ئانا قەلبى
بىر چاغلاردا غەمسىز،سەبىي قىز ئىدىڭ،
تىنىقىڭدىن ئوغۇز سۈتى قاچمىغان.
نوتا كەبى يۇمران،ئوماق،ئۇز ئىدىڭ،
ھېس-تۇيغۇلار كەڭرى قۇچاق ئاچمىغان.
قونچاق سۆيۈپ ئۆيلەر ياساپ يۈرەتتىڭ،
گۆدەك قەلبىڭ ئانىلىقنى ئارزۇلاپ،
ئويۇنىڭدىن رازى بولۇپ كۈلەتتىڭ،
ئاداشلىرىڭ بىلەن كۈندە لاي ئويناپ.
ئۆتۈپ يىللار تۇيدۇرماستىن سېنىمۇ،
چىمەنلەردە ئايلاندۇردى لەيلىگە،
مۇھاببەتنىڭ سېخى ،سىرلىق بېغىمۇ،
چىللىۋالدى تېخى تۇنجى سەيلىگە.
تەئەججۈپتە قوبۇل قىلدى ئۇيۇلۇپ،
نازۇك قەلبىڭ ئەڭ مۇقەددەس سۆيگۈنى.
ئۆتتى دەملەر پاك سۆيگۈگە تويۇنۇپ،
يېشىلگەچكە ياشلىقىڭنىڭ تۈگىنى.
چېچەك ئېچىپ پاك مۇھاببەت غۇنچىسى،
ئانا بولدۇڭ بالىلارغا سۆيۈملۈك .
تۇغۇلغاندا پەرزەنتىڭنىڭ تۇنجىسى،
ماكان ئەتتى دىلخانەڭنى بىر كۆيۈك.
پەرزەنتلەرنى ئەل قاتارى قىلغۇچە ،
سەن تارتمىغان دەرت-ئەلەملەر قالمىدى.
تىنىم تاپماي ئىشلىسەڭمۇ كەچكىچە،
لېكىن،ئالتۇن بىلەكلىرىڭ تالمىدى.
ئەسكە ئالسام جاپايىڭنى ھەر قېتىم،
ۋۇجۇدۇمنى ئۆرتەپ ئۆتەر بىر ئازاب،
پاك ئەجرىڭنى قاچان ئاقلاپ بولارمەن،
غەليان سالار يۈرىكىمدە ئىزتىراپ.
ئېلىپ بارغۇم كېلەر نەچچە ھەرەمگە،
تاج كىيدۈرگۈم كېلەر ھەمدە بېشىڭغا.
شەرەپ قۇچۇپ چۈشكىنىمدە سەنەمگە،
مۇجەسسەمدۇر خوشاللىقىڭ يېشىڭغا.
شۇڭا ئانا قەلبىڭ سۈزۈك بىر ئوكيان،
ئىللىق مېھرىڭ يالقۇن چېچىپ تۇرغان چوغ،
ھۆرمىتىڭگە تەڭ كېلەلمەس تەڭرىتاغ،
سەن سۆيۈملۈك،سەن مېھرىبان،سەن ئۇلۇغ.
(مەنبە:«قومۇل ئەدەبىياتى» 2010-يىللىق 6-سان)
[ بۇ يازمىنىپەروزاندە2012-04-16 14:33قايتا تەھرىرلى ]