نىمىگە كۈلدۈڭلار ؟
- كىتاپمۇ كۆپۈيۈپ كەتتى، بىزمۇ كۆپۈيۈپ كەتتۇق، سىز بۇنى كىتاپ ئارقىلىق داۋالىيالامسىز ؟
مەن يەنىلا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم.
- كىتاپ ئالغان پۇلغا بىزدەك تىلەمچىدىن نەچچىنى قۇتۇلدۇرغىلى بولار ؟ – دىدى يەنە بىرى.
ئۇلار تىلەمچى بولغاچقا مۇتەپەككۇر بولغانمۇ ياكى مۇتەپەككۇر بولغاچقا تىلەمچى بولغانمۇ بۇنى ئايرىيالمىدىم
- دە، دەماللىقتا گاڭگىراپلا قالدىم. قانداقتۇر بىر كۈچ مىنى ئۇلارغا يېقىنلاشتۇردى.
- يۇرتىمىزدىن ئېقىپ چىقتۇق، تىلەمچىلىك قىلىپ تەقدىرنىڭ چاقچىقىغا چاقچاق قايتۇرىۋاتىمىز، – دىدى بىر تىلەمچى.
- ھار ئېلىۋاتقانسىلەر ھەقىچان ؟ – سورىدىم مەن.
- ھار ئېلىپ قانداق قىلاتتۇق، ھازىر كىم بىلەن كىمنىڭ ئىشى !
- ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرىدۇ دىگەن گەپ بار، – دىدىم مەن.
- نومۇس !؟ – دىدى بىراقلا ئىككى تىلەمچى
- بىز نومۇس دىگەن گەپنىڭ نىمىلىگىنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كەتتۇق. بىزنىڭ نومۇسىمىز يۇرتىمىزدىن ئايرىلغاندىلا ئۆلگەن.
ئەندىكىپ كەتتىم. نومۇسنىڭ ئۆلگەنلىگى توغرىسىدىكى خىتابنامىنى تار رەستىدىكى مونۇ تىلەمچىلەردىن ئاڭلاپ قېلىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن.
بۇ، مەن ئاڭلىغان ئاچچىق، ئەمما دىلكەش بىر پاراڭ بولدى. ھەشەمەتلىك داستىخانلار، سىپايە گەپلەر ، ئەدەپ، تەككەللۇپ، تەۋاززۇ بىلەن توشۇپ كېتىپ، نەق گەپلەرنى تاپقىلى بولماس بوپكەتتى. شىرىن تائام، شىرىن كالاملاردا نە كۆڭۈلنىڭ رىزاسى، نە قىسمەتنىڭ داۋاسى، نە ئازادىلىك ھاۋاسى !!!
كىرزىسلىك خىياللارغا پېتىپ يۈرگىنىمگە ئۇزاق بوپ كەتكەنتى. سائەت – سائەتلەپ ئولتۇرۇشلاردا قەلب دىگەن نىمە يوق، پەقەت تەخسىدە ئىسكىلىتى كۆرۈنۇپ قالغان بېلىق، تەببەسسۇملاردا مېھىر يوق، پەقەتلا ئۇ بىر ئادەت.
سەمىمى قەلب ئىزدىگەنلەر كور. ئۇلار سېنىڭ سەمىمى قەلبىڭنى دەسسەپ ئۆتۈپ ھارامدىن لوقما ئىزدىشىدۇ.
كۆز يېشىغا باي ئاياللار ھەرگىزمۇ ئالدىدىكى دەرەخنىڭ سايىسىنى كۆزلىمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بىقارار كۆزلىرى يىراق -
يىراقلارغا تەلمۈرۈپ جۇلاسىدىن كېتىدۇ. سۆلەتلىك يىگىتلەرنىڭ لەۋزىدە سالماق يوق، باتۇرلارنىڭ ئەرۋاھى يىراقلارغا كۆچمەكتە.
ئېرىشىش قىيىن، ئېرىشىلگەننىڭ قىممىتى يوق. زامان مۇئەككەللىرى چىكىتى يوق تارازىلارنى كۆتۈرۈپ بازار ئارىلاپ يۈرىشىدۇ. جانانلارنىڭ بۈگۈنكى كۈلكىسى سىنىڭ ئەتىكى ئوغاڭ، مۇھەببەت خەتەرلىك ئويۇن…
شائىرلىقىمغا سۇئال قويۇۋىدىم، ئۇ سۆزلەرنى سەپكە تىزدى :

شۈنچە ئاختۇرسام تۈزۈك قاپاق يوق،
باراڭ باراڭغا ئوخشىماي قالدى.

ھىچكىم لەۋزىدە ئەھدى ۋاپا يوق،
پاراڭ پاراڭغا ئوخشىماي قالدى.

تەمە ئوت ياقتى كۆڭۈل كۆزىگە،
سالام سالامغا ئوخشىماي قالدى.

ئۆزگۈرۈپ تۇرار يارنىڭ قارارى،
جانان جانانغا ئوخشىماي قالدى.

مېھراپتىن چايان چىققىنى قىززىق،
پالان پالانغا ئوخشىماي قالدى.

دەلدۈش تۇرۇپمۇ بېرەر پەتىۋا،
ساراڭ ساراڭغا ئوخشىماي قالدى.

ئېشىڭنى يەپمۇ بېشىڭنى يەيدۇ،
بالاڭ بالاڭغا ئوخشىماي قالدى.

ئۆيگەيىتىپ باردىم، كېچە، ھەممە ياق جىمجىت، ئۆزۈمنى تىڭشاپ ئولتۇرىمەن. ئىسىمگە بىر جۈملە سۆز كىلىۋىدى، شۇ پېتى خاتىرىلەپ قويدۇم :
نومۇسنى بىلمەسلىك قورقونچلىق، لىكىن نومۇسنى بىلگەن تۇرۇقلۇق نومۇس قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق تېخىمۇ
قورقونچلىق.
بۇ، تىلەمچىلەرنىڭ سۆزىدىن كىيىن مىڭبىر ئويلىنىپ تاپقان يەكۈن بولدى. ئويلاپ باقسام كوچىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىش بىلەن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىشنىڭ يىلتىزى بىر ئىكەن. قارىغاندا نومۇسنى قايرىپ قويۇش ئەخلاقى راۋرۇس مودا بوپتۇ.
قىزىمنىڭ بىر سۆئالى ئىسىمدىن كەچتى. ئۇ تۇرغان توختەمۇفنىڭ «نۇزۇگۇم» ناملىق تارىخى رومانىنى ئوقۇۋېتىپ شۇنداق سورىغانىدى :
- نۇزۇگۇمنى چىڭ لەشكەرلىرى تۇتۇۋېلىپ ھېيتگاھ ئالدىدىن ئېلىپ ماڭسا، كىشەنلەنگەن نۇزۇگۇمنى كۆرگەن ئون مىڭلىغان ئامما قاراپ تۇرىدىكەن، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش پەقەت ئاشىغى باقىنىڭلا ئىشى بوپقالىدىكەن. بۇنداق ئەھۋال ئەسىرلەر سېپى ئاقسۇدىن ئۆتۇپ ئىلىغا بارغىچە داۋاملىشىدىكەن، پەقەت ئۇلارغا ئىچ ئاغرىغان نەچچە ئون دەرۋىشلەرلا ئەگىشىپ ماڭىدىكەن. بىچارە نۇزۇگۇمغا ياردەم قىلىدىغان تۈزۈك ئادەم چىقمايدىكەن.

دادا، زادى تارىخنىڭ ئۆزى شۇنداقمۇ ياكى يازغۇچى شۇنداق يازغانمۇ ؟
سۇئال ساددا، لىكىن تەبىئى ئىدى. بۇ تەبىئىيلىكتە تەپەككۇرۇمنى ھالسىرىتىدىغان دەرىجىدە چۇڭقۇرلۇق باردەك قىلاتتى. بۇ سۇئالنى بىر باكىرە قىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ساپ ئىنسانى تەبىئەتنىڭ دۇردانىسى دىيىشكە بولاتتى.
ئىنسانىيلىق بىلىمدىن ئەلا دىگەن گەپ شۇنىڭدىن بولسا كېرەك. قىزىمنىڭ سۇئالى نۇزۇگۇمنىڭ بىر قوشىقىنى ئىسىمگە سالدى :

ئىگىز تاغدىن سۇ چۈشتى،
سۈزۈپ ئىچەر يەر بارمۇ ؟
نۇزۇك باشىغا كۈن چۈشتى،
ئېلىپ كېتەر ئەر بارمۇ ؟

نۇزۇگۇمنىڭ سۇئالى بىلەن قىزىمنىڭ سۇئالى تىگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا بىر سۇئال ئىدى. بۇ ھەرگىزمۇ بىر قەلەمكەش ئۆز ئالدىغا يالغۇز جاۋاپ بېرەلەيدىغان سۇئال ئەمەس ئىدى. نەق شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدە بىر نىمىلەرنى دەپ قىزىمنى رازى قىلدىم. بىراق، شۇنىڭدىن كىيىن مەن شۇ سۇئالغا ئەسىر بولغىنىمچە ئىزچىل خىيال قىلدىم.

ئۇشتۇمتۇت شۇ سۇئالغا مۇناسىۋەتلىك قىزىقارلىق بىر تەجرىبىنى بىر ماتىرىيالدىن ئۇچۇرۇتۇپ قالدىم. بىر ئادەمنىڭ ئەقلى چەكلىك، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا ئاقىللار بار. كۆرگىنىمنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ بېقىشنى لايىق تاپتىم :
تەجىرىبە خادىملىرى بەش مايمۇننى قەپەسكە سولاپ، بىر ساپاق باناننى قەپەسنىڭ ئۈستۈنكى شادىسىغا
ئېسىپتۇ. ناۋادا مايمۇن باناننى ئېلىشقا ئۇرۇنسا، سۇ پۈركۈلۈپ، مايمۇنلارنىڭ ھەممىسى تەڭلا ھۆل بوپ كېتىدىكەن. بۇنى ئەقىللىق ئالىملار شۇنداق لايىھەلىگەنكەن. دەسلەپتە بىر مايمۇن باناننى ئېلىپ يىيىشكە ئۇرۇنۇپتىكەن، نەتىجىدە، بەش مايمۇننىڭ ھەممىسى بىردەك ھۆل بوپ كېتىپتۇ. مايمۇنلار نۆۋەت بىلەن ئەشۇنداق ئۇرۇنۇشتا بولۇپ، ئوخشاش ئاقىۋەتنى كۆرۇپتۇ. ئاخىرىدا مايمۇنلار ھۆل بوپ كىتىشتىن قورقۇپ، باناننى ئېلىپ يىيىشكە ئۇرۇنمايدىغان بوپتۇ.

كىيىن، تەجىرىبە خادىملىرى بىر مايمۇننى قەپەستىن چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر مايمۇننى سولاپتۇ. يېڭى مايمۇن بانانلارنى كۆرگەن ھامان ئېتىلىپتۇ، نەتىجىدە، قالغان تۆت مايمۇندىن راسا دۇمبا يەپتۇ. چۈنكى ئۇ تۆت مايمۇن، ئۇ بىزنى ھۆل قىلىۋېتىدۇ دەپ ئەنسىرەيدىكەن. يېڭى مايمۇن ئاخىرى ئارزۇسىدىن ۋاز كىچىپتۇ.
تەجىرىبە خادىملىرى ئەسلىدىكى تۆت مايمۇننىڭ بىرىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىككىنچى بىر يېڭى مايمۇننى كىرگۈزۈپتۇ. بۇ مايمۇنمۇ باناننى كۆرۈپ ئېلىپ يىمەكچى بوپتۇ. ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ تەقدىرىمۇ بىرىنچى يېڭى مايمۇنغا ئوخشاش دۇمبا يىيىش بوپتۇ. قىزىق يېرى شۇكى، بىرىنچى يېڭى مايمۇن كىيىنكىلەردىن ھەممىدىن بەكرەك كۈچەپ ئۇرۇپتۇ. مايمۇنلار ئەنە شۇنداق تەرتىپتە ئالمىشىپتۇ، ئاخىرى ھىچكىم بانانغا چېقىلالمايدىغان بوپتۇ. ئۇلار بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى زادىلا چۈشەنمەيدىكەن، پەقەت بابان يىيىشكە ئۇرۇنسا، باشقا مايمۇنلاردىن دۇمبا يەيدىغانلىقىنىلا ئۇقىدىكەن.

يوقىرىقى تەجىرىبە بايانىنى قىزىمغا ئوقۇپ بەرگەن ئىدىم، ئۇ :
- مايمۇنلارمۇ قىزىق ئىكەن، ھۆل بوپ كەتكەنگە نىمە بولاتتى ؟ – دەپ ئىنكاس قايتۇردى.
- ھۆل بوپ كىتىشنىڭ ھىچقىسى يوقلىقىنى پەقەت تەجىرىبە خادىملىرىلا بىلىدۇ. مايمۇنلار ئۇنى بىلسە، دۇمبا ئورنىغا بانان يىگەن بولاتتى، – دىدىم مەن جاۋابەن.
مايمۇنلارنىڭ يېڭى ئەخلاقىنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەممىمىزگە چۈشىنىشلىك بولدى. بىراق، تەجىرىبە خادىملىرىنىڭ ئەخلاقىنى چۈشىنىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. بۇ يەردە ئىككى خىل ئەخلاق باردەك قىلاتتى، لىكىن بىر ئەخلاق يەنە بىر ئەخلاقنىڭ مىۋىسى ئىدى.
شېكېسپىر دادىللىق بىلەن «ئەمەلىي كۈچ ئەخلاقتۇر» دىگەنىكەن. ئۇ بۇ خىل ئەخلاقنىڭ مەنبئىنى دىمەپتۇ. چۈنكى، دادىللىق ۋە ئەمەلىي كۈچنىڭ روھى ۋە ئەقلى مەنبىئى بولىدۇ. كىشىلەر ھەقىقەتنى ئۆزلىرىنىڭ نەپىس خاھىشلىرىغا بويسۇندۇرۇش يولىدا بىخوتلارچە ئىلگىرلەۋەردى. شېكېسپىر ئېيتقان ئەمەلى كۈچ ئېھتىياجلارغا
ھاكىم بولۇشنى ئىستىگەنلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەندە ئەخلاق خاراب بولدى.
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2008 – يىللىق 6 – سان


چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-03-12 17:03 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 272
شۆھرەت: 1468 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1482 سوم
تۆھپە: 867 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 867 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەخلاق ئادەم زىننىتى. غۇرور يوقالغان مىللەتمۇ يوقىلىدۇ.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-12 18:05 |
umar0995
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5791
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرەت: 261 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 263 سوم
تۆھپە: 169 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 153 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 159(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قەلمىڭىز  بەك  كۇشلۇككەن،   بۇلۇپمۇ  مايمۇننىڭكى
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-12 22:08 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » تەرمىلەر