saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1205 قېتىم كۆرۈلدى
8327855
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7355
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 15 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 «غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا

«غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى    







سۇلتان مامۇت ئىبراھىم


غۇلجا — شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بىر شەھەرنىڭ نامى. شۇنداقلا يەنە بۇرۇنقى جېلىليۈزىمۇ ھازىر غۇلجا ناھىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن تارتىپ، «غۇلجا» دېگەن يەر نامى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. مەسىلەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2001-يىلى 1-ئايدا نەشر قىلىنغان قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى بىلەن پالتاخۇن ئەۋلاخۇن ئاپتورلۇقىدىكى «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى» (1) دېگەن كىتابنىڭ 121-، 122-بەتلىرىدە ئاپتورلار «غۇلجا» دېگەن يەر نامى «ئەسلىي 12 غول (ئېقىن) نىڭ نامى» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قاراشتىن «غۇلجا» دېگەن يەر نامىنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزى «غۇلجا» ئەمەس، بەلكى «غولجا» دېگەن مەنا چىقىدۇ. ئاندىن باشقىلار تەرىپىدىن مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك قاراشلار كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن: بىرىنچى، «غۇلجا» دېگەن يەر نامى موڭغۇللارنىڭ 18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى پائالىيەتلىرى ھەم «ئالتۇن سۈمە» (ئالتۇن قۇببىلىق ئىبادەتخانا) نىڭ موڭغۇلچە ئاتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېگەن قاراش. ئىككىنچى، «غۇلجا» دېگەن يەر نامى «تاغ قوشقىرى» دېگەنلىك بولىدۇ، دېگەن قاراش. ئۈچىنچى، غۇلجا ئەتراپىدا بۆلۈكەي، جىرغىلاڭ، پىلىچى قاتارلىق 12 غول بولغانلىقى ئۈچۈن «غولجاي» دەپ ئاتالغان، كېيىن بۇ نام «غۇلجا» غا ئۆزگەرگەن، دېگەن قاراش. تۆتىنچى، «جىرغىلاڭ غول» ئىلگىرى «غۇلجا»، «پىلىچى» بولسا «بولجا» دەپ ئاتالغان. بۇ ناملار دەريا-غول ئىسىملىرىدىن ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن قاراش.








بۇ يەر نامىنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئېقىن» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «غول» غا مۇناسىۋەتلىك دېگەن قاراشنى ئويلىنىپ بېقىشقا بولىدۇ. دەرۋەقە، بەزى پاكىتلارمۇ «غۇلجا» دېگەن بۇ يەر نامىنىڭ «ئەسلىي تەلەپپۇزىنىڭ «غولجا» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. «غۇلجا» دېگەن بۇ يەر نامى «غول» بىلەن «جا» دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپقان. مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1986-يىلى 1-ئايدا نەشر قىلىنغان غوپۇر غۇلام ئاپتورلۇقىدىكى «ئۇيغۇر شىۋىلىرى سۆزلۈكى» دېگەن كىتابنىڭ 182-بېتىدە «غول» دېگەن سۆزنىڭ بىر قانچە مەنىسى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ «دەريا، ئۆستەڭ، ئېقىن» دېگەن مەنىنى بېرىدىغانلىقى، شۇڭا، خەلق ئىچىدە «ئۇلۇغ-ئۇلۇغ سۇنى كەشتىم، يەنە بارمۇ غول» دېگەندەك قوشاق پارچىلىرى ساقلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مانا بۇ قوشاق پارچىسىنىڭمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ «غول» دېگەن سۆزنى دەريا، ئۆستەڭ، ئېقىن دېگەن مەنىدە ئىشلەتكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. شۇنداقلا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1992-يىل 12-ئايدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دېگەن كىتابنىڭ 3-قىسىم 900-بېتىدىمۇ «غول» دېگەن سۆزنىڭ بىر قانچە مەنىسى بېرىلگەن بولۇپ، شۇ قاتاردا ئۇنىڭ «سۇ يولى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئەمدى «غۇلجا» (غولجا) سۆزىدىكى «جا» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى بولسا، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1991-يىلى 11-ئايدا نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دېگەن كىتابنىڭ 2-قىسىم 504-بېتىدە «ئورۇن، جاي، ماكان» دەپ ئىزاھلىغان. دېمەك، «غولجا» دىكى «غول»، «جا» دېگەن سۆزلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك مەنىسىدىن قارىغاندا، ھازىر «غۇلجا» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىۋاتقان بۇ يەر نامىنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزىنىڭ «غولجا» ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەنىسىنىڭ «ئېقىن — سۇ يولى ئورنى» ياكى «ئېقىن — سۇ يولى ماكانى» دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. دېمىسىمۇ، بۇ جايدا يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەندەك «جىرغىلاڭ»، «پىلىچى» قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق غول-ئېقىننىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلى دەرياسىنىڭمۇ بۇ شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغانلىقى قاتارلىق جۇغراپىيەلىك مۇھىتلارمۇ «غۇلجا» (غولجا) دېگەن يەر نامىنىڭ يۇقىرىقىدەك مەنىسىنى قايىل قىلارلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز بۇ جايغا ماكانلاشقاندا، بۇ جاينىڭ ئەينى دەۋردىكى ئەنە شۇنداق جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىككە ئاساسەن ئۇنىڭغا «غۇلجا» دەپ نام بەرگەن.




تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-05, 18:55
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-05 17:25 |
boghda
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6901
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 84
شۆھرەت: 418 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 426 سوم
تۆھپە: 251 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 252 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 83(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىرقى، يىپەك يولىدىكى يېڭى بايقاش دىگەن ھېلىقى تۇنۇشتۇرۇشتا ،جىق يەر ناملىرنى ،<<ۋاڭلېچۇەن شىنجىاڭ تارىخىنى چوقوم قايتا يېزىش كىرەك>> دىگەندەك ،ئەمەسلا بىرنىملەرنى جۆيلۈپ يۈرشىدۇ.توققۇز تارانى تونوشتۇرغاندا ئۇيغۇر دىگەن سۆزنى ئېغىزغا ئېپمۇ قويماي،<<بۇ يەرنى ئۇزۇن ئزۇندىن بىرى خەنزۇ،شىبە،قازاق،تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەر تۇتۇپ گۈللەندۈرۈپ كەلگەن>>.دەپ توققۇز تارا دىگەن ئىسىمغىمۇ باشقىچە تەبىر بىرىپ يۇرشىدۇ. توققۇز،، تارا،،سۆزىنىڭ ئۆزىلا كۇپايە ئەمەسما؟؟؟؟ئالىم ئۆلىما دىگەنلەر يالغانچى بولماسلىغى راسنى راس يالغاننى يالغان دىيىشى كىرەگىدى. بەزىدەمۇشۇلەرنىڭ ئالىم ئۆلىمىالىرىنىڭ راس ئالىملىغىدىن گۇمان قىپ قالىدۇ كىشى.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 15:49 |
adidas777
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3837
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 17 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 17 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىلىۋالدىم ئانا يۇرتۇمنىڭ ئىسمىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى
777
ۋاقىت ھەممىنى ئۇزگەرتىدۇ.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 17:46 |
koygandengiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6375
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 93
شۆھرەت: 465 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 465 سوم
تۆھپە: 279 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 279 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    بىز ئاساسەن غۇلجا دىگەن يەر نامىنىڭ  « تاغ قوشقىرى »  نىڭ بۇ يەردە ئىلگىرى ناھايىتى كۆپ ئىكىنلىكىدىن بولغان دىگەن كۆز قاراشنى ئېتىراپ قىلىمىز ، يەنى شۇ چاغدىكى ھەيۋەت مۈڭگۈزلىرى بولغان تاغ قوشقىرى « غۇلجا  » دەپ ئاتالغان . بۇ زىمىندا غۇلجا دەپ ئاتالغان بۇ خىل تا غ قوشقىرى ناھايىتى كۆپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن ، « غۇلجا ياشايدىغان يەر » دىگەندىن تەرەققى قىلىپ  ھازىرقى غۇلجا دىگەن  نامغا ئۆزگەرگەن . غۇلجىدىكى ئەڭ قەدىمقى شەھەر « ئالمالىق قەدىمقى شەھىرى » نىڭ ھازىرقى ئورنى قورغاسقا توغرا كېلىدۇ ، بۇ يەردە تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى بار . ( چڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جوجىغا تۇتىشىدۇ )
   غۇلجىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى شەھەر ئورنى ھازىرقى قارادوڭگە توغرا كېلىدۇ . يەنى ھەممەيلەن غۇلجا تىلغا ئېلىنسىلا بىللە تىلغا ئالىدىغان خەنزۇ بازىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ . ھازىرقى شەھەر ئورنى بۇرۇن ئاساسەن سازلىق بولۇپ ، كېيىن كۆپلەپ ئۆزگەرتىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن . بۇرۇنقى  چوڭ سازلىقلاردىن ھازىر لەڭزىبېشىنىڭ سازلىقى ساقلىنىپ قالدى . غۇلجىدا بۇرۇن ئادەم يوق ئىدى ، كېيىن ئالتە شەھەردىن نوپۇس كۆچۈرۈپ ، ئۇلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇنلىنىپ بۇ يەرنى پەرپا قىلغان دىگەن گەپلەر پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ ، بۇنىڭ ھەممىسى ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان غۇلجا تارىخىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . شەخسەن بىز غۇلجىدا ياشاۋاتقان 8 - ئەۋلاد ھېساپلىنىمىز ........
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 12:50 |
kojo
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4824
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 42
شۆھرەت: 208 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 209 سوم
تۆھپە: 125 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 126 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 17(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

<<غۇلجا>> دىگىنى ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ، بىرنچى خىل مەنىسى ياۋا قۇي يەنى تاغ قۇچقىرى دىگەن مەنىسىدىن باشقا يەنەبىر خىل مەنىسى ھازىمۇ تۇرپان شىۋىسىدە<< غۇل>>،   << جا >>دىگەنلەرنى ناھايتى كۈپ ئىشلىتىلدۇ غۇل سۇ- ئېقىن ئېقىپ ئۈتكەن  مەھەلىلەرنى غۇل دەيدۇ. مەسىلەن تۇرپاندا ھازىرمۇ يارغۇل، چىچان غۇل، مۇرتۇق غۇل دىگەن سۇ- ئېقىن كۈپ مەھەلىلەر بار <<جا>> دىگىنى  سۇ - ئېقىن بار جاينى، ئۈستەڭنى تۇساق بىلەن يېڭى سۇ يۇلى ئاچقان ئۇرۇننى جادەپ ئاتايدۇ شۇڭا ئۇغۇللار جاغا چىقىپ سۇ چۇمىمىز(چۈمىلىمىز) دەيدۇ.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-08 23:17 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە