ساختا خەرىتە سوۋېت ئىتتىپاقىنى
قوغداپ قالغان
ئېيتىپ كەلسەك ئىشەنمەك تەس ، 1988 - يىل 9 - ئايدىن كېيىنلا ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھەقىقى راست خەرىتە چىقارغان ، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىلىرى پۈتۈنلەي ئۆز خاھىشى بويىچە چىقىرىلغان خەرىتىلەر ئىدى .
خەرىتە كىشىلەرگە تونۇشلۇق نەرسە ، تۇرمۇشتا ساياھەت خەرىتىسى ، يول باشلاش خەرىتىسى ، ئىكىسپىدىتسىيە خەرىتىسى ، گۆھەر ئىزدەش خەرىتىسى قاتارلىقلار بار . ئەگەر خەرىتىنىڭ راست - يالغىنى بار دېسە ، ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن ، ۋاھالەنكى ، سابىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھەربىي ئىشلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن نۇرغۇن ساختا خەرىتىلەرنى باسقانىدى .
ۋەتەن ئۇرۇشىدا سوۋېت ئارمىيىسى نۇرغۇنلىغان ساختا خەرىتە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قوغدىغانىدى . چۈنكى ، ئۇرۇش مەزگىلىدە بىر پارچە خاتاسىز خەرىتە شەكسىزكى دۈشمەنگە يول باشلىغۇچى بولىدۇ . ئەمما ، بىر پارچە ساختا خەرىتە دۈشمەنگە نۇرغۇن ئاارىگەرچىلىق ۋە پېشكەللىك كەلتۈرىدۇ . مەلۇم بولىشىچە ، ھۆكۆمەت تەرەپ نەشىر قىلغان موسكۋانىڭ ساياھەت خەرىتىسىدە پەقەت بىرلا نۇقتا __ شەھەرنىڭ تەڭ ئىگىزلىك سىزىقىلا راست ئىكەن . ۋاھالەنكى ساختا خەرىتە ئۇرۇش داۋامىدا سابىق سوۋېتلىكلەرگە ھەقىقەتەن چوڭ ياردەم بەرگەن . شۇ خەرىتە تۈپەيلىدىن گىرمانىيىنىڭ نۇرغۇن بومبىلىرى بىكار يەرگە چۈشكەن . ھۇجۇم قىلغان قوشۇنلىرى ھەممىلا يەردە ئەدىبىنى يېگەن . گىرمانىيە ئارمىيىسى خەرىتىدە كۆرسىتىلگەن چېگرىدىن موسكىۋاغىچە بارىدىغان " يوقىرى دەرىجىلىك تاش يول " نى بويلاپ ئالغا ئىلگىرلىگەندىلا ، ئاندىن بۇ تاش يولنىڭ ئەمەلىيەتتە يېرىم يولدىلا ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان . گىرمانىيە ئوفىستىرلىرى دائىم : " قولىمىزدىكى خەرىتىنىڭ ھېچقانچە توغرا يېرى يوقكەن ، خەرىتىدە ئاساسلىق يوللار قىزىل رەڭ بىلەن كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ ، يوللار قارىماققا ناھايىتى ياخشىدەك قىلسىمۇ ، لېكىن ، دائىم دېگۈدەك پاتقاق جىق يوللارغا چىقىپ قالىمىز " دەپ قاخشىغان . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ساختا خەرىتىسى تۈپەيلىدىن گىرمانىيە ئارمىيىسى ئېغىر چىقىم تارتقان . گىرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سەزگۈزەشتلىرىگە قاراپ ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق ئۇرۇش قىلىش ئېڭىغا ، ساختا خەرىتە ئارقىلىق ۋەتىنىنى قوغدايدىغان ئۇستاتلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز .
دەپ كەلسەك ، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 1988 - يىل 9 - ئايدىن كېيىنلا راست خەرىتە نەشىر قىلغان . بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەرىتىلىرى پۈتۈنلەي ئۆز خاھىشى بويىچە چىقىرىلغان خەرىتىلەر ئىكەن .
" ئەدەبىي تەرجىمىلەر" دىن ئېلىندى .
" باغداش تورى " غا خاس .