saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2634 قېتىم كۆرۈلدى
edirhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 308
شۆھرەت: 1672 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 987 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يەتتە ياشلىق قىزدىن تۈرك تىلىنى ئەڭ تېز ئۆگىنەلەيسىز!!!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار! مەن مىكرو بىلوگىمدا تۈرك تىلىنى مۇنداق ئۆگەندىم تېمىسىدىكى بۇ يازمىنى ئۇچىرىتىپ، مەنبەسىنى ئىزدەش ئارقىلىق ئوماق ئەقىللىق سىڭلىمىز ماھىنۇر ئۇيغۇرنىڭ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلدىم. مانا بۇ بىزنىڭ ھەقىقى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى، ئارانلا يەتتە ياشقا گىركەن بۇ ئوماق سىڭلىمىزنىڭ بىزگە ئۇستاز بولغىدەك كىتابلىرى بار ئىكەن. قالغىنىنى تۆۋەندىكى ئۆز يازمىسىدىن كۆرۈڭلار!
سالام دوستلار،
مەن تەرجىمە قىلغان ھېكايە ۋە شېئىرلىرىم ئۇنتۇلۇپ، يوقاپ كەتمىسۇن دەپ، ئاتا-ئانامنىڭ تۈرتكىسى ۋە ياردىمى بىلەن بۇ تور بەتتە ئىلان قىلىشنى باشلىغان ئىدىم، تۈنجى يوللىغىنىم ”كۈنلۈك“ نامىدىكى بىر شېئىر ئىكەن، 2011- يىلى 2-ئاينىڭ 4- كۈنى يوللانغان ئىكەن، ھازىرغا قەدەر 440 قېتىم ئوقۇلۇپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ۋاقتىم چىقسىلا تەرجىمە قىلغانلىرىمنى ئاتا- ئانام تۈزىتىپ بەرگەندىن كېيىن يوللاشقا باشلىدىم. يوللانغان ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنغان تېما تۈركچە 1- سىنىپ دەرسلىكى (تۈركچە-ئۇيغۇرچە ئېلكىتاپ) بولۇپ، 2011- يىلى 5-ئاينىڭ 23- كۈنى يوللانغان ئىكەن ۋە ھازىرغا قەدەر 4400 قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەت قىلىنىپتۇ. بۇنىڭدىن ھېس قىلىشىمچە، تۈركچە ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ سانى خىلىلا كۆپ ئىكەن ماتېرىيالغا بولغان ئىھتىياجمۇ كۈچلۈك ئىكەن.
نۇرغۇن دوستلار ئىنكاس شەكلىدە، ياكى ئېلخەت بىلەن ماڭا خەت يېزىپ ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، تۈركچە ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى ھەققىدە مەسلىھەت سورىدى، ئۆزۈم كېچىك بولساممۇ قولۇمدىن كېلىشىچە جاۋاپ قايتۇرۇشقا تىرىشتىم.
مەن ئىككى يېشىمدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئىستانبۇلدا ياشىغىنىم بىلەن، تاكى 2010- يىلى، يېشىم ئالتىدىن ئېشىپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەنگە قەدەر بىرمۇ تۈرك ئاغىنەم ياكى تۈركچە ئۆگىنىشىمگە ياردەم قىلالىغۇدەك تۈرك دوستۇم يوق ئىدى، مەھەللىدە تۈرك قوشنىلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىللە ئوينىغان ۋاقتىلاردا ئۇلار تۈركچە گەپ قىلاتتى مەن ئۇيغۇرچە سۆزلەيىتتىم.  بەش يېشىمغا قەدەر   ئاتا- ئانام مېنى باشقا ھەرقانداق بىر چەتئەل تىلى بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىققا تىرىشتى. بەش يېشىمدىن باشلاپ تۈركچىنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم، ئاپام بىر سائەت ھەرپلەرنى ئۆگىتىپ قويغاندىن كېيىن ئاساسەن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. ئالتە ياشقا كەلگىنىمدە، ئىككىنچى سىنىپنىڭ دەرسلىرىنىمۇ تۈگىتىپ، ئۈچىنچى سىنىپقا كىرىشكە تەييارلىق قىلغان ئىدىم، ئەمما يېشىم كېچىك بولغاچقا بىرىنچى سىنىپقا ئاران ئالدى. سىنىپتا تۈركچىدىن پۈتۈنلەي ساۋادى چىقىپ بولغان مەن بىرلا ئۇيغۇر، 41 نەپەر ساۋاتسىز تۈرك ساۋاقدىشىم بىلەن تۈنجى دەرسنى باشلىغان ئىدۇق. ھازىر 2- سىنىپتا ئوقۇۋاتىمەن. ماتىماتىكىنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرىمەن، رەسىم سىزىشنىمۇ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. شاھمات ئويناش ھەۋىسىم بار، بىر يىلدىن بىرى مۇزىكا چىلىشنى مەشىق قىلدىم، بىرەر مۇزىكىنى ئوڭشاپ چىلىپ باققىنىم يوق، قىزىقمايدىغان ئوخشايمەن مۇزىكا چىلىشقا.
ئاتا-ئانام، تۈركچە ئۆگىنىشنى بەش ياشقا قەدەر ئۆيدىكى ئۇيغۇرچە كىتاپلىرىمنى ئوقۇپ بولسام ئاندىن باشلىيالايدىغانلىقىمنى ئىيتقان ئىدى. ئوقۇشنى پىلانلىغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇرچە كىتاپنى دەل بەشىنچى تۇغۇلغان كۈنۈمنى قۇتلۇقلايدىغان كۈنگە قەدەر چوقۇم ئوقۇپ بولۇشنى پىلانلىغان ئىدىم. ئەمما بىر ئاز ھورۇنلۇق ۋە ئويۇنخۇمارلىقىم سەۋەبىدىن ئوقۇپ تۈگىتىپ بولالمىدىم ۋە بەش ياشقا بىر ئاي كېچىكىپ كىردىم. ئۇ كۈنگە قەدەر تۈركچە ئۆگىنىشنى قانچە ئارزۇ قىلغان بولساممۇ، لېكىن، بەش ياشقا كىرگەنگە قەدەر، يەنى ئۇيغۇرچە ئوقۇيدىغان كىتاپلارنى ئوقۇپ بولغانغا قەدەر، تۈركچە ئۆگەنسەم ئاتا- ئانامنىڭ ئانچە خۇشال بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم. چۈنكى ئاتا- ئانام ھەردائىم ماڭا، ئاۋۋال ئۇيغۇرچىنى ناھايىتى پۇختا ئىگەللىۋالمىساڭ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭدا، قەتئىي پۇختىيالمايسەن، ۋە بىزنىڭ تىلىمىزغا ناھايىتى يېقىن بولغان تۈركىيە تۈركچىسى ئۇيغۇر تىلىڭنى بىر يىلدىلا يۇتۇپ كېتىدۇ ۋە سەن ئۇيغۇر بولالمايسەن، دەيتتى.
گەرچە بەش يېشىمغا بىر ئاي كېچىكىپ كېرگەن ۋە بىر ئاي كېچىكىپ بەشىنچى توغۇلغان كۈنۈم قۇتلانغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇ كۈنى مەن ناھايتى خۇشال ئىدىم. ئۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئاپام ماڭا تۈركچە ھەرىپلەرنى ئۆگىتىپ قويدى. مەن پەقەت بىر سائەتتىلا ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالدىم. چۈنكى 29 ھەرپلا بار ئىدى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا بولغىنىدەك، ھەرپلەرنىڭ ئۇنداق كۆپ شەكلى يوق ئىدى. (تۈركچە كىتاپ ئوقۇش ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى ئوقۇغاندەك كۆزگە راھەتلىك بېرەلمەيىتتى.) خىلى بۇرۇنلا ”ئەڭ گۈزەل ھايۋان ھېكايىلىرى“ ناملىق كىتاپنى سېتىۋالغان ئىدۇق، ئاپام بىزگە ئۇ تۈركچە كىتاپنى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بېرەتتى، ھىكايىلىرى قىزىقارلىق بولغاچقا ئاپامنىڭ ۋاقتى يەتمىگەندە ئۆزۈم ئوقۇشقا ئۇرۇنۇپ بېقىپ ئوقۇيالمىغان ئىدىم. ئىچىمدە بىر ھەۋەس، ئۇ كىتاپنى ئوقۇش ھەۋىسى بار ئىدى. مەن ھەرىپلەرنى ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىنلا دەرھال ئۇ كىتاپنى ئوقۇپ بېقىشقا ئۇرۇندۇم ۋە بىر قانچە جۈملىنى ئوقۇيالىغاندىن كېيىن كېرىشىپلا كەتتىم. كېرىشىپ كەتتىم، ئەمما بىرىنچى ھېكايىنى، يەنى «ئارسلان ۋە ئۆكۈزلەر» ناملىق ھېكايىنى، ئىككى- ئۈچ كۈنگە قەدەر قايتا قايتا ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن راۋان ئوقۇپ چۈشەنگۈدەك بولدۇم. 2- ھېكايىدىن باشلاپ راۋان ئوقۇشقا ۋە چۈشىنىشكە باشلىدىم. ھەر بىر ھېكايىنى راۋان ئوقۇغۇدەك بولغاندا داۋامىدىكى ھىكايىگە ئۆتتۈم . مۇشۇنداق قىلىپ، بىرەر ئاي ئىچىدە بۇ كىتاپنى تولۇق ئوقۇپ بولدۇم. مەن ئۇ ۋاقىتتا بەش ياشتا بولغاچقا ئۇ ۋاقىتلىرىمنى بەك ئەسلىيەلمەيمەن، ئەمما بۇ ئىشلار پەقەت ئىسىمدىن چىقمايدۇ. دەل بىر ئاي بولغاندا، مەن بۇ كىتاپنى ئوقۇپ بولدۇم، سېڭلىمغا بەزى ھېكايىلەرنىڭ تۈركچىسىگە قاراپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بېرىشكە باشلىدىم. تۈركچە سۆزلەشكە – چۈشىنىشكە باشلىدىم. ئاتا-ئانام مېنى كىتاپتىكى ھېكايىلەرنى تەرجىمە قىلىپ بېقىشقا دەۋەت قىلدى. مەن سىناپ باقاي دەپ تەرجىمە قىلىشقا باشلىدىم. دەسلەپكى تەرجىمەم ئاتا- ئانامغا ياراپ كەتتى ۋە شۇ پىتى ۋاقتىم چىقسىلا بۇ ھېكايىلەرنى تەرجىمە قىلىپ، كومپىيوتىرىمغا كېرگۈزۈشكە باشلىدىم. يازلىق تەتىلدە ھەممىسىنى پۈتتۈردۈم ۋە يېقىندا تورغا يوللىۋەتتىم.
مەن تۈركچىنى بۇ كىتاپتىن ( ”ئەڭ گۈزەل مەسەللەر – ئەڭ گۈزەل ھايۋان ھېكايىلىرى“ ناملىق بۇ كىتاپتىن؛ ئۇلىنىش ئادرىسى) ئۆگەندىم، بۇ كىتاپنىڭ مەزمۇنىغا بولغان ھەۋىسىم تۈپەيلىدىن ئۆگىنىشكە باشلىدىم. كىتاپتىكى ھېكايىلەر بەكلا چۈشىنىشلىك، قىسقا ۋە مەن ئوقۇغان ئۇيغۇرچە كىتاپلاردىمۇ ئۇچرايدىغان بولغاچقا، دەسلەپكى سەۋىيىدىكى ۋە تۈركچە ئۆگىنىشنى قانداق باشلاشنى بىلەلمەي قالغان دوستلارغا بەكمۇ ماس كىلىدۇ. بىر ئاي ئىچىدە تۈركچىدىن ئاساس سېلىۋالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئەگەر سىز تۈركچە ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز، بۈگۈن، ھازىرلا بۇ يەردىن باشلاڭ، ئەتە، ئۆگۈن … ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ بىرەر ئاي ۋاقىت چىقسىلا ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. 2-3 ئاي ئىچىدىلا تۈركچىنى راۋان ئىشلىتەلىگۈدەك سەۋىيىگە كىلەلەيدىغانلىقىڭىزغا تىلەكداشمەن.
تۈركچە ئۆگىنىشتە مەن تۆۋەندىكى قەدەم باسقۇچ ۋە ئۇلىنىشلارنى تەۋسىيە قىلىمەن:
1) تۈركچە ھەرىپلەرنى ئۆگىنىش باسقۇچى (بىرەر سائەت): ئۇلىنىش ئادرىسى2) تۈركچە بوغۇم مەشىقى (بىرەر سائەت): ئۇلىنىش ئادرىسى 3) تۈركچە سۆز ئوقۇش مەشىقى (بىرەر سائەت): ئۇلىنىش ئادرىسى 4) تۈركچە قىسقا ھېكايىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىش (بىرەر ئاي): ئۇلىنىش ئادرىسى 5) تۈركچە باشقا ئوقۇشلۇق ۋە دەرسلىكلەر (خالىغىنىڭىزچە): ئۇلىنىش ئادرىسى گۈزەل تىلەكلىرىم بىلەن،ماھىنۇر ئۇيغۇر                      مەنبە :http://www.mahinur.com 
تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-14, 17:21
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+2(bahdaxohli) ئەھمىيەتلىك ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-14 15:35 |
    kokturuk
    ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنساندەك ياشاشچۇ؟
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 410
    نادىر تېما : 8
    يازما سانى : 582
    شۆھرەت: 3771 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3762 سوم
    تۆھپە: 2115 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2158 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 1086(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت قوزام ،ماڭا بەك لازىمتى،ئەقىل باشتا -ياشتا ئەمەس،ماكان- زاماندا دىگەن مانا شۇ؟
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 17:31 |
    edirhan
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2666
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 308
    شۆھرەت: 1672 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
    تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 987 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

        ئەگەر خالىساڭلار ئاۋارچىلىق ھېس قىلمىساڭلار مېنىڭ بىلوگىمدا بۇ ئوماق قىزنىڭ ئاۋازلىق ئۆگىتىش قوللانمىسىمۇ بار http://user.qzone.qq.com/55271790/infocenter چۈچۈك تىللىق بۇ ئاۋازلىق قوللانمىغا قايىل بولماي تۇرالمىدىم . مېنىڭچە تۈرۈكچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بار تۈرۈك تىلى ھەۋەسكارلىرىمىز ئۈچۈن ھازىرغىچە مەن ئۇچىراتقان ئەڭ ياخشى قوللانما دېيىشكە بولىدىكەن... http://www.uqur.net
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 19:13 |
    nida
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6236
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 171
    شۆھرەت: 868 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 869 سوم
    تۆھپە: 519 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 520 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن تىرشىپسىز ئۇماق قۇزام ، مەن ۋە ئايالىم ئىككىمىز 1ياشقا كىرىپ قالغان قىزىمزى ئۇچۇن تۇرۇك تىلى ئۇگەنمەكچى بۇلۇپ ماتىريال ئىز لەۋاتقان رەخمەت سىزگە .
    saltanat
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-14 21:30 |
    yalguz
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6826
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 20
    شۆھرەت: 125 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 135 سوم
    تۆھپە: 71 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 71 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت دېيىشتىن باشقا نېمە دېيشىمنى بىلەلمدىم. كۆپ تەشەككۈر. بەختلىك بولۇڭ. سالامەت بولۇڭ.
    simfoniya
    ئۆزىڭىزنى چۈشەنمەي تۇرۇپ باشقىلارنى چۈشىنىمەن دېمەڭ.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-15 01:32 |
    michael
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6634
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 14
    شۆھرەت: 80 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 47 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 47 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 154(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن بۇ ئوماق قىزىمىزنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلىپ باقتىم،تىزىملىتاي دىسەم تىزىملىتالمىدىم،قانداق تىزىملىتىمىز،بىلىدىغانلار بولسا ئۇچۇر قىلىۋەتكەن بولساڭلار.
    مەن بۈگۈندىن باشلىدىم ئۆگىنىشنى
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-15 10:36 |
    sultan06
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6837
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 5 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
    تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-04-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت،                       بەك ياخشىكەن
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-15 19:53 |
    atilla
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 205
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 64
    شۆھرەت: 331 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 333 سوم
    تۆھپە: 197 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 199 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

                    
    saltanat
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-15 22:36 |
    xakrizat0999
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6334
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    شۆھرەت: 35 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
    تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 21 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 53(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۆپ تەشەككۇر   ساقام،جانىم ،  پەرىشتەم............
    ozgul munbar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-16 14:39 |
    gultajim
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6757
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 22
    شۆھرەت: 110 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 110 سوم
    تۆھپە: 66 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 66 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھاياجاندىن كۆزلىرىم ياشقا لىق تولدى ،ھەقىقەتەن  ئاسان ئەمەس ،بارىكاللا  قىزىم ،رەخمەت  سىزگە ،بۇ يالغۇز ماڭىلا ئەمەس ،بەلكى پۈتۈن  ئۇيغۇر  خەلقىگە  ئىلھام بولالايدۇ  دەپ ئويلايمەن
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-16 17:50 |
    edirhan
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2666
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 308
    شۆھرەت: 1672 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
    تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 987 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قارىغاندا تۈرك تىلىغا قىزىقىدىغانلار ئۇنچە كۆپ ئەمەس ئوخشىمامدۇ؟ مەيلى قايسى تىل بولسۇن بىر ئايدا ساۋات چىقىرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەستۇ؟!
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-20 11:15 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «12»Pages: 1/2     Go
    Bagdax bbs » تىل ئۆگىنمەن