saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 2397 قېتىم كۆرۈلدى
پاكنۇر034
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 371
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 10
شۆھرەت: 135 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 137 سوم
تۆھپە: 70 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 70 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 31(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سىزنى باي قىلىدىغان 25 خىل چارە

سىزنى باي قىلىدىغان 25 خىل چارە
ئەلۋەتتە بۇ 25 خىل ئۇسۇل بىلەن باي بولالىشىڭىز ناتايىن، بىراق سىناپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

1.ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي قىزىقىشى بار ئىشنى قىلىڭ، ئەلۋەتتە ناھايىتى كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، بىراق چوقۇم شۇ ئىشقا نىسبەتەن سىزدە ئوتتەك قىزغىنلىق بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، سىز ۋاقتىڭىزنى ئۇ ئىشلارغا سەرپ قىلىشنى خالىمىسىڭىز، غەلبە قىلالىشىڭىز ناتايىن.
2.ئۆزىڭىز خوجايىن بولۇڭ، باشقىلار ئۈچۈن ئىشلىسىڭىز، سىز ھەرگىزمۇ پۇلدار ئادەمگە ئايلىنالمايسىز، خوجايىن پۈتۈن كۈچى بىلەن خىراجەتنى ئازايتىشقا تىرىشىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ قول ئاستىدىكى خىزمەتچىسىنى باي قىلىۋېتىش ئەمەس.
3.باشقىلارغا ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بىرەر مۇلازىمەت تەمىنلەڭ ياكى بىرەر ئەمىلىيەت مەھسۇلات ئىشلەڭ، سىزنىڭ يازغۇچىلىق قىلىش، رەسىم سىزىش ياكى مۇزىكا ئىشلەش بىلەن مىليونېرغا ئايلىنىش پۇرسىتىڭىز ناھايىتى ئاز، ئەمما سىزنىڭ تىجارەت ساھەسىدە، ئۆي-مۈلۈك كەسپىدە زور مىقداردا ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىش پۇرسىتىڭىز خېلى چوڭ.ئېسىڭىزدە بولسۇن، نەشىرىيات خىزمىتى بىلەن تاپقان پۇل يازغۇچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلدىن كۆپ.
4.ناۋادا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىلھامى بويىچە ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن تىرىشماقچى بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى كۆڭۈل ئېچىش ساھاسىدىكى كەسىپلەرنى تاللاڭ، چۈنكى بۇ ساھەدە پۇل تېپىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، مودا مۇزىكا ۋە تېلىۋىزور سىزنىڭ كۈتكەن غايىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
5.مەيلى سىز ئارتېست بولۇڭ ياكى سودىگەر بولۇڭ، چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى كۆپەيتىشكە تىرىشىڭ.كىچىك كافېيخانىدا ناخشا ئېيتىپ تاپقان پۇل ھەرگىزمۇ چوڭ ئۈن-سىن نەشىرىياتى ئارقىلىق پلاستىنكا تارقىتىپ ساتقان پۇلغا يەتمەيدۇ، يەرلىك تىجارەتچىنىڭ پايدىسى ھەرگىزمۇ خەلقئارا دەرىجىلىك سودىگەرنىڭ پايدىسىغا يېتەلمەيدۇ.
6.بىر خىل ئېھتىياجنى تېپىپ چىقىپ، ئاندىن شۇ خىل ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا تىرىشىڭ.جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئېھتىياجلىق مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتمۇ بارغانسىرى كۆپىيىپ بارىدۇ.ئەڭ ئاۋال شۇ خىل ئېھتىياجنى تاپقان ۋە كىشىلەرنىڭ شۇ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇرغان كىشى دەل ھازىرقى بار بولغان مەھسۇلاتلارنى ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئۆزگەرتكۈچى ھەمدە ئەڭ بۇرۇن باي بولىدىغان كىشىلەردۇر.
7.ئوخشىمىغان ئۇسۇللارنى سىناپ بېقىشقا جۈرئىتىڭىز بولسۇن.يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى ئۇسۇل دەل يېڭى بايلىق يارىتىدىغان ئېلىمېنت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئەمما چوقۇم يېڭى ئۇسۇلىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ئۇسۇلدىن ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ، يېڭى ئۇسۇلىڭىز چوقۇم مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشى، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرىلىتىشى، مەھسۇلات سۈپىتى ياخشىلىنىشى، قولايلىق ھەمدە باھاسى تۆۋەنلىشىشى كېرەك.
8.ناۋادا سىز كەسپىي تەربىيە ئالغان بولسىڭىز ياكى سىزدە ئالاھىدە تالانت بولسا، چوقۇم بۇلارنى تولۇق ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.ناۋادا شۇ قابىلىيىتىڭىز بىلەن بېرىپ كاۋاپ پىشۇرسىڭىز ياكى تامچىلىق قىلسىڭىز، بەك دۆتلۈك قىلغان بولىسىز.
9.بىرەر ئىشقا قول سېلىشتىن بۇرۇن، شۇ ئىشنىڭ ئەتراپىدىكى نەرسىلەرنى ئوبدان بىر تەتقىق قىلىپ كۆرۈڭ، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئاممىۋى كۈتۈپخانىلار سىزنى ئاز بولمىغان ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.ئاۋال تەتقىق قىلىپ بېقىش، سىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقىت ۋە خىراجىتىڭىزنى تېجەيدۇ.
10.دائىم قانداق قىلسام باي بولارمەن دېگەن خىيالنى ئاز قىلىڭ، ئۆزىڭىزدىن پات-پات: مەن قانداق قىلسام كەسپىمدە ئۇتۇق قازىنالايمەن؟ قانداق قىلسام خىزمىتىم ئوڭۇشلۇق يۈرۈشىدۇ؟ دېگەندەك سوﷲرنى سوراپ تۇرۇڭ، شۇنداق بولغاندا پۇل ئۆزلىكىدىن سىزگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ.
11.مۇمكىن بولسا، بىر خىل ئائىلە ھەمكارلىقىدىكى خىزمەتنى قىلىڭ.بۇنداق بولغاندا خىراجەتنى ئازلاتقىلى، جەڭگىۋارلىق روھىنى كۈچەيتكىلى، پايدىنى ئاددىي ھالدا تەقسىم قىلغىلى، ئالغان پايدىدىن تولۇق ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى ھەمدە پۈتۈن خىزمەت جەريانىنى ئاسان كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
12.ئامال بار خىراجىتىڭىزنى ئازلىتىڭ، بىراق پەزىلىتىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ، بولمىسا بارا-بارا ھالاكەتكە يۈزلىنىسىز، پۇل تېپىش پۇرسىتىڭىزمۇ چوڭ بولمايدۇ.
13.ئوخشاش كەسىپتىكى دوستلار بىلەن ياخشى ھەمكارلىق ئورنىتىڭ، ئۇلارنىڭ سىزگە ناھايىتى كۆپ ياردىمى تېگىدۇ.
14.ئامال بار كۆپ قىسىم ۋاقتىڭىزنى خىزمەتكە قارىتىڭ، بىر كۈندە 12 سائەت، بىر ھەپتىدە 6 كۈن ئەڭ تۆۋەن چەك بولسۇن، بىر كۈندە 14 سائەتتىن 18 سائەتكىچە ناھايىتى نورمال، بىر ھەپتىدە 7 كۈن خىزمەت قىلىش ناھايىتى ياخشى ئىش.سىز چوقۇم ئاۋال ئائىلە ۋە جەمئىيەت تەرەپتىكى خوشاللىقىڭىزنى قۇربان قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، تاكى سىز مۇقىم ئىگىلىك تىكلەپ بولغۇچە شۇنداق قىلىڭ، ۋاقتى كەلگەندە مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا بۆلۈپ بەرسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.
15.ئۆزىڭىز قارار چىقىرىشقا جۈرئەت قىلىڭ، ئىرادىلىك بولۇڭ، باشقىلارنىڭ ماختاشلىرى ۋە تەنقىدلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇڭ، بىراق چوقۇم ئۆزىڭىز قارار چىقىرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
16.راست سۆزلەشكە جۈرئىتىڭىز بولسۇن، گەپنى ئەگىتىپ سۆزلەش ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، كۆڭلىڭىزدە نېمە ئويلىغان بولسىڭىز ئۇدۇل دەڭ، ئامال بار گەپنى ئەگىتمەي، ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇڭ.
17.ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىڭ، خاتالىق ئۆتكۈزۈش ھەرگىزمۇ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك بولمايدۇ، خاتالىقنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتمىگەنلىكنىڭ ئۆزى جىنايەت بولىدۇ.
18.مەغلۇپ بولغان سەۋەپلىك ھەرگىز بوشىشىپ كەتمەڭ، مەغلۇپ بولۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ مەلۇم قىممىتى بولىدۇ.مەغلۇبىيەت ئىچىدىن، سىز شۇ ئىشنى توغرا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالالايسىز.
19.ئاقمايدىغان نۇقتىنەزەردە چۆرگىلەۋەرمەڭ.مەلۇم خىل ئۇسۇلنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندا ، شۇ ھامان ئۇ ئۇسۇلدىن ۋاز كېچىڭ.دۇنيادا بىر مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ نۇرغۇن چارىسى بولىدۇ، ئاقمايدىغان ئۇسۇل ئۈستىدە ئىسراپ بولغان ۋاقىتنى ھەرگىز تولۇقلىغىلى بولمايدۇ.
20.ھۆددىسىدىن چىقالمايغان خەتەرگە تەۋەككۈل قىلماڭ، ناۋادا سىز 10 تۈمەن زىيان تارتسىڭىز شۇ 10 تۈمەننى تولۇقلىيالىسىڭىز داۋاملىق تىجارەت قىلسىڭىز بولىدۇ، ناۋادا سىزمۇ 5 تۈمەننىمۇ تولۇقلىيالماي تۇرۇپ يەنە زىيان تارتسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز تەلتۆكۈس تۈگىشىسىز.
21.مەبلەغ سالغانىكەنسىز، پايدىڭىزنى بېسىپ ياتماڭ، ئالغان پايدىڭىزنى داۋاملىق مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىڭ، ئەڭ ياخشىسى باشقا كەسىپلەرگە ياكى ئۆزى كونترول قىلالايدىغان كەسپلەرگە مەبلەغ سېلىڭ، شۇنداق بولغاندا پۇلنى دومىلىتالايسىز.
22.بىر نەپەر ئەقىللىق ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىڭ.ئۇ سىزگە ۋاكالىتەن نۇرغۇن پۇل ۋە ۋاقىت تېجەپ بېرەلەيدۇ، ئۇنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىسى سىز ئۇنىڭغا بەرگەن مائاشتىن يۇقىرى بولىدۇ.
23.زېرەك بوغالتېردىن بىرنى تەكلىپ قىلىڭ، ئەڭ دەسلەپتە ئۆزىڭىز ھېساب خاتىرىلەڭ. ناۋادا سىز ئۆزىڭىز بىر بوغالتېر بولمىسىڭىزلا، ئەڭ ياخشى كەسپىي بوغالتېردىن بىرنى تەكلىپ قىلىڭ.ئۇ بەلكىم سىزنىڭ غەلبە قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىڭىزنى بەلگىلىيەلىشى مۇمكىن، ئۇ سىزنىڭ پۇل خەجلىشىڭىزگە ئەرزىيدۇ.
24.باج مۇتەخخەسسىسى تەكلىپ قىلىڭ. بىر نەپەر چېچەن باج مۇتەخخەسىسى سىزگە ۋاكالىتەن نۇرغۇن باجنى تېجەپ بېرەلەيدۇ.
25.ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ۋە زېھنىڭىزنى ئوبدان ئاسراڭ، بۇلار بولماي ھەرقانچە كۆپ پۇلىڭىز بولسىمۇ بىكار.

تېما تەستىقلىغۇچى : hawar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-24, 17:18
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+2(iparhan) نادىر يازما
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-24 17:14 |
    anur
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6786
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 25 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 25 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 15 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    خېلى بولىدىغان ،پايدىلىنىش قىممىتى بار بىلىم ئىكەن .ئەلۋەتتە باي بولۇشنى خالىمايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك،لېكىن بىزدە باي بولۇپ پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۆزىنى خاراپ قىلىدىغانلار،ئۆزىگە،ئائىلىسىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىدىغانلا رمۇ ئاز ئەمەس،بارچە قېرىنداشلارنىڭ ياخشى ئىقتىساد ئاساسىغا ئېگە بولىشىنى،يوللۇق ئىشلار بىلەن پۇل تېپىپ ،يوللۇق ئىشلارغا سەرىپ قىلىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن!
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 18:32 |
    yuzbexi
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2335
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 283
    شۆھرەت: 1538 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1539 سوم
    تۆھپە: 908 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 909 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 381(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    1. تاماقنى خوشنىلارنىڭكىدىن يەڭ  .  
    2. داۋاملىق لاتا ئاياق كىيىڭ ، پىيادىلا يۈرۈڭ ، باشقىلارغا چېنىقىشنى سۆيۈدىغاندەك تەسىر بېرىڭ  .  
    3 . ئاغرىپ قالماڭ ، ناۋادا بولالماي قالسىڭىز داخانغا كۆرۈنۈڭ  .  
    4 . خوتۇن ئالماڭ ، ئېلىش توغرا كەلسىمۇ ئىچ كۈيوغۇل بولۇڭ  .  

    يوقۇرقىلارنى پىرىنسىپ قىلىپ  بىر مەزگىل ياشىسىڭىز ئىشىنىشكە بولۇدىكى قىسقىغىنە نەچچە يىلدىلا بېيىپ چىقىسىز  شۇنداقلا ،نامراتلىقتىن سىزنىڭ  پۇلدىن باشقا ھىچنىمىڭىز قالمايدۇ .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 20:52 |
    edirhan
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2666
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 308
    شۆھرەت: 1672 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
    تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 987 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

        پايدىلىنىش قىممىتى ناھايتى يوقۇرى بولغان ياخشى تېما! ئەلۋەتتە بېيىشنى ئارزۇ قىلغانكەنمىز ھەممىمىز قول تۇتۇشۇپ، ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئورناتمىقىمىز لازىم. مەيلى قايسى ساھە قايسى كەسىپ بولسۇن، ھەممىنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىشلىق ئىگەنلىكىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتساقلا، ھەم ئاتا-بوۋىلار جاسارىتىدىن، دەۋرىمىز ئالىملىرىدىن مەدەت ئېلىپ، ئوز ئارا قوللاش، قۇۋەتلەش، مەدەت بېرىش.... قاتارلىق ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزىدىغان مىخانىلىق مىللى بازار ئايلىنىشىنى بەرپا قىلالىساق، ھەممىمىز بېيىمىز!!!  http://www.uqur.net
    saltanat
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 22:58 |
    rawiya
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2959
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 169
    شۆھرەت: 1069 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1072 سوم
    تۆھپە: 615 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 618 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 406(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    1. تاماقنى خوشنىلارنىڭكىدىن يەڭ  .  
    2. داۋاملىق لاتا ئاياق كىيىڭ ، پىيادىلا يۈرۈڭ ، باشقىلارغا چېنىقىشنى سۆيۈدىغاندەك تەسىر بېرىڭ  .  
    3 . ئاغرىپ قالماڭ ، ناۋادا بولالماي قالسىڭىز داخانغا كۆرۈنۈڭ  .  
    4 . خوتۇن ئالماڭ ، ئېلىش توغرا كەلسىمۇ ئىچ كۈيوغۇل بولۇڭ  .  


    ماۋۇ بۇلىدىغان ئۇسۇلكەن ھە...      
    simfoniya
    ھەقىقەت ئىگىلىدۇ،سۇنمايدۇ.........
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-24 23:16 |
    shukret
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 6462
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 34
    شۆھرەت: 189 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 192 سوم
    تۆھپە: 110 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 113 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 96(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    1.قىمار ئوينىماڭ.
    2.ئاق تاماكىغا يېقىن كەلمەڭ.
    بولمىسا پۇلنى قانچە جىق تاپقىنىڭىز بىلەن بىكا.
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 17:17 |
    altunalma
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4410
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 241
    شۆھرەت: 1198 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1209 سوم
    تۆھپە: 720 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 731 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 61(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يەنە لاتارىيە ئالماڭلار
    بۈگۈن 200كوينىڭ بېشىغا سۇ قۇيدۇم
    simfoniya
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-25 23:49 |
    iparhan

    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 383
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 673
    شۆھرەت: 3415 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3445 سوم
    تۆھپە: 2045 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 2045 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 726(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىرادىلىك ، تىرىشچان دوستلىرىمىزنىڭ ھالال نىيەت بىلەن ئىگىلىك تىكلەشكە جۇرئەت قىلىشىغا تىلەكداشمەن!
    saltanat
    پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-26 17:33 |
    anwarkapak
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 98
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 443
    شۆھرەت: 2308 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 2329 سوم
    تۆھپە: 1379 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1380 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 277(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      يۇقۇرقى پىرىنسىپلار بويىچە بىر تىرىشىپ كۆرەيچۇ قېنى، تۇيۇقسىز بېيىپ قالسام ھەجەپ ئەمەس
    ozgul munbar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-27 16:19 |
    budunya
    ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
    دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5764
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 628
    شۆھرەت: 3186 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 3188 سوم
    تۆھپە: 1906 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1907 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 585(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى yuzbexiدە2012-04-24 20:52يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
    1. تاماقنى خوشنىلارنىڭكىدىن يەڭ  .  
    2. داۋاملىق لاتا ئاياق كىيىڭ ، پىيادىلا يۈرۈڭ ، باشقىلارغا چېنىقىشنى سۆيۈدىغاندەك تەسىر بېرىڭ  .  
    3 . ئاغرىپ قالماڭ ، ناۋادا بولالماي قالسىڭىز داخانغا كۆرۈنۈڭ  .  
    4 . خوتۇن ئالماڭ ، ئېلىش توغرا كەلسىمۇ ئىچ كۈيوغۇل بولۇڭ  .  

    .......

    بۇ خىل يولنى تۇتقانلارمۇ بامىدۇ
    ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 13:50 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر