مىسىر ئىچىدە چاشما چېچەكلىدى
(ئەركىم)
شەھەرئىچى يېزىسى قومۇل ئۇيغۇر پادىشاھلىرىنىڭ مەركىزى بولغان ئىنتايىن قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى. ئۇ يەردە قومۇل ئوردا شىۋىسى، ئوردامۇقامى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلانغان.
شەھەر ئىچىنى بۇرۇنقىلار مىسىر ئىچى دەپ قوياركەنتۇق. بۇ گەپنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى مەنمۇ تازا بىلىپ كېتەلمەيدىكەنمەن.
شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى چاشمىچىلارنىڭ چىۋەر قوللىردىن پۈتكەن چاشما مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەن يەتتە ئىقلىم كىشىلىرى ھاڭ-تاڭ قېلىشىدۇ.
بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە كەم قالمايدىغىنى ھەجەرخان <<مىراس>>چاشمىلىرىدۇر! 2012-يىلى3-ئاينىڭ19-كۈنى شەھەر ئىچى يېزىسدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان چاشمىچى ھەجەرخان ئانا ئۆز ھوزۇرىدا قومۇل ۋىلايىتىنىڭ ھەر ساھەلىرىدىن كەلگەن مېھمانلارغا، ئۆزىنىڭ ئۇزاق يىللىق قان-تەرى بەدىلىدە روياپقا چىققان شېركىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى قىلىپ بەردى. يۇرت خەلقىگەنۇرۇزلۇق كۆچە ئاش تارتتى. كۆك مەشرىپى قىلىدى...
قومۇل شەھەر باشلىقى ۋە شەھەرئىچى يېزا رەھبەرلىرى بۇ خاسىيەتلىك كۈندىكى پائالىيەتكە ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلىپ، قولى گۈل، چىۋەر چاشمىچى ئانىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى.
زاۋۇت ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈش_ قومۇل چاشمىچىلىرىنىۇ نۇرغۇنلىغان ئىجادىيەتلىرى ئۆزگىلەر تەرپىدىن ئوغۇرلىنىپ كەتتى. بولسا بارلىق چاشمىچى ئاياللارنىڭ ئۆز قان-تەرىدىن پۈتكۈن ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن ماركا ئېلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! شۇنداق قىلغاندىلا ئۆز ھوقۇق مەنپەتىڭىزنى قانۇن ئارقىلىق قوغدىيالايسىز! مىللىي ئەنئەنىمىز شۇندىلا دەپسەندە بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قالغۇسى! يېڭى پەن-تېخنىكا بىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇدۇكى ھەرگىزمۇ كەينىمىزگە چىكىندۈرۈۋەتمەيدۇ...
دېھقان شائىرەنىڭ قەلىب سوۋغىسى
مۇقامچىلىرىمىز قومۇل مۇقاملىرىدىن ئارىيە ئورۇنلىماقتا!
كۆك مەشرىپى باشلاندى
شۇ چاغدا خىزمەت ئورنۇمدىن تېلېفۇن كېلىپ، مەشرەپكە كۆزۈم قىيمىغان ھالدا يۈرۈپ كەتتىم...خەير ئامان بولۇڭلار ئەزىزلەر!
2012-يىلى3-ئاينىڭ23-كۈنى قومۇل