ئارخىپ ۋە ئىلتىجا
ئۆتۈپتۇ بېشىمدىن قىرىق يازۇ-قىش،
شاتلىق يوق زەرىچە ھەمىسى مۇدھىش،
مىڭ ئەپسۇس شۇنچە يىل ئۆتكەچ كۇپرىدا،
ئالغىلى تىلغا يوق بىرەر ياخشى ئىش.
گايىدا ئولتۇرۇپ يىغلاپ كېتىمەن،
ئۆتكەنگە سالىۋات قانداق قىلىمەن.
ئسلامنى تەرىك قىپ ئۆتكەن كۇنلەرنىڭ،
دەردىنى دوستلۇرۇم ئۆزەم بىلىمەن.
ھېلىمۇ رەھماننىڭ رەھمىتى كەڭكەن،
قول ئاچسا تەۋبىگە كەچۇرىدىكەن.
بولمىسا ئادەمنىڭ چەكلىك قۇۋىتى،
قەلىبنى ئىسلامغا بېزەلەمدىكەن.
مىڭ شۈكرى رەببىمگە تاپتۇق ھىدايەت،
شۇئانلا قەلىبگە تولدى دىيانەت.
بىلسەك گەر ئىسلامنىڭ شېرىنلىگىنى،
شۇنچە يىل يۇرەمدۇق تارتىپ ئاھانەت.
بولدى بەس ئۇيغۇرۇم قايتايلى دىنغا،
بۇدىندىن ئايرىلىپ راھەت يوق جانغا،
ئۆتتۇققۇ شۇنچە يىل كۇۋرىدا قېنىپ،
بۇ ئىللەت ئەمدىكىن ئۆتمىسۇن قانغا.
_ تۇرغۇن نېرىنكىر