بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى arknurدە2012-04-19 11:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
خېنەن ئۆلكىسىنى ئىقتىسادى چوڭ ئۆلكە دەپسىز، مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. سىز ئېيتقاندەك ئۆلكىنى ئومومى ئىشلەپچىقىرىش 2 تېرلىيوندىن ئاشقىنى بىلەن، ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يۇرتىمىز شىنجاڭنىڭكىگىمۇ يەتمەيدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېيتقانداق نامىرات ئۆلكە سانىلىدۇ.شۇڭا خېنەن بولسا ھۆكۈمەت باي خەلىق نامىرات ئۆلكە، بۇنى مەن خېنەنلىكلەرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان.ئەلۋەتتە خېنەن ئۆلكىسىدە تاماقتىن قىينالمايسىز، چۈنكى خېنەن ئۆلكىسى خۇيزولار كۆپ ئۆلكىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، مەسچىد ۋە خۇيزولار رايونلىرى دائىم ئۇچىراپ تۇرىدۇ.
سىز خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نوپوسىنى 1-ئورۇندا تۇرىدۇ دەپسىز، مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. چۈنكى 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرەشتە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ 100مىلىيوندىن ئېشىپ مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا خېنەن ئۆلكىسى ئىككىنچى ئورۇندا دەپ ئېلان قىلىنغان. ئاقما نوپوسنىڭ گىپىنى قىلسىڭىز خېنەن ئۆلكىسى ئاقما نوپوسنىڭ سانى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ قولىغا سۇمۇ قويۇپ بىرەلمەيدۇ.