saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 1416 قېتىم كۆرۈلدى
تۈرۈك
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7384
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 13
شۆھرەت: 85 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 85 سوم
تۆھپە: 47 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 47 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-10
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 تالاق توغرىسىدا

تالاق توغرىسىدا


س: ئۈچ تالاقنىڭ ھۆكمى نىمە؟ 
ج: بارلىق مەدىيە ئاللاغا مەنسۇپ ،ەرھمەت ئاللانىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ،ئائىلىسىگە ،ۋە ئاخىرغىچە ئەگەشكەن ساھابە ھەم ئۈممەتلىرىگە بولسۇن. 
نىكاھ ئاللا بەندىلىرىنىڭ دۇنيانى بىرلىكتە ئاۋات قىلىشى ئۈچۈن قانۇنلۇق قىلىپ بەرگەن نىئمىتى بولغىنىدەك ،تالاقمۇ بەزى چاغلاردا ئاللانىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان نىئمىتىدىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ.تالاق ھەققىدە قەدىمدىن ھازىرغىچە بۇ ئۇممەتنىڭ ساھابىلىرىدىن تارتىپ ھازىرقى زاماننىڭ مۇجتەھىد- ئولامالىرى ئوتتۇرسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ كەلدى .مۇجتەھىدلىرىمىز تالاقنىڭ تۇرلىرى، قانداق تالاق كۈچكە ئىگە ؟ قايسى ھالەتتە تالاق قىلىنىدۇ؟ بىر قىتىمدىلا بىرئورۇندا ياكى بىر نىكاھ ئىچىدە ئۈچ تالاق ياكى مىڭ تالاق دىسە چۈشەمدۇ،چۇشمەمدۇ؟ چۇشسە نەچچىسى چۈشىدۇ؟ دىگەندەك تىمىلاردا ئختىلاپ قىلىشقان بولسىمۇ،لىكىن تالاقنىڭ ئىسلامدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىجمائ قىلغان.بىز توۋەندە تالاق ھەققىدىكى بايانلاردىن ئۈچ تالاقنىڭ ھۆكمى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. 
مۇجتەھىد ئۆلەمالىرىمىز ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى بىر پاكلقتا ئارقىمۇ -ئارقا ئۈچ ياكى كوپ تالاق قىلىشىنى ،ياكى بىر ئورۇندا ئۈچ ياكى كوپ تالاق قىلىشىنى،ياكى بىر لەۋزىدىن ئۈچ ياكى كوپ تالاق قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلكىگە ئىتپاق قىلىشتى.چۇنكى بۇ خىل تالاق ئەر ياكى ئەر-ئايال پۇشايمان قىلغاندا يارىشىۋىلشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. 
‹‹مەھمۇد ئىبن لۇبەيد مۇنداق دەيدۇ :پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى بىرقىتىمدىلا ئۈچ تالاق قىلغانلىقىدىن خەۋەر تىپىپ ئاچچىقلانغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ-مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرساممۇ سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاللانىڭ كىتابى بىلەن ئوينىشامدۇ ؟دىدى،ئارىدىن بىرەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ- ئى رەسۇلۇللا ،ئۆلتۇرۋىتەيمۇ؟دەپ كەتتى.››بۇ ھەدىسنى نەسەئى رىۋايەت قىلغان. 
ئىبنى قەييۇم ‹قىيىنچىلىقتاقالغانلارغا ياردەم› دىگەن كىتابىدا ئۇ ئادەم ئاللا بەلگىلىگەن تالاق ئۇسۇلىدىن چىقىپ كىتىپ پۇشايمان قىلسا يارىشىۋىلىشدىن ئىبارەت بولغان ئاللانىڭ ئىرادىسىگە قارشى ئىش قىلغاچقا ھەمدە ‹‹ تالاق ئىككى قىتىمدۇر›› دىگەن ئايەتكە مۇخالىپ ئىش قىلغاچقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللانىڭ كىتابى بىلەن ئويناشقۇچى دەپ ئاتىدى.‹ئىككى قىتىم ياكى بىر نەچچە قىتىم› دىگەن سوز قۇرئان،ھەدىسنىڭ تىلىدا بەلكى ئەرەپ تىلىدىلا ئەمەس ھەرقانداق مىللەتنىڭ تىلىدا بىر قىتىم يۇز بىرىپ بولۇپ ئاندىن يەنە بىر قىتىم يۇز بەرگەننى بىلدۇرىدۇ. ئەگەر بىر قىتىمغا بىر نەچچە قىتىمنى ئىشلەتسە ئاللا بەلگىلىگەن ۋە ئاللانىڭ كىتابى توختىتىپ بەرگەن ئولچەمدىن ئاشۇرۋەتكەن بولىدۇ.› 
ئالىملار بۇ خىل تالاقنىڭ ھاراملىقىدا ئىتىپاق بولسىمۇ لىكىن كۈچكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكىدە بىر قانچە خىل قاراشنى ئىلگىرى سۈردى.كوپچىلىك ئولەمالار بۇ خىل تالاقنىڭ چۇشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۇرسە بەزىلەر چۇشمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى. يەنە بەزىلەر بىر تالاق بولۇپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ دىسە يەنە بەزىلەر نىكاھ قىلىپ جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا ئۈچ تالاق، جىنسى مۇناسىۋەت قىلمىغان بولسا بىر تالاق بولىدۇ دىيشتى.توۋەندە بىز ئۈچ تالاق ئۈچ ھىساپلىنىپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ دىگۈچىلەرنىڭ دەلىلىنى كۆرۈپ ئوتەيلى. 
1.‹‹ئاياللارنى(ئۈچىنجى) تالاق قىلغاندىن كىيىن ئۇلار باشقا ئەرگە نىكاھلانمىغۇچە ئالدىنقى ئىرىگە ھالال بولمايدۇ.سۇرە بەقەر229-ئايەت› 
2.‹‹ئاياللارنى بىرگە بولۇشدىن ئىلگىرى تالاق قىلساڭلار.....سۇرە بەقەر230-ئايەت›› 
3‹‹ئەگەر ئاياللارنى تەلاق قىلساڭلار......سۇرەبەقەر236-ئايەت ›› 
4‹‹تالاق ئىككى قىتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كىيىن ياكى ياخشىلىق بىلەن ئۆي تۇتۇش ياكى ياخشىلىقچە ئايرىلىش بار سۇرەبەقەر229-ئايەت›› بۇ ئايەتنىڭ زاھىرى مەنىسى مەيلى بىر قىتىمدىن تالاق قىلىڭ ياكى ئىككىنى بىر قىتىمدىلا دەڭ ياكى بىرلا ۋاقىتتا ئۈچنى دەڭ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ . 
5.‹‹سەھىل ئىبنى سەئىددىن ھەدىس بايان قىلىندى ،بەنۇ ئەجلاننىڭ قىرىندىشى ئايالى بىلەن لەنەت قىلىشقان چاغدا- ئى رەسۇلۇللا مەن ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان بولاي ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتسام،ئۇ تالاق،تالاق،تالاق-دىدى››ئەھمەد رىۋايىتى. 
6.‹‹ھەسەن ئابدۇللا ئىبنى ئومەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ،ئابدۇللا ئىبنى ئومەر ئايالىنى ھەيزدار ۋاقتىدا بىر تالاق قىلدى ھەم كيىنكى ئىككى قىتىملىق ھەيىزدىمۇ ئىككى تالاق قىلماقچى بولغان ئىدى رەسۇلۇللا ئۇنىڭغا-ئى ئبنى ئومەر ئاللا سىنى مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟ سۇننەتتە خاتالاشتىڭ سۇننەتتكى تالاق پاكلىقىنى كۈتىسەن (ھەيىزدىن ساقىيىپ مۇجامىئەتتىن بۇرۇن ) ئاندىن ھەر قاچان پاك بولغان ۋاقتىدا تالاق قىلىسەن.ئىبن ئومەر مۇنداق دەيدۇ: رەسۇللۇلا مىنى قايتۇرۇۋىلىشقا بۇيرىدى،مەن قايتۇرۇۋالدىم.رەسۇلۇللا -ئەگەر ئايالىڭ ھەيىزدىن پاك بولسا شۇ چاغدا خالىساڭ تالاق قىل خالىساڭ ئۆي تۇت-دىدى ،مەن -ئى رەسۇلۇللا ،ئەگەر ئايالىمنى ئۈچ تالاق قىلسام ئاندىن قايتۇرۇۋالسام ھالال بولامدۇ -دىدىم رەسۇلۇللا-ياق ئايالىڭ بائىن (قايتا توي قىلمىغۇچە ياراشقىلى بولمايدىغان ئايال) بولىدۇ ،سەن گۇناھكار بولىسەن-دىدى.››دار قۇتنى رىۋايەت قىلدى. 
7 ‹‹ئۇبادە ئىبنى سامىتدىن رىۋايەت قىلىندى ،-بوۋام بىر ئايالىنى مىڭ تالاق قىلدى ،ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا بىرىپتى-بوۋاڭ ئاللادىن قورقمايدىكەن،ئۈچى تالاق بولدى قالغان تۇققۇزيۇز توقسان يەتتىسى ھەددىدىن ئاشقانلىق ۋە زۇلۇم بولدى ،ئاللا خالىسا ئەپۇقىلىدۇ ،خالىسا جازالايدۇ-دىدى.›› ئابدۇراززاق رىۋايەت قىلدى. 
8.‹‹ رۇكانا ئىبنى يەزىيد ئايالىنى بەتتە(ياراشقىلى بولمايدىغان)تالاق قىلدى ،ئاندىن رەسۇلۇللانىڭ قىشىغا كىلىپ خەۋەر قىلدى رەسۇلۇللا -ئاللانىڭ نامى بىلەن بىرنى مەقسەت قىلغانلىقىڭغا قەسەم قىلالامسەن؟دىدى ،رۇكانە-ئاللانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى بىرنى مەقسەت قىلدىم-دىدى،رەسۇلۇللا ئۇنڭغا ئايالىنى قايتۇرۇپ بەردى،رۇكانە ئۇ ئايالنى ئومەرنىڭ زامانىدا بىر تالاق ئوسماننىڭ زامانىسىدا بىر تالاق قىلدى.››بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلدى. 
مانا بۇ بارلىق تابىئىنلار،كۆپچىلىك ساھابىلار ،تۆت مەزھەپ ئىماملىرىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولى. 
ئەمدى پەقەت بىرسىلا چۈشىدۇ دىگۈچىلارنىڭ دەلىلىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. 
1.‹‹ ئەبۇ سەھبا ئابدۇللا ئىبنى ئابباسقا -ئى ئبنى ئابباس ،رەسۇلۇللانىڭ،ئەبۇ بەكرىنىڭ،ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكنىڭ ئالدىنقى دەۋرىدە ئۈچ تالاق بىر ھىساپلانمامتى؟ئىبنى ئابباس-ئەلۋەتتە بىر ھىساپلىناتتى.››مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. 
2. ئابدۇللا ئىبنى ئابباسدىن رىۋايەت قىلىندى،‹‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ،ئەبۇ بەكرىنىڭ،ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىلىدا ئۈچ تالاق بىر ھىساپلىناتتى،ئۆمەر-كىشىلەر ئۆزلىرىدە مۆھلەت بولغان ئشتا ئالدىراپ كىتىشتى،ئەگەر (ئۈچنى ئۈچ)ئجرا قىلغان بولساق ،شۇنىڭ بىلەن شۇبويچە ئىش كۆردى.›› مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. 
3.ئابدۇللا ئىبن ئابباسدىن رىۋايەت قىلىندى،‹‹رۇكانە ئايالىنى بىر ئورۇندا ئۈچ تالاق قىلىۋتىپ قايغۇرۇپ ئولتۇرۇپ كەتتى،رەسۇلۇللا -قانداق تالاق قىلدىڭ؟دەپ سورىدى،رۇكانە -ئۈچ تالاق قىلدىم-دىدى،رەسۇلۇللا -بىر ئورۇندىمۇ؟ -دىدى،رۇكانە-ھەئە،رەسۇلۇللا شۈبىھسىز ئۇ بىر خالىساڭ يارشىۋال،-دىدى،رۇكانە قايتