saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 3928 قېتىم كۆرۈلدى
arkim
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 255
نادىر تېما : 7
يازما سانى : 599
شۆھرەت: 3638 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3794 سوم
تۆھپە: 2087 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2093 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 746(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سېيىت باتۇرنىڭ قەبرىسى قەيەردە؟(ئەركىم)

سېيىت باتۇرنىڭ قەبرىسى نەدە؟!
 (ئەركىم)
 
 سېيىت باتۇر 1915-يىلى قومۇل تاغلىرىنىڭ بىرى بولغان نېرناسىدا دۇنياغا كەلگەن. نۇرغۇن كىشىلەر خاتا ھالدا ئۇنى تاراتىدا تۇغۇلغان، قالغايتىدا تۇغۇلغان يەنە بەزىلىرى كۆشۆتىدە تۇغۇلغان دەپ يۈرۈشكەن ئىدى.
    2012-يىلى 2-ئاينىڭ13-كۈنى تەڭرىتاغلىرىنىڭ خىلۋەت ئېتىكىگە جايلاشقان تېخىچە سىملىق توك يەتمىگەن، تېلېفۇنمۇ تارتمايدىغان، تېلېفۇنمۇ يوق زامانىۋىيلىقنىڭ چاڭ-توزانلىرى ئۇنچىلىك تەسىر قىلىپ كېتەلمىگەن جەننەتتەك گۈزەل يۇرت نېرناسىغا، شىۋە يىغىش ئۈچۈن بېرىپ قالدىم. بۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردۇق. كەنت رەھبەرلىرى بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. شۇ كۈنى نېرناسىلىق بىرى ماڭا، توردا ۋە كىتابلاردا سېيىت قۇربان (سېيىت باتۇر)نىڭ نەدە تۇغۇلغانلىقى خاتا يېزىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ يازارمەن كىشىلەر ئۆز خەلقىنىڭ، جانىجان ۋەتىنىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن قان كەچكەن قەدىردانلىرىمىزنىڭ نەدە تۇغۇلۇپ نەدە ياشىغانلىقىنى بىلمەسلىكى بىز ئۈچۈن نومۇس ئەمەسمۇ؟! دەپ سۆزلەپ كەتتى. بىلسەك سېيىت باتۇر نېرناسىدا تۇغۇلغان ئىكەن. ئۇ غازىمىزنىڭ قەبرىسىمۇ ئەنە مۇشۇ جەننەت مىسالى دىياردىن ئورۇن ئالغان ئىكەن.
  ئوڭ تەرەپتىكى ئۈچ بۈرجەكلىك قەبرە تېشى سېيىت باتۇرنىڭ، ئۇنىڭ سول يېنىدىكى قەبرە تېشى بولسا باتۇرىمىزنىڭ ئۆمۈرلۈك يېقىن دوستى، سىرداش ئۈلپىتى، قەسەمداش بۇرادىرى، نۇرغۇنلىغان ھايات -ماماتلىق جەڭلەردە مۈرىنى-مۈرىگە تېرەپ كۆرەش قىلغان ئەڭ ئىشەنچىلىك ياردەمچىسى، ئات باقارى تۇرسۇن بۇۋاينىڭ قەبرىسى ئىكەن. ئۇلار ھاياتلىقىدا ۋەسىيەت قىلىپ، ئۆلگەندىمۇ بىر يەردە يېتىشنى بالىلىرىغا تاپىلىغان ئىكەن...
 
   1946-يىلى 8-ئايدا سىيىت باتۇر ،ئونانباي باتۇر ،دۆلەتخان باتۇرلار باشچىلىقىدا قومۇلنىڭ شارلار تېغى رايونىدىكى دېھقانلار ، قانخور گومىنداڭنىڭ دەھشەتلىك ئېزىشى ۋە باستۇرۇشىغا قارشى يەنە بىر قېتىملىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ . بۇ قوزغىلاڭنىڭ داۋاملاشقان ۋاقتى ئاز، دائىرىسى ئۇنچە كەڭ بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ قالدۇرغان تەسىرى ناھايىتى زور بولدى .
  گومىنداڭ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى 11 ماددىلىق تېنىچلىق بېتىم ئىمزالاپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئوسمان ئىسلام ئۈچ ۋىلايەتتىن يۈز ئۆرۈپ گومىنداڭ تەرەپكە ئۆتىدۇ -دە ،كونا ئادىتىنى ئىشقا سېلىپ ،بارىكۆلگە كېلىپ خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىدۇ .قومۇل ۋالىيسى لاڭشىڭ ،ناھىيە ھاكىمى چېن شۇ پىڭلار تاغ رايۇنىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە شارلار تېغى تەۋەلىكىدە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن مىلتىق ،ئوق-دورا قاتارلىقلارنى تەييارلاپ ئىككى ئەترەت تۈزۈپ ،سىدىق دېگەن كىشى بىلەن نۇرغالىلارنى بۇ ئىككى ئەترەتكە باشلىق قىلىدۇ.لېكىن، قوشۇن يۆتكەش ،ئۇرۇش بۇيرىقى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغا يېزا باشلىقلىرىدىن سېيىت باتۇر بىلەن ئونانباي باتۇرلارنى مەسئۇل قىلىدۇ .شۇ كۈنلەردە بۇلاڭچىلار قومۇلنىڭ شارلارتېغىغا كېلىپ 800يۈزدىن ئارتۇق قوي ،50 تۆگە ،40 ئات ،80 كالىنى بۇلاپ كېتىدۇ .ئونانباي باتۇر قىسىملىرىنى يىغىپ ، بۇلاڭچىلاردىن بۇلانغان ماللارنى قايتۇرۇپ كەلسە، گومىنداڭ ئەسكەرلىرى ماللارنى تارتىۋالىدۇ .
   1946-يىلى 8-ئاينىڭ 1- كۈنى قومۇلدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ساڭ فامىلىلىك ئۇيغۇر ،قازاق تىلىنى پىششىق بىلىدىغان بىر پەيجاڭنى يېزىغا ئەۋەتىدۇ. ئۇ «كۆشۈتىدە يىغىن بار ،ئونانباي باتۇرنى يىغىنغا چاقىرىپ كەلدىم. باتۇر، سەكسەن تۆگە ئوتۇن ئېلىپ كېلىشى كېرەك » دەيدۇ. ئونانباي بۇ پەيجاڭدىن گۇمانلىنىپ،ئۇنى سوراق قىلىدۇ.ئۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارلايدۇ. ئەسلىدە گومىنداڭ بۇ پەيجاڭنىڭ ئىقرارىدىن،ئونانباي كەلسە ئېلىپ كېلىش،كەلمىسە ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ .ئەتىسى ئونانباي يۇرت خەلقىنى تەڭرىتاغنىڭ تۆمۈرتى دېگەن كەنتىگە كۆچۈشنى ئۇقتۇرىدۇ . ساڭ پەيجاڭنىمۇ بىرگە ئېلىپ ماڭىدۇ .دەل شۇ چاغدا دۆلەتخان، سېيىت باتۇرغا گومىنداڭنىڭ بىر لىيەن ئادىمى ئونانباينى يولدا توسۇپ ياتقانلىقىنى ئېيتىدۇ .ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئونانباي ساڭ پەيجاڭنى ئېتىۋېتىدۇ . سېيىت باتۇر ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئەسكىرىنى ئونانبايغا ياردەمگە ئەۋەتىپ ،ئۆزى 40 ئەسكەر بىلەن دۈشمەننىڭ يۇرتقا كىرىش ئېغىزىنى توسۇپ تۇرىدۇ .كەچ كىرگەندە كۆشۈتىدىكى دۈشمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ .دۈشمەن چېكىنىدۇ .كېيىن قوزغىلاڭچىلارمۇ چېكىنىپ كېتىدۇ .شۇنىڭدىن كېيىن گومىنداڭنىڭ قومۇلغا ئورۇنلاشقان 178-لۈيى كۆپ قېتىم قوزغىلاڭچىلارنى قورشاپ يوقىتىش جېڭى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئاتلىق تۈەننى ئىشقا سالىدۇ .ھەر قېتىملىق جەڭدە قوزغىلاڭچىلار دۈشمەنگە بوي بەرمەيدۇ .1946-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلەتخان 20ئاتلىق، بىر ماۋزۇر ،بىر دانە تاپانچا ،يېتەرلىك ئوق ئېلىپ ،سېيىت ۋە ئونانباي باتۇرلارنىڭ يېنىغا كېلىپ،ئۆزىنىڭ دۈشمەنگە ئاشكارلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتىدۇ .8-ئاينىڭ 10-كۈنى گومىنداڭنىڭ بىر ئوفىتسېرى بىر قانچە ئاتلىق ئەسكىرىنى باشلاپ كېتىۋاتقاندا قوزغىلاڭچىلار ئوفىتسېرنى ئېتىپ تاشلايدۇ .يەنە 178-لۈينىڭ 30 دىن ئارتۇق ئەسكىرى ئولتۇرغان ماشىنىنى پاچاقلاپ تاشلاپ،ئادەملىرىنى ئۆلتۈرىدۇ . شۇ كۈنلەردە گومىداڭ قومۇلدىكى ساقچى باشلىقى خالىق ۋە يۈسۈپ مۆمىنلەرنى قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ۋە نەسھەت قىلىشقا تاغقا چىقىرىدۇ . ئۇلار قوزغىلاڭچىلارغا قوشۇلۇپ گومىنداڭغا قارشى ھەركەت قىلىدۇ .شۇ كۈنلەردە قوزغىلاڭچىلار 300 دىن ئاشقان بولۇپ ،150 كىشىنى سېيىت باتۇر ،150 كىشىنى ئونانباي باتۇر ئېلىپ تاغنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۆتۈپ دۈشمەندىن مۇداپىئىلىنىدۇ . يۈسۈپ مۆمىن قوراينى ساقلاشقا قالىدۇ . بۇ ئەھۋال قومۇل ۋىلايىتىنى زىلزىلگە سالىدۇ .شۇ چاغدا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ، بۇرھان شەھىدى ،ئابدۇكېرىم ئابباس ،زاكاشىن باشچىلىقىدا ۋەكىل ئەۋەتىپ ، گومىنداڭ بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئوتتۇرسىدا ئالتە ماددىلىق سۈلىھى تۈزۈپ ۋەقەنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن سېيىت باتۇر ، ئونانباي باتۇر ۋە دۆلەتخان باتۇرلار ئىلىغا كېتىدۇ .
سېيىت باتۇر قومۇل تاغلىرىنىڭ بىرى نېرناسىدا1915-يىلى تۇغۇلغان ،1931-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئەتىرىتىدە مۇھاپىزەتچى بولىدۇ . خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان . كېيىن، ئۆز بىلىمى ۋە يۈزئابرويىغا تايىنىپ كۆشۈتىگە يېزا باشلىقى بولىدۇ . 1946-يىلى 8 -ئايدا كۆشۈتى خەلقنىڭ گومىنداڭغا قارشى كۆرىشىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ .1947-يىلىنىڭ ئاخىرىدا غۇلجىغا بارىدۇ .ئۇ يەردە قومۇل باتۇرلىرى نامىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ .1950-يىلى قومۇل ناھىيىسىگە ھاكىم،كېيىن، ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولىدۇ . تۆت كىشىلىك گوروھنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قامىلىدۇ.سىياسىتى ئەمەلىيلىشىپ ،نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۈنىنىڭ ئەتىسى، يەنى 1985-يىلى 79 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ .
*سېيىت باتۇرنىڭ ھاياتلىقىدا ياشىغان ئۆيلىرى ( ئۇكىسىنىڭ ئۆيىمىش) كونىراپ چېقىۋېتىلگەنكەن. ماۋۇ كۆرۈنىۋاتقان تەۋەرۈك ئۆيلەردىمۇ ئۇ ھەم تۇرغانكەن. ئۇنىڭ ئۆيلىرى دەل ئۇكىسىنىڭ ئۆيلىرىنىڭ تۆۋەن تەرپىگە توغرا كېلەرمىش. شۇ يەردىكىلەردىن ئاڭلىساق، نېرناسىمۇ بۇ يىل 5-ئايغىچە تۈزلەڭگە كۆچۈرۈلەرمىش، بۇ يەردىكى ئۆيلەر چېقلىپ يوق بولارمىش...
نېرناسى مەنزىرىلىرى...

بۇ كىمنىڭ ئۆيى بولغاي؟!نىمىشقا تاشلىۋەتكەندۇ...
تۈزلەڭگە كۆچكەنلەردىن قالغان يالداما...
  نىمە دىگەن چىرايلىق ئويۇقلار ، ئوچاقلار ھە؟ بىچارىلەر ئۆز ئىگىلىرى تەرپىدىن تاشلاندۇق نەرسىلەرگە ئايلانماقتا...ئاتالمىش ياۋروپا ئۇسلوبىغا  تەۋە بولىۋاتقان بۇنداق ئوچاقلار دىيارىمىزدىكى قەدىم ئۆيلەردە ماڭدامدا بىر ئۇچىرايدۇ...
  ئۆي ئىگىسىنىڭ دېيىشىچە بۇ ئۆينى 100 يىللار ئىلگىرى، مېنىڭ يۇرتۇم ساقىدىن كەلگەن ئۇستام ياساپتىكەن. ئۆي ئىگىسى ئولتۇرۇۋاتقان زامانىۋىي دەۋالغان ئۆيمۇ بۇنچىلىك چىرايلىق ئەمەسكەن. مەن، نىمىشقا بۇ ئۆيدە تۇرمايسىلەر دېسەم، ئاتتام، مۇشۇ لېپىراپ كەتكەن ئۆيدە قانداق تۇرىمىز دەيدۇ...ماڭا بەرگەن بولسا، مەڭگۈ تۇراتتىمدە، دەپ ئويلاپ كەتتىم.
