saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2275 قېتىم كۆرۈلدى
13899196193
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6131
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
تۆھپە: 46 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 46 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بىجىرىلىپ بىرىلمەيدۇ؟

 قانداق كىشىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ؟
ھازىر ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، پۇقرالار تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ سودا قىلىش، ئىشلەمچىلىك قىلىش، ئولتۇراقلىشىش، ساياھەت قىلىش، ئوقۇش، تۇغقان يوقلاش ۋە ھەج قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشكە يۈزلەندى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ خىل «قىزغىنلىقى» دىن پايدىلىنىپ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ساختا پاسپورت، ۋېزا ياساپ ۋە سېتىپ، بىر تەرەپتىن پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتى ـــ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى دۆلەت چېگرىسىدىن كىرىپ-چىققاندا ۋە ئۇلارنىڭ چەت ئەلدىكى پائالىيىتى جەريانىدا، شۇ كىشىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ئىسپات ھېسابلىنىدۇ. بېجىرىلىش تەرتىپى ۋە ئىشلىتىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، پاسپورت ئادەتتىكى پاسپورت، دىپلوماتىيە پاسپورتى (ساياھەت پاسپورتى) ۋە ھۆكۈمەت پاسپورتى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى» نىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەتتىكى پاسپورتنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدىكى باشقا ئاپپارات بېرىدۇ؛ دىپلوماتىيە پاسپورتىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بېرىدۇ؛ ھۆكۈمەت پاسپورتىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان چەت ئەلدىكى باشقا ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە رايون بار شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقى بېرىدۇ.

  پۇقرالاردىن چەت ئەلدە ئولتۇراقلىشىش، تۇغقان يوقلاش، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ساياھەت قىلىش، سودا قىلىش قاتارلىق غەيرىي ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىدىغانلىرى نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا كىملىكى، نوپۇس دەپتىرى، يېقىندا يالاڭباش چۈشكەن سۈرىتى ۋە ئىلتىماس قىلىش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇپ، ئادەتتىكى پاسپورت ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، كونسۇلخانا ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىللە بارىدىغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى دىپلوماتىيە پاسپورتى ئىشلىتىدۇ.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىسى-كونسۇلخانىسى ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ئارا باشقا تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ بىللە بارىدىغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ھۆكۈمەت پاسپورتى ئىشلىتىدۇ؛ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، كونسۇلخانا ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بىللە بارىدىغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى، شۇنىڭدەك جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانىسى-كونسۇلخانىسى ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ مەخسۇس ئاپپاراتى، شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ئارا باشقا تەشكىلاتلاردا ئىشلەيدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ بىللە بارىدىغان جورىسى، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىدىن باشقا پۇقرالاردىن ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىدىغانلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى دىپلوماتىيە تارمىقىغا ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، دىپلوماتىيە تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ ئۇلارغا دىپلوماتىيە پاسپورتى ياكى ھۆكۈمەت پاسپورتى بېرىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى» نىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولغانلىرىغا پاسپورت بەرگۈچى ئورگان پاسپورت بەرمەيدۇ:

  1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەلىكىدە بولمىغانلار؛

  2) سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەنلەر؛

  3) ئىلتىماس قىلىشتا ساختىپەزلىك قىلغانلار؛

  4) جىنايى جازا ھۆكۈم قىلىنىپ، جازا ئۆتەۋاتقانلار؛

  5) ئاخىرلاشمىغان ھەق تەلەپ دېلوسى بولغانلىقتىن، خەلق سوت مەھكىمىسى چېگرىدىن چىقىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغانلار؛

  6) جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جاۋابكار ياكى جىنايەت گۇماندارى ھېسابلىنىدىغانلار؛

  7) گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى چېگرىدىن چىققاندىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىغانلار.

  ئۇندىن باشقا، پاسپورت بەرگۈچى ئورگان دۆلەت چېگراسىنى باشقۇرۇشقا دەخلى قىلىپ، جىنايى جازاغا تارتىلغانلار ياكى چېگرىدىن قانۇنسىز چىققان، قانۇنسىز تۇرغان، قانۇنسىز ئىشقا ئورۇنلاشقانلاردىن دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلەرگە ئۇلارنىڭ جىنايى جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغان ياكى ۋەتەنگە قايتۇرۇۋېتىلگەن كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايدىن ئۈچ يىلغىچە پاسپورت بەرمەيدۇ؛ شۇڭا دۆلىتىمىز پۇقرالىرى پاسپورت بېجىرىشتە، چوقۇم قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇندا پاسپورت بېجىرىش ھوقۇقى بەلگىلەنگەن ئاپپاراتقا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تاپشۇرۇپ، قانۇنلۇق ھالدا پاسپورت بېجىرىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، تېگىشلىك جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت قانۇنى» نىڭ 17-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كۆز بوياپ پاسپورت ئېلىۋالغانلارنىڭ پاسپورتىنى پاسپورت بەرگۈچى ئورگان يىغىۋالىدۇ، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى ئۇنداقلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ پاسپورت بەرگۈچى ئورۇن خادىملىرىدىن پاسپورت بېجىرىشتە، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ قوبۇل قىلمىغان، يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە باشقىلارغا پاسپورت بەرمىگەن، دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئارتۇق ھەق ئالغانلار، پاسپورت ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن پارا سورىغان ياكى ئالغان، پاسپورت ئىشلەش، بېرىشتە بىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش، نەپسانىيەتچىلىك قىلىشتەك ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ، قىلمىشىدىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  باشقىلارغا ياسىۋالغان، ئۆرگەرتىۋالغان پاسپورت بەرگەنلەرگە ياكى پاسپورت ساتقانلارغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 320-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمىغانلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، 10 كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. (نىيە ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىلغار مەتقاسىم تەييارلىغان)
مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى




جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنى


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىس پەرمانى
ئەللىكىنچى نومۇرلۇق
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنى 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 29 - كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى دائىمىي ئەزالىرى 21- يىغىنىداماقۇللاندى، ھازىر ئىلان قىلىنىدۇ . 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خۇجىنتاۋ
2006-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى


جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورت قانۇنى

بىرىنچى ماددا : بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورت ئىلتىماس قىلىش، ئىمزالاپ تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش-چىقىش ھوقۇقىنى قوغداش ،سىرتقى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى.
ئىككىنچى ماددا : جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پاسپورتى بولسا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش -چىقىش ۋە دۆلەت سىرتىدا دۆلەت تەۋەلىكى ۋە سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان گۇۋاھنامە.
ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخىس پاسپورتنى يالغاندىن ياساشقا ، ئۆزگەرتىشكە، ئارىيەت بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ، قەستەن بۇزۇشقا ھەم قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.
ئۈچىنچى ماددا : پاسپورت ئادەتتىكى پاسپورت، دىپلوماتىيە پاسپورتى، دۆلەت ئىشى پاسپورتى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.
پاسپورت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئارقىلىق چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە تونۇشتۇرۇلىدۇ.
تۆتىنچى ماددا : ئادەتىتكى پاسپورت بولسا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى چىگىردىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگىنى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى شۇنداقلا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.
دىپلوماتىيە پاسپورتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.
ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتى بولسا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلار ھەمدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان ئۆلكە-ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ، رايوندىكى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار تارمىقى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ.
بەشىنچى ماددا: پۇقرالار چەتكە چىقىپ ئولتۇراقلىشىش، تۇغقان يوقلاش، ئۆگنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ساياھەت، سودا قاتارلىق ھۆكۈمەت ئىشى بولمىغان سەۋەبلەردىن چەتكە چىقماقچى بولغاندا ئالاقىدار كىشى ئۆزى تۇرۇشلۇق يەردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ چىگىردىن كىرىش -چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا ئادەتتىكى پاسپورت بېجىرىشنى ئىلتىماسى قىلىدۇ.
ئالتىنچى ماددا: پۇقرالار ئادەتتىكى پاسپورت ئىلتىماسى سۇنغاندا چوقۇم ئۆزىنىڭ كىملىك گۇۋاھنامىسى، نوپۇس دەپتىرى، يېقىندا چۈشكەن يالاڭباش سۈرىتى شۇنداقلا ئىلتىماس سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدۇ. دۆلەت خىزمەتچىلىرى بۇ قانۇننىڭ 5-ماددىسىدىكى سەۋەبلەر بىلەن پاسپورت ئىلتىماس قىلغاندا يەنە چوقۇم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تەمىنلەيدۇ.
جامائەت خەۋپسىزلىكى چىگىردىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى چوقۇم ئىلتىماس ماتېرىيالى تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە پاسپورتنى ئىمزالاپ تارقىتىپ بېرىشى كېرەك ؛بەلگىلىمىگە خىلاپلىرىغا چوقۇم سەۋەبىنى يازمىچە ئىزاھلىشى ھەمدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى تەلەپ قىلىش ياكى مەمۇرىي ئەرز قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.
چەت- ياقا رايونلار ياكى قاتناش قولايسىز رايونلار ياكى ئالاھىدە ئەھۋال سەۋەبىدىن پاسپورتنى ۋاقتىدا تارقىتىش ئىمكانىيىتى يوق ئەھۋالدا پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىش ئورگىنىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تەستىقى بىلەن تارقىتىش ۋاقتىنى 30 كۈنگە ئۇزارتىشقا بولىدۇ .
پۇقرالار مۇۋاپىق جىددى ئىشلار سەۋەبىدىن جىددى بېجىرىشنى تەلەپ قىلغاندا جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى چوقۇم ۋاقتىدا بېجىرىپ بېرىشى كېرەك .
يەتتىنچى ماددا : ئادەتتىكى پاسپورتتا تىزىملىنىدىغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە : پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، جىنسى، تۇغۇلغان ۋاقتى، تۇغۇلغان يەر، پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىلغان ۋاقىت، ئىناۋەتلىك ۋاقتى، تارقىتىلغان يەر ۋە تارقىتىلغان ئورۇن.
ئادەتىتكى پاسپورتنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى تۆۋەندىكىچە: پاسپورت ئىگىسى 16 ياشقا توشمىغان بولسا ئىناۋەتلىك ۋاقتى 5يىل، 16 ياشتىن يۇقىرى بولسا ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولىدۇ .
ئادەتتىكى پاسپورتنىڭ ئىمزالاپ تارقىتىش كونكرېت جەريانى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
سەككىزىنچى ماددا : دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ، كونسۇلخانا خادىملىرى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىللە يۈرگەن جۈپتى ، قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە دىپلوماتىك ئالاقىچىلار دىپلوماتىيە پاسپورتىغا ئىگە بولىدۇ .
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس ئورگىنى شۇنداقلا باشقا ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارا تەشكىلاتلاردا خىزمەت قىلىدىغان جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بىللە يۈرگەن جۈپتى ، قورامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى دۆلەت ئىشى پاسپورتىغا ئىگە بولىدۇ.
ئالدىنقى ئىككى تارماقتا كۆرسىتىلگەندىن باشقا پۇقرالار چىگىردىن چىقىپ دۆلەت ئىشى بېجىرگەندە ئالاقىدار خادىم تۇرۇشلۇق ئورۇن بۇ قانۇننىڭ 4-ماددىسى 2-،3- تارماقلىرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئېھتىياجغا ئاساسەن دىپلوماتىيە پاسپورتى ياكى دۆلەت ئىشى پاسپورتىنى ئىمزالاپ تارقىتىدۇ.
توققۇزىنچى ماددا : دىپلوماتىيە پاسپورتى ، دۆلەت ئىشى پاسپورتىغا تىزىملىنىدىغان تۈرلەر تۆۋەندىكىچە : پاسپورت ئىگىسىنىڭ ئىسىم -فامىلىسى ، جىنسى ، تۇغۇلغان ۋاقتى ، تۇغۇلغان جايى ، پاسپورت تارقىتىلغان ۋاقىت ، پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى ، تارقاتقان ئورگان .
دىپلوماتىيە پاسپورتى ، دۆلەت ئىشى پاسپورتنىڭ تارقىتىلىش دائىرسى ، ئىمزالاپ تارقىتىش چارىسى ، ئىناۋەتلىك ۋاقتى ۋە دۆلەت ئىشى پاسپورتنىڭ كونكرېت بۆلۈنۈشى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.
ئونىنچى ماددا : پاسپورت ئىگىسىنىڭ پاسپورتتا خاتىرلەنگەن ئۇچۇرلىرىدا ئۆزگىرىشى بولغاندا ، چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىيالىغا ئاساسەن پاسپورتنى ئىمزالاپ تارقاتقان ئورۇنغا ئۆزگەرتىش ، ئىزاھلاشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.
ئون بىرىنچى ماددا : تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى بولسا پاسپورت ئىگىسى بەلگىلىمىگە ئاساسەن پاسپورتنى ئالماشتۇرۇش ياكى تولۇقلاپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ:
1.پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالغان؛
2.پاسپورت ۋىزا بىتى ئىشلىتىلىپ تۈگىگەن؛
3.پاسپورت يىرتىلىپ كەتكەن ، ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ؛
4.پاسپورتى يۈتۈپ كەتكەن ياكى ئوغرىلانغان ؛
5.پاسپورت ئالماشتۇرۇشقا ياكى تولۇقلاپ بېجىرىشكە مۇۋاپىق ئاساسى بار .
پاسپورت ئىگىسى پاسپورت ئالماشتۇرۇش ياكى تولۇقلاپ بېجىرىش ئىلتىماسىنى دۆلەت ئىچىدە بولسا پاسپورت ئىگىسى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ؛ دۆلەت سىرتىدا بولسا پاسپورت ئىگىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا، ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئورگانلىرىغا سۇنىدۇ .
دىپلوماتىيە پاسپورتى ، ھۆكۈمەت ئىشى پاسپورتىنى ئالماشتۇرۇش ، تولۇقلاپ بېجىرىشتە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسلىنىدۇ .
ئون ئىككىنچى ماددا : پاسپورت كۆرۈپ ئوقۇلىدىغان ۋە ماشىنىدا ئوقۇلىدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە .
پاسپورتنىڭ يالغاندىن ساقلىنىش ئىقتىدارى خەلقئارالىق تېخنىكىلىق ئۆلچەم بويىچە بېكىتىلىدۇ.
پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان ھەم ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پاسپورت ياساش ، ئىمزالاپ تارقىتىش جەريانىدا پۇقرالارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى مەخپىيەتلىكىنى ساقلىشى كېرەك .
ئون ئۈچىنچى ماددا : ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن بىرى كۆرۈلگەنلەرگە پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان پاسپورت بەرمەيدۇ :
1.جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئەمەسلەر ؛
2.سالاھىيىتىنى ئىسپاتلاشقا بولمىغانلار ؛
3.پاسپورت ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئالدامچىلىق قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلەر ؛
4.جىنايى جازا سەۋەبىدىن ھازىر جازا ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلار ؛
5.خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تاماملانمىغان ھەق تەلەپ دېلوسى سەۋەبىدىن چىگىردىن چىقىشقا بولمايدۇ دەپ ئۇقتۇرۇلغانلار ؛
6.جىنايى ئىشلار دېلو جاۋابكارى ياكى جىنايەت گۇماندارلىرى ؛
7.گوۋۇيۈەننىڭ مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىگىردىن چىققاندىن كىيىن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەۋپ كەلتۈرىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ دەپ قارالغانلار ؛
ئون تۆتىنچى ماددا : تۆۋەندىكى ئەھۋالدىن بىرى سادىر قىلغانلارغا پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن شۇ شەخىسنىڭ جىنايى جازا ئۆتەپ بولغان ياكى دۆلەتكە قايتۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئايدىن ئۈچ يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا پاسپورت ئىمزالاپ تارقىتىپ بەرمەيدۇ :
1.دۆلەت چېگرا باشقۇرۇشىغا زىيان يەتكۈزۈش سەۋەبلىك جىنايى جازا بېرىلگەنلەر ؛
2.قانۇنسىز چېگىرىدىن چىقىش ، قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش ، قانۇنسىز خىزمەت تېپىش سەۋەبىدىن مەجبۇرى دۆلەتكە قايتۇرۇلغانلار ؛
ئون بەشىنچى ماددا : خەلق سوت مەھكىمىسى ، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ، مەمۇرىي نازارەت ئورگانلىرى دېلو بېجىرىش ئېھتىياجى بىلەن قانۇنغا ئاساسەن دېلوغا ئالاقىدار شەخىسنىڭ پاسپورتىنى تۇتۇپ قىلىشقا بولىدۇ .
ئون ئالتىنچى ماددا : پاسپورت ئىگىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكىنى يوقاتقاندا ياكى پاسپورت يۈتۈپ كەتكەندە ، ئوغۇرلانغاندا پاسپورت پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقان ئورگان تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.
يالغاندىن ياسىغان ، ئۆزگەرتىپ ياسالغان ، ئالداپ ئىلىنغان ياكى ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنغان پاسپورت كۈچكە ئىگە ئەمەس .
ئون يەتتىنچى ماددا : ساختىپەزلىك قىلىپ ئالداپ ئىلىنغان پاسپورت پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقان ئورگان تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ ؛ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن 2000يۈەندىن 5000يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ؛ جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .
ئون سەككىزىنچى ماددا: باشقىلارغا يالغان ، ئۆزگەرتىپ ياسالغان پاسپورت تەمىنلىگۈچىلەر ياكى پاسپورت ساتقۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ ؛ جىنايى ئىشلار جازاسىغا توشمىغۇچىلارنىڭ قانۇنسىز ئىرىشكەن مۈلۈكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ ، 10 كۈندىن 15 كۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ ، 2000يۈەندىن 5000يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدۇ . قانۇنسىز پاسپورت ھەمدە بېسىش ئۈسكۈنىلىرى مۇسادىرە قىلىنىدۇ .
ئون توققۇزىنچى ماددا : يالغان ياكى ئۆزگەرتىپ ياسالغان پاسپورت بىلەن ياكى باشقىلارنىڭ پاسپورتى بىلەن چىگىردىن كىرىپ -چىققۇچىلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى چىگىردىن كىرىپ -چىقىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە جازا بېرىدۇ .
يىگىرمىنچى ماددا : پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورگان خىزمەتچىلىرى پاسپورت بېجىرىش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرى كۆرۈلسە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ ؛جىنايەت سادىر قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ .
1.قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىكلىرىنى قوبۇللاپ بىر تەرەپ قىلمىغانلار ؛
2.نامۇۋاپىق سەۋەب بىلەن بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىمزالاپ تارقاتمىغانلار ؛
3.دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمدىن ئارتۇق ھەق .ئالغانلار ؛
4.ئىلتىماس قىلغۇچىدىن پار تەلەپ قىلغان ياكى پار قوبۇل قىلغانلار ؛
5.ياساش ، ئىمزالاپ تارقىتىش جەريانىدا ئىرىشكەن شەخسى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلار ؛
6.ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىش ، نەپسانىيەتچىلىك قىلمىشى بارلار ؛
يىگىرمە بىرىنچى ماددا : ئادەتىتكى پاسپورتنىڭ شەكلى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ ھەم نازارەت قىلىنىدۇ .
يىگىرمە ئىككىنچى ماددا : پاسپورت ئىمزالاپ تارقاتقۇچى ئورۇن تەننەرخ ھەققى ، ئىزاھات قوشۇش ھەققى ئالسا بولىدۇ . يىغىلغان تەننەرخ ھەققى ۋە ئىزاھات قوشۇش ھەققى دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ .
پاسپورت تەننەرخ ھەققى ۋە ئىزاھات قوشۇش ھەققى ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن باھا مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن گوۋۇيۈەن مالىيە تارمىقى بەلگىلەپ ئىلان قىلىنىدۇ .
يىگىرمە ئۈچىنچى ماددا : چەتكە قىسقا مۇددەتلىك چىققان پۇقرالار چەتئەلدە پاسپورت يۈتۈپ كېتىش ، ئوغۇرلىنىش ياكى بۇز ۇلۇپ ئىشلەتكىلى بولماسلىق ئەھۋاللىرىدا چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ، كونسۇلخانا ياكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان چەتئەلدە تۇرۇشلۇق باشقا ئورگانلارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ساياھەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش كېرەك .
يىگىرمە تۆتىنچى ماددا: پۇقرالار چېگرا سودىسى ، چېگرا ساياھەت مۇلازىمىتى ياكى چېگرا ساياھىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ھاۋالە قىلغان ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەت جامائەت خەۋپسىزلىك چىگىردىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چىگىردىن كىرىش چىقىش يول خېتى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ .
يىگىرمە بەشىنچى ماددا : پۇقرالار دېڭىزچى سالاھىيىتىدە چىگىردىن كىرىپ چىققاندا ۋە چەتئەل پاراخوتلىرىدا خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغاندا چوقۇم قاتناش مىنىستىرلىكى ھاۋالە قىلغان دېڭىز ئىشلىرى باشقۇرۇش ئورگىنىغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېڭىزچىلار كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش كېرەك .
يىگىرمە ئالتىنچى ماددا : بۇ قانۇن 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمى يولغا قويۇلىدۇ . بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئىمزالاپ تارقىتىلغان پاسپورت ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئىچىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە

مەنبە:ئەنۋەر تورى
 
تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-16, 19:49
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-16 17:33 |
yalghuz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6032
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 41(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مېنىڭ دوستۇم پاسپورت بېجىرەلمەيۋاتقىلى ئىككى ئاي بولدى .بارلىق ماتېرياللىرى تۇلۇق .يا ئېنىق سەۋەب يوق .بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئوقۇش ۋاقتى كېچىكىپ كەتتى .بۇ قانۇن كۈچكە ئىگە بولسا ،دوستۇم قانداق قىلسا بولىدۇ؟
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-16 22:44 |
camel
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5095
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 45
شۆھرەت: 228 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 229 سوم
تۆھپە: 136 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 137 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 89(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ شەرتلەر بىزگە تۇلۇق چۈشىدىغۇ،چىقىمەن دىسە بىر تالاي باھانىلار بىلەن،ئادەتتە بىر باشقى دۆلەت چاقىرىقنامىسىنىڭ ئۈنۈم ۋاقتى قانچىلىك؟؟؟؟؟
جان چىقسىمۇ ئانا تىلدا سۆزلەيلى....
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-16 23:38 |
mursilat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2444
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 24
شۆھرەت: 125 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 125 سوم
تۆھپە: 74 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 74 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-30
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇنداق  پاسپورت  ئىشلىيەلمەيدىغانلا  بەك  جىق.  قانۇننى  تۇزىگەن  بىلەن  ئەمەل  قىلمايدىغانلا مۇ  بەك  جىق. بىزلەرنىڭ پاسپورت  تەستىقىمىز  ساقچىخاندىنلا  ئۇتەلمەيدۇ.  شۇنىڭ  بىلەن  پارىخورلار  كوپۇيۇپ  كىتىدۇ .  ھەتتا  بىر   پاسپورتنى   100 مىڭ   يۇەنگە  بىجىرگەنلەمۇ  بار .  بۇنىڭوغا  ھىچكىم   ئامال  قىلالمايدۇ؟؟؟؟    ساقچىمۇ  ئامال   قىلالمايدۇ؟؟؟
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-16 23:43 |
nida
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6236
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 170
شۆھرەت: 863 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 864 سوم
تۆھپە: 516 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 517 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 66(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

رەخمەت دوستۇم نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ يولىغان تىمىڭىزدىن كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز مەنپەئەتلەنگۇسى .
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 00:00 |
فىدا
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 245
شۆھرەت: 1254 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1271 سوم
تۆھپە: 749 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 752 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 179(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    مۇنداق قانۇننىڭ  بارلىقىدىن حەۋرىم يوقكەن . بىزنىڭ نىمە ئۇچۇن باشقىلاردەك پاسپورت ئائلماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى  بىلىۋالدىم .  
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 08:57 |
anka
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6068
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 270
شۆھرەت: 1336 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1343 سوم
تۆھپە: 803 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 288(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇشۇقانۇننى ئاپىرىپ كۆزىگە تىقىۋەتسىچۇ شۇ مۇتىھەملەرنىڭ ! تايىنلىق ئۇقتۇرۇش چىقىرۋەتسە بولىدۇ ،ئاز سانلىق مىللەتلەرگەپاسپورت بېجىرىلمەيدۇ دەپ. زامان زورنىڭ بوپ كەتتىغۇ!
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 10:46 |
isyankar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2174
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 136
شۆھرەت: 683 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 706 سوم
تۆھپە: 411 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 417 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 138(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ قانۇنكەن.....  ئەمما بىزنى يەرلىك سىياسەت بىلەن ياسايدۇ!!!  
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 12:23 |
يولۋاس
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 254
شۆھرەت: 1260 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1270 سوم
تۆھپە: 758 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 768 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 272(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  7) گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى چېگرىدىن چىققاندىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ ياكى دۆلەت مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ قارىغانلار.


مۇشۇ ئەڭ چوڭ چاتاق قانۇنى ئىكەنغۇ، سەۋەب دىسە چىقىۋىرىدۇ سەن ئوساغاق دەپ.
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 14:14 |
يولۋاس
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 254
شۆھرەت: 1260 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1270 سوم
تۆھپە: 758 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 768 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 272(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پاسپورت ھەل قىلالمىغانلار، بىۋاستە جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكىگە تىلىفۇن قىلىپ، بىۋاستە ئەرىز قىلسا بولمامدۇ؟
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 14:16 |
koygandengiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6375
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 93
شۆھرەت: 465 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 465 سوم
تۆھپە: 279 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 279 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   غۇلجىدا ھازىر پارتىيە ئەزالىرىغىمۇ پاسپورت بىجىرىلمەيۋاتىدۇ .........
مانا بۇنى يەرلىك سىياسەت دەيمىز ، بۇ ئەھۋال نۇرغۇن پارتىيىگە كىرىش قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تېشىپ تۇرغانلارنىڭ قىزغىنلىقىغا تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ ........
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-17 16:56 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » خەۋەر ئۇچۇرلار