saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1050 قېتىم كۆرۈلدى
muammar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6060
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 275 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 285 سوم
تۆھپە: 152 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 152 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 سىياسىي  ئىدراك ۋە سىياسىي تۇرمۇش

سىياسىي  ئىدراك ۋە سىياسىي تۇرمۇش
 
مۇئاممار ئۇلۇغيار
 

1.              سىياسىينىڭ ماھىيىتى

«سىياسىي» دىيىلسە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىپ چۆچۈپ كەتمەڭ، ھەم تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان سىرلىق دۇنيا دەپ يىراق داجىماڭ. ئۇـــ ئەسلىدىنلا ئاز بىرقىسىم ئىنسان كۆپ ساندىكى ئىنساننى ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن ئاددىي، ئەمما ئىنتايىن «يولسىز» ۋە «تەڭدىشى يوق رەزىل» قىلمىشنىڭ ئومۇمىي ئاتالغۇسى. «سىياسىي=رەزىللىك»، «سىياسىي=سۈيىقەست»...خۇددى دانالار ئەيتقان «جەننەت قىلىچىنىڭ سايىسىدە، مەن ھۆكۈمران بولدۇم»، «قىلىچنىڭ دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر تىغىغا دۇچ كېلىسەن»، دىگەندەك، ئەنە شۇ رەھىمسىز قىلىچنىڭ دەل ئۆزى سىياسىينىڭ سىمۋولىدىن ئىبارەت. ئەپسۇس، بۇگۈنكى كۈندە سىياسىينىڭ سىرتمىقىدىن ئازات ياشاۋاتقان بىرمۇ ئىنسان يوق دىيەرلىك...يەنى، سىياسىي ـــ ھازىر جاھاندىكى 7 مىليارت ئىنساننىڭ ياشاش ھوقۇقىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋاتقان، ئىنتايىن قۇدرەتلىك، كۆرۈنمەس،... ئەمما ھەقىقەتەن تولىمۇ رەزىل بىر قولدۇر. جۈملىدىن سىز ۋە مەن بۇ كۆرۈنمەس رەزىل قولنىڭ ئسكەنجىسىدە ياشاۋاتىمىز، كېيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزمۇ يەنە شۇ قولنىڭ ئىسكەنجىسىدە ياشايدۇ...

 

2.              سىياسىي ئىدراك ۋە ئۇنىڭ «تومۇرى»

خۇددى جاھاندىكى نۇرغۇنلىغان تەقدىرداش ئاجىز توپلارغا ئوخشاش، قەۋمىمىز ئۆزىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەۋجۇتلۇق تارىخىدا، ئاشۇ رەزىل ئاتالغۇ ـــ «سىياسىي»نىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا تېنەپ-تەمتىرەپ، قېقىندى-سوقۇندى بولۇپ، ھوقۇقسىزلىق ۋە چارىسىزلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ، مۇڭسىرىغان ھايات مۇقامىنى ئەجداتتىن-ئەۋلاتقا ئۇلاپ داۋام ئېتىپ كەلدى...شۇڭا بىزنىڭ تۈگىمەس غېرىۋانە ناخشىلىرىمىز، ئاھۇ-زار ۋە تەقەززا-تەشنالىق بىلەن تولۇپ كەتكەن مۇڭلۇق كۈي-مۇقاملىرىمىز جاھان ئەھلىنى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرماقتا...

بىر قەۋم ئۈچۈن ئېيتقاندا، «سىياسىي» ۋە ئۇنىڭ «جان تومۇرى»نى تونۇشتىن ئىبارەت ئىدراك قىلىش جەريانى ھەقىقەتەن كەم بولسا بولمايدۇ، بولۇپمۇ بۈگۈنكى دەۋردە تېخىمۇ شۇنداق. ئەجداتلىرىمىز توپان بالاسىدىن بۇرۇن ۋە كېيىنكى يىراق ئۆتمۈشتە نىمە قىسمەتلەرنى بېشىدىن كۆچۈردى، بۇنىسى بىزگە نامەلۇم. ئەمما ئوتتۇرا ئەسىردىكى چىڭگىزخان ئىستېلاسىدىن كېيىن باشلانغان قان-ياشلىق تارىخىمىز ھىلىمۇ ئۆزىنىڭ خۇن ھىدىنى دىماغلىرىمىزغا توختىماي پۇرىتىپ، گويا قەبرىستانلىقتەك ئېچىنىشلىق ۋە ئېغىر تىمتاس سۈكۈناتقا پاتقان روھىي دۇنيارىمىزنى ئەسىر قىلىپ كەلمەكتە...بۈگۈنكى جاھاندا، مۇتلەق كۆپ قىسىم قەۋملەر ئۆز ھاياتلىغىنى داۋام ئېتىش ئۈچۈن تۈرلۈك تۈمەن چارە ئاماللارنى ئىزدەپ تېپىپ، توختاۋسىز قان-تەر ئاققۇزىۋاتقان ۋە «سىياسىي»دىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز ئەمما تولىمۇ كۈچلۈك بولغان قورالدىن شەپقەتسىزلىك بىلەن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ يېتىمسىرىغان غېرىپ قەۋمىمىز تېخىچە ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان مەنىۋىي دۇنياسىنى چىرماپ كېلىۋاتقان مەھكۇملۇق، قورقۇش، ئىسەنكىرەش، ئۆزئارا ئىشەنمەسلىك، ئۈمىدسىزلىك...ئىسكەنجىسىدە، سىياسىيدىن ئىبارەت بۇ ھوقۇق ۋە «ئۈنۈملۈك چارە»نىڭ «جان تومۇرى»نى تاپالماي، ياكى بىخۇدلۇق ئىلكىدە ئېسىگىمۇ كەلتۈرەلمەي، شۇ رەزىل «سىياسىي»نىڭ سۈيىقەست بىلەن تولغان شەپقەتسىز رامكىسىدا ئۆزىنىڭ تەڭكەش-تارازىسى ۋە مۇناسىپ ئورنىنى يوقاتقاچقا، دەھشەتلىك «زىقلانغان» چاغلىرىدا چۆچۈپ قوپۇپلا قارغۇلارچە جان تالىشىپ-تىركىشىپ، تېخى بىلىپ-بىلمەيلا پۈتۈن قەۋم بويىچە تولىمۇ ئېغىر ۋە ياراشمىغان «ئاشقۇن» ۋە «بۆلگۈنچى» قالپىغىنى كىيىپ، تېخىمۇ بەتتەر يېتىم ۋە قېقىندى-سوقۇندى بولۇپ، يەنىمۇ شىددەتلىك چۆكۈشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ قالدى...

ھالا بۈگۈنكە كەلگەندە، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان «جاھان ئاسمىنى»نى قاپلىغان رەھىمسىز «سىياسىي»نىڭ قارا لىچەكلىرى بىر-بىرلەپ يىرتىلىپ، ئۆزىنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاستا-ئاستا ئاشكارە قىلماقتا...ئەمدى بۇ ئاجىز توپ، گاڭگىرىغان كاللىسىنى چوقۇم قاتتىق سىلكىپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئەسلىدىنلا ئۆزلىرىمۇ سەزمىگەن ھالدا باغلىنىپ سۆرىلىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ «سىياسىي»نىڭ «جان تومۇرى» ۋە يىپ ئۇچىنى ئەقىل كۆزى بىلەن ئىزدەپ تېپىپ، زاماننىڭ ماقامىغا لايىقلاشقان سىياسىي ئىدراكقا ئىگە بولۇشى، ھەم شۇنداقلا «سىياسىي»دىن ئىبارەت بۇ «تەڭداشسىز» قورالنىڭ سېپىگە ئېسىلىپ، توختىماي چورگىلەۋاتقان جاھان گەردىشلىرىنى مەھكەم تۇتۇپ، ئەجدات كۈيلىرىنى ئەۋلات قۇناقلىرىغا ئۇلاشلىرى تولىمۇ تەخىرسىز ۋە ئاداققى تاللاش يولى بولۇپ قالدى.

سىياسىي ئىدراكنىڭ «جان تومۇرى» ۋە يىپ ئۇچى زادى نەدە؟

ـــ ئۇ ئالدى بىلەن قانداش ۋە تەقدىرداش ئىنسانلار توپىنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقىدا؛

ـــ ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ «تەقدىر» ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان شېرىكسىز ھاياتنى،  بارلىق مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن سۆيۈشىدە، قوغدىشىدا، يېتەرلىك دەرىجىدە قانائەت ۋە تەسكىن تاپقۇزۇشىدا؛

ـــ ئۇ بىر ئەۋلات ئىنساننىڭ بارلىغىنى بېغىشلاش بەدىلىگە ئۆزلىرى ۋارىسلىق قىلغان ۋە ياراتقان ھەق-ھوقۇقلارنى قوغداپ، كېيىنكى ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن نىجاتلىق يولى ئاتا قىلالىشىدا...

ـــ ئۇ ھەرقايسى ئىنسانلار توپىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، بىر-بىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە بىر-بىرىنى سۆيۈشىدە...

ئەمما ئەمەلىيەت ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، نورمال سىياسىي ئىدراك بىلەن ئەمەلىي ئېقىۋاتقان «سىياسىي» بىر-بىرىگە زادىلا ئوخشىمايۋاتىدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى، ئازغىنە ئىنسان كۆپ قىسىم ئىنساننىڭ شىللىسىگە مىنىۋېلىپ، ئىككى پۇتىنى ساڭگىلىتىپ ئېشەك قىلىپ بوزەك ئېتىشى تۈپەيلى، ئىنسانىي ئىدراكنىڭ تەركىۋى قىسمى بولغان «ئەسلىي تۆرەلمە»ـــ سىياسىي ئىدراك سىياسىي ئەمەلىيەتكە ئايلىنىش جەريانىدا، ئۇنىڭغا «جىن پاپلىشىپ»، «سىياسىي=رەزىللىك» تىن ئىبارەت سۈلھى تەلەپ قىلمايدىغان رىيالىزىم ئاپىرىدە بولغان ئىكەن...

 

3.              زاماننىڭ تەقەززاسى ۋە سىياسىي تۇرمۇش

زامانىمىزدا، جاھان ۋە رايۇن نوپۇسلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، بايلىق سەرپىيات سىجىللىقىنىڭ تېز ئېشىشى ۋە بايلىق تالىشىش كۈرىشىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، مەيلى ھەرقانداق بىر ئىپتىدائىي «ئېتنىك مىللەت» ياكى مۇئەييەن دائىرىدىكى ھۆكۈمدار «سىياسىي قەۋم» بولسۇن، پۈتۈن جاھانغا يامراپ كەتكەن ئاچكۆزلۈك ۋە خىرىس بىلەن گىرەلىشىپ كېتىۋاتقان ئومۇمىي «سىياسىي» تۇرمۇشنىڭ قاينىمىغا شۇڭغۇشقا مەجبۇر بولماقتا...گەرچە ئىنسانىيەتنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدىكى كەڭ-كۆلەملىك ئىزدىنىش-تەتقىقاتلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جاھاندىكى ھەرقايسى مىللەت ۋە قەۋملەر ئۆزئارا يىلتىزداش، قانداش ئىكەنلىگى تەدرىجى ھىس قىلىپ يېتىلگەن بولسىمۇ، بۇ خىل ھىس قىلىش ئىنسانلارنىڭ ياشاش يولىدىكى مەنپەئەت تالىشىش كۈرىشىنى بېسىقتۇرۇشقا تولىمۇ ئاجىز كەلمەكتە...

ئەستايىدىل كۈزىتىدىغانلا بولساق، ئىنساندىن ئىبارەت بۇ ئىككى پۇتلۇق مەخلۇق، مەيلى قۇرساق بېقىپ ھايات كەچۈرۈشتە بولسۇن، مەيلى كۆپىيىپ ئەۋلات قالدۇرۇش تۇرمۇشىدا بولسۇن، ھەرگىزمۇ ھەرقانداق بىر بەتبەشىرە ھايۋاننىڭ خىلى بولالمايدۇ... چۈنكى بۇ ئازغۇن ئىنسانلار «تەڭرى» ھىچبىر بەدەلسىز ئاتا قىلغان تەڭداشسىز ئەقىل ئىدراكنى شەرمەندە قىلىپ، ئەسلىدىنلا «ھەمكارلىق»تىن ئىبارەت بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىينى «شەپقەتسىز رەزىللىك» قىلىپ ئۆزگەرتىۋالغان ئىكەن...

شۇڭا، ھەرقايسى ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەردىكى ئۇلۇغۋار چاقىرىقلار ۋە غايە-ئېتىقاد مۇقاملىرى ئۆز نۆۋىتىدە سىياسىيلاشقان پەلسەپەنىڭ ۋارىيانتلىرى بولغان «دىن»، «ئىزىم»، «ئىدىيە»، «نەزەرىيە»، «سۈلۈك»...لەر شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەرقايسى جۇغراپىيىلىك دائىرىلەردىكى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر گۇرۇھ ئىنسانلار ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن توقۇپ چىققان «قانۇن»دىن ئىبارەت كۆرۈنمەس تور ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىنساننى ئىدارە قىلىپ، ئۇنىڭغا شۇ «قانۇن»نىڭ ئۆزىدىنمۇ ئۈستۈن ھەم كۈچلۈك ئىجراسى بولغان تەشكىللىك يوشۇرۇن ھەرىكەتلەر ۋە پىلان-سۈيىقەستلەر بىلەن «ئەبەدىي كاپالەت» سېپىلى سوقۇپ، ئۆزئارا زىيانكەشلىك ۋە دۈشمەنلىك قىلىپ ياشاپ كەلدى...زامانىمىزغا كەلگەندە، بۇ خىل «سىياسىي» جاھانسازلىق تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى مودا پۇراقلىرى بىلەن شىددەتلىك ئاينىپ، ھەر بىر ئىنساننىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشى ۋە ھاياتىغا تەڭداشسىز دەرىجىدە «دەخلى-تەرۇز» قىلىپ كەلمەكتە...

دىمەك، سىز ۋە مەن پۈتۈن تۇرمۇشىمىز ۋە ھاياتىمىزنى يوشۇرۇن ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان «سىياسىي»دىن ئىبارەت بۇ ئويۇننىڭ ئىچىدىمىز. ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىقىشقىمۇ، ئۇنى تەرك ئېتىپ تاشلاپ قېچىشقىمۇ ئامالىمىز يوق...سىياسىي تۇرمۇش تارىخ تەرىپىدىن بىزگە زورلاپ تېڭىلغان «ماركا» ۋە «ئۆلچەم». ئەمدى بىز شۇ «ماركا» ۋە «ئۆلچەم» ئىچىدە ئۆز يولىمىزنى تېپىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، «ئېتنىك قەۋم» ھالىتىدىن ھالقىپ «سىياسىي قەۋم» ھالىتىگە ئۆتمىسەك، ئۈزۈل-كېسىل يوقىلىدىغان پەيتىمىز يېتىپ كەلدى...مانا بۇ سىياسىي تۇرمۇش. گەرچە «سىياسىي» شۇنچە رەزىل بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئويۇن قائىدىسى ئىچىگە كىرىپ قالغان(كىرمەيمۇ ئىلاجىمىز يوق) ئىكەنمىز، خۇددى «ئىشەكنىڭ گۆشىنى ئىتنىڭ چىشىدا ئەيلە» دىگەندەك، دەل شۇ «رەزىل» سىياسىي تۇرمۇشقا ئىشتىراك قىلىش ئارقىلىقلا ئۆز مەۋجۇتلۇغىمىزنى ساقلاپ قالالىشىمىز مۈمكىن، بولمىسا ئىككىنچى بىر خىل تاللاش يولى ـــ ئۈن-تۈنسىز ھالدا ھالاكەتنى كۈتۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس...

 

4. سىياسىي تۇرمۇشنىڭ ئويۇن قائىدىسى

ھازىرقى زاماندا، سىياسىي تۇرمۇشنىڭ «ئويۇن قائىدىسى» گويا «36 تەدبىر»...دىگەندەك تۈرلۈك تۈمەن شەكىلدە مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇلارنى چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكى 9 تۈرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:

(1) كىم-كىمنى ئىدارە قىلىشى كېرەك؟ بۇ سەھنىدە سىزنىڭ ئورنىڭىز نەدە بولۇشى كېرەك، بۇ ئورنىڭىزنى قانداق قىلىپ* (يەنى بارلىق ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن ھالدىكى «كېلىشىم»، تەدبىر-ستراتېگىيە، ھىلە-تاكتىكا، سۈيىقەست-توزاقلار ۋە «قوغدىنىش» ۋاستىلىرىڭىزنى ئىشقا سېلىپ...)  يۇقۇرى كۆتۈرەلەيسىز ۋە قوغداپ قالالايسىز؟

(2) سىز ۋە قەۋمىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئىجازىتى ۋە دەخلىسىدىن خالى ھالدا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەق-ھوقۇقلىرىڭىز قايسىلار؟ ئۇنى قانداق قىلىپ* (...يۇقارقى بىلەن ئوخشاش) كاپالەتكە ئىگە قىلالايسىز؟

(3) قەۋمىڭىزنىڭ ۋە سىزنىڭ باشقا توپلار بىلەن «تىنىچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ئورتاق گۈللىنىش» جەھەتتە ئىمزالاشقان ۋە سىز چوقۇم ئەمەل قىلىشقا ۋە نازارەت قىلىشىڭىزغا تېگىشلىك بولغان «كېلىشىم» نىمە؟ ئۇنىڭغا ئەمەل قىلالىدىڭىزمۇ؟

(4) دۆلەتتىن ئىبارەت بۈيۈك توپنى تەشكىللىگەن چاغدا ئىمزالاشقان ئاشۇ «كېلىشىم»گە ئاساسلانغاندا، قەۋمىڭىز ۋە سىزنىڭ ئىنسانىيەت، دۆلەت ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولى نىمە؟ بۇ رولنى جارى قىلدۇرالىدىڭىزمۇ؟

(5) قەۋمىڭىز ياكى ئۆزىڭىزنىڭ باشقا ئىنسانلار توپى بىلەن ئىمزالاشقان يۇقارقىدەك «كېلىشىم»لىرىڭىزنى تەڭشەش زۆرۈرمۇ؟ قانداق تەڭشەيسىز؟

(6) سىز باشقا توپ ياكى ئۆز قەۋمىڭىز ئىچىدە ئۆز ئىرادىڭىزگە ۋەكىللىك قىلالىدىڭىزمۇ؟ كىمنى قايسى ئىشلاردا ئۆز ئىرادىڭىزنىڭ ۋەكىلى قىلىسىز؟كىم سىزنىڭ ھەقىقىي ئىرادىڭىز ۋە مەنپەئەتىڭىزگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ؟ ئىرادىڭىز ۋە مەنپەئەتلىرىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە مۇداخىلىدىن قوغداشتا، قانداق ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن ھالدىكى ئۈنۈملۈك «كېلىشىم»، ۋاستە، ستراتېگىيە، تاكتىكىلىرىڭىزنى ئىشقا سالالايسىز؟

(7) ئومۇمىي توپ ۋە قەۋم ئىچىدىكى «دارامەت» تەقسىمات قائىدىسى قانداق بولۇشى كېرەك؟ ئۇنى قانداق بېكىتىپ ئىجرا قىلىسىز؟

(8) قەۋمىڭىزنىڭ قوغداشقا تېگىشلىك مەدەنىيەت مەنپەئەتلىرى قايسىلار؟ ئۇنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرىسىز ۋە قوغدايسىز؟

(9) قەۋمىڭىزنىڭ تارىخىنى كىملەر يازىدۇ؟ قانداق خاتېرىلەيسىز؟...

 

5. «سىياسىي» بىزنى بەيگىگە چاقىرماقتا

يىراق-يېقىن ئۆتمۈشىمىزنى ئەسلەيدىغان بولساق، تارىختىن بۇيان ھەرقانداق بىر خىل ھاكىمىيەت ياكى ئىجتىمائىي تۈزۈم ئەجداتلىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز تۈردە «سىياسىي» تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا قاڭقىتىپ يۈرۈپ، بىرئازمۇ تىنىم تاپقۇزمىغانلىغىنى ئاچچىق پىغان بىلەن ھىس قىلىپ يېتىمىز. شۇنداق، مانا بۇگۈنكى كۈندىمۇ بىز تارىخنى ۋاراقلاپ بولغۇچە، تارىخ بىزنى ۋاراقلىماقتا...«سىياسىي» بوران-چاپقۇنلار بىزنى خۇددى يىلتىزىدىن ئايرىلغان قامغاقتەك توختىماستىن سۈپۈرۈپ، ئازگاللارغا تاشلىماقتا...سىياسىينىڭ سوغۇق شىۋىرغانلىرى ھۇشقۇتۇپ، بىزنى تىنىمسىز غىدىقلىماقتا...ئەنە شۇنداق ھەيۋىتى بىلەن، بىزنى تەڭسىز رىقابەت بەيگىسىگە چاقىرماقتا...بىز كۈچسىز، ئەمما شۇ  بەيگىگە چۈشۈشكە مەجبۇرى تارتىپ چىقىرىلىۋاتىمىز... بەلكىم بىز بەيگىگە چۈشۈشكە ھازىر بولۇشىمىز، «غەم قىلغۇچە پەم قىلىشىمىز» لازىمدۇر...قېنى بىزنىڭ سىياسىي فاكۇلتېتلارنى پۈتتۈرگەن داڭدار «سىياسىيون»لىرىمىز؟ ئەمدى «سورۇن» سىلەرنىڭ...

ـــ بەلكىم رەزىل «سىياسىي» دۇنيادىن يوقالغان كۈنى، دەل رەھمەتلىك ماركس ئارزۇ قىلغان «كوممۇنىزم» قۇرۇلغۇسى...

 
 
2012-يىلى 23-مارت.
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-03, 00:51
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-02 17:07 |
mingyol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1923
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
تۆھپە: 41 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 41 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 126(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تېمىغا ئىنكاس يازساق تېمىدا دىيىلگەندەك سىياسىي بوران چاپقۇننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ كېتىمىز دەپ قورقۇۋاتامسىلەر ؟
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 08:30 |
muammar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6060
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 275 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 285 سوم
تۆھپە: 152 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 152 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىاسىي مىللەت بولۇشنىڭ ئۆلچىمى نىمە مۇتەخەسىسلەرنىڭ چۈشەنچە بېرىشىگە تەقەززامىز...
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-21 00:40 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە