باغداش تېغىدىكى بۆرىلەر كىمنىڭ ؟!
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى باغداش تاغلىرىدا بۆرىلەر كۆپىيىپ چارۋىچىلىرىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى ئائىلىلەرنىڭ سەككىز ئون تۇياق كالىسىنى يەپ بولدى. سەككىز تۇياق كالا ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە ھېساپلاپ كۆرۈڭ نەچچە پۇل بولار؟ بۇنداق زىيانغا ئۇچىرىغان باغداشتىكى ھالال مېھنەتكەش چارۋىچىلىرىمىز ئازمۇ؟ ئۆتكەن يىلى باغداشقا نەۋرە ئاچامنىڭ ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىغا قارىشىپ بەرگىلى چىققىنىمدا بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاڭلاپ قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. ‹‹بۆرىلەر ئۈستىدىن يوقۇرىغا شىكايەت قىلىپ زىيانلىرىڭلارنى تولدۇرىۋالساڭلار بولىدىغۇ؟ بۆرىلەرنى قوغدىغان ئىكەن، شۇ بۆرىلەر سالغان زىيانغا قوغدىغۇچى ئىگە بولىشى كېرەكتە.›› دېسەم، يەرلىكلەر ‹‹بارمىدىمىكى دەملا؟ يوقىرى ئورۇنلارغا بېرىپ ھال ئېيتساق ، سىلەر كۆچۈپ كېتىڭلار! بۆرىلەرگە بىز ئامال قىلالمايمىز دەيدۇ...زىيىنىمىزچۇ دېسەك ئۇنى بىز بىلمەيمىز دەيدۇ... بۇرۇن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان ئوت-چۆپى مول يايلاقلىرىمىزغىمۇ يۈرەكلىك پادىلىرىمىزنى ھەيدىيەلمەس بولدۇق. ھازىر ئېدىرغان ئىچىگە ئەكىرىپ بېقىۋاتىمىز... شۇنداق بولسىمۇ بەزىدە بۆرىلەر توپى بىلەن كېلىپ بېقىۋاتقان پادىلىرىمىزغا كۆز ئالدىمىزدىلا ھۇجۇم قىلىدۇ. قولىمىزدا قورال بولمىغاندىن كېيىن قاراپ تۇرۇپ ماللىرىمىزنى بۆرىگە يەم قىلىمىز... ھېچ بىلمىدۇق بۇ بۆرىلەر كۆپىيىپ ھازىر مەھەللە ئىچىگىمۇ كىرىپ چىقىدىغان بوپقالدى... بىزگە بۇ يەرلەر تارچىلىق قىلىۋاتىدۇ...›› دەپ بىر مۇنچە شىكايەت قىلدى. باغداشلىقلار تارىختىن بۇيان باغداش بوستانلىقىدا ھالال ئەمگىكى بىلەن مېھنەت قىلىپ ، بىر ياقتىن بوستانلىق بەرپا قىلسا، بىر ياقتىن چارۋىچىلىققا تايىنىپ كۈن كەچۈرۈپ كەلگەن ئەمگەكچان خەلق. ئەمدى بۇ كۈنگە كەلگەندە شۇ ياۋايىلار تۈپەيلى ئۆز مەنپەئەتلىرى زىيانغا ئۇچىرىسا ئۇنىڭغا ھېچ ئامال قىلالماي، تىرىكچىلىك يولىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشلىرى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.
مېنىڭ يېقىن دوستۇمدىن بىرىمۇ باغداشتا چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىناتتى (ھازىر خېنەنگە ئوقۇشقا كەتتى) . ئۇنىڭ دېيىشىچە يازلىق يايلىقىدا دائىم بۆرە بىلەن ئۇچىرىشىپ قالىدىكەن، بەزىدە قاراپ تۇرۇپ بىر قېتىمدىلا بەش ئون قويىنى بۆرىلەرگە قۇربانلىق قىلىپ بېرىشكە مەجبۇر بولىدىكەن ياكى يۈرىكىنى قاپتەك قىلىپ بۆرىگە تاش توخماقلار بىلەن قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن.
مەن دەيمەن، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەتتە پۇقرالارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى قانۇن ئارقىلىق قوغدالمىسا، پۇقرالار ئۆز زىيانلىرىنى قانۇنغا تايىنىپ تولۇقلىيالمىسا... شۇڭا بۇ ۋەقەلەرگە دېققەت نەزىرىنى ئاغدۇرغانلرى ئىچىدە كۆزى يەتكەن ئادۇۋكاتلار بولسا بۇ توغرىسىدا يېتەرلىك مەسلىھەت بەرسە... ئاشۇ ساخاۋەتلىك باغداش تاغلىرىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان كەمىنە ئاشۇ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرىغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ قويسام... ياكى بولمىسا يېتەرلىك دەلىل-ئىسپات توپلاپ دىلو تۇرغۇزۇپ ئىشلىشىگە ياردەملەشسەم دېگەن ئوي-خىيال بىلەن مەزكۇر يازمىنى يازدىم...
مەنبە:
قەلىمىم[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-04-11 14:55قايتا تەھرىرلىدى ]