saltanat lutun elan berig
«1234»Pages: 3/4     Go
بۇ تېما 10087 قېتىم كۆرۈلدى
maxal20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 63
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 195
شۆھرەت: 1083 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1099 سوم
تۆھپە: 638 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 639 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 777(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئورگان:تۈركيە باش منستىرى ئەردوغاننىڭ تەرجىمھالى


مەنبەسى:تۈركىيە ئادالەت تەرەققىيات پارتىيسى ئورگان تەشىۋىقاتى
ئۇيغۇرچىغا :تاھىر ئىمىن ئاغدۇردى.


رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەسلى يۇرتى رىزە ئۆلكىسى بولۇپ،1954-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئستانبۇلدا تۇغۇلغان.1965-يىلى قاسىم پاشا پىيالە باشلانغۇچ مەكتىۋىنى،1973-يىلى ئستانبۇل ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىنى پۈتتۈرگەن. ئىمتىھان بىرىۋاتقان مەزگىلىدە يەنە ئەييۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋىدىنمۇ دىپلوم ئالغان.ئۇنىۋېرستىتنى مەرمەرە ئۇنىۋىېرستىتى ئېقتىسادى ۋە تىجارى بىلىملەر فاكۇلتىتىدا ئوقۇغان ئەردوغان بۇ فاكۇلتىتنى 1981-يىلى تاماملىغان.
ياش چاغلىرىدىن باشلاپ ئىجتىمائى ھايات ۋە سياسەتكە چوڭقۇرلاشنى تاللىغان ئەردوغان ،مۇنتىزىم ھەمكارلىق خىزمىتى  ۋە ھەمكارلىق روھىنى ئۆزىگە ئنتايىن كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپ ئۆگەتكەن پۇتبول بىلەن (1969-1982)ئشتىن سرت شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئىپادىلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە،بۇ يىللاردا بىر ياش ئىدىئالىست بولۇش سۇپىتى بىلەن  دۆلەت ۋە دۇنيا مەسللىرى ۋە كوللىكتىپ مەسللەرگە  كۆڭۈل بۆلگەن ئەردوغاننىڭ ئاكتىپ سياسىيغا قەدەم ئىلىش دەۋرى باشلاندى.
تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئۇنىۋرستېتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا مىللى تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپسىدا ئاكتىپ ۋەزىپە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،1976-يىلىدا (MSP)بايئوغلۇ ياشلا تارمىقى باشلىقلىق ۋەزىپىسى ۋە شۇ يىلى (MSP)ئستانبۇل ياشلار گۇرۇپپىسى باشلىقلىق ۋەزىپىسگە سايلاندى.1980-يىلىغا قەدەر ،بۇ ۋەزىپىلەرنى داۋاملاشتۇرغان ئەردوغان سياسي پارتىيلەرنىڭ ئەسكىرى زەربىسى بىلەن تاقىۋېىتىلگەن 1980-يىلى 12-سىنتەبىر مەزگىلىدە ئالاھىدە بۆلۈمدە بىر مەزگىل مەسلىھەتچى،يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتىدى.

1983-يىلى قۇرۇلغان رەفاھ پارتىيسى بىلەن ئاكتىپ سياسى ھەرىكەتكە قايتىپ كەلگەن رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،1984-يىلىدا رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ رايون باشلىقى،1985-يىلىدا بولسا،رەفاھ پارتىيسى ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋە رەفاھ پارتىيسى بەيئوغلۇ ناھىيە باشلىقى (MKYK ) ئەزاسى بولدى.ئستانبۇل رايون باشلىقى ۋەزىپىسنى ئۆتىگەن ئەسناسىدا،باشقا سياسى پارتىيلەر ئۈچۈن مودىل بولغان يېڭى بىر تەشكىلى قۇرۇلمىسى بەرپا قىلغان ئەردوغان ،بۇ مەزگىلىدە مەخسۇس ھالدا  ئاياللار ۋە  ياشلارنىڭ سياسىيغا قاتنىششنى ئىلگىرى سۇرىدىغان يىتەكچىلىك خىزمەتلىرىنى ئشلىدى.سياسەتنىڭ ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ ئېتىبارغا ئېىلىنىشى يولىدا مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى.بۇ خىزمەتلەر ئەدرغان مەنسۇپ بولغان رەفاھ پارتىسيگە 1989-يىلى بەيئوغلۇ يەرلىك سايلىمىدا چوڭ غەلبە ئەكىلىپ،يۇرتقا پارتىيە خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك تىكلەپ بەردى.
1994-يىلى 27-مارت يەرلىك سايلىمىدا ئستانبۇل بۇيۇك شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ،سياسى ئېقتىدارى ،ھەمكارلىشپ ئشلەشكە ئەھمىيەت بىرىشى،ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئېقتسادى ساھەلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىكى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم مەركىزى شەھەرلەردىن بىرى بولغان ئستانبۇلنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان مەسللىرىگە توغرا دىئاگنوز قويدى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى يۈز كىلومترلىق يىڭى تۇرۇبا يوللىرى ياتقۇزۇش بىلەن،كىرەكسز ماتىريال ۋە ئەخلەت مەسىلىسى دەۋرنىڭ ئەڭ ئىلغار بولغان قايتا پايدىلىنىش مۇئەسسەلىرىنى قۇرۇپ چىقىش بىلەن ھەل قىلىندى.
ھاۋانىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى ئەردوغان دەۋرىدە تەرەققى قىلدۇرۇغان تەبئى گازغا كۆچۈش پىلانلىرى بىلەن ھەل قىلىنغان بولسا، شەھەرنىڭ قاتناش ۋە تىرانسپورت مەسىسلىسگە قارىتا 50دىن ئارتۇق كۆۋرۈك ،ئۆتۈشمە يول ۋە يۇقىرى سۈرەتلىك تاش يوللىرى ئنشا قىلىندى.مەنپەئىتى كىينكى مەزگىللەرگە قەدەر سوزۇلىدىغان نۇرغۇن چوڭ پىلانلار ئشقا كىرىشتۇرۇلدى.شەھەر بايلىق مەنبەسىنىڭ توغرا ئشلىتىلىشى ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقستى بىلەن  ئالاھىدە تەدبىر قوللانغان ئەردوغان 2 مىلىيارد دوللار قەرز بىلەن ئۆتكۇزۇۋالغان ئستانبۇل بۈيۈك شەھەر بەلەدىيەسنىڭ قەرزلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۆلىدى ۋە بۇ ئارىدا 4 مىلىيارد دوللارلىق مەبلەغ ئەمەلىيلەشتۈردى.بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە شەھەرچىلىك تارىخىدا يېڭى بىر دەۋر ئاچقان ئەردوغان بىر تەرەپتىن باشقا شەھەرلەرگە ئۆربەك بولۇش بىلەن بىرگە،بىر ياندىن خەلق نەزىرىدە بۇيۇك بىر ئشەنچكە ئېرىشتى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 1997-يىلى 12-دىكابىردا خەلقكە ختاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقى جەريانىدا ،مىللى مائارىپ مىنستىرلىكى تەرىپىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا تەۋسيە قىلىنغان ۋە بىر دۆلەت ئاپپاراتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان كىتابتىكى بىر شئېرنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ھەپىس جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ۋە ئستانبۇل بۇيۇك شەھەر بەلەدىيە باشلىقى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتۇرۇلغان.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 4 ئاي تۇرغان جازا ئۆيىدىن چىققاندىن كىين جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك تەلىۋى ۋە دىموكراتىك جەريانلارنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە 2001-يىلى 14-ئاۋغۇستتا دوسىتلىرى بىلەن بىرلىكتە ‹‹ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى››
( Adalet ve Kalkınma Partisi'ni (AK Parti) )نى قۇردى ۋە پارتىيە قۇرغۇچىلار تەرىپىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنىڭ قۇرغۇچى ئاساسى باشلىقى بولۇپ سايلاندى.
مىللەتنىڭ تاللىشى ۋە ئشەنچىسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنى تىخى قۇرۇلۇپ بىرىنچى يىلىلا  تۈركىيەدىكى ئەڭ كۆپ خەلق قوللىشىغا ئېرىشكەن سياسىي ھەرىكەت ھالىتىگە ئىلىپ كەلدى ۋە 2002-يىلىدىكى ئاساسى سايلامدا ئۈچتە ئىككى پارلامنىت كۆپ سانلىق ئورنى بىلەن يالغۇز ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان پارتىيە بولدى.
ئۆزى ھەققىدىكى سوت قارارى سەۋەبىدىن 2002-يىلى 3-نويابىر سايلىمىدا مىللەت ۋەكىلى نامزات بولۇشى چەكلەنگەن ئەردوغان ،قانۇنى يول ئارقىلىق نامزاتلىق سالاھىيتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن 2003-يىلى 9-مارتتا سىېر ناھىي ،ىللەت ۋەكىلى يېڭىلىنىش سايلىمىغا قاتناشتى.بۇ سايلامدا 85%ئاۋازغا ئېرىشكەن ئەردوغان 22-نۆۋەتلىك سېرر ۋىلايىتى مىللەت ۋەكىلى سالاھىيتى بىلەن پارلامنىتقا كىردى.

2003-يىلى 15-مارتتا باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسنى ئۇستىگە ئالغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارلاق ۋە سىجىل تەرەققى قىلىدىغان بىر تۈركىيە ئارزۇسى بىلەن ھاياتىنى مۇھىملىققا ئىگە قىلىدىغان بىر قاتار ئسلاھات تەدبىرلىرىنى قسقا مۇددەت ئىچىدە يولغا ويدى.
دىموكراتىيلىشش،ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يولىدا نۇرغۇن مۇساپىلەرنى باستى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،دۆلەت ئېقتىسادى ۋە خەلق پسخىسكىنى بولۇمسز تەرەپكە بۇراپ كىلىۋاتقان ۋە ئون نەچچە يىلدىن بىرى ھەل بولمىغان پۇل پاخاللىقى كونتىرول قىلىندى.تۈرك لىراسى بۈيۈك ئېتىبار قازاندى.دۆلەتتىن قەرز ئىلىش ئۆسۈم نسبىتى تۆۋەنلىتىلدى.كېشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان مىللى كىرىم تارىخى بىر يۈكسىلىش بىلەن ئۆرلىدى.دۆلەت تارىخىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان تىزلىك ۋە زور ساندىكى سۇ توسمىلىرى،تۇرالغۇلار،مەكتەپ،دوختۇرخانا ۋە ئېنىرگىيە توك تارقېتىش زاۋۇتلىرى ئشقا كىرشتۇرۇلدى.ماددى پاراۋانلىق ۋە تەرەققىيات ھامىيسدىكى بۈيۈك مۇۋەپپەقىيەتلەر يېڭى تۈركىيەدە دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ساھەلىرىنىڭ كىڭەيتىلىشنى دۇنيانىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كۆزەتكۇچىلىرى ئەردوغاننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ‹‹ئاۋاسسز ئنقىلاپلىرى››سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشتى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ياۋروپا ئېتتپاقىغا كىرىش مۇساپىسدە، دۆلەت تارىخىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشەببۇسلىرىغا قوشۇمچە قىلىپ، دانا تاشقى سياسەت ۋە جىددى زىيارەت-ئالاقە يولى بىلەن سىپرۇس مەسىلىسنى مەڭگۇلۇك بىر تەرەپ قىلىش ۋە دۇنيادىكى تۈرلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئۇنۇملۇك ئالاقىلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش ساھەلىرىدە مۇھىم قەدەملەرنى ئالدى.


بەرپا قىلغان ئومۇمى مۇقىم ۋەزىيەت ۋە ئىچكى دىنامىكىلىق ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى تۈركىيەنى ئۆز رايونىدا ھكرمەتكە سازاۋەر بىر مەركەز دۆلەت سۈپىتىگە كەلتۈردى.تۈركىيەنىڭ تىجارەت ھەجىمى ۋە سياسىى كۈچى،پەقەت ئۇنى ئۆز ئىچىگە جۇغراپىيلىك رايوندىلا ئەمەس،خەلقئارادا ھىس قىلىنغۇدەك سەۋىيەدە ئۆستى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2007-يىلى 22-ئيۇلىكى ئاساسى سايلامدا 46.6% ئاۋاز بىلەن بۇيۇك بىر غەلبە قازانغان ئادالەت پارتىيەسنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ 60-ھۆكۈمىتىنى قۇردى ۋە تەكرار ئشەنچلىك ئاۋازغا ئېرشتى.ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپسنڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا يىقىن 2010-يىلى  12-سىنتەبىردە ئۆتكۇزۇلگەن ئاساسى قانۇن ئۆزگەرتىشكە مۇناسۋەتلىك چوڭ رىفراندۇمدا 58%‹‹قوللايمىز››ئاۋازىغا ئېرىشپ ،رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يتەكچلىك قىلغان ھەرىكەت تارىخى بىر مۇۋەپپەقيەت قازاندى.
2011-يىلى 12-ئيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسى سايلاملاردىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى سايلام بېلىتىنىڭ 49.8%گە ئېرىشپ قايتا بۇيۇك بىر زەپەر قازاندى.3-نۆۋەت باش مىنىستىرلىك كۇرسىغا ئولتۇرغان ئەردوغان پارتىيسنىڭ سايلام بىلىتىنى ئارقىمۇ-ئارقا 3 قىتىم ئۆستۈرۈپ تۈرك سياسى تارىخىدىكى بىر يېىڭىلىققا ئىمزا قويغۇچى بولۇپ قالدى.تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جامائەت ئارىسدا ھۆرمەتلىنىدىغان يۇقىرى ئورۇنغا چىققان بۇ جەرياندا، باش مىنىستىر ئەردوغان بىر دۇنيا رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن نامايان بولدى.ھازىرمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيتى باش مىنستىرلىك ۋەزىپىسنى ئۆتەۋاتقان باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆيلەنگەن ۋە 4 بالىنىڭ دادسى.
تور ئادىرسى: http://www.akparti.org.tr/site/yonetim/genel-baskan

bbs.alkuyi.com
دۈشمەن ئالدىغا قالقىنىڭ بىلەن ئەمەس قىلىچىڭ بىلەن چىق.
چوققا [22 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-07 01:04 |
maxal20
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 63
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 195
شۆھرەت: 1083 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1099 سوم
تۆھپە: 638 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 639 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 777(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىزاھات:
بۇنىڭدىن ئۈچ يىل مۇقەددەم ئوباما نۇتۇقلىرى ياشلىرىمىزغا نۇرغۇن نەرسلەرنى ھىس قىلدۇرغان ئىدى، بۈگۇن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان تۈرك سايلىمى بىزگە يەنە ئۆزىمىزنىڭكىدەك يىقىن، ئنسانپەرۋەلىك، دىموكراتىيە ۋە ئسلامى روھنىڭ جۇلاسى سۈپىتىدە نامايان بولماقتا. تۈركىيە سايلىمى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيتى كەسكىنلەشكەن، تۈركىيەنىڭ سىياسى يۆنىلىشى –ئوتتۇرا شەرق، ياۋرو-ئاسيا رايونىغا بىۋاستە تەسر كۆرستىدىغان، تۈركىيە ئېقتسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىپ، دۇنيا سياسىيسغا ئالدىنقى قاتاردا تەسر كۆرسىتىدىغان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر خەلقىگە ئەڭ يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرسدا ئۇيغۇرلارنى كۆۋرۈك قىلىش ۋە ‹‹تارىخ قەيەردىن ئۈزۈلگەن بولسا، شۇ يەردىن باشلاش ››سىتراتىگىيسى بويىچە ئش ئىلىپ بىرىۋاتقان تۈركىيەگە سەگەك ئۇيغۇر كۆزەتمەنلەر ئەلۋەتتە دىققەت قىلىدۇ.

ئەردوغاننىڭ 2011-يىللىق غەلبە نۇتۇق تېكستى (ئۇيغۇرچە)

ئۇيغۇرچىسى: تاھىر ئىمىن

ئەزىز مىللىتىم!
سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم يەنى روھى جەھەتتىكى قېرىنداشلىرىم، قەلبداش بۇرادەرلىرىم، بۇ يەردىن، ئەنقەرەدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى باش مەركىزىدىن پۈتۈن دوسلىرىمغا، ھەممىڭلارغا مۇھەببەت ۋە سالام يوللايمەن.
81 ۋىلايىتىمىزگە، 780مىڭ مىتىر قارا تۇپرىقىمىزنىڭ ھەر بىر سانتىمىتىر يېرىگە، 74 مىلىيون ۋەتەندىشىمىزنىڭ ھەممىسىگە سۆيگۈ بىلەن، ھۆرمەت بىلەن سالام يوللايمەن. توكيودىن ۋىيناغىچە، پارىژدىن تورۇنتوغىچە بولغان بارلىق تۈرك ۋەتەنداشلىرىمىز ۋە مىللەتداشلىرىمىزغا بۇ يەردىن سالام يوللايمەن.
كۆزلىرىنى تۈركىيەگە تىكىپ، كەلگەن خەۋەرلەرگە بۈيۈك ھاياجاندا دىققەت قىلىۋاتقان شام، قاھىرە، تۇنىس، ساراي بوسنىيە، نىكوسيە. دىكى دوست ۋە قىرىنداش خەلقلەرگە مۇھەببەت بىلەن سالام يوللايمەن.
سايلاملارنىڭ رايونىمىز ۋە دۇنيانىڭ تىچلىقى، مۇقىملىققا تۆھپە قوشۇشىنى ئۇمىت قىلىمەن، سايلاملارغا قاتنىششتا جاسارەت ۋە جىددى مۇئامىلە قىلغان بارلىق ۋەتەنداشلىرىمغا يۇرىكىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن. مۇساپىرچىلىقتىن سايلامدا بىلەت تاشلاش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەن ۋەتەنداشلىرىمغا، سايلاملاردا ۋەزىپە ئۆتىگەن بىخەتەرلىك كۇچلىرىمىزگە، سايلام ساندۇقلىرى ۋەزىپىلىرىگە مەسئۇل خادىملىرىمىزغا ئايرىم رەھمەت ئىيتىمەن. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسىدىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۈگۈن ئاجايىپ ھاياجاندا تۇرىۋاتىمىز. تۈركىيەدىكى ھەر ئىككى سايلىغۇچىدىن بىرىنىڭ ئاۋازىغا ئىرىششنىڭ ھاياجانىدا تۇرىۋاتىمىز.
ئادالەت-تەرەققىيات پارتىيسىگە كىم ئاۋاز بەرگەن، كىم ئاۋاز بەرمىگەن بولسۇن، ئارىمىزدىن كەتمىسۇن، ئۇلارنىمۇ قۇچاقلايمىز، ئۇلارنىمۇ ئارىمىزغا ئالىمىز. دەل مۇشۇنداق قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن دىموكراتىيە تارىخىمىزدا ئۈچنچى قىتىم ھاكىميەت بىشىغا كەلدۇق. بىز ئازار بىرىشكە ئەمەس، سۆيۈشكە كەلدۇق. 27-ئىيۇلدا 16مىلىيون ئاۋازغا ئىرىشكەن بولساق، ئەمدى 21 مىلىيون سايلىغۇچىنىڭ ئاۋازىغا ئىرىشش بەختىيارلىقىدا تۇرۇپىتىمىز، 22-ئىيۇلدىكى سايلامدا تىخىمۇ كۆپ ئاۋازغا ئىرىشش خۇشاللىقىدا تۇرىۋاتىمىز.
سايلاملارنىڭ غەلبە قىلغۇچىسى پەقەت ۋە پەقەت تۈركىيە ۋەبۇ ئەزىز مىللىتىمىزدۇر، بۈگۈن تۈركىيە يەنە بىر قىتىم غەلبە قازاندى. بۈگۈن دىموكراتىيە يەنە بىر قىتىم غەلبە قىلدى. بۈگۈن يەنە بىر قىتىم مىللى ئىرادە غەلبە قىلدى. پۈتۈن مىللىتىمىز غەلبە قازاندى. بۈگۈن مىللەت ساندۇق بىشغا بىرىپ، قولىغا مۆھۈرنى ئىلىپ، ئاخىرقى قارارىنى بەردى.
پۈتۈن ئىككىلىنىش، بارلىق جىددىيلىششلەرنى بىر ياققا قايرىپ، ئاخىرقى نۇقتىنى قويدى. بۈگۈن مىنىڭ تۈرك قىرىندىىشىم، كۇرت قىرىندىشىم، زازا، لاز، روم، گىروز قىرىنداشلىرىمنىڭ ھەممىسى 74مىلىيون قىرىندىشىم غەلبە قازاندى. بۈگۈن ئشچىلار، مەمۇرلار، دىھقانلار، ياشلىرىمىز ۋە بارلىق ئەتىۋارلىق بالىلىرىمىز غەلبە قازاندى. يوقسۇل، ھىچكىمى يوق قىرىنداشلىرىم غەلبە قازاندى. پۈتۈن يەرشارى مىقياسدا جەۋر چىكىۋاتقانلار غەلبە قازاندى. ئىزمىر قانداق غەلبە قازانغان بولسا شام (سۈرىيە پايتەختى-ت)، دىيار بەكرىگە ئوخشاش راماللاھ (پەلەستىن شەھىرى-ت)، نابلۇس، جەنىن، قۇددۇس، گازا شەھەرلىرى غەلبە قازاندى.
بۇ مىللەتنىڭ بىر ئەۋلادى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى بىر بۈيۈك غۇرۇر بىلەن ئىپادە قىلىش مەجبۇرىيتىم بار دەپ قارايمەن:تۈركىيە ئەمدى ئۆز رايونى ۋە دۇنيادا ئۆلگە بولغۇدەك دىموكراتىك ئۆلچەملەرگە ئىگە. ئادنان مەندەرسە، فاتىھ رۇشتۇ زورلۇ، ھەسەن پولاتقانلار ئۆز جىنىنى پىدا قىلغان دىموكراتىيە بۇ دۆلەتتە تەۋرەنمەس بىر كۈچكە ئۇلاشماقتا. تۈرگۈت ئۆزئالنىڭ غايە، ئارزۇ-ئارمانلىرى ئەمدى ئۆز جايىنى تاپتى. غازى مۇستافا كامال ۋە ئۇنىڭ قىرىنداشلىرى بىنا قلغان تۈركىيە ئەمدى زامانىۋى دۆلەتلەر قاتارىغا يۈكسەلدى. تۈرلۈك ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلەر،، جانلىرىدىن ئايرىلغان. ئەركىنلىكلىرىدىن ئايرىلغان روھلار ئازراق بولسىمۇ شات بولۇشتى. قارا كۇچلەر تەقدرىنى بەلگىلەيدىغان تۈركىيە ئەمدى يوق.
تۈركىيەنىڭ ئالدىدا يىڭى ۋە پاك-پاكىز بىر سەھپە ئىچىلدى. بۇرۇنقى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى ھۆكۈمەتلىرىگە ئوخشاش، يىڭى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسىمۇ يەنە 74 مىلىيون خەلقنىڭ ھۆكۈمىتى بولىدۇ.
تۈركىيەنىڭ 780مىڭ كىلومىتىر تۇپرىقىدا يەنە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى بار. غەرپتە ۋە شەرقتە، شىمال ۋە جەنۇپتا بار. 7 رايوننىڭ ھەممىسدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى بىرىنچى پارتىيەدۇر. نىمىشقا؟چۈنكى ھىچكىمنى چەتكە قاقمىدۇق، يارا ئىغىزىغا يارىلانغۇچىدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلدۇق،
74 مىلىيون ۋەتەندىشىمىزنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى، ئشەنچ ۋە ھاياتتا قەدىرلەيدىغانلىرىنى غورۇرىمىز، شەرىپىمىز سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقىمىزدىن ھىچكىمنىڭ، پەقەت ھىچكىمنىڭ گۇمانى بولمىسۇن. قايسى پارتىيەگە ئاۋاز بەرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەر بىر قىرىندشىمىزنىڭ ھۇزۇر، بىخەتەرلىك، تىچ ھايات كەچۈرۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىمىزدىن ھىچكىمنىڭ شۈبھىسى بولمىسۇن. بۇ ھەقتە قىلغان خىزمەتلىرىمىز بۇنىڭدىن كىين قىلماقچى بولغانلىرىمىزنىڭ ئسپاتى. مىللىتىمىزدىن ئالغان كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن ھەر كىشى ئۆز مەقسەتلىرىنى تىخىمۇ ئازادە ئىپادە قىلالايدۇ.
مانا بۈگۈن مەسئۇلىيتىمىز ۋە بۇرچلىرىمىز بارغانسرى ئىشپ بارماقتا. بىز ئۈستىمىزدە بۇرۇنلا بىر ئىغىر ئامانەتنى توشۇپ كىلىۋاتقان ئىدۇق، تەكەببۇرلۇقتىن ساقلىنىپ كەلگەن ئىدۇق، بۈگۈندىن ئىتىبارەن پۈتۈن شەھەرلەردىكى ۋەكىللىرىمىز، شەھەر باشلىقلىرىمىز ۋە پارلامنت ئەازلىرىمىز بىلەن تىخىمۇ بەك كەمتەر بولۇش ئۇچۇن تىرىشىمىز. ھاكاۋۇرلۇقنى، مەمەدانلىقنى ئەزەلدىن سۆيمىدۇق، بۇنىڭدىن كىين تىخىمۇ ئىھتىيات قىلىمىز. كەمتەرلىكتە تۇپراقتەك بولۇشنى ئۆزلەشتۈرگەنلىكىمىزنى تىخىمۇ كۆپ كۆرسىتىمىز.
330دىن ئارتۇق ۋەكىل چىقاردۇق دەپ بىز ئىشكىمىزنى ئىتىۋالمايمىز. ئاساسى ئۆكتىچى ۋە باشقا ئۆكتىچى پارتىيلەرنىڭ ئالدىغا بارىمىز، قوبۇل قىلسا، مەرھەمەت دەپ باشلىسا، كىلىشش ئۈچۈن پارلامنت سىرتىدىكى پارتىيلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، يارىشش مەقسدىمىزنى بارلىقىنى بۇ يەردىن ئىپادىلەشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
مەيدانلاردىكى نۇتۇقلىرىمىزدە ئىپادىلىگىنىمىزگە ئوخشاش، خەلق ھوقۇقى، ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلغۇچى بىر ئاساسى قانۇننى بىرلىكتە بەرپا قىلىمىز. بۇ ئاساسى قانۇندا شەرق، غەرپ، شمال ۋە جەنۇب(لىق كىشلەر) ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆرىدۇ. بۇ ئاساسى قانۇن تۈركىيەنىڭ ھەر زەررىسىنى، ھەر بىر ئەزاسنى ئىپادە ئەتتۈرىدۇ. بۇ ئاساسى قانۇن ھەر بىرەيلەننى بىرىنچى سىنىپ ۋەتەنداش قاتارىدا كۆرىدۇ. ھەر كىشنىڭ تىچلىق ۋە ئەركىنلىك تەلىۋىنى قاندۇرىدۇ. بۇ ئاساسى قانۇن تۈركنىڭ، كۇرتنىڭ، ئالەۋىينىڭ، 74 مىلىيون خەلقىنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ. بۇ ئاساسى قانۇن قىرىنداشلىق ۋە ئورتاقلىشش ئۇستىگە قۇرۇلغاندۇر. باشلىغان ھىچقانداق ئشنى يىرىم تاشلاپ قويمىدۇق. ‹‹2023پىلانى››مىز دائىرسىدە يىڭى مەبلەغ سىلىش تۈرلىرىنى دەرھال باشلايمىز. دەم ئىلىشقا چىققانلارنى، يوقسۇللارنى، ئايال ۋە بالىلارنى بۇ مەزگىلدە تىخىمۇ بەك قوغدايمىز. ئانىلارنىڭ كۆز ياشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن تىخىمۇ زور غەيرەت بىلەن ئشلەيمىز. رەت قىلىش، ئىنكار قىلىش سياسى يولىنى بىز تارمار قىلدۇق. تىچلىقنىڭ كىلىشى ئۈچۈن رايونىمىز(ياۋرو-ئاسيا، ئوتتۇرا شەرق رايونى-ت)دا تىخىمۇ ئۇنۇملۇك ۋەزىپىلەرنى ئۇستىمىزگە ئالىمىز. بۇنىڭ بىلەن رايونىمىزغا ئادالەت، تىچلىق ۋە ئەركىنلىك ئىلىپ كىلىمىز.
غەلبە قىلغىنى دىموكراتىيە، قېرىنداشلىق ۋە تىنچلىقتۇر. ھىچكىمنىڭ غەلبە خۇشاللىقى ھىچكىمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلمىسۇن، چۈنكى بىز ھەممىمىز بىرلىكتە بىر تۈركيەمىز. بىز- بىر مىز. بىللىمىز، قىرىنداشمىز، بۇنى ئۇنۇتماڭلار. بۇگۇن ھساب-كىتاب كۈنى ئەمەس، بەلكى رازىلىق تىلىشىدىغان كۈندۇر.
سايلام پائالىيتى جەريانىدا. كۆڭلىنى يىرىم قىلغان بىرەر كىشى بولسا، ھەممىسىدىن رازىلىق سورايمەن. سايلام نۇتۇقلىرىمىز داۋامىدا ئۆزىمىز خالىماستىن رەنجىتىپ قويغان سىياسئونلار بولسا، ئۇلاردىنمۇ رازىلىق سورايمەن، مەن پۈتۈن سىياسى پارتىيلەردىن مەندىن رازى بولۇشنى سورايمەن مەنمۇ ھەم ئۇلاردىن رازى. خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ مەجلسكە قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن. بۈگۈن سايلام ساندۇقلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن پارتىيلىك، پارتىيسز ھەر بىر كىشگە تەشەككۇر ئېيتىمەن. بۈگۈن غەلبە قىلغۇچىنىڭ تۈركىيە بولغانلىقىنى بىلىپ ھەرىكەت قىلىشنى ئۈمۈد قىلمەن. ئاللاھ يار ۋە ياردەمچىمىز بولسۇن. يولىمىز، بەختىمىز ئوچۇق بولسۇن، بارلىقىمىز تۈركىيە ئۈچۈن، ھەممە نەرسە دىموكراتىيە ئۈچۈن، ئەركىنلىك ئۈچۈن، قېرىنداشلىق ئۈچۈندۇر. 12-ئىيۇن دىموكراتىيە بايرىمى قۇتلۇق بولسۇن. 74 مىلىيون خەلقىمنى بىرلىكتە قۇچاقلايمەن. ھەممىڭلارنى ئاللاغا ئامانەت قىلىدىم.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بۇ نۇتۇقنىڭ تۇركچە ئەسلىنى بۇيەردىن كۆرەلەيسىز:
http://www.beyazgazete.com/video ... usmasi-kanal24.html
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://uyghuracademy.com/?p=17432
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
lutun
دۈشمەن ئالدىغا قالقىنىڭ بىلەن ئەمەس قىلىچىڭ بىلەن چىق.
چوققا [23 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-07 01:05 |
babak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6282
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 290 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 290 سوم
تۆھپە: 174 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 174 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 109(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۈركىيەگە بىر بېرىپ باققىم باتتى.پاسپورت ئىشى.......................
گاس دەپ غەيۋەت قىلما،
قارىغۇ دەپ خىيانە قىلما.
چوققا [24 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-07 11:38 |
بەگزات
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 766
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 131
شۆھرەت: 683 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 684 سوم
تۆھپە: 406 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 407 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 95(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  شۇنداق  قىلىپ  كەلدىمۇ  بۇ  ئەرباپ  ؟  
saltanat
چوققا [25 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 14:28 |
abdul-ahad
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1515
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 258
شۆھرەت: 1361 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1375 سوم
تۆھپە: 808 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 570(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-04-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۈرۈمچىدە نىمە ئىشلار بولىۋاتىدۇ؟
simfoniya
چوققا [26 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 15:16 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1816
شۆھرەت: 9986 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 10048 سوم
تۆھپە: 5876 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5886 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2573(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ ئۇيەر بۇ يەرنى ئاختۇرۇپ باقتىم ھېچ سادا يوققۇ بۇ تۇغۇرلۇق ،  خەۋەر ئاتاسىنى بىلدىىغانلار بۇ يەرگە ئادىر قالدۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ،  
  
lutun
چوققا [27 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 15:19 |
kokbura
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6658
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 16
شۆھرەت: 83 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 84 سوم
تۆھپە: 50 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 51 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 29(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

باشتا قارسام تور بەتلەردە خېلى ئورۇن ئاپتىكەن بۇ خەۋەر كىيىن ئۆزىچىلا تور بەتلەردىنمۇ يوقاپ كەتتىغۇ تاڭ   مۇشۈكنىڭ ئويىنى جىق تۇلكىنىڭ ھىلىسى
چوققا [28 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 22:47 |
kojo
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 208 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 209 سوم
تۆھپە: 125 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 126 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەلباشى ئەردۇغاننىڭ ئۇيغۇرتۇققانلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغىنىغا كۈپ تەشەككۈر! ئۇيغۇر، تۈرك تۇققانلار مەڭگۈ ئاكا- ئۇكا بۇلۇپ ئۈتۈشكەئاللاھ نىسىپ قىلغاي!
saltanat
چوققا [29 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 22:55 |
babak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6282
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 290 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 290 سوم
تۆھپە: 174 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 174 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 109(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەردۇغاننىڭ ئىشى چىقىپ قېلىپ كىلەلمىدىمۇ ...؟
ھەجەپ بۈگۈن ماكەمگىچە   بىرەر خەۋەر يوققۇ    تورلاردا...
ozgul munbar
گاس دەپ غەيۋەت قىلما،
قارىغۇ دەپ خىيانە قىلما.
چوققا [30 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 23:33 |
atilla
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 205
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 64
شۆھرەت: 331 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 333 سوم
تۆھپە: 197 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 199 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كېلىپمۇ قالار.
                        
چوققا [31 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-08 23:44 |
halpa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6005
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 933 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 935 سوم
تۆھپە: 558 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 563 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 270(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كەلدىمۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئۇچۇر بېرىڭلار.
چوققا [32 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-09 11:32 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 3/4     Go
Bagdax bbs » مۇنبەر ئۇقتۇرىشى