ياشلىق شەرھى
تۇرسۇنجان ئابدۇۋەلى ئەسەبىي
ياشلىق گويا ئۇنتۇلغۇسىز شېرىن چۈش،
ئارمانلارنىڭ تاڭلىرىغا سوزۇلغان.
نەپىسلىكتە تەڭدىشى يوق نەقىشتۇر،
ئۆمۈر ئاتلىق ئىمارەتكە ئويۇلغان.
بەڭباشلىقتا قېيغىتىشلار بار ئۇندا،
چاڭ توزۇتۇپ كەلسە-كەلمەس يوللاردىن.
بىلىپ-بىلمەي سەۋەنلىككە يۈزلىنىپ،
كېچىشلەر بار نۇردىن پۈتكەن تونلاردىن.
زەبەردەسىتلىك مۇجەسسەمدۇر ھەم يەنە،
بورانلارنىڭ كۆكرىكىنى تىلغۇدەك.
كۆككە يېتىپ يولنى توسقان تاغلارنىڭ-
ھەيۋىسىنى يەر بىلەن تەڭ قىلغۇدەك.
2012.04.24 شەھرى غۇلجا