بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى karwan@دە2012-03-29 07:59يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مېنىڭچە يەرلىك خەلق دىنىي ئېتىقدقا تاقاپ قاشتېشىنى كولىمىسا،ساتمىسا ئۇنى بەرىبىر خەق بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كولايدۇ،ساتىدۇ،پوققا ئولاشقان چىۋىندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ يوقىتىدۇ،ئۇنىڭدىن كۆرە يەرلىك خەلق ئازراق بولسىمۇ پايدىلانسا گۇناھ بولماس؟
مېنىڭ نەزىرىمدە قانداق شارائىتتا بولسۇن مۇشۇ دەۋىردە بىردىن ئارتۇق خوتۇن ھارام دەپ قارايمەن ۋە مۇتلەق شۇنداق بولىشى كېرەك،چۈنكى،ھەرقانداق كىشى ئۆزىگە تەۋە بىر نەرسىنىڭ باشقىلارنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشىنى مۇتلەق خالىمايدۇ،قايسىڭلار خالايدۇ دېيەلەيسىلەر؟دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ئېيتىشىچە ئەر بولغان كىشى قانچە خوتۇنى بولسا شۇنچە خوتۇنىغا ئوخشاش مۇئامىلىدە،ئوخشاش تەمىناتتا بولالىشى كېرەك،دەيدۇ،ھازىرقى ئەرلەر مۇتلەق ئۇنداق قىلالمايدۇ،ئۇنداق قىلالىشى ئۈچۈن مىللىي ئەخلاقنى بىر چەتتە قايرىپ قويۇش كېرەك،ئاياللارغا نىسبەتەن،ئەرلەر ئۆز ئايالىنىڭ باشقىلارنىڭ قوينىدا يېتىشىنى خالىمىغاندەك ئاياللارمۇ ئېرىنىڭ يەنە بىر ئايالنىڭ قوينىدا يېتىشىنى مۇتلەق خالىمايدۇ،كۆرىنىشتە رازى بولغاندەك قىلغان بەزى ئاياللار ئەمەلىيەتتە ئېرىنىڭ تاياق-توقمىقىدىن قۇتۇلۇش ياكى تالاق بوپ كېتىشىدىن قورقۇپلا قوشۇلغان قىياپەتتە ئامالسىز ياشايدۇ.چۈنكى بۇ 7-ئەسىردىكى ئەرلەر غازاتقا چىقىپ ئۇرۇشتا ئەرلەرنىڭ سانى ئازىيىپ ئە-ئايال تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلغان زامان بولماستىن،ئەر-ئايال نىسمىتى تەڭپۇڭ 21-ئەسىر.بوپتۇ دىنىي ئەقىدىسى كۈچلۈك بىر ئايال ئېرىنىڭ يەنە بىر خوتۇن ئېلىشىغا قوشۇلدىمۇ دەيلى،ئېرى ئۆيگە كىرمىگەن كېچىسى ئۇنىڭ يۈرىكى ھەسەتتىن ئازراق بولسىمۇ پۇچىلانمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟مۇمكىن ئەمەس ھېچكىم ئېيتالمايدۇ.ئۇنداقتا ھالال بولامدىكەن؟