ھازىرقى ئۆيلەردىن نەچچە مىڭ ھەسسە گۈزەل ئۆيلەردە بۇ!
   ئەزىزان يۇرتۇمنىڭ نەرىگىلا باراي، قايتاشىمدا يۈرىكىمنىڭ بىر پارىسى شۇ يەردە قالىدۇ. ھەي يۈرەك، ھەي، ھەي يۈرەك ھەجەپمۇ چىداملىق بىر پارچە گۆشكەنسەن!
ئەي سۆيۈملۈك نېرناسى! سېنى ئامان ئېسەن كۆرۈش نىسىپ قىلسۇن! خەير! ئامان بولساق يەنە كۆرۈشەرمىز!...ئاسمىنىڭ مەڭگۈ شۇنداق كۆك بولسۇن!...
2012-يىلى3-ئاينىڭ23-كۈنى قومۇل
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-03-26, 10:13
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-03-25 23:08 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 271
شۆھرەت: 1463 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1477 سوم
تۆھپە: 864 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 864 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 201(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى تېما يوللاپسىز. بۇ تارىخنى تېخىچە بىلمەيدىكەنمىز.مەرھومنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن!
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-26 10:50 |
bagdashi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6223
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 193
شۆھرەت: 1196 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1198 سوم
تۆھپە: 676 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 693 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 189(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىيىت نوچىنىڭ قەبرىسىنى ئوڭشاپ قويساق بولاتتى، ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كۆرگەن، بۇچاققا قۇرۇلۇش چۈشۈپ بولغانمىكىن تاڭاي...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-26 20:12 |
بەگزات
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 766
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 131
شۆھرەت: 683 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 684 سوم
تۆھپە: 406 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 407 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى bagdashiدە2012-03-26 20:12يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىيىت نوچىنىڭ قەبرىسىنى ئوڭشاپ قويساق بولاتتى، ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كۆرگەن، بۇچاققا قۇرۇلۇش چۈشۈپ بولغانمىكىن تاڭاي...


سىز  قايسى   سېيىت  نوچىنىڭ  گېپىنى  قىلىۋاتىسىز  ؟   ئۇ  يەرلەرگە  قۇرلۇش  چۈشىدىغاندەك  قىلمايدىغۇ  ...

saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-26 21:10 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 661
شۆھرەت: 3355 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3385 سوم
تۆھپە: 2009 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2009 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 725(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ بىز ئۈچۈن ھەقىقىي يېڭى ئۇچۇر بولدى ، يۇرتىمىزدا ئۆتكەن ئاشۇ پالۋانلىرىمىز بىلەن مەڭگۇ پەخىرلىنىشكە ھەقلىقبىز ، ئۇلارنىڭ مەردانە روھى بىزنى تېخىمۇ پاكلىققا ، ساپلىققا باشلىغۇسى !

يۇرتۇمنىڭ نۇرغۇن ئېسىل جايلىرىنى ، تاغلىرىنى تېخى كۆرۇپ باقمىغانلىقىمدىن ئەپسوسلاندىم ...
simfoniya
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-26 21:17 |
turanjan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6077
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 24 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 24 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقەتەن ئېسىل تېما يوللۇنۇپتۇ، قىستۇرما رەسىملەر ئاجايىپ ئۇز تۈسىنى بېرىپتۇ!! تولۇقى بىلەن كۆچۈرۇپ ساقلىۋالدىم . قېرىندىشىم ئەركىم مىنگەن جىلقىڭىز ھارمىغاي. خاتىرەمنى ۋاراقلاپ مۇنۇ قۇرلارنى يورغۇلاتتىم:
ەي ئەللاھ! جاھالەت بىلەن، زالالەت بىلەن، قاباھەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، مىللەت ۋە ئۈممەت ئۈچۈن ھىدايەت ۋە دىيانەت، ئادالەت ۋە سائادەت ئىستىگەن شەھىدلەرنىڭ شانىنى ھەرئىككى ئالەمدە يۈكسەك قىلغايسەن!
  ئەي ئەللاھ، مىللەتكە مۇھەببەت، ئۈممەتكە ئۈمىت ئاتا قىلغان يولباشچىلارنىڭ يولىنى ئوچۇق، يۈزىنى يورۇق قىلغايسەن!
ئەي ئەللاھ، ۋەدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ، ئىمانىدىن ئېزىپ كەتمىگەن ئالىملارنىڭ ئىستىقبالىنى پارلاق قىلغايسەن!
ئەي ئەللاھ، زۇلمەتتە قالغان قەلبىمىزنى سادىر نۇرلىرى بىلەن يورۇتقايسەن!
ئەي ئەللاھ، ھەقىقى قۇدرەت ساھىبى سەن! ساڭا ئىشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن شەرەپ ھىس قىلىمىز! ساڭا تايانغانلىقىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى توق تۇتىمىز!
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-26 22:37 |
turanjan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6077
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 40 سوم
تۆھپە: 24 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 24 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقەتەن ئېسىل تېما يوللۇنۇپتۇ، قىستۇرما رەسىملەر ئاجايىپ ئۇز تۈسىنى بېرىپتۇ!! تولۇقى بىلەن كۆچۈرۇپ ساقلىۋالدىم . قېرىندىشىم ئەركىم مىنگەن جىلقىڭىز ھارمىغاي. خاتىرەمنى ۋاراقلاپ مۇنۇ قۇرلارنى يورغۇلاتتىم:
ئەي ئەللاھ! جاھالەت بىلەن، زالالەت بىلەن، قاباھەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، مىللەت ۋە ئۈممەت ئۈچۈن ھىدايەت ۋە دىيانەت، ئادالەت ۋە سائادەت ئىستىگەن شەھىدلەرنىڭ شانىنى ھەرئىككى ئالەمدە يۈكسەك قىلغايسەن!
  ئەي ئەللاھ، مىللەتكە مۇھەببەت، ئۈممەتكە ئۈمىت ئاتا قىلغان يولباشچىلارنىڭ يولىنى ئوچۇق، يۈزىنى يورۇق قىلغايسەن!
ئەي ئەللاھ، ۋەدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ، ئىمانىدىن ئېزىپ كەتمىگەن ئالىملارنىڭ ئىستىقبالىنى پارلاق قىلغايسەن!
ئەي ئەللاھ، زۇلمەتتە قالغان قەلبىمىزنى سېيىت نۇرلىرى بىلەن يورۇتقايسەن!
ئەي ئەللاھ، ھەقىقى قۇدرەت ساھىبى سەن! ساڭا ئىشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن شەرەپ ھىس قىلىمىز! ساڭا تايانغانلىقىمىز ئۈچۈن كۆڭلىمىزنى توق تۇتىمىز!
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-26 22:55 |
abdul-ahad
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1515
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 250
شۆھرەت: 1321 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1335 سوم
تۆھپە: 784 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 786 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 558(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۆزىمىزنىڭ تارىخلىرىغا نىسبەتەن بىر پارچە ئاق قەغەز ئىكەنمەن، تېما ئىگىسىنىڭ ئادالەت ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆرەش قىلغان باتۇرلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىنى خەۋەردار قىلغانلىقىغا رەھمەت. ئەجداد روھى ئەۋلات قەلبىدە مەڭگۈ نۇر چاچسۇن!
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-27 11:05 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 270
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەجداتلىرىمىزنىڭ تارىخدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا تەشەككۈر!
ئاۋۇ تامدىكى تەكچىلەر ،بوۋاملارنىڭ دېيىشىچە بۇرۇن ئۆيلەرگە شۇنداق تەكچە چىقىراتتىكەن،ھەقىقەتەن ھازىرقى بىنا ئۆيلەرگە تېگىشكۈسىز ئۆيلەردە!  توپىدىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەر قىشتا ئىسسىق ،يازدا سالقىن.
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-27 11:41 |
سەرۋەڭ
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6473
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 42 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 42 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

باغداش تورىغا دائىم كىرىپ تۇرساممۇ،ئەمما ئەزا بولمىغانتىم.
خەنلەر يۇرتىدا سەرسانە بولۇپ يۇرگەن كۈنلەردە، يۇرۇتداش باتۇر بوۋامنىڭ ئىش -ئىزلىرىنى ئوقۇپ ھەم تۇغۇلغان ئانا يۇرتۇمنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم.
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت!!!
ئادەم ئەتكەنگە،تازىم ئەت!!!!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-27 14:12 |
zekrila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5765
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 196
شۆھرەت: 1011 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1013 سوم
تۆھپە: 603 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 605 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1301(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن بۇرۇن ئالاپ باقمىغان باتۇركەن رەخمەت
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-03-27 14:40 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » مەشھۇر شەخسلەر