saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 749 قېتىم كۆرۈلدى
muammar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6060
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 41
شۆھرەت: 275 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 285 سوم
تۆھپە: 152 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 152 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 45(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ساپا كىرىزىسى

«ساپا مائارىپى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن
پارتلىغان ساپا كىرىزىسى
 
(مۇئاممار ئۇلۇغيار)
 

    رايۇنىمىزدا، كەڭ ئاز سانلىق مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن ئۇدا ئون نەچچە يىل زور كۈچ بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «ئىككى ئاساسەن»، «ساپا مائارىپى» ۋە «قوش تىل ئوقۇتۇشى»نى يولغا قويدى. نۆۋەتتە يەنە تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مائارىپنى پەيدىن پەي ئومۇملاشتۇرۇش، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت-ئوبلاستتا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش سىتراتېگىيىسىنى يولغا قويۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى، جۈملىدىن كەڭ ئاز سانلىق مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بېشىغا قونغان ئامەت قۇشى دىسەك بولىدۇ. يۇقارقى مائارىپ قۇرۇلۇشلىرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مائارىپ ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مائارىپقا مىسلىسىز زور مەبلەغ سېلىنمىلىرىنى ئاجرىتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دېتال شارائىتىنى ماس قەدەمدە ياخشىلاپ، رايۇنىمىز مائارىپ تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتتى. پۈتۈن جەمئىيەتتە يەنە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە پۇخرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇھىتنى زور دەرىجىدە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىگىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە غەربىي رايۇننى كەڭ-كۆلەمدە ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ شەرق شامىلىدا، جەمئىيەت ئىقتىسادى كۈندىن-كۈنگە گۈللىنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسى پەيدىن-پەي ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشقا باشلىدى. كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسۈپ، مۇئەييەن كاپالەت مېخانىزمى شەكىللەندى.

    مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىت ئاستىدا، رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ساپاسى(غايە-ئېتىقادى، مەسئۇلىيەت قارىشى، تۇرمۇش قارىشى، كىشىلىك ئەخلاق-پەزىلىتى، روھىي قىياپىتى)، بىلىم-ساپاسى(كەسپىي تېخنىكا ياكى ئاساسىي بىلىم-سەۋىيەسى) ، خاسلىق ۋە ئىقتىدار-ماھارەت تېرەنلىكى جەھەتتىن ئالغاندا، ھەرقانداق بىر مائارىپچىنى ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇرماقتا، چوڭقۇر ئويغا سالماقتا ۋە ئاچچىق ئېچىندۇرماقتا...بۇ ئەھۋال ئاز سانلىق مىللەت مائارىپ رىياللىقىدا ھەممىدىن گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە.

    رايۇنىمىزدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئومۇمىي ئەھۋالى زادى قانداق؟ مائارىپ ئەمەلىيىتىدە، بولۇپمۇ مائارىپ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىدە قانداق بۇرۇلۇش ياكى يېڭى ئەھۋاللار مەۋجۇت؟ مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى(مائارىپ تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىشى)، مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش ۋە تەڭشەش مېخانىزمى مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ھەر بىر ئىنساننىڭ ئىچكى ئېھتىياج تەقەززاسىغا ئۇيغۇنمۇ-ئەمەسمۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنى ئەمەلىي ئويلىشىپ، تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىدىغان جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، مەسئۇلىيەت مېخانىزمى ۋە بۇنىڭغا جۈرئەت قىلىپ ئېغىز ئاچالايدىغان بىرمۇ مائارىپچى چىقالمىدى. ئاز سانلىق مىللەت مائارىپچىلىرى تېخىمۇ شۇنداق. رايۇنىمىزدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان كەڭ-كۆلەملىك ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئىسلاھات دولقۇنىدا، مائارىپنى ھەقىقىي مەنىدىكى مائارىپچىلار ئەمەس، بەلكى زامانىسىغا لايىقلاشقان،  «مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش» غايىسى بىلەن كۈچلۈك قوراللانغان ئىنتايىن «سول»چىل سىياسەتۋازلار ۋە پەردە ئارقىسىدىكى سودىگەرلەر باشقۇردى دىسەك ھەرگىزمۇ رىياللىقتىن ھالقىپ جۆيلىگەن بولمايمىز. ئەمەلىيەتتە بۇنى ھەممە ئادەم بىلىپ يەتكەن ئاشكارە رىياللىق بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە، رايۇنىمىز مائارىپى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت مائارىپى كىم قانداق باشقۇرغۇسى كەلسە شۇنداق باشقۇرىۋېرىدىغان، ئەسلىدىنلا ھىچقانداق سۈپەت شەرتى قويۇلمايدىغاندەكلا قالايمىغان باشقۇرىۋېرىدىغان، ئىنسان تەبىئىتىدىكى تەلىم-تەربىيىنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىش پىسخىكىسى ۋە قوبۇل قىلىشتىكى ئىقتىدار چەكلىمىسى ھىچكىمنىڭ نەزەرىگە ئىلىنىپمۇ قويمىدى. دەرسلىك مەزمۇنىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى، دەرس تۈرى ۋە ئۇنىڭ مىقدارى، ئوقۇتۇش-ئۈگۈنۈش ۋاقتىنىڭ تەقسىملىنىشى، ئۈگۈنۈش، دەم ئېلىش ۋە ئوزۇقلىنىشتىكى دىئالېكتىك قانۇنىيەت ئاللىقاياقلارغا چۆرۈپ تاشلاندى. ئوقۇغۇچىلارغا ئۈگىتىۋاتقان مەزمۇن ئۇلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدا ئەمەلىي كۆرۈۋاتقانلىرى بىلەن بارا-بارا ماس كەلمەي قالدى. دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش جەريانى جەمئىيەتتىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدەك كۆڭۈللۈك ۋە جەلپ قىلارلىق بولالمىدى. ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولمايۋاتقانلىغىنى ئوقۇغۇچىلار دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بولدى ۋە ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن مەقسەتلىك تەلىم-تەربىيە مەزمۇنىنى ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئىش ھەرىكىتىدىكى جاھاندارچىلىق، چاكىنىلىق ۋە ساختىپەزلىكنى ئۈگەندى. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ئىقتىدار ئىمكانىيىتى ۋە تەن-سالامەتلىكى بىلەن قىلچە كارى بولماي، ئۇلارنى چالا ئۇيقۇ، ئاچ قوساق، قاتتىق تىنجىق ياكى زەھەردەك سوغۇق، ئىچى پۇشۇق، ئىنتايىن زېرىككەن ھالەتتىلا رەھىمسىزلەرچە تۈرى زىيادە كۆپ، ۋاقتى ئىنتايىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان دەرس، سىياسىي ئۈگىنىش ۋە جىسمانىي ئەمگەككە سالغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشتىھاسى كۈندىن كۈنگە تۇتۇلۇپ، ئۇيقۇسى ئازلاپ، پىسخىك ئىنكاسى ۋە ئوقۇش نەتىجىسى چېكىنىپ، تەنقىد ئىشتىدىغان قېتىم سانى كۈنسېرى كۆپىيىپ، ئىسسىق-سوغۇقنى ۋە مېھرىي مۇھەببەتنى سەزمەس تىرىك مۇردىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ۋە ئائىلىنىڭ يۇقارقىدەك ئىستىخىيىلىك زوراۋانلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ(ياخشى ئوقۇسىمۇ ئىشقا ئورۇنلاشقىلى بولمايدۇ، ئىش تاپقان تەقدىردىمۇ بىرەر ئىشتا باش بولۇپ ئۆز ئىرادىسىنى نامايەن قىلغىلى بولمايدۇ دىگەن قاراش، ھىچكىم ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمىسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىجتىمائىي رېئاللىق تەرىپىدىن ھەممە ئادەمنىڭ ئورتاق ئىنكاسى بولۇپ كەتكەن)، ھىچبىر مەقسەتسىزلا ئۆيدىن چىقىپ كېتىدىغان، مەكتەپتىن قېچىپ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىۋالىدىغان، بىھۇش دورىسىنى بولۇشىغا يەۋېلىپ پاڭ بولۇپ ئۈگدەپ ئوتۇرىدىغان، ھىچنىمىنى ئويلىغۇسى، ھىچبىر ئىشنى قىلغۇسى كەلمەيدىغان قىلىۋەتتى. گەرچە ئىنتاين ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۇقۇمۇشلۇق ئاتا-ئانىلىرىنىڭ تەسىرىدە چىشىنى چىشلەپ تىرىشىپ ئۈگىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ئىقتىدار چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن ئوقۇش يۈكى، ئىنتايىن ساناقلىقلا قالغان بۇ خىل ئاۋانگارتلارنىمۇ ئۇزۇنغا قالماي ھالسىرىتىپ قويۇۋاتىدۇ. مەلۇم ناھىيە بازىرىدىكى نۇقتىلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئالغا ئىنتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ماتېماتىكا دەرسىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكىنى ئامالسىز 15 نومۇرغا چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. مانا بۇ ۋىلايەت بويىچە ھەممىدىن كۆپرەك تىلغا ئېلىپ ماختىلىپ كېلىۋاتقان بىر ناھىيىنىڭ ھەر تۈرلۈك «ساپا مائارىپى»نىڭ بۈيۈك «غەلىبىسى»!

    مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىمىز ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە مۇقىملىق ئاۋىئاماتكىسىغا ئولتۇرۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى ۋە سىياسىي ئىدىيىۋى قۇرۇلۇش كۈرىشىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرماقتا. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلايدىغانغا ئۇلارنىڭ نەدىمۇ چولىسى تەگسۇن!

    مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە غايەت زور كۆلەمدىكى مەكتەپ رەھبەرلىك كوللىكتىۋىنىڭ ئىدىيىنى يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلتۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئوقۇتقۇچىلار ئۆز مېڭىسىدىكى پىسخىك رېتىم ۋە خاسلىقىنى تەل-تۆكۈس يۇيۇۋەتكەن، مىسلىسىز ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي قاينامدا ھەتتاكى ئۆزلىرىنىڭمۇ پىسخىك تۇتقۇسىنى تاپالمايۋاتقان، ئىزدىگۈدەكمۇ ۋاقتى يوق(كۈندە چەكسىز قېتىم ئېچىلىدىغان يىغىن، سىياسىي ئۈگىنىش ۋە ئىنتايىن ئېغىر بولغان تاوشۇرۇق تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىسا بولمايدۇ) تۇرسا، نەدىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھال-ئەھۋالىغا، كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلەلىسۇن؟ ئەمەلىيەتتە باشقۇرغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىر پىسخىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان، پۈتۈن جەمئىيەت كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ھەقىقىي پىسخىك زەنجىرىنى يىتتۈرۈپ قويغان،...ھەقىقىي مەنىدىن ئېيتقاندا، جەمئىيەت رايۇنىمىز مائارىپىنى، بالىلارنى مەنىۋىي جەھەتتىن ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران قىلىپ تاشلىۋەتكەن تۇرسا، ئوقۇغۇچىلار دەرس ئۈگەنمىدى، دەرسكە قىزىقمىدى، بۇزۇلدى، كارغا كەلمىدى، جەمئىيەتنىڭ داشقىلىغا ئايلاندى دەپ ھاقارەتلەشكە ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق!. ھەقىقىي كارغا كەلمەيۋاتقىنى ــــ دەل مائارىپ قانۇنىيىتىنى تەرك ئەتكەن، تەلۋىلەشكەن مائارىپ تۈزۈلمىمىز، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىمىز، يۈكسەك دەرىجىدە بىرلىككە كەلگەن ۋە ئازغان مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىمىز، شىددەت بىلەن تېنىتىلىپ، نىمە قىلارىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان ئاشۇ روھىي كېسەل ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىمىز ۋە مۇشۇنداق مائارىپ شارائىتىدا  «چالا ساۋات» پېتى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مائارىپ قوشۇنىغا قېتىلىپ كېلىۋاتقان يېڭى «قان»لىرىمىز...ھىچقاچان «لاياقەتسىز ئوقۇغۇچى بولمايدۇ، بەلكى لاياقەتسىز ئوقۇتقۇچى بولىدۇ»، لاياقەتسىز مائارىپ بولىدۇ! ئاشۇ بىچارە بالىلاردا ھىچقانداق گۇناھ يوق!!! ئۇلارنىڭ «دۆتلىگى»، گۇناھى ۋە جىنايىتى دەل جەمئىيىتىمىزنىڭ گۇناھى ۋە جىنايىتى! ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، ئىسلاھات دولقۇنىدا تاشلىۋېتىلدى، ئۇلار ئىسلاھات-تەرەققىيات دەۋرىدىكى سىياسىي قۇربانلىققا ئايلىنىپ قالدى.

تەلىم-تەربىيە قانۇنىيىتىدىن ئازغان ۋە روھى ھالسىرىغان مائارىپ ئوچىقىمىزدا چالا پۇچۇق تاۋلىنىپ چىققان ئاشۇ بىگۇناھ ئىقتىدارسىز ئەمگەكچىلەر... (ئىچىم بەكلا ئاچچىق بولۇپ كۆزۈمگە ياش كېلىۋاتىدۇ) ... مەكتەپ پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئۆز دىپلومىغا لايىق نېسىۋىسىگە ئېرىشەلەرمۇ؟ ياق! پۈتۈن دۇنيا خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي رىقابەت دېڭىزىدا غۇلاچ تاشلاپ كېتىۋاتقان زامانىۋى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار بۇنداق «كېرەكسىز قان»نى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز! بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن ئاغرىنىشقا زادىلا ھەققىمىز يوق. ئاتا-ئانىلار ئاشۇ يۈرەك پارىلىرىنى بىر ئۆمۈر پايپېتەك بولۇپ تەربىيىلەپ يېرىم-ياتا قاتارغا قوشۇپ تاشلىۋېتىشكە كۆڭلى قويامدۇ؟-ياق! ئۇلار ئامالسىزلىق ئىچىدىن ئامال تاپىدۇ: كۆزى كۆرگەن، قۇلىقى ئاڭلىغان، قولىدىن كېلىدىغانلىكى ئاماللارنى قىلىپ بالىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي-كەسپىي ئورگانلىرى ياكى ئۇششاق كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ. «نالايىق قان»نى كىممۇ بىبەدەل قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ دەيسىز؟ ئەلبەتتە سانسىزلىغان كۆرۈنمەس بەدەللەر ئۈچۈن ئاشۇ ئاتا-ئانىلار يىلبويى ئاۋارە...بۇ «ئىش ئىزدەش ھەرىكىتى» دە مەغلۇپ بولغۇچىلار يەنىمۇ ئۈمىدسىزلىك ۋە خورلۇق ئىچىدە پۇچۇلۇنۇپ، ئاسانلا ناباپ يوللارغا مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ...مانا بۇ ـــ رايۇنىمىز مائارىپىنىڭ ئاخىرقى مېۋىسى.

ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئاز سانلىق مىللەت مائارىپ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مائارىپ مۇتەخەسىسلىرى ئەمەس بەلكى سىياسىي مۇتەخەسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان «قوش تىل»لىق ئوقۇتۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. گەرچە مەقسەت ئىنتايىن سەمىمىي ۋە ئۇلۇغ بولسىمۇ، ئەمما ھەتتا ئۆز ئانا تىلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئوقۇتۇش مەزمۇنىنىمۇ ئاڭقىرالمايۋاتقان ئاشۇ بىگۇناھ بالىلار يەنە تېخىمۇ مۇرەككەپ تەپەككۈر ئەندىزىسىنى، يەنە بىر ھەسسە ئارتۇق ئوقۇشلۇق ۋە ئۈگىنىش بېسىمىنى كۆتىرىپ قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ بۇ مائارىپ قانۇنىيىتىگە ۋە مائارىپ قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ئالدى بىلەن ئىنتايىن ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ ۋە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلۇنۇپ، ھەقىقىي ئىلمىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولغان مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىپ قاتمال ۋەزىيەتنى ئوڭشاش كېرەكمۇ ياكى قاتماللىق ئۈستىگە يەنە قاتماللىقنى زورلاپ تېڭىش كېرەكمۇ؟ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش مەشغۇلات يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، پىسخىك توسالغۇلىرىنى ئازلىتىپ، ئۇلارنى تۈگەل ساراڭ-تەلۋىلەردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈشنىڭ بالدۇرراق ئالدىنى ئېلىش كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە يول تۇتۇش كېرەكمۇ؟ مەن بۇ يەردە بۇ سوئالنى تەنتەكلىك بىلەن ئوتتۇرىغا قويغىنىمدىن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ روھىي بەربات بولۇپ پىسخىك تەڭپۇڭلۇغىنى يوقاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە پۈتۈن جەمئىيەت ئۈچۈن چەكسىز بالايى-ئاپەت بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قاتتىق ۋەھىمە ھىس قىلىۋاتىمەن...چۈنكى «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل بالايىئاپەتنى دەل ئاشۇنداق ئەس ھۇشىنى يوقاتقان «جەمئىيەت داشقاللىرى» كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەسمۇ؟

...مانا بۇ ـــ بۈگۈنكى «ساپا مائارىپى»مىزنىڭ «ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى»!

ئامال يوقمۇ؟

ـــ بار! ئەمما مەغلۇبىيەت رىياللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان بىرمۇ رەھبەر يوق. كەسپىي سەھەدە بىۋاستە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ئاددىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكرىنى تىڭشايدىغان، قوبۇل قىلىدىغان، رەھبەر، تەتقىقاتچى يوق. ئەكسىچە، مائارىپنى باشقۇرۇش تىزگىنى دەل سىياسىي تەلۋىلەرنىڭ قولىدا. ئۇلار مائارىپ ئەمەلىيىتىدە تارىخنىڭ رەھبەرلىك سەھنىسىدە ئولتۇرمىدى، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئاددىي كۆزقارىشى ياكى سىياسىي مەقسەدلىرىنى زورلاپ تېڭىش بەدىلىگە، ئاشۇ سانسىزلىغان ياش غۇنچىلارنىڭ بەختىگە ئولتۇردى...

زادى قانداق قىلىش كېرەك؟

ـــ مەسىلىنى «باش»تىن ئوڭشاش كېرەك:

(1) مائارىپتا، ئىسلاھات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ساختا ماختاشنى ئازلىتىپ، مەغلۇبىيەتلەرنىمۇ ئېتىراپ قىلالىغۇدەك جۈرئىتىمىز بولۇشى كېرەك.

(2) سىياسەتۋازلارنىڭ مائارىپ كەسپىي ساھەسىگە تەلۋىلەرچە تاجاۋۇز قىلىشىنى كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق چەكلەپ، مائارىپ قانۇنىنىڭ نوپۇزىغا ھۆرمەت قىلىپ، مائارىپنى ھەقىقىي مائارىپچىلارنىڭ قولىدا ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە گۈللەندۈرۈش كېرەك.

(3) مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشقا ئالدىرىماي، مائارىپ ئىشلىرى تەتقىقاتىنى مۇشۇ ساھەنىڭ ئۆز ئالىملىرىغا تۇتقۇزۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى سۈپەت تەتقىقاتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ۋە ئىلمىي قانۇنىيەت بويىچە ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش تەدبىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك.

(4) ساپانىڭ تەدرىجى تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، تەلىم-تەربىيەنى يۈرگۈزۈشتە، ئوبېكتلارنىڭ ئەمەلىي قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىنى چىقىش قىلىش، بىھۇدە زورۇقۇپ «مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈش» بورىنى چىقارماسلىق كېرەك.

(5) مائارىپ قانۇنىيىتىنى قىلچىمۇ بىلمەيدىغان ئاز ساندىكى ھاكىممۇتلەق سىياسەتۋازلارنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى توغرىسىدا چىقارغان پەتىۋاسىنى «مۇتلەق توغرا» قىلىپ ئۇنى ئىلاھىيلاشتۇرۇپ دىن دەرىجىسىدە كۆككە كۆتۈرۈش بەدىلىگە، مىليونلىغان پەرزەنتلەرنىڭ ئىستىقبالىنى قۇربانلىق قىلىشتەك جىنايى قىلمىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

(6) ئوقۇتۇش مەزمۇنى ئاز ۋە ساز بولغان كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئاساسى ئاجىز، ئەمما ئاز-تولا تېخنىكا ئىگىلەشكە قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تېخنىكا ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئۇلارغا «ياشاش يولى» تېپىپ بېرىشىمىز كېرەك.

تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-03, 00:52
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-02 17:18 |
turmux.net
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7275
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 17
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 100 سوم
تۆھپە: 58 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 58 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-02
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇئەييەن شارائىت يارىتىلمىغان ئەھۋالدا باكتىرىيەمۇ كۆپىيەلمەيدىكەن، بۇ ئىشلار خۇددى شۇ ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويغاندەك تۇيۇلىدۇ ئادەمگە
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 01:08 |
فىدا
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 258
شۆھرەت: 1319 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1336 سوم
تۆھپە: 788 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 791 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  بۇ ئىشلار چوقۇم ھەل بۇلۇپ كىتىدۇ  ،چۇن پارتىيمىز حاتالقنى  ئوڭشاشقا ماھىر .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 14:37 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 298
شۆھرەت: 1942 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1951 سوم
تۆھپە: 1099 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1106 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 329(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇلۇغ بوۋىمىز فارابى :<< ئۆزىنى بىلىش دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل بىلىش!>> دىگەن ئىكەن.
بىز ئۆزىمىزنى قانچىلىك بىلىمىز؟!
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-03 14:52 |
kusanogli
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7315
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 15 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 15 سوم
تۆھپە: 9 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 9 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-02
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ پەقەت رايۇنىمىز مائارىپىدىكى .ئەھۋال بولماستىن بەلكى  ئىچكىرى ئۈلكىلەردىمۇ مەۋجۈت  دۈلىتمىز مائارىپ ئسلاھاتى مەغلۇپ بولدى بۇنى خەنزو مائارپچىلارمۇ ئىتراپ كىلدىغۈ
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-04 16:06 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە