saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 4129 قېتىم كۆرۈلدى
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1057
شۆھرەت: 6816 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6925 سوم
تۆھپە: 3819 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3883 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1548(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 5-باھار(ماي) ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزمەكچىسىز؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما ilim تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلدى(2012-05-02)
دوپپا –ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى  مىللى باش كىيىمى.
دوپپا-ئۇيغۇرلارنىڭ ئستىتىك  قارىشىدا ئەكىس ئەتكەن  تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى. ئۇيغۇرلار بوستانلىق مەدەنىيتىگە قەدەم قويۇپ،شەھەرلىششكە يۈزلەنگەندىن تارتىپلا ماددى ۋە مەدەنىۋى تۇرمۇشىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كۆپ تىرىشقان .جۇملىدىن كىيىم-كىچەك مەدەنىيتىدە تاشقى كۆرۈنۈشكە ،يارىشىمچانلىققا ئەھمىيەت بەرگەن.
ھەرخىل مىللەتلەر،ھەرخىل كەسىپ ،ھەر خىل ئىھتىياج تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان باش كىيىمىنى كىيىشىدۇ.ھەرقانداق  باش كىيىمى ئىجتىمائى ئالاقىدە ئەڭ تىز ۋە بىۋاستە كۆزگە تاشلىنىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.بۇگۇنكى دۇنيادا باش كىيىمى –بەزىدە كەسىپكە ۋەكىللىك قىلسا ،بەزىدە ئىجتىمائى ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.لىكىن ئۆزگىچە مىللى مەنىگە ۋە ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان،ھەرقانداق ياشتىكى كىشىنىڭ كىيىشگە ماس كىلىدىغان،ئوبرازلىق  سەنئەت تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان،تەبىئەت بىلەن زىچ باغلانغان ئستىتىك زوق بىرەلەيدىغان باش كىيىمى بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئالىمىدە كۆپ بولمىسا كىرەك.
بادام ، چىمەن قاتارلىق دوپپىلار-ئەمگەكچان،تەبىئەت ۋە گۇزەللىكنى قىزغىن  سۆيىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجادىيتى .
كەڭرى كەتكەن ياۋرو-ئاسىيا يايلىقىدا ياشاپ كەلگەن بارچە تۈركى خەلقلەر ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خوشنىسى بولغان تاجىكلار،ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلىرى ھەممىسى مەلۇم ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان باش كىيمى كىيدۇ. مۇتەخەسسلەر ،تارىخشۇناسلار تارىم بوستانلىقىدا كىيىپ كەلگەن بادام ۋە چىمەن،چىكەن دوپپىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قول-ھۈنەر سەنئىتىنڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ كەلدى.
ئۇيغۇر دوپپىسىغا ئىگە بولۇش، بوۋا-مومىلىرىمىزدىن قالغان بۇ ئسل مەدەنىيەتنى داۋام ئەتتۈرۈش ،بۇلارنى تۇرمۇشىمىزدا گەۋدىلەندۇرۈش –بىز ئىز ئىزلىگۈچىلەرنىڭ زۆرۈر ئشى.
 
ئۇيغۇر دوپپىسى-ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدۇر.

ئۇ كۆركەملىكى ، ئەپلىكلىكى ، مىللى جەلىبكارلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس ، بەلكى مەملىكىتمىزدە  ياشاۋاتقان قىرىنداش مىللەتلەردىن  خەنزۇلارنىڭ  ۋە  باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا ھەرساھە چەتئەللىك دوستلارنىڭ  ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. دوپپا كەيگەنلەر – كەيمىگەنلەرنى ھەۋەستە قالدۇرۇپ كەلمەكتە.
دوپپا –ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم مىللى ھەم  دىنى باش كىيىمى بولۇش سۇپىتدە ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن بىرگە كىشگە ئىللىق كەيپىيات،يىقىملىق تۇيغۇ بەخش ئىتىدۇ.ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىيىنىش ئستىتىك ئىڭنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.قەدىمكى دەۋىرلەردىن ئىزچىل كىيىلىپ كەلگەن  بۇ باش كىيىم  ئەلۋەتتە نۆۋەتتىمۇ كىيىشكە ماس كىلىدۇ. ئۇ زامانىۋى ھەم كىلاسسسىك مەدەنىيەتكە ئورتاق ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
دوپپا مۇئەييەن چەكلىك سورۇنلاردىلا ئەمەس،باشقا كۇندىلىك تۇرمۇش بىلەن باغلانغان ھەرقانداق مەدەنى، ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائى سورۇنلاردا كىيىشكە ماس كىلىدۇ.
دوپپا –قانداقتۇر بىر سىنىپ ياكى بىردەرىجىگە ئەمەس ،بەلكى ئورتاقلىق ۋە باراۋەرلىككە،خۇراپاتلىققا ئەمەس،مەدەنىيلىككە  ،ئارقىدا قىلىشقا ئەمەس –مەزمۇت قەدەم تاشلاشقا ،يىتىم قىلىشقا ئەمەس بىرلىككە ،ئەۋلاتلارغا ئەنئەنە ئۇزۇلۇپ قىلىشى ئەمەس داۋاملىششقا،ۋارسلىق قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

دوپپا مەدەنىيتى ھەققىدە
ناخشا ئۇسۇلغا ماھىرلىقى بىلەن داڭلىق بولغان ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن تارىخىقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەممە يىرىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دوپپا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمىدىن ئىبارەت. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ياكى شىمالىدا بولسۇن، ئەر- ئايال ، قىرى - ياش بولسۇن، مەيلى قىش ياكى باھار - ياز بولسۇن ، ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇ تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ قالماستىن بەلكى بىر خىل كۈچلۈك مىللى تۈسكە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمى.
دوپپا- ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇھىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ھەر قىتىم ھېيىت ئايەم، توي - تۆكۈنلەردە ، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئۇرۇق تۇققانلار ئۇچرىشىشى بولسۇن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل نەپىس ئىشلەنگەن دوپپىنى كىيىپ ياسىنىدۇ. ئالاقە سورۇنلىرى، يىغىلىش ھەتتا دوپپا كۆرگەزمىسىدە ھەر خىل دوپپىلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. كىشىلەر نەپىس دوپپىلاردىن مىھرىنى ئۈزەلمەي قالىدۇ. دوپپا يەنە كىشىلەر سوۋغا سۈپىتىدە باشقىلارغا سوۋغات قىلىنىدۇ، نەپىس سەنئەت بويۇمى سۈپىتىدە تىزىپ قويۇلىدۇ. ئۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ قالماستىن يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالقىشقا ئىرىشمەكتە.
بۇ بىر قىسىم مۈنەۋۋەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت مىراسىنى يىغىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، مىللى سەنئىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، يىڭىلاش، ۋەتىنىمىز مىللەتلىرىنىڭ مەدىنىيەت سەنئەتنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە بەلگىلىك تۈرتكىلىك رولنى ئوينايدۇ.

تىكىلىشى :بۇ دوپپىلارنىڭ ھەممىسى تۇت تالا ئۇچ بولۇڭ شەكىللىك خىرىت بىلەن جۇپلەپ تىكىلىدۇ ،ئۇستىگە تەكشى كەشتىلەش ،تۇگۇپ زەر يىزىپ بىلەن يۇگەپ كەشتىلەش،كىرسىت شەكىللىك كەشتىلەش ئۇنچە مارجانلارنى تىزىپ تىۋېتلەپ كەشتىلەش ،كاتەكچى توسما توسما كەشتىلەش ،گىرەلەشتۇرۇپ كەشتىلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەرخىل سىزىقلار ،قاپارتما كەشتە نەقىشلىرى ئارقىلق ئەڭ ئاخىردا قارا مەشۇت يىپ بىلەن گۇللەرنى بويلىتىپ كەشتىلەپ پوتكۇزۇلۇپ چىقىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دوپپا نۇسخىسى تۈرلىرىنىڭ كۆپ، شەكلى خىلمۇ- خىل. يىڭنە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن: تەشمە تىكىش ئۇسۇلى، ئىلماپ تىكىش ئۇسۇلى، مارجان قىستۇرۇش ئۇسۇلى، گىئومىتىرىك تىكىش ئۇسۇلى، زەر يىپتا تىكىش ئۇسۇلى، + شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى .. قاتارلىقلار. تىكىش ئۇسۇلى: رەخت تاللاش، نۇسخا تاللاش، يىپ تاللاش، تىكىش، ئەستەرلەپ سىزىق- سىزىق ئارلىقىدىن پىلتىكۈچ بىلەن قەغەزدە پىلتە بېرىش، قوندۇرۇش، قېلىپقا سېلىش، ئىچىگە ناۋات سۈيى پۈركۈپ يات بېرىش. دوپپىنىڭ ماتىريالى ھەرخىل رەڭدىكى دۇخاۋا، مەخمەل، تاۋار- دۇردۇن، ئەستەر ئۈچۈن شايى ئەتلەس ياكى ئاددىي يىپ رەخت، مەشۇت يىپ، ( يىگىرمە تۆتتىن ئوتتۇز ئىككى خىلغىچە)، ئاق خەسە، قەغەز، شىلىم، ناۋات، جىيەك، قېلىپ، پىلتىكۈچ، گۈل نۇسخا تامغىسى( ئويما) قاتارلىقلار.
كۆپ قىسىم دوپپىلار قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئايرىمىسى بويىچە تۆت نوختا ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆز ئارا جىپسىلاشتۇرۇش، يۈرۈشلۈك شەكىل، ئەڭ ئاخىرىسى قارا جىيەك تۇتۇش، ھەمدە قاتلاشقا ماسلاشقان بولۇپ، ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، بەش گۈل بەرگىسى(بەش بۇرجەكلىك) شەكىللىك دوپپىلارنى ئاز ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما سانى بەك ئاز. دوپپا نۇسخىسىنىڭ جىيەك شەكلى كۆپ خىل ، نۇسخىلىرى ئۈزگىچە بولۇپ ئادەتتە تۆت گۈل بەرگىسى چىكىلگەن ئايرىم شەكىلگە ئىگە بولىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستى بىلەن تۆت جىيەك سىممىتىرىك كىلىدۇ. نۇسخا قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن تەھلىل قىلساق كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ئىلماپ تىكىش، تۆشۈك تىشىپ تىكىش ئۇسۇللىرىدا بىر تەرەپتىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلمىغا بىر ياكى ئىككى نۇسخا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. بىر ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلما بىر گورۇپپا قىلىنىدۇ. نۇسخىسى ئىنچىكە ۋە زىچ تىكىلىدۇ. تەگلىك تۇتۇقراق رەخىتلەردىن تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ تەگلىك رەڭ بىلەن گۈل رەڭىگى روشەن پەرقلىنىدىغان قىلىنىپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ ھەممە يىرىگە گۈل چىكىلگىنى چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىدۇ.
بادام دوپپا - گۈل نۇسخىسى بولسا بادامنى ئاساسىي شەكىل قىلغان بولىدۇ. يەنە قوشۇمچە گۈل چۈشۈرىلىدۇ. بۇ خىل دوپپىنى كۆپرەك ئەرلەر كىيىدۇ. ئادەتتە قارا تەگلىك ئاق گۈللۈك نۇسخىسىدا بولۇپ، شەكلى كۆپ، ئۆزگىرىشچان. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ رەڭگى ئاددىي ھەم قەدىمىي ئۇسلۇپتا، كۆركەم، نەپىس، چىرايلىق. بۇنى ئادەتتە بادام دوپپا دەپ ئاتايدۇ. بۇخىل دوپپا شىنجاڭدىلا ئەمەس ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ كەڭ تارقالغان.


ئون ئىككى تاع تورى
[ بۇ يازمىنىilimدە2012-04-28 13:06قايتا تەھرىرلىدى ]
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-04-28 12:53 |
subhan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6612
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 365 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 217 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 217 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 101(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

                           مۇشۇ ئىپادىلەر چېغىدا بېشىدىن دوپپىسىنى چۇشۇرمەيۋاتىدۇ ، بىزمۇ شۇنداق قىللى !
lutun
تىلى ھەسەل دىلى زەھەر ....
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-28 15:14 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 259
شۆھرەت: 1378 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1392 سوم
تۆھپە: 813 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 813 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 190(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ ھازىر موشۇ توغۇرلۇق بىر تېما يولاي دىگەن ئىدىم. لېكىن ئىلىم دوستىمىز بالدۇر چىقىپتۇ. بۇلتۇر دوپپا بايرىمىنى بىلەلمەيلا ئۆتكۈزۋېتىپتىكەنمەن. بۇ يىل شۇ توي ۋە ھازىدىلا كىيىدىغان دوپپامنى چوقۇم دوپپا بايرىمىدا كىيىمەن. بۇ قېتىمدىن باشلاپ دوپپىنى قەدىلەپ كىيىشنى ئۆزەمگە ئادەت قىلىمەن.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-28 16:07 |
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1057
شۆھرەت: 6816 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 6925 سوم
تۆھپە: 3819 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3883 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1548(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دوپپا بايرىمى كۈنى مەن بىلەن بىرلىكتە رەسىمگە تارتىشقا چىقىدىغانلار
328451737 نى قوشۇۋېلىڭىزلار .
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-28 16:24 |
polat315
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4793
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 348
شۆھرەت: 2059 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2087 سوم
تۆھپە: 1213 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1235 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 280(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دوپپا بايرىمى كۈنى ھەممە ئۇيغۇر يارىشىملىق دوپپىلىرىنى كىيىپ يولغا چىقساق...ئۇيغۇر ماكانى گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەندەك،يېڭى بىر دۇنيا شەكىللەنگەندەك بولاتتى....
simfoniya
بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كېلىدىغىنىغائىشىنىمەن.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-29 13:25 |
kvzatkvqi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6364
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 46
شۆھرەت: 240 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 240 سوم
تۆھپە: 142 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 142 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 67(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن  بۇ  بايرامدا دوپپا  كىيىشتىن  قورقىمەن .چۈنكى ئەتراپىمدا بۇ  بايرامنى  بىلىدىغانلار يوق  دىيەرلىك.  مەن  ئۇلارغا بۈ گۈننىڭ  بايرام  كۈنى ئىكەنلىكىنى بۈلدۈرۈپ  بولغۇچە ئۇلار  كۆڭلىدە' يىقىنلىرىمنى'  ئۆلتۈرۈپ  ماتەمگەچۈكىشى  مۇمكىن. كاشكى دوپپام  مەكتەپ  فورمامنىڭ  بىر  قىسمى  بولسىچۇ ! كاشكى  ئۇنى كىشىلەر كۆزىدە  مەڭگۈلۈك كۈرنۈشكە   ئايلاندۇرالىغان بولسامچۇ!
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-29 13:54 |
amatjan
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6089
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 31
شۆھرەت: 155 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 155 سوم
تۆھپە: 93 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 93 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دوپپىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ بېشىدىن چۈشۈرمەي كېيىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمەن ،بۇرۇنلاردا بىزنىڭ يۇرىتتا ئېمام مەسجىدتەبىشڭلارغا سەللە كېيىپ ناماز ئوقۇڭلار دەپ شۇنچە كايىسىمۇ قۇلاق سالدىغانلاربەك ئاز ئېدى ،مانا بۇ كۈنلەرگە كەلگەندەمەسجىدتە ئېمام  بىلەن مۇئەززىندىن باشقا ئادەمنىڭ سەللە كېيىشىنى چەكلىدى ،سەللىلەرنى يىغدۇرىۋەتتى ،ئەمدى دوپپىىزمۇ شۇ كۈنگە قېلىشتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دوپپىنى بېشىمىزدىن چۈشۈرمەيلى .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-29 18:27 |
koygandengiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6375
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 71
شۆھرەت: 355 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 355 سوم
تۆھپە: 213 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 213 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 99(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   قارىغاندا سىلەردە خېلى ئەركىنچىلىك ئوخشايدۇ . غۇلجاشەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 2012 - يىلى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يەنى تۈنۈگۈن ئەتىگەن مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 6 - قەۋەت يىغىن زالىدا يىغىن ئېچىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا دوپپا يايرىمىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دوپپا كىيىشىگە بولمايدىغانلىقى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىينىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىملىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى . كىيىنىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭلار دىگەن گەپ ، ئوقۇغۇچىلارنى دوپپا كىيگۈزمەيسەن دىگەن گەپ . بولتۇرمۇ شۇنداق بولغان . ھەتتا مەكتەپنىڭ ئالدىغا مەخسۇس دىجۇرنى تۇرغۇزۇپ ، دوپپا كىيگەن بالىلارنىڭ بېشىدىكى دوپپىلارنى يۇلۇپ تاشلاپ ، خېلى جىدەل ئوينىغانتۇق . قارىغاندا بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بۇلارنىڭ سەزگۈرلىگى بۇ يىل تېخىمۇ ئېشىپ كېتىپتۇ .
قېنى بۇ مەسىلە بىزنىڭ مۇنازىرە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىكەن ، داۋاملاشتۇرۇپ ، تۆۋەندىكى نۇقتىلار بويىچە مۇنازىرە قىلىپ باقايلى :
1 - دوپپا يايرىمى قانداق كېلىپ چىققان ؟
2 - بۇ قانۇنلۇق بايراممۇ ؟
3 - قانۇنلۇق بايرام ئەمەس دىگەن تەغدىردىمۇ ھەر شەكىللەر ئارقىلىق ئويغۇرنىڭ دوپپىسنى چەكلەشنىڭ قانۇنىي ئاساسى بارمۇ يوق ؟!
4 - ئەگەر ھەقىقەتەن چەكلەنسە قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟
   ئەزىز تورداشلار يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلىغانلىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققان بولساڭلار !
    ئۇندىن باشقا بىزنىڭ  ئەلباشىمىز يولداش نۇر بەكرى مۇشۇ دوپپا مەسىلىسىدە ، ئۆز پىكرىنى قويۇپ باققان بولسا ، زادى ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسى كىمنىڭ نەرىگە پوتلاشتىكىن ؟!
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-30 13:06 |
uyghurizlari
ئۈزەمنىڭ تاللىغان يولۇمنىڭ توغۇرلۇقىنى ھامان بى ..
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 296
شۆھرەت: 1578 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1595 سوم
تۆھپە: 936 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 941 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 206(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

      ئاللاھ خالىسا مۇشۇ بايرامنى ئەترا پىمدىكى يىققىن دوسلۇرۇمغا تەشۋىققىلىمەن .شۇ كۈنى پەخىرلىنەرلىك ھالدا مىللىي دوپپامنى كىيىمەن ......بۇلسا مۇشۇ بايرامنى تەشۋىق قىلىپ قويايلى .ئەترا پىمىزدىكى ئادەملەرگە .................
    دوپپا قانۇنلۇق بايراممۇ؟
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-04-30 19:41 |
boghda
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6901
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 44
شۆھرەت: 223 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 231 سوم
تۆھپە: 134 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 135 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 52(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بالىلارنى بۇنداق چەكلىسە،پۈتۈن ئوقۇغۇچىلار شۇكۇنى مەكتەپكە بارمىسىلا بولدى.ئۇنىڭلىققا مەكتەپنى تاقۋىتەلەمتى؟تاقۋەتسە خوپ بولغىنى رەزىل سېسىق نامى بىراقلا چىقىپكىتەتتى.
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-01 19:28 |
iwirghol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 110
شۆھرەت: 600 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 601 سوم
تۆھپە: 352 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 356 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 434(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مانا مەن دوپپا كىيىپ كوچىغا چىقىمەن،ئەگەر بولسا بىرنەچچەيلەن بىرلىشىپ چىرايلىق چاشما دوپپىلىرىمىزنى كىيىپ بىللە كوچا ئايلانساق بەك ياخشى بولاتتى.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-02 00:51 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە