saltanat lutun elan berig
«123»Pages: 1/3     Go
بۇ تېما 9754 قېتىم كۆرۈلدى
langgar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5864
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 19
شۆھرەت: 160 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 142 سوم
تۆھپە: 93 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 83 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مەن ھايۋانچىلىكمۇ بولالمىدىممۇ؟

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما alqondi تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-05-06)
مەن ھايۋانچىلىكمۇ بولالمىدىممۇ؟
 

(ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن)
 
ئىلاۋە
  پەرزەنىتلىرىمگە دۇئاسىنى بەرگەن قىيىن ئانامغا، ئوغۇللىرىمنى پەرۋىش قىلغان مېھرىبان ئانامغا، كىچىك ئوغلۇمنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ، ئانا  دېگۈزۈپ  بېقىپ بەرگەن ئۈچىنچى ئانامغا ھۈرمەت بىلەن بېغىشلايمەن.
 
كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟
 
                                                          -ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىلى
 
 
   ب تىپلىق ئولتىرا ئاۋاز تەكشۈرۈش ئۈيىدىن كۆزلىرىم نەملەنگەن ھالدا چىقتىم. سىرتتا ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن دوستۇم، - نىمە بولدى! بالىياتقۇڭدا بىرەر چاتاق بارمىكەن؟ دەپ سورىدى. مەن، - ياق. دىگەننى ئارانلا دىيەلىدىم. كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ئىسسىق ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى. بۇ خوشاللىق يىغىسى بولىشى كېرەك ئىدى، لېكىن بۇ تىڭىرقاش، ئاچچىق غەم ئەندىشە يىغىسى ئىدى.
 - ئېنىق بىر نەرسە دىسەڭچۇ؟... ئۇ مېنىڭ ھالىمغا قاراپ بېقىپ بۇرۇلۇپلا تەكشۈرۈش ئۈيىگە قاراپ ماڭدى.
 - كىرمە بولدى، بويۇڭدا باركەن دەيدۇ. 
 - ساراڭ ، شۇنىڭغىمۇ يىغلامسەن، ھە، خوشاللىق يىغاڭكەندە بۇ سېنىڭ. ئەجەپ تەلەيلىك، بەخىتلىك نىمىدەسەن.
 - ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك، قوشكېزەك دىمەمدۇ جېنىمنى چىقىرىپ، ئۈچ ئاي توشقاندا يەنە بىر قېتىم كېلىپ تەكشۈرتىدىكەنمەن تېخى.
 - قوشكېزەك ! ئۇ كارىدورنى بىر ئېلىپ ۋارقىرىۋەتتى.
 - نىمىگە خوشال بولۇپ كەتتىڭ، تازىمۇ بىر، چوڭى ئەمدىلا بىر ياشتىن ئاشتى. تىتاڭلاپ ئايىغى ئارانلا چىقسا، نىمە جاپادا چوڭ قىلمىدىم مەن ئۇنى، يا ساغلام بولمىسا، ھازىرغىچە ئاي ئاخىرى بولدىمۇ يۈرىكىمىز سۇ، ھېلى ئۆپكە ياللۇغى دىسە ھېلى كاناي ياللۇغى دەپ ئارامچىلىق بولغىنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى كىم باقىدۇ، چوڭىنى باقىمەن دەپ ئاپامنىڭ بىرەر كۈنمۇ تۈزۈكرەك ئۇخلاپ باققىنىنى بىلمەيمەن.
 - ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە، ناشۈكرىلىك قىلما، بالا دېگەننىڭ رىزقىنى خۇدا بىرىدۇ، ئاۋال تېنىچ ئامان تۇغۇشنىڭ غېمىنى قىل، ھەر ئىشنىڭ يولى باشقا ئەمەسمۇ؟ ماڭا بىرسىنى بەر بولمىسا ،  بەش يىلدىن بېرى مېنىڭمۇ قىلمىغان سەۋەپلىرىم قالمىدى، بالىلىق بولالمايۋاتىمەن، شۇ چاغلاردا تۇنجىسىنى خىزمىتىم ئالدىراش، ئاۋال ئىقتىساد توپلىۋېلىپ ئاندىن تۇغساممۇ كېچىكمەيمەن دەپ ئالدۇرۋەتكىنىمگە ھازىرغىچە توۋۋا قىلىپ كېلىۋاتىمەن. تەكشۈرتسەك ئىككىمىزدىلا چاتاق يوقكەن بولمىسا، سەۋەبىنى خۇدايىم بەرمىسە بىكاركەن. ئۇ بىر تالاي ۋاتىلداپلا كەتتى. [دەردىمنى تىڭشارغا ئەر بارمۇ دىسەم مېنىڭكىنى تىڭشا] دىگەندەك . مېنىڭ قالدى غېمىم قانداق قىلىپ يولدۇشۇمنى قايىل قىلىش ئىدى، بۇ گەپنى ئاڭلىسا ئاتا- ئاناممۇ، يولدشۇممۇ خوشاللىقتىن ئېغىزى قۇلاققا يىتەرمىكىن، لېكىن مېنىڭ زادىلا ئاپامغا ئېغىرچىلىقىمنى سالغۇم يوق ئىدى. شۇڭا بىردىنبىر تاللىشىم بالىنى ئالدۇرۋېتىش ئىدى.
 - ھوي، بۇياققا ماڭمامسەن، بۈگۈن ئايشەمنىڭ ئۆي نەزىرىگە بارىدىغانغا دىيىشىپ قويغانىدۇققۇ؟
 بارغۇم بولمىسىمۇ، يېقىن ئاغىنەمنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ دوستۇمغا ئەگەشتىم. ئۆي ئىچى مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى. ھەشەمەت بىزەلگەن كىچىك ياتاق ئۆيدىن ئورۇن چىقتى، ياشقا چوڭراق 6- 7 ئاياللار بىلەن بىللە غىزالاندۇق، مەن تاماقنى يىدىممۇ، تاماق مېنى يىدىمۇ، توپا يۇتىۋاتقاندەك قىلچە ئىشتىھايىم يوق، كۆزەمدىن ھازىرلا ياش ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك قىلاتتى. ئۆي ئىگىسى ئايشەم مەندىكى بىنورمالسىزلىقنى سەزدى بولغاي ماڭا بىقىنداپ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئەھۋال سورىدى، دوستۇم گۈلشەن بولغان ئىشلارنى يىپتىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپلا كەتتى. مەن پاڭلا قىلىپ ئېتىلىپ كەتتىم.
 - توۋۋا ما بالىنى، دىدى بىر خام سېمىز ئايال، - بالا تۇغىمەن دەپ تۇغالمايۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، خۇداغا ناشۈكرىلىك قىلماڭ ! 
 - بالىنى ھەرگىز ئالدۇرماڭ، گۇناھ بولىدۇ، قاتىل بولۇپ قالىسىز.
 - قوشكېزەكلەرنىڭ زارىغا قالىسىز.
 - تېلفۇن نومىرىڭىزنى بىرىڭە، سىزنىڭ ئىچ كىيىمىڭىزنى ئېلىۋالاي، مەنمۇ 10 يىل بولدى سەۋەپ قىلساممۇ بالا ئالالمايۋاتقىلى، ئاڭلىسام، قوشماقلارنىڭ ئانىسىنىڭ شەڭكوسىنى ( ئىچ كىيىم) تۇغماسلار كىيسە ھامىلدار بولارمىش.
 - بالىدىن بىرنى ماڭا برەمسىز يا، قىزىمغا ھەمراھ قىلىۋالاي.
 - بولمايدۇ، قوشكېزەكلەرنى ئايرىۋەتسە ئەي بولمايدۇ.
 ئاياللارنىڭ بىر - بىرىگە يول قويماي جاۋۇلداشلىرى كەيپىمنى تېخىمۇ ئۇچۇرۇپ ، خوشمۇ دىمەي يىغلىغان پېتى ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.
     تاماق قىلىشقا مادارىم يوق، قانچە ۋاقىت ئۆزەمنى تاشلاپ سوزۇلۇپ خىيال بىلەن ياتقىنىمنى بىلمەيمەن، پاش - پۇش قىلىپ ھەسىرەپ يولدۇشۇم ئۆيگە كىرىپ كەلگەندىلا ناماز شامدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدىم.
 - تاماق قىلمىدىڭىزما، تاشلىۋەتكەن پايپاقتەك يېتىپ كېتىپسىزغۇ؟
 - شۇ سېسىق گېپىڭىز قاچانمۇ تۈگەر، ئەمدى ئوخشاتمىغان سېسىق پايپاق قالدىمۇ؟ شۇنداق سەت ئالايدىمكى،  يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىم ئۇنىڭغا غەيرى تۇيۇلدىمۇ ياكى مېنىڭ بۇنداق قوپاللىق قىلغىنىمنى ھازىرغىچە كۆرمىگەچكە ئەندىكىپ كەتتىمۇ، تاتىرىپ كەتتى.
 - نىمە بولدى سىزگە، مېڭىڭ، سىرتقا چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلى، بۈگۈن خېلىلا كۆپ پۇل تاپتىم.
 - چېكىڭىزگە تېڭىڭ ئۇنداق پۇللىرىڭىزنى، يا ئادەمنى چۈشەنمىگەن، يا تەسەللى بىرىشنى بىلمىگەن، كەيپىياتقا قاراپ مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەمسىز زادى!
 - بۈگۈن بۇ خوتۇنغا نىمە بولدى ئەمدى، ئۆيگە كىرە كىرمەيلا سول قولۇم قىچىشىپ كەتتى، نەچچە پۇل تاپتىڭىز دەپ شىلىۋالىدىغان ئادەم كۈن قاياقتىن چىققاندۇ. تويدىن ئىلگىرىكى ئوماق چاقچاقلىرى ئورنىغا ھازازۇللىشىپ مېنى ئاز كۈندە پەيلاسوپ قىلىپ قويىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
 - بولدى قىلىڭە، بويۇڭدا قاپتۇ، قوشكېزەككەن دەيدۇ. ئۇ بىر ھازا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى، ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى بولغاي، - ئاھ خۇدا بەرگەن نىئمەتلىرىڭگە مىڭ قەترە شۈكرى. بۈگۈن نمە ئامەت كېلىۋېرىدىكىن دىسەم، بالىنىڭ رىزقىسىكەن ئەمەسمۇ! رەھمەت خوتۇن رەھمەت.
چەككەن ھەر بىر جاپايىڭىز ئۈچۈن اللاھ ئەجرىنى بىرىدۇ...
  بېشىمدىن بىر چىلەك سۇ قۇيىۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم. ئەمدى بۇ جاھىلنى قايىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى زىنھار قالمىغانىدى، ئۇ بىر نەرسىنى قارار قىلدىمۇ بولدى زادىلا دىگىنىنى قىلماي قويمايتتى. شۇنداقتىمۇ تىركىشىپ باققۇم كەلدى، ھېچ بولمىسا بىرە ئالتۇن جابدۇق ئۈندىرىۋالارمەن.
 - ئوغلىمىزنىڭ ھالىنى بىلمەيدىغاندەك خوش بولۇپ كەتكىنىنى، تۇغۇلۇپ 17 كۈنلۈك بولغاندىن بېرى دوختۇرخانىدىن بېرى بولالمىدۇق، ھېلىمۇ ئاپام بولۇپ قاپتىكەن، ئوبدان قاراپ بىرىۋاتىدۇ، ئەمدى تۇغسام كىم قاراپ بىرىدۇ؟
 - اللاھ رىزقىسى بىلەن چۈشۈرىدۇ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىمۇ نەچچە ئون بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ئانىلار كىملەرگە باققۇزارمەن دىگەننى ئويلىماپتىكەن.
 - ئۇ چاغ بىلەن ھازىر ئوخشامدۇ، توك يوق دەپ تۇغۇت ماشىنىسىدەك تۇغىۋېرىپتىكەن، چوڭى كىچىكىنى باققاندۇ شۇ، بىرىنىڭ چاپىنى يوق، بىرىنىڭ ئىشتىنى...
 - ھا، ھا، ھا ... ئۇ شۇنداق سەت كۈلۈپ كەتتىكى ( ئادەتتە پەقەتلە يېقىملىق كۈلمەيتتى) يوغان ئېغزىدا ئون پاتمان نەرسىنى ھازىرلا سۈمۈرۈپ ئېلىپ كىرىپ كېتىدىغاندەك. مەنمۇ ئىختىيارسىز ئۆزەمنىڭ ئەپسانە گېپىمگە كۈلىۋېتىپ دەرھالدا قاپىقىمنى تۈردۈم.
 -  كىم بېقىپ بىرىدۇ؟
 - ئانىڭىز..
 - بولدى قىلىڭە، ھازىرغىچە ئانا دىيىشكە تىلىڭىز بارماي ئانىڭىز دەۋاتقىننى، يەنە شۇ ئاناممۇ، سىزنىڭ ئانىڭىزچۇ؟ بولدى بالىنى ئالدۇرىۋېتەيلى.
 - تۇغۇلغاندا بىر گەپ بولار.
 - تۇغۇلغاندا؟ دىدىم مەن دىۋەيلەپ، - قويۇڭ ئۇ گېپىڭىزنى، شۇنچە قىز قېرىندىشىڭىز، ئاتا- ئانىڭىز بىرەر سائەت ئوغلۇمغا قاراپ بەرگىنى بارمۇ، دوختۇردا ياتقاندا ئىسسىق بىر قاچا ئاش سۇنغىنى بارمۇ؟ مەن بالىنى ئالدۇرىۋەتكىنىم ئالدۇرغان، ئوغلىمىز 5- 6 ياشقا كىرگەندە بىر گەپ بولار.
- مەنمۇ سىزگە جاپا كېلىشنى خالىمايمەن، بالىنىڭ قاتىلى بولۇپ قىيامەتتە جازاسىنى تارتارمىز ئەمىسە، مەن يىگۈدەك بىر نەرسە ئېلىپ كىرەي. ئۇ شۇنداق دەپلا جالاققىدە ئىشىكنى يېپىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ شۇ چىقىشىدىن تەنلىرىم شۈركىنىم، ئۆي گۆرىستانغا ئايلىنىپ ئۇ خۇددى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. شۇ دەقىقە شۇنچە ئۇزۇن، شۇنچە سوغۇق ئىدى، جىرىڭ - جىرىڭ، تېلفۇننىڭ ئەنسىز سايرىشىدىن ئەندىكىپ تورۇپكىنى قولۇمغا ئالدىم.
 - قىزىم ياخشىمۇ ئۆزلە، ئاپامنىڭ ئاجىز ئاۋازى ئاڭلاندى، يا اللاھ بۈگۈن چىسلاغا 20 ، ئوغلۇم يەنە ئاغرىپ قالغاندىمۇ؟ كەچمىگەن خىياللارنى كېچىپ تۇرۇپ قاپتىمەن. - قىزىم ، قىزىم، نىمە بولدى ئۆزلەگە؟
 - ھېچ، ھېچنىمە ئاپا، بالا ياخشىدۇ؟
 - ياخشى، [ مەن كۆيەرمەن بالامغا ، بالام كۆيەر بالىسىغا ] دەپ مەندىن ئەھۋال سورىماي ئوغلىنى سوراۋاتقىنىنى، ئۇنداق ئادەم بالىنى ئالماي ئالدۇرۋېتىمەن دىگەنمۇ گەپمۇ؟
  كاساپەت مېنى چېقىپتۇ-دە، خەپ ئۆيگىمۇ كىرەرسەن.
  مەن ئاپامنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن،-  شۇنداقلا دەپ قويغان ئاپا، تېخى مەسلىھەت پىشمىدى، بۇ ئىشقا ئارلاشمىساڭلار بوپتىكەن.
 - مەن تېخى ئۆلگىنىم يوق، شۇ بالا بىلەن مېنىمۇ بىراقلا كۆمۈۋەتسىلە، دادىلىرى بۇ گەپنى ئاڭلاپ خاپا بولۇپ كەتتى، ئاچچقىنى بىلىلا، ئەتە بىرىپ بىر جۈپ بۆشۈك ياسىتىمەن، دەيدۇ تېخى. مەن قىزىمىزغا نەسىھەت قىلاي دەپ ئاران جىم قىلدىم.
 -  ئاپا مەن ئەتە بارىمەن، خوش. 
  شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا كۈنلەپ گەپ قىلمىدىم، ئۇ نىمە قىلىشىنى بىلمەي كۈندە سىرتتىن يەيدىغانننى ئەكىرىدىغان بولدى. قېيىشقاندەك ئىدارىمىزدىنمۇ ھېچقاچان قويۇپ بەرمىگەن قىشلىق ھاردۇققا قويىۋەتتى. يولدۇشۇم ئىشقا كەتكەن پۇرسەتتە دوختۇرخانە ئالدىغا كۈندە نەچچە كېلىپ كىرىش - كىرمەسلىكنى قارار قىلالماي تۇرغاندا قۇلاق تۈۋىمدە بىرسى مېنى ئانا دەپ چاقىرغاندەكلا، كۆز ئالدىمدا يولدۇشۇم كۆك كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرغاندەكلا قىلاتتى، قايتىپ كېلەتتىم، بىرەر يەردە يىقىلىپ بويۇمدىن ئاجراپ كېتىشنى، يىگەن تاماقلىرىم زىيان قىلىپ ئاغرىپ قالسام، دورا يىسەم دىگەن ئۈمىتلەرنىمۇ قىلىپ كېتەتتىم.[ تىلىسەڭ تاپارسەن ] دىگەندەك ئاخىرى ئىشقا بارىدىغان بولدۇق. بارغانلا كۈنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ دەپ ئەمگەككە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ،ئىش ئورنۇم ئۆيدىن 7 كىلومىتىر يىراقتا بولۇپ ئىككى قېتىم توكلۇق ۋېلسىپىتتە چېقىلىشىپ يىقىلىپمۇ كەتتىم. مەن شۇنداق ئىشلىدىمكى ئەرلەرمۇ ھەيران قالاتتى، بۇرۇنقى نىمجانلىقىمدىن ئەسەرمۇ يوق، گۈس - گۈس دەسسەپ ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ، ئېرىقلارنى تاقلاپ ئاتلاپ،  ئالدىمغا نىمە كەلسە شۇنى يەپ ئاچچىق تەر چىققۇچە ئىشلىدىم. ئىشلىگەنسېرى روھلىنىپ نە سېزىكتىن ئەسەرمۇ يوق، جېنىم قوزىلىرىم ئىككىسى بىرلىشىپ بالىياتقۇغا مەھكەم چاپلاشقان چېغى...  كەچ قالغان بىر كۈنى تاماقمۇ يىمەيلا ئۇخلاپ قاپتىمەن. - ئاپا ئەممە،  ئاپا ئەممە، سۈت ئەممە... ئاپام ئەسكى ... ئوغلۇم تىپچەكلەپ يىغلاۋاتقۇدەك، ئۈنۈڭنى ئۆچەر ئۇكىلىرىڭ ئويغىنىپ كېتىدۇ، دىيىشىمگىلا بالىلار خىرقىراپ تەڭلا يىغلىغىلى تۇرغىدەك، ئىككى قولۇمدا ئىككى بۆشۈكنى تەۋەتكىنىمچە سوۋۇپ قالغان بۇلماقنى چوڭىغا بەرگۈدەكمەن، چاچلىرىم چۇۋۇق، قورسىقىم ئاچ، بۆشۈك يېنىدىلا يورتقان ئۈستىدە تۇرغان ناننى ئېلىپ شۇنداق چىشلىشىمگە بىر چىشىم سۇنۇپ كېتىپتۇدەك، شۇ چاغدا چۆچەكلەردىكى ئەللەيچى موماي كېلىپ بۆشۈپ بىلەنلا بالىلارنى ئېلىپ قېچىپتۇدەك، بالامنى بەر، بالامنى بەر... ماڭاي دىسەم ماڭالمىغۇدەكمەن، يېنىمدا يولدۇشۇم خارقىراپ ئۇخلاۋاتقۇدەك، چاقارسام ئاۋازىم چىقماپتۇ، شۇنداق كۈچەپ تۇرىشىمغا گۈپلا قىلىپ يىقىلدىم دەپ ئويغىنىپ كەتتىم ، ئەسلىدە سافادىن يىقىلىپ كېتىپتىمەن. پۈتۈم ئەزايىم چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمگەنىدى...
 
تاغدا قۇلان بالىسى،
قىيىش بولار كۆن بولماس.
ياخشى ئاتا بالىسى،
غېرىپ بولار قۇل بولماس.
 
                                                                - قومۇل خەلق قوشاقلىرى
 
 
 - بالا ناھايتى نورمال، ئوبدان كۈتىنىپسىز، بالىنىڭ يۈرەك سوقىشى بىنورمال، جىددىيلىشىپ قالغان ئوخشايسىز، كەيپىياتقا دىققەت قىلىڭ؟
 - بالا، قوشماق ئىدىغۇ، بالا دەيسىزغۇ؟
 -  قوشماق، ئۇنداق ئەمەسقۇ، بالا بىركەن.
  - خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ، دوختۇر؟ ئۆتكەندە  قارىماتاق بىر قىز تەكشۈرگەندە قوشماق دىگەنىدىغۇ؟
 - ھە، ئۇ قىز پىراكتىكانىت،  بۇ يەردىن كەتكىلى بىر ئاي بولدى. يەنە بىرسى كىرسۇن...
 شۇنداق ئاچچىقىم كەلدىكى، مېنى بىر ئايدىن بېرى كەچمىگەن خىيالنى كەچتۈرۈپ، قاتىلغا ئايلاندۇرۇپ قويغىلى تاس قالغان ھېلىقى قارىماتاقنى بوغىۋەتكۈم كېلىپ كەتتى. قوشماقنى بېقىشتىن قورقۇپ نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدىم، قىيىن ئاپامنىڭ تاپا- تەنىلىرىچۇ تېخى، موشۇ كۈنلەردە ماڭا كىم تەسەللى بەردى؟ نىمە گۇناھلارنى قىلمىدىم . بالىنى بىر دىسە ساراڭمىدىم ئالدۇرىۋەتكىلى، خەپ . ھېلىمۇ خۇداغا شۈكرى ئالدۇرىۋەتمىگەنىكەنمەن، بۇ خوش خەۋەرنى دەرھال يولدۇشۇمغا تېلفۇن ئۇرۇپ يەتكۈزمەكچى بولۇپ تېلفۇن قىلسام، نىجىس تېلفۇنى [ سىز ئۇرغان تېلفۇن بۇ رايوندا ئەمەس، سەل تۇرۇپ ئۇرۇڭ ] دەمدۇ [ چەنپى [ دەمدۇ ئىشقىلىپ تېلفۇن ئۇلانمىدى. مانا بىر بالا يوق بولىۋىدى كىرىمى تۆۋەنلەپ تېلفۇن پۇلىنىمۇ تۆلىيەلمەس بوپتۇدە. ئاھ خۇدا ! بالامنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن.
  قوسۇقۇم بارا- بارا چوڭلاۋاتاتتى، بۇ جەرياندا ئوغلۇمنى ئىككى قېتىم ياتاقتا ياتقۇزۇپ داۋالىتىپ دوختۇرخانىلاردا تۈنەپ يۈرۈپ، تولغۇغۇم قۇربان ھيىتقا ئاز كۈن قالغاندا تۇتتى. بالا تەتۈركەن دىگەن سەۋەپ بىلەن ئۆزەم تۇغىمەن دىسەممۇ ئۇنىماي ئوپراتسىيە قىلىپ يەڭگىتتى. كېيىن ئاپامدىن ئاڭلىسام يولدۇشۇم ئوغۇل دىگەننى ئاڭلاپ شۇ يەردىلا تاھارەت ئېلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ شۈكرى ئېيتىپتۇ. ئوغۇل دىسە تاغۇ - تاشلارمۇ خوش بولۇپ تىترەپ كەتكۈدەك دەپ خوش بولۇپ كېتىپتۇدەك. ئېسىمدە قېلىشىچە چوڭ ئوغلۇم تۇغۇلغاندىمۇ خوشلىقىدىن يىغلاپ كەتكەنىدى. ئوپراتسىيە قىلغاچقا 3- كۈنى كەچلە بىلەن يەل كەلگەندىلا تاماققا كىرىشتىم. مومىسى چوڭ ئوغلۇمنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا كەلگەندە، ئۇ ماڭىمۇ ، دادىسىغىمۇ، ئۇكىسىغىمۇ قاراپ قويمايتتى. مومىسىنىڭ كەينىگە ئۆتىۋېلىپ يىتىرقاپ تۇراتتى. دىمىسىمۇ بىز ئۇنى ئوننەچچە كۈن كۆرمىگەنىدۇق. ئۇنى ئاز دەپ دادامنىڭ يۈرەك كېسىلى پات- پات قوزغىلىپ تۇرغاچقا دائىملىق ئەركىلىتىشلەردىن خالى قالغانىدى. مومىسى مەجبورلاپ يېنىمغا ئېلىپ كەلسە يىغلاپ قاچاتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم ئۆرتىنىپ يىغا تۇتاتتى. ئۇ ئەمدىلا ئىككى ياش ئىككى ئاي بولغان تۇرسا، مېنى ئارانلا تۆت ئاي ئىمەلىگەنىدى، شۇنچە زورلاپ ساغساممۇ بو خۇدايىم بەرگەن يوغان سۈت زاۋۇتىدىن ئوغۇز چىقمايتتى. بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا سۈت ئاز بولدى ، قوشۇمچە يىمەكلىكلەر بىلەن كىچىكىنى ئەملىدۇق. مەن كارۋاتتا يېتىپ ئاپامنىڭ جۈدەڭ چىرايىغا قاراپ ئىچىم ئاغرىسا، يولدۇشۇمنىڭ شۇ ئۇيقۇچانلىقىدامەن بىلەن بالىغا ئەستايىدىل قاراشلىرىغا، ھەتتا خوشنا كارۋاتتىكى خەنزو بوۋاقلارغىمۇ كۆيۈنۈشلىرىگە قاراپ بۇرۇنقى ئۇيقۇسى يالغان ئوخشايدۇ دىگەن تۇيغۇغىمۇ كېلىپ قالاتتىم. پەقەت ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىنىڭ كۆكىرىپ كەتكەنلىكىدىنلا ئېغىر ھاردۇق يەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولاتتى. قېيىن ئانام يوقلاپ كەلگەندە بولسا، جېنىم بالام جۈدەپ قاپسەن دەپ ئوغلىغا ئىچ ئاغرىتىدىيۇ، مەن بىلەن نەۋرىسىگە كۆز قىرىدا قاراپلا قويۇپ خۇرسىنىپ قوياتتى. قىيىن ئاتام كەلگەندە بولسا ئاپاڭلار تولا كاكىراپ شىپا سۈيى قىلىپ بەر دەپ قىلدۇردى، ياسىننى 40 قېتىم ئوقۇغان، تۆكىۋەتمەي ئىشلىتىڭلار دەپ ئۇزۇن دۇئا قىلىپ قايتىپ كېتەتتى.  ئەسلىدە ئاچام كۈندە تاماق توشۇيتتى، ھېيىت ئارپا كۈنى ( ھارپا كۈنى) ئاچام ئىشقا كېتىپ ئامالسىز سىرتتىن ئەكىرىشكە مەجبور بولدۇق. يولدۇشۇم چىقىپ كېتىم پۈتۈن قومۇل ئاپشۇزۇللىرىنى قېزىپمۇ بىر قاچا ئاش تاپالماپتۇ، ھەممە ھېيىت قاينىمى بىلەن ئالدىراش بولغاچقا بىز ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك قىلاتتۇق. شۇ كۈنىلا دوختۇرنىڭ تېخى يىپنىمۇ تەمىگەن تۇرساق چىقساڭلار بولمايدۇ دىگىنىگە قارىماي ياتاقتىن چىقتۇق. پەقەتلا ئاش قىلىپ باقمىغان يولدۇشۇم تۇنجى قېتىم يەڭلىرىنى شىمايلاپ مىفەن قىلدى.سەي تۇزلۇق، گۆرۈچ قاتتىق بولسىمۇ ماڭا بۇ تاماق شۇنچە لەززەتلىك تېتىدى. 9- كۈنى بالىغا ئاتاپ نەزىر قىلىپ ئىككى قوي سويۇپ ئىسىم قويدۇق، چېچىنى چۈشۈرۈپ سەدىقە بەردۇق. يولدۇشۇمنىڭ تۇغۇت باقمىغى ئاسانغا چۈشمىدى، مەنمۇ كۈندە گۆرۈچ تامىقى يەپ زېرىكتىم، ھېلى تاماق قىلىپ ، ھېلى لاتا يۇيۇپ، ھېلى بالىغا بۇلماق قاينىتىپ ھالىدىن كەتكەن يولدۇشۇم كەچتە بۆشۈككە يۆلەنگىنىچە ماڭا قاراپ، - موشۇ تاماق قىلسىمۇ قىلسا، قاچا يۇمىسا، خۇدايىم ساقلاپ خوتۇن بولۇپ يارىلىپ قالماپتىكەنمەن، بولمىسا ئەرلەر ئىككى كۈندە قوڭۇمغا تېپەركەن. دىمەسمۇ، يۈزۈمدە كۈلكە ، كۆزۈمدە يىغا، خۇددى كىچىك بالىغىلا ئوخشاپ قالدىم. شۇندىمۇ چاندۇرماي يىغامنى يوشۇرۇپ، - ئەرلەر نىمە دىگەن چىدىماس، خۇدايىم ئاسان قىلىدۇ دىمىدىڭىزمۇ، دىسەم،- ھېلىمۇ مەندەك ۋاپادارنى سىزگە ھەمراھ قىلىپ ئاسان قىلدى، ئەتە- ئۆگۈن تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ. دىدى. دىگەندەكلا ئەتىسى بىر نەۋرە سىڭىللىرىم يوقلاپ كىرىپ قالدى، يولدۇشۇم شۇنداق خوشال بولۇپ كەتتىكى، - دىمىدىممۇ خۇدايىم ئاسان قىلدى مانا، بۈگۈن ئازات بولدۇم سىڭىللارنىڭ بېشىدىن چاچقۇلار چاچاي، مەن سىرتقا چىقىپ بالىنىڭ كاملىرىنى ئېلىپ كىرەي، دەپلا چىقىپ كەتتى. بىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. مەن پاراڭ ئارلىقىدا نەۋرە سىڭلىمنى قايىل قىلىپ بالىغا ۋاقىتلىق قاراپ بىرىدىغانغا كۆندۈردۈم. ئۇ شۇ تۇرغانچە ئۈچ ئاي تۇرۇپ قالدى. دادامنىڭ يۈرەك كىسىلىنى ئۈرۈمچىدە ئوپراتسىيە قىلىدىغان بولغاچقا چوڭ ئوغلۇمنى ئۆيگە ئەكىلىۋالدۇق. بىر كۈنى بالا بۆشۈكتە چىرقىراپ يىغلاپ كەتتى، مەن يۈگۈرۈپ بارسام چوڭ ئوغلۇم بالىنىڭ بېشىغا ئويۇنچۇق ماشىنىسىنىڭ مىقىنى ئېلىۋېلىپ قېقىۋاتقان ئىكەن، قورقۇپ جېنىم چىقتى، بالىنى ناھايتىمۇ قاتتىق ئۇرىۋەتىتىم، ئۈچىمىز بىر ھازاغىچە يىغلىشىپ كەتتۇق. تۇغۇت ھاردۇقۇممۇ توشىشىغا نەۋرە سىڭلىم بىر ئورۇندا ئىشلەيدىغان بولۇپ قالدى، تەرەپ - تەرەپتىن ئادەم ئۇقۇشۇپ تاپالماي، يولدۇشۇم بىلەن قېرىنداشلىرىڭ بېقىپ بەرسۇن دەپ دىيىشىپمۇ كەتتۇق. بىر كۈنى ئۇ، - نەۋرە ئاچىڭىز بىكاركەن، دەپ باقامسىز يە؟ دىدى. مەن، - مېنىڭ تۇققانلىرىمدا نىمە ئېلىشىڭىز قالدى، قاراتمىغان نەۋرە ئاچام قالغانمۇ، ھەممىگە ياقا يىرتىپ كىمنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە، ئىشىڭىزنى تاشلاپ قىلىپ بىرىسىز، سىزگە كەلگەندە  قانداق ئەھۋالىڭ دەيدىغان ئادەممۇ يوق؟
 - خەقتە ئېلىشىڭىز باردەك سزلەۋېرىدىكەنسىز؟
 - ئەمىسە تۇققانلىرىمدا ئېلىشىڭىز باركەندە؟
 - بىكارغا قاراتمىغاندىكىن، بولمىسا چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ باقساق ....
 - باغرىڭىز تاشكەن سىزنىڭ، ئاتا- ئانىڭىزنى ئاغرىق دەپ بىر ئېغىز گەپ قىلمىسام، دادامنى ئەمدىلا قايتۇرۇپ كەلگەن تۇرسا، چوڭىغا قارامدۇ، كىچىگىگىمۇ، ئاپامنىڭ جېنى تۆمۈرمىكەن. توۋۋا دەڭچۇ؟
 شۇ تالاش- تارتىشلا بولۇپ يەنىلا نەۋرە ئاچام بالىغا قاراپ 10 ئايلىق قىلىپ بەرگەندە ئۇنىڭمۇ ئىشى چىقتى. مەن بالىغا سەرۋەڭ تاللا بازىرىدىن گۆرۈچ بۇلمىقى ئېلىۋاتسام بىر تونۇشۇم ئۇچراپ قالدى، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇمۇ بالىسىنى بىرسىگە ھەپتىلىك قاراتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۇ ئادەملارنى ماختاپلا كەتتى، ھەم تېلفۇن نومىرىنى ئېيتىپ بەردى. چۈشتە يولدۇشۇم ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ بىر خېرىدارىنىڭ جىگدە قۇدۇق كەنىتتە ئۆزىنىڭ تۇققىنى بارلىقىنى بالىغا قارايدىغانلىقىنى دىگەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىپ كېلىشنى ئېيىتتى. ئىككىمىز بىر كۈندە بىرلا ئادەمنى تاپقىنىمىز ئەجەپلىنەرلىك ئىدى . [خۇدانىڭ بەزى كۈنلىرى بار بەرگىنىڭگە نىمە دەي، بەزى كۈنلىرى بار قوڭاڭغا تىپەي] بىز ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇ يەرگە باردۇق.
 
ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ

                                                                                 -ئۇيغۇر خەلق ماقال - تەمسىلى
 
 - بالا ئەمدى 10 ئايلىق بولغان بولسا قاراپ بېرەلمەيمەن، ئىككى ياشلار قىلىپ كەلسەڭلار.
 بىز بۇ ئۆيگە شۇنچە سىنچىلاپ قاراپ نۇقسان تاپالماي، پاكىزلىق، ئىمانلىق كىشىلەرگە يولۇقتۇق دەپ خام چوت سوقۇپ سوغا- سالاملارنى قويۇپ ئولتۇرساق بۇ گەپ بىزگە خېلىلا زەربە بولدى. مەن نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي، ئىلگىرىكى بالىلارغا قاراش ئەھۋاللىرىنى سورىغان بولۇپ يەنە بىر ئۇرۇنۇپ بېقىشنى، ھېچ بولمىسا يېلىنىپ بېقىشنى ئويلاپ ئۇ ئانىمىزنى پاراڭغا تۇتتۇم. يولدۇشۇم دىگەر ۋاقتى ئۆتۈپ كېتەي دەپ قاپتۇ ناماز ئوقۇۋالسام دىدى. ئۇ ئانىمىز سۆيۈنۈپ ماختاپ يۈرۈپ تاھارەت سۈيى تەييار قىلىپ، جەيناماز تېپىپ بەردى.
 - بوپتۇ، دىدى ئۇ ئانىمىز، - ياخشى ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتىكەنسىلەر، ئوقۇغان ئوغۇل ئاتىدىن ئۇلۇغ دەپتىكەن. ئىمانلىق ئادەملەرنىڭ پەرزەنتىنى تەربىيلەش مېنىڭ بۇرچۇم ھەم قەرزىم. رايىڭلارنى قايتۇرماي، اللاھ ئاسانلىق بىرىدۇ. بالا ئۆزلەشكىچە بىر نەچچە كۈن كەلمەي تۇرىسىلەر...
 - ئايدا نەچچە پۇل بېرەرمىز، بۇ ئىشتىن خەۋىرىمىز يوقكەن، دىدى يولدۇشۇم نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ.
 - ياخشىلىققا باھا قويۇش يوق...
 
مەن ھايۋانچىلىكمۇ بولالمىدىممۇ؟
 
 بىز ھەم خوشال بولۇپ ھەم ئەنسىرەپ ئۆيدىن چىقتۇق. تەييارلىق قىلىپ يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن بالىنى يېڭى مومىسىنىڭ ئۈيىگە ئېلىپ كەلدۇق. خېلىغىچە بىللە تاماق يەپ بالىنى يېڭى مۇھىتقا كۆندۈرگەن بولۇپ قايتتۇق، كۆزۈم كەينىمدىلا قالغانىدى، چىدىغۇسىز دىلغۇللۇق ، ئىزتىراپ بىلەن ئۆكسۈپ - ئۆسۈپ يىغلاپ تاشلىدىم، يولدۇشۇممۇ جىمىپ قالغانىدى، مەھەلە مەسچىتى يېنىغا كەلگەندە يېزىقچىلىق ساھەسىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن سىرداش زىيالى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدۇق. بىز قىزغىن سالام- سائەت قىلىشىپ كەتتۇق. مەن تەسەللى ئىزدەپ ئۇنىڭغا بولغان ئىشنى قىسقىچە سۆزلەپ،   بالىنى قالدۇرۇپ كەلگەنلىكىمىزنى دىدىم.
 - شۇنداق قىلىپ بالىنى ياتلارغا باقتۇرىمىز دەڭلار،  ھايۋان چېغىدا بالىسىنى باشقىلارغا تاشلاپ بەرمەيدۇ، بالا سىلەردىن ئايرىلغان ھەر بىر كۈننىڭ بەدىلىنى تۆلەپ قالسىلەر ، بۇ بالىغا زور يوقىتىش بولىدۇ...
 ئاغرىغان يەرگە سېپىلگەن بۇ تۇز دەل جايىغا تەككەنىدى. بېشىمنى قاماللاپ تۇتقىنىمچە ھۆڭرەپ يىغلاپ يۈرۈپ كەتتىم. يول بويى كوچىدىكى ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قاراپ قوياتتى، سۈرىۋالغان سۇس لاكلىرىم ئېقىپ ئاغزىمغا كىرگەندىلا قىرتاق تەمدىن ئاستا - ئاستا ئېسىمگە كەلدىم. دۇنيا ماڭا لەنەت ئوقۇاتاتتى، 10 ئايلىق بالام قاقشاۋاتاتتى، ھەر بىر سەندىن ئايرىلغان كۈنۈمگە بەدەل تۆلەيسەن، سەن ھايۋانچىلىكمۇ بولالمامسەن! دەۋاتاتتى، چوڭ ئوغلۇم يىغلاۋاتاتتى، ئۇكامنى تېپىپ بەر ئۇكام بىلەن ئوينايمەن...
   مانا ئوغلۇممۇ تۆت ياشقا كىرەي دەپ قالدى، ئۇ ئۈچىنچى مومىسىغا شۇنچە ئامراق چوڭ بولدى، مەن قىلغان تاماقنى يىگۈزەلمىسەم ، مومىسىنىڭ تامىقىنى تويماي يەيدۇ، ئۇنىڭ مىجەز- خۇلقى چىراي - شەكلى مېنى شۇنچە تارتقانىدى . ئۇنىڭغا ھەر بىر قارىغىنىمدا قانداقمۇ چىداپ سېنى ئالغۇزىۋېتىشقا تىپچەكلىگەن بولغىيىتتىم دەپ خىجىل بولۇپ كېتىمەن. [ يوغان ئەمچەك خوتۇننىڭ بالىسى ئاچ قالار] دىگەندەك ئانا سۈتىگە قاندۇرالمىغانلىقىمدىن، باشقىلارغا باقتۇرغانلىقىمدىن خىجىل بولۇپ كېتىمەن.  قىيىن كۈنلەردە قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئىككى بالىلىق بولۇپ پەرزەنىتلىرىنى باشقىلارغا باقتۇرمايدىغان ئانىلار بولسا قوللىرىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ دوسىتلىشىشنى تىلەپ كېتىمەن. ھازىر ئىككى ئوغلۇم بىر - بىرىگە شۇنچە ئامراق، شۇنچە ئىجىل، ئۇلاردا نە زېرىكىش، نە يىتىرقاش يوق. ئىچ - ئىچىدىن قېرىنداشلىق قىلىپ ئىچەكىشىپ كەتكەن. مانا بۇ يىل كىچىك ئوغلۇممۇ اللاھ خالىسا ئاكىسى بىلەن قول تۇتۇشۇپ يەسلىگە ماڭىدۇ. تەغدىرىنى ئوڭ قىلسا بىللە بىر مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئۆيدە قوش كارۋاتتا بىللە يېتىپ، بىللە تەكرار قىلىپ چوڭ بولىدۇ. مەن 3 يىلدىن بېرى بىرەلمىگەن ئانىلىق مېھرىمنى بىرىمەن، باغرىمغا باسىمەن.  بۈگۈن ئانىلار بايرىمى، بارلىق مېھرىبان ئانىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەشنى ئويلاۋاتقىنمدا، شۇ ئانىلار قاتارىدا ھايۋانچىلىك بولالمىغان مەندەك بىر ئانىنىڭ بايرىمىنى ھېچكىمنىڭ تەبرىكلىمەسلىكىنى، سىلەرنىڭ تەبرىكلىنىشنى  كۈتمەي، ئانىلىرىڭلارنى تەبرىكلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىىمەن.
   ئۆز بالىلىرىنى خىزمەت، ئۈگىنىش ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەپلەردىن ئۆزى باقماي، ھايۋانچىلىكمۇ بولالماي ياتلارغا باقتۇرىۋاتقان ئانىلارنىڭ، شۇ پەرزەنىتلەرگە ئۆز ئانىسىدىنمۇ چارە ئانىلىق مېھرىنى بىرىپ بېقىپ بىرىۋاتقان غەمخانە ئانىلارنىڭ ھەر بىر كۈنىنىڭ خوشاللىق ئىچىدە ئۆتىشىنى تىلەيمەن.
 
     مېھرىبان ئانىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
 
                                              - لەڭگەر
 
 
                                                                            
مەنبە: -  بېلىق يىلى باش يازنىڭ ئارام كۈنىدە قومۇل بوستانلىقىدا خالىيدا يازدىم.
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-06, 07:05
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+10(alqondi) ئەسلى يازما
  • مۇنبەرپۇلى:+2(uyghurizlari)
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-06 04:38 |
    kulgunqak
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 133
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 151
    شۆھرەت: 800 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 800 سوم
    تۆھپە: 475 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 475 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-12
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-28
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەممە ئانىلارنىڭ  بايرىمىغا مۇبارەك بولغاي !!!11
    تېمىڭىزنى ئوقۇپ ھەقەقەتەن تەسىرلەندىم،كۆزلىرىم ياشلىنىپ بايىلا قىلغان گىرىمىم  بويىلىپ كەتتى .
    ئانىلار ھەقىقەتەن جاپاكەش ،بىزنى بېقىپ چوڭ قىلىىپ توي قىلىپ قويدۇ، بىرەر يىلدىن كىيىن 40كۈن تۇغۇتىمىزنى باقىدۇ ،ئۇزۇن ئۆتمەيلا بالام ئىشقا بارىلا بالىنى چاققان مەن باقاي دەيدۇ 4-5ياشقىچە بېقىپ مەكتەپكە بارغۇچە ئەجىر سىڭدۈردۇ،ئۇنىڭغىچە بىز ئىككىنچىسىنى تەييار قىلىپ ئۇلارغا «خىزمەت ئورنى» ھازىرلايمىز،ئۇلار بۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن بىزدىن ھىچنەرسە تەلەپ قىلمايدۇ ،تېخى نېنىىز شۇ چوڭ  ئۆيلەردىن،   يېزىلاردا چوڭ ئۆيى بارلارنىڭ يازلىق  قىشلىق سەيلىرى ھەم چوڭ ئۆيلەردىن ،ئۇلار يا ۋايسىمايدۇ ، يا بىرىگە داتلىمايدۇ، ئاتا -ئانىلار ھەقىقىتەن ئۇلۇغ!!!
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 10:16 |
    yavaatirgul
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7227
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 16
    شۆھرەت: 80 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 80 سوم
    تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 48 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    دەرتمەن لەڭگەر خانىم،ئىسىل تىما يوللاپسىز،سىز بىلەن بىر تونۇشقۇم كېلىۋاتىدۇ جۇمۇ............
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 10:39 |
    uyghurizlari
    دىنىم ئىسلام ،مىللىتىم ئۇيغۇر.
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3877
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 327
    شۆھرەت: 1743 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1760 سوم
    تۆھپە: 1030 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1035 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 249(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەسسلامۇئەلەيكۇم بەك ياخشى يېزىپسىز بەك تەسىرلەندىم ...رەخمەتسزگە
    saltanat
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 14:03 |
    qayan123
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2736
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 167
    شۆھرەت: 885 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 888 سوم
    تۆھپە: 527 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 527 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 104(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-31
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن شۇنداق ياخشى يىزىپسىز ھەقىقەتەن تەسىرلىك چىقىپتۇ
    simfoniya
    ئادەم ئۆمرۈدە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچۇرايدۇ
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 16:34 |
    tagqi
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 831
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 111
    شۆھرەت: 585 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 585 سوم
    تۆھپە: 349 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 349 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 327(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۈگۈن ئانىلار بايرىمى ئەمەسقۇ، كېيىنكى ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنىغۇ دەيمەن(يەنى 5-ئاينىڭ ئىككىنچى يەكشەنبىسى)، يازمىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ، قوللىرىڭىز دەرت كۆرمىسۇن، تەھمەت سىزگە.
    lutun
    يۇرتۇم بەك گۈزەل،يۇرتۇمنىڭ مەنزىرىسىنى ياخشى كۆرىمەن
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 20:00 |
    abdukamil
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4675
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 155
    شۆھرەت: 804 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 802 سوم
    تۆھپە: 480 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 483 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    خىزمەت بىلەن بالا باقالمىغانلارغا نىمە ئامال؟
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 22:23 |
    abdukamil
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 4675
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 155
    شۆھرەت: 804 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 802 سوم
    تۆھپە: 480 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 483 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 315(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    خىزمىتى بار ئاياللارغا نىمە ئامال؟
    saltanat
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 22:29 |
    boran120
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 7417
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    شۆھرەت: 35 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
    تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 21 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 21(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تۇرمۇش بىسىمى ئادەملەرنى نىمىلەرنى دىگۈزمەيدۇ،نىمىلەرنى قىلغۇزمايدۇ.شۇندىمۇ ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاڭ.
    ozgul munbar
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-06 23:46 |
    langgar
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5864
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 19
    شۆھرەت: 160 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 142 سوم
    تۆھپە: 93 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 83 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 15(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تورداشلار كەچۇرۇڭلار ۋاقىتنى خاتا بىلىۋاپتىمەن. بايرامغا  ئۇلگەرتەي دەپ شەنبە كۇنى كېچىچە ئىشلەپ پۇتتەردىم،بىلگەن بولسام بۇنچە جاپا تارتماسكىندۇقمەن.........
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 00:04 |
    handan926
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5354
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 61
    شۆھرەت: 311 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 313 سوم
    تۆھپە: 187 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 189 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 166(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-01-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بسلىنى ئاتا ئانىسى باقسا ياخشى، بىراق ئىشلەيدىغانلارغا تەس، خىزمەت قىلسا بالىسىنى باقىدىغان ئادەم يوق، يا بالىنى چوڭ قىلىۋالغۇچە ئىشلىمەي دېسە ئىدارە روخسەت بەرمىگەن، يىل ئاخىردىكى باھالاشتا تولا نومۇر تارتىپ ئارام بەرمىگەن، تەس جۇمۇ
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 10:01 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    «123»Pages: 1/3     Go
    Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە