بۇگۈن سەھەر ئايالىم بىلەن ئىككىمىز بىر قانچە كۈندىن بۇيان دوپپا بايرىمى ئۈچۈن تەييارلىغان چىرايلىق دوپپىلىرىمىزنى كىيىپ ئىككى چوڭ ئۆيدىكى ياشانغان ئاتا - ئانىلىرىمىزنى ۋە بىر قانچە كېسەل بىلەن ئائىلىدە كۈتۈنىۋاتقان دوستلىرىمىزنى يوقلاش ئۈچۈن سىرىتقا چىقتۇق. مەھەللىمىزدىكى كىشىلەرنى بىزنى كۆرۈپ خۇددى بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغاندەك ئىككىمىزگە باشتىن ئاياغ قارىشىپ كەتتى .... توۋا...
بىر قانچە خۇشنىلىرىمىز بىنا ئالدىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتىكەن ئۇلار بىزگە:
_ ئوھۇي، نېمە ئىش بۇ ؟ بىر يەرگە ئۆلۈپ پەتىسىگە ماڭدىڭلارمۇ دېگەن ئىدى. مەن جاۋاب بەرگىچە ئايالىم:
_ شۇنداق، ئۇزۇندىن بۇيان كىيىلمەي ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان ئۇيغۇر دوپپىلىرىدىن بىر قانچىسىنىڭ ئۆيىگە پەتىسىگە بېرىپ، ئۇلارنى قولۇمىزدىن كېلىشىچە داۋالاپ ساقايتىۋالايلى دېگەن دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار ئايالىمنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەي بىر - بىرىگە پىچىرلىشىپ كەتتى. پەرىزىمچە ئايالىمنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ دىدى ھەقىچان ....
بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئۇلارغا ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى توغرىلىق ماتېرىيال تەييارلاپ، ھەر بىر ئائىلىگە دېگۈدەك تارقىتىپ بەرگەن ئىدىم بولمىسا، ئۇلار قولىغا ئېلىپ كۆرۈپمۇ قويمىغان ئوخشايدۇ .... ھەي،،،، جان تەندە بولسا ھەر يىلى مۇشۇنداق تەشۋىقات ماتېرىيالىنى قۇربىمنىڭ يېتىشىچە تارقىتىمەن ...