كەمىنە مەكتەپ مۇدىرىدىن ئۇستازىمغا
يېزىلغان جاۋاپ خەت(2)
ھۆرمەتلىك ئۇستازىم، خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەپلىك جاۋاپ خېتىمنىڭ داۋامىنى ئەمدى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئۇستازىم، ھەقىقەتەن نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ مەكتەپ يەنىلا پەن-مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزى، مەرىپەت پۇرىقى يەنىلا مەكتەپنىڭ ھۆسنىدە، جەلىپكارلىقى ئازادە مۇھىتىدا، مەكتەپلەر يەنىلا قايناق ھاياتى كۈچكە تولغان، يېزا-بازارلاردىكى، مەھەللەلەردىكى ئەڭ ئۆزگىچە، مەدەنىي، گۈزەل ئورۇن يەنىلا مەكتەپ، مەكتەپ ھاياتى بۇرۇنقىدەكلا قايناق، ئۇنتۇلغۇسىز.
سىز خىتىڭىزدە «ھەممىمىز مەكتەپتىن زىرىكىپ كەتتۇق» دەپسىز، ئەمەلىيەتتە ئۇنداقتەك ئەمەسقۇ، سىز ئۆزىڭىز زىرىكىپ كەتكەن ئوخشايسسىز، 40يىل ئىشلەپسىز، زىرىكىدىغان ۋاقىتمۇ بوپتۇ، قاراپ باقسام ئوقۇتقۇچىلار يەنىلا خىزمەتتە ئاكتىپ، ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەر جاي-جايىدا ئورۇنلىنىۋاتىدۇ. مائارىپ ئىشلىرىمىز ھەر ھالدا ياخشى، سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھېسىياتىنى ھەممە ئوقۇتقۇچىلارغا تاڭسىڭز، جەمئىيەتكە مەكتەپلەردە خۇددى مۇدىر بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىددىيىتى، سۈركىلىشى، تاپا-تەنە قىلىشىشىدىن باشقا ئىش يوقتەك، پۈتكۈل مائارىپ باشقۇرغۇچىلار ساپاسىز، خوشامەتچى، شۇ سەۋەپلىك بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئەۋلات تەربىيلەشتىن ئىبارەت بۇ شەرەپلىك خىزمەتتىن بىزار، رەسمىيەت، ۋەزىپە ئۈچۈن ئىش قىلىۋاتقاندەك ساختا كەيپىيات بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنسىڭىز بولماس! مائارىپىمىزدا شەرەپلىنىشكە شۇنچە لايىق بولسىمۇ ئۈن-تۈنسىز ئەجرى قلىۋاتقان، تۆھبىلەر ساھىبى بولۇشقا شۇنچە لايىق بولسىمۇ بىتەمە ھالەتتە مىھنەت قىلىۋاتقان ئۇستازلىرىمىز، مۇدىرلىرىمىز تولا. ئەلالار، يۈكسۈك پەزىلەت ئىگىلىرى مائارىپتىن ئىبارەت كاتتا قوشۇنىمىزدا ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئانچىكى دىتىڭىزغا سىغمىغان بىر ئىككى ئادەم، ئانچىكى ئىشلار ئۈچۈن ۋايۋايلاپ، مائارىپچىلارنىڭ، مۇدىلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزسىڭىز توغرا بولماس، مىللىتىمىز كېلەچىگىنى بىزگە تاپشۇرىدۇ. ئەگەر سىز 40يىللىق كاتتا مائارىپچى شۇنداق دەپ يۈرىسىڭىز، خەلقىمىز بىزگە قانداقمۇ ئىشەنسۇن، يۈرەك پارىلىرىنى قانداقمۇ بىزگە تاپشۇرسۇن. يوقىلاڭ غەيۋەت شىكايەت، تاينى يوق ۋايساشلار بىلەن مەكتەلىرىمىز قۇرۇغدىلىپ قالمىسۇن! تىمىڭزىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆرگەنسىز، بەزىلەر "گىنى ئۆزگەرگەن مۇدىرلار" دەپتۇ، بۇ قانداق گەپ، مائارىپنىڭ چوڭ سىياسىتىنى مۇدىرلار بەلگىلىيەلمەيىدۇ. فاڭجىن-سىياسەتلەرنى مۇدىرلار ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئىدىيىڭىزدىن ئۆتمىگەننى، مىجەزىڭىزگە ياقمىغاننى مۇدىردىن كۆرسىزڭىز بولمايدۇ. توخوتۇر دىگەن تورداش" يەنە شۇ لەنىتى مۇدىرنىڭ گېپىمۇ..." دەپ يېزىپتۇ، بۇ قانداق گەپ ئۆزى، سىزنىڭ يازغانلىرىڭىزنى ، چۈشكەن بىر قىسىم ئىنكاسلارنى دېھقانلار ئەمەس، بىرقىسىم زىيالىلار كۆرسىمۇ "بولدىلا بالامنى بۇ مەكتەپكە بەرگىچە باشقا مەكتەپكە بېرەي" دەپ كېتىپ قالار. "پىچاقنى ئۆزەڭگە سال، ئاغرىمىسا كىشىگە" دىگەن گەپ بار، ئۆزىمىز ئۈستىدىمۇ ئويلىنىپ باقايلى. بىزدە " ھاپىتىغا چاپىتا، توڭرىلىققا مەرەزدا" "ساڭا بېقىپ مەن، ئىشىككە بېقىپ دەم" دەيدىغان ماقاللار بار. ئەگەر مۇدىرلار راستىنلا شۇنداق دىيىلسە ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچىلاردىمۇ مەسىلە بار دىگەن گەپ. ئۇنداق ئەمەس، كىم ئاۋال سۆزلىۋالسا شۇنىڭ گىپىنى راست دەپ پالاقلاپ كەتسەك بولمايدۇ. ئايرىم ئىشلارنى ئايرىم، ئومۇمىيلىققا ئىگە ئىشلارنى ئومۇمىلىق بويىنچە ئانالىز قىلىشىمىز، ئاخبارات قىلىشىمىز لازىم. مۇدىرلار توغرىسىدا ئابدۇكېرىم ئابىلىزجاننىڭ توقۇغان پىتنىسى ئۈچۈن غەزىپىم زادىلا بېسىقىدىغاندەك ئەمەس، ئويلىساملا غەزىپىم تاشىدۇ. تۆۋەندىكىلەرنىڭ كالچىيىشىپ چاۋاك چېلىشىپ كەتكىنىنى تېخى، ئادەمنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ، نومۇسىنى كەلتۈرۈپ، "ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭكى، شوجاڭ بولوساڭ خانىم سىنىڭكى". ئەگەركى سەلبى پىرسۇناژ ئورنىدا بولسىمۇ دىمەسلىكى كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا كىشىلەرنى كۈلدۈرەلىگىدەك گەپ تاپالمىسا جىم تۇرسىمۇ بولىدۇ. ئابدۇكېرىمجان مۇ شۇ پىتنىسى ئارقىلىق مەكتەپ مۇدىرلىرىنى، نۇرغۇن مۇئەللىمەلەرنى، مۇئەللىمەلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنى، ئەرلىرىنى، پەرزەنتىلىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مائارىپىنى ئۇچۇق ئاشكارا ھاقارەت قىلدى. پۈتكۈل مائارىپچىلارنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزدى. بۇ سۆز شۇ سەۋەپلىك مۇدىرلار بار يەرلەردە پەيدا بولىدىغان، بىمەنە لاۋىزىلىققا ئايلىنىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە بۇ پاك مائارىپچىلار، مۇدىرلار ياكى خانىم قىزلارغا چاپلانغان پاسكىنا بوھتاندۇر. ئەگەركى بۇ سۆز سەلبى پىرسۇناژ تىلىدىن دىيىلگەن بولسىمۇ، مەن ئابدۇكېرىم ئابلىزغىلا ئەمەس بەلكى مۇشۇ گەپ دىيىلگەندە ھىجىيىىپ ئولتۇرغانلاردىنمۇ نەپرەتلىنىمەن. ھەرۋاقىت "سىزنىڭ خوتۇنىڭىز ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالسىمۇ شوجاڭنىڭ بولامتى" دەپ زەھەردەك كىنايە بىلەن سورىغۇم كېلىدۇ، ئابدۇكېرىمدىن.
دىمەچىمەنكى، مائارىپ ھەققىدە يىنىكلىك بىلەن خالىغانچە گەپ ساتساق بولمايدۇ. مائارىپىمىزنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى، شان-شەرىپىنى قوغداش بىز مائارىپچىلارنىڭ بۇرچى، خەلقنىڭ ئىختىيارى، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىززت-ھۆرمىتىنى، شان-شەرىپىنى قوغدىساق، خەلق بىزگە قەلىب تۆرىدىن ئورۇن بېرىدۇ. شەرەپلىرىمىز خاسىيىتىدىن ھۆرمىتىمىزنى زىيادە قىلىدۇ.
ئۇستازىم، خېتىڭىزنى ئوقۇغاچ، مەزمۇنلارنى مۇدىرلىق ھاياتىمغا تەدبىقلاپ، ئۆزەمگە بىر قۇر دىئاگىنوز قويۇپ چىقتىم. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، ئادەم دىگەن سەۋەنلىكسىز بولماس، شۇنداقتىمۇ، سىز دىگەن سۈپەتلەر مەندە يوق ئىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق مېنى بەكمۇ قارىلاپسىز. ئۇستازىم، مەن مەكتەپتە "مۇدىر، ئوقۇتقچى" دەيدىغان ئىدىيەدىن خالى، مېنىڭ نەزىرىمدە بىز خىزمەتداش، خىزمەتداشلار ناھايىتى يېقىن ئۆتىمىز، سىز مېنى "مۇدىر"دەپ چۈشىنىۋالغاچقا ئارىمىزدا بىر توساما پەيدا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. باشقىلار بىلەن ھىچبىر ئۇنداق ئەمەس. بىرەر ئايلىق ئۆگىنىشكە بېرىپ كەلسەمغۇ ھەممە ئوقۇتقۇچىلار كىرىپ كۆرۈشۈپ، ئەھۋاللىشىپ چىقىپ كېتىدۇ. بىرنەچچە كۈن مەكتەپكە كەلمەي قالساممۇ بەزىلەر «ھوي، يوقاپ كەتتىڭىزغۇ، بىر يەرگە بېرىپ كەلدىڭىزمۇ...» دىگەندەك ئەھۋال سورىشىپ كېتىشىدۇ. ھىچبىرى مەندىن قاچقاندەك ئەمەس، ماڭا خوشامەت قىلغاندەكمۇ ئەمەس، مەكتەپ مەيدانلىرىدا، بىنا ئالدىلىرىدا خيال سۈرۈپ بىردەم تۇرۇپ قالساممۇ بىرنەچچە ئوقۇتقۇچى بىردەمدە ئەتراپىمغا كېلىدۇ. پاراڭلىشىپ كېتىمىز. ئىشخانامدىمۇ بىرەر سائەت يالغۇز ئولتۇرۇپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا-ئانىلار، ياكى خىزمەت تەكشۈرگۈچىلەر كىرىپ چىقىپلا تۇرىدۇ. ئارام ۋاقىتلىرىدا ئوقۇتقۇچىلار بىلەن نۆۋەتلىشىپ بىرنەچچە قول شاھمات تارتىپمۇ ئۈلگۈرىمىز. مېنى مۇدىر دەپ ئايىشىپمۇ كەتمەيدۇ. ئۇتتۇرغانلار دەرھال بىكارلايمىز. مەن مەكتەپ خىزمتىىلا بولىدىكەن قانداق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرسام ئوقۇتقۇچىلار بىجاندىل ئورۇنلاۋاتىدۇغۇ، ھىچ بىر ئىش بۇزغىنىنى، قەستەن قېرىشقانلىرىنى ئۇچراتمىدىم.
مېنى «ئەخلاقسىز» دەپسىز، مۇشۇ گەپ ئېغىزىڭىزدىن قانداق چىقتى، ھازىرغىچە ئۆزەمدىن ياشتا چوڭلارغا قاپاق تۈرۈپ باقمىدىم. خىزمەت ئورۇنلاشتۇرساممۇ پىشقەدەملەرگە خىزمەتنىڭ يەڭگىلىنى بېرىشنى تەۋسىيە قىلىپ كەلدىم. خىزمەت خۇلاسسىلىرىدىمۇ پىشقەدەملەرنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى، خاتالىقلىرىنى تىلغا ئالمايمەن، پەقەت ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەيمەن. پىشقەدەملەرگە بەس سالغانلارغا «بىزمۇ بىر كۈنى شۇلاردەك بولىمىز ئەمەسمۇ»«قېرى كەلسە ئاشقا، ياش كەلسە ئىشقا» دەپتىكەن دەپ كۆكسىنى باسىمەن. پىشقەدەملەر مېنىڭ نەزىرىمدە بىزنىڭ تەۋەرۈكلىرىمىز.
يىغىن ئاچساممۇ، بېشىدا ئازراق قاپاق تۈرۈلگىنى بىلەن ئاخىرىدا كۈلۈشۈپ تارقىشىمىز. ئىككى ھەپتە يىغىن ئاچماي قالسام «يىغىن ئېچىپراق تۇرىلى، بولمىسا بىر قىسىملار بىلەن كۆرۈشمەي كېتىدىكەنمىز» دىيىشىپ كېتىدۇ. ھەر قېتىم يىغىن ئاچسام يىغىن ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانداق پىكىر تەلەپلىرى بارلىقىنى سوراشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. ئەمما ھازىرغىچە كىمنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سوراپ باقماپتىمەن، بۇ سەۋەنلىك مەندە.
ئۇستازىم ئوقۇتۇش قوراللىرىنىڭ ئىشىدا يەنە يالغان گەپ قىپسىز، قېرىغاندا سىزگە يالغان گەپ ياراشمايدىكەن. مېنىڭ ئالدىمدا ئوقۇتۇش قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئىلتىماسى ئەسلا يوق، مەكتىپىمىزدە بۇنداق ئىلتىماس بىۋاستە ئۈسكىنىلەرنى ساقلاش ئۆيىنى باشقۇرغۇچى خادىمغا يوللىنىدۇ. چۈنكى ھەر بىر ئۈسكىنە تىزىم بۇيىنچە شۇ خادىمغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن، تۈزۈمىمىزدە يوقاپ كەتسە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. بۇزۇلۇپ كەتسە مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. مەسئۇل خادىمنىڭ ئۈسكۈنە تارقاتقان تىزىمنى بىز ھەر ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ تۇرىمىز. كۆپ بەرسە ئۇنىڭ ئايلىق خىزمىتىنىڭ ياخشى بولۇپ باھالىنىشىغا پايدىسى بار. شۇڭا ئالدىم دەپ قول قويۇپ بەرسىڭىز ھەممىسىنى دىسىڭىزمۇ بېرىدۇ. ئۈسكىنىلەرنى تۇتۇپ بېقىشىمنى، سىلاپ بېقىشىمنى ئۈمىد قىلىپسىز، بۇنىڭ زورۇرىيىتى يوق، ئەگەر زورۇر بولسا مەن بۇنىڭغا تەييار. مەن ئۈستۈمگە ئالغان دەرس سائىتى ئازراق، شۇڭامىكىن ئۈچۈق دەرس ئۆتۈپ بېرىش ئىشلىرىنى مەن ئويلاپ كەتمەپتىمەن. دەرس ئاڭلاش ئىشىنى دەپسىز، ھەپتىسىگە ئىككى سائەت، بەزىدە بىر سائەت دەرس ئاڭلايمەن. شۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن قىسقىلا مۇزاكىرىسىنى قىلىپ تۈگىتىمەن. بەزى ھەپتىلەردە ھەقىقەتەن دەرس ئاڭلىيالماي قالىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمەن. ھەر ئوقۇش مەۋسۈمىدە دەر ئاڭلىغان سائىىتم 30سائەتتىن كەم بولمايدۇ. ئىلمى مۇدىرلار سىزنىڭ مۇشۇ تۈردىكى خىزمەتلىرىڭىزنى تەكشۈرەندەك، ئىدارىدىن كىرگەن تەكشۈرگۈچىلەر مېنىڭ مۇشۇ تۈرىدكى خىزمەتلىرىمنىمۇ تەكشۈرۈپ كۆرىدۇ. بىر ئىككى سائەت، تۆت بەش سائەتكە يۈز خاتىرە قىلغان بىلەن ئاپئاق قالسا ماڭىمۇ يۈز خاتىرە يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىد خىجىلچىلىقتا قالغۇم يوق.
ماتىرىياللارنى كونكىرىتنى تەكشۈرۈش ئىشلىرى ئىلمى مۇدىرلار، ئوقۇتۇش تەتقىقات گورۇپپىلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ زىممسىدە ئۇلار ھەپتىدە ۋە ئايدا تەكشۈرۈپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئىلمى مۇدىرلار پەن تۈرى بويىنچە ماڭا دوكىلات قىلىدۇ. مۇنەۋۋەر باھالانغانلاردىن ۋە ئارقىدا قالغانلارنىڭكىدىن بىردىن ئىككىگىچە ماتىرىيالنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا دەلىللەش ئېلىپ بارىمەن، كونكىرىتنى ئورۇنلاشتۇرۇش، خۇلاسسەلەش ئىشلرىنى شۇلار قىلىدۇ. مەكتەپتە بىرنەچچە ئىلمى مۇدىر، ئوننەچچە ئوقۇتۇش تەتقىقات گورۇپپا باشلىقى ۋە گۇروپپا خادىمى تۇرسا مەن يەنە تەكشۈرىمەن، باشقۇرىمەن دەپ يۈرسەم ھوقۇقنى مونوپۇل قىلىۋالغانلىق، ئۇلارنىڭ خىزمتىگە چاد كېرىۋالغانلىق بولمامدۇ. شۇڭا بۇنى توغرا چۈشىنىڭ. ئەگەر ئاشۇنداق دەپ ھەممىگە مەن چاد كېرىۋالسام ئۇچاغدا ھەقىقەتەن خىزمەتلەر يۈرۈشمەي قالىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بەرمەيسىز دەپسىز، ھەر يىلى ئىككى قېتىم ئوقۇش باشلاشقا سەپەرۋەر قىلىش چوڭ يىغىنى ئېچىلىدۇ. مەن خىزمەت ۋە سەپەرۋەرلىك دوكىلاتى بېرىمەن، ماتىرىيالغا تەربىيە مەزمۇنى كىرگۈزۈلگە، مەكتەپ دەرىجىلىك چوڭ پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرغاندا ئوخشاش بولمىغان مەزمۇنلاردىكى دوكىلاتلارنى بېرىمەن. ھەر ھەپتىدە سىنىپلارنىڭ مەخسۇس سىنىپ يىغىنلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىتتىپاق، ئەترەت تەشكىلىنىڭ تۈرلۈك تەربىيىۋى ئەھىيەتكە ئىگە پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالى قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇلىدۇ. پارتىيە ياچايكىسى، سىياسى خىزمەت بۆلۈمى، ئەخلاقى تەربىيە خىزمەت بۆلۈمى ئىتتىپاق، ئەترەت تەشكىلارلىرى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى... مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى تەربىيە خىزمەتلىرىگە مەسئۇل، مېنىڭ يەنە تەربىيە بېرىمەن، ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ بېرىڭلار دىيىشىم سىزچە توغرىمىدۇ. «بىزلەرنى چېقىشتۇرىسىز»دەپسىز، يۇقىرىدىن كەلگەن رەھبەر قايسى بىرىڭلارنى بىلىپ بولىدۇ، سىزنى نېمە دەپ چىقىشتۇرارمەن، ئويلاپ بېقىڭ "ئۇلار دەرس تەييارلىمايدۇ، تاپشۇرۇق تەكشۈرمەيدۇ، ماڭا بويسۇنمايدۇ..." دەپ چېقىشتۇرسام ئۇلار مېنى نېمە دەپ ئويلايدۇ. مەكتەپنى باشقۇرالماپتۇ، ئوقۇتقۇچىلار ئارسىدا ئىناۋىتى قالماپتۇ، دىمەسمۇ؟ ئىدارە قەرەللىك ۋە قەرەلسىز ھالدا بىر ئوقۇش مەۋسۈمىدە كەم دىگەندە بىر قېتىم ئومۇمىيۈزلۈك خىزمەت تەكشۈرىدۇ. خىزمەتلەر چۈۋۇلچاق، ئىشلەنمىگەن، يۈرۈشمىگەن چىقىپ قالسا ماڭا ياخشىما، ئەلۋەتتە مېنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش، ياكى تەڭشىۋېتىشنى ئويلىشىدۇ. سىزنى چېقىشتۇرغانغىلا ئۇلار مەندىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرمەسما؟ بىلىڭكى سىزنىڭ ئىشىڭىز ياخشى بولسا ئاندىن مېنىڭ ئىشىم ياخشى بولىدۇ. نىمانداق زىغىردەك ئۇششاق، تۇتامى يوق گەپلەر بۇ، بىر ئەقىلگە سىغقىدەك گەپ قىلىڭ ئۇستازىم. مېنى "خۇشامەتچى، خوشامەتتىن باشقىنى بىلمەيسىز، خوشامەتلا قىلىپ خىزمەت قىلمايسىز " دەپسىز، سىزنىڭچە خىزمەت قىلماي، خوشامەتلا قىلسا ھوقۇقنى تۇتۇپ تۇرغىلى بىلىدىكەندە، جەمئيەتتە سىزدىن باشقا ھەممە ئادەم قارا قورساق، ئىش ئۇقماس بولۇپ قاپتۇ-دە. ئۇنداق ئەمەس، بۇنداق ئاسان ئىش يوق، مائارىپ ساھەسىدە زىيالىلار تېخى كۆپ، پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ ئەستايىدىل خىزمەت قىلمىغانلار ئاسانلا شاللىنىپ قالىدۇ. ئاز ساندىكى مەكتەپلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆپلىگەن مەكتەپلەردە ئوقۇ-ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرۇقلۇق، مەيلى مەكتەپ مۇدىرلىرى بولسۇن، مەيلى جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن مائارىپنىڭ سۈيىدە ئېىقپ ، ئوتىدا كۆيۈكلۈك.
ئۇستازىم، دىگەنلىرىڭىز توغرا 40يىللىق مائارىپ ھاياتى قىسقا ھايات ئەمەس، سىزنىڭ ھاياتىڭىز ھەقىقەتەن شەرەپ قۇچقان ھاياتتۇر. سىز 40يىللىق شان-شەرىپىڭىز بىلەن كاتتا شەرەبلەر ساھىبىسىز. ئۇستازىم، مەندە سىز يوق دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى بار، پەقەت يوقى تەمەننا، كىبىر، ھاكاۋۇرلۇق، مېنى پەقەت سىز بىرلا ئادەم باھالىيالمايسىز، مەكتەپتىكى نەچچە ئون، نەچچە يۈز مۇئەللىم باھالايدۇ. تارىخ باھالايدۇ. مەن ئۇلارغا، تارىخقا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلاردىن خالى. ھەر ئوقۇش مەۋسۈمىدە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى مېنىڭ ۋە مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە قارىتا بىر قېتىم ئومۇمى يۈزلۈك باھالاش ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇتقۇچىلاردىن پىكىر ئالىدۇ. مەخپى كارتا تارقىتىپ رازى بولۇش نىسبىتىنى تەكشۈرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەندىن ، مەمۇرىيەتتىن رازى بولۇش نىسبىتى %90تىن تۆۋەن بولۇپ باقمىدى. بۇنى بىر رەسمىيەت ، كۆز بويامچىلىق دەپ قالسىڭزى بولمايدۇ. ئاۋاز بېرىش پۈتۈنلەي مەخپى، ئىمزاسىز، بەلگە قويۇش ئۇسۇلى بىلەن بولىدۇ. كىم نېمىنى دىسە ئىختىيارى. سىز شۇ %10ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچىدە ئوخشايسىز. بۇ نورمال ئەھۋال. ھەممەيلەننى رازى قىلىش بەك تەس، بۇ مۇمكىن ئەمەس. يۇقىرىدىن راي سىناپ كەلمىگەن تەقدىردىمۇ %50تىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى قوللىمىغان، ياقتۇرمىغان مەكتەپنىڭ مۇدىرلىرى مەكتەپتە خىزمەت قىلالمايدۇ. مەكتەپنىڭ خىزمەتلرى يۈرۈشمەي، يىلغا بارمايلا موللاق ئاتىدۇ. مائارىپ ساھەسىدە بۇ ئەقەللى ئشى. «سىزدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتنى قىلغۇدەك جاسارەت يوق» دەپسىز، ئۇستازىم ئاداشماڭكى، مېنى ئوقۇتقۇچىلار ياقتۇرماي قالسا بىرەر يىل مۇدىرلىق قىلالىشىم مۈمكىن، ئەمما يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تاپشۇرغان ۋەزىپىنى دادىللىق بىلەن ئىشلىمىسەم مېنى شۇ ئايدا ۋەزىپەمدىن قالدۇرىدۇ. بۇ تېخمۇ ئەقەللى ئىش.
ھۆرمەتلىك ئۇستازىم، ياخشى بىر سىنىپ مۇدىرى ياخشى بولغان سىنىپ كوللىكتىپىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بىر ياخشى مەكتەپ مۇدىرى، بىر ياخشى مەكتەپنى بەرپا قىلىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى بىلەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقچى-ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك، مەكتەپ مۇدىرى دۆلەتنىڭ سىياسەت پەرمانلىرى ئىچىدىكى مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىكلىرىنى ئىجرا قىلىشتا، دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، مەكتەپ ئىچىدە مۇناسىپ تۈزۈم-تەدبىرلەرنى تۈزۈوپ، ئوقۇت-ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلرىىنى تەشكىللەيدۇ. ئۇنىڭغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ. نازارەتچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۈزگەن تۈزۈم-تەدبىرلىرى چۇقۇم دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىغا ئويغۇن بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇنى باشقۇرىدىغان ئورگان بار، مەكتەپ مۇدىرلىرىنى گەۋدىلەندۇرپ، بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئارتىپ، جەمئىيەتتە مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرسىڭىز توغرا بولمايدۇ. بىر ئائىلىدە بولسۇن، بىر دۆلەتتە بولسۇن رەھبەر باشلىق بولمىسا بولمايدۇ. مەكتەپلەردىمۇ مۇدىر بولمىسا بولمايدۇ. مەن بايا دىگەندەك ئادەم سەۋەنلىكتىن خالى ئەمەس، ئەمما بىر ئادەم سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە ھەممە ئادەمنى ئەيىبلسەك بولماس، بىر تاۋۇز بۇزۇق بولسا ئېتىزدىكى ھەممە تاۋۇز بۇزۇقكەن دىيش نادانلىق، ئەقىلسىزلىق. يەكۈنىمىز ئىلمى بولۇشى، باھايىمىز توغرا بولۇشى لازىم.
ئۇستازىم، بۆگۈن مۇشۇ يەرگىچە يازاي، دۋامىنى يەنە يازىمەن. ئامان بولۇڭ.
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-04-19 03:00قايتا تەھرىرلىدى ]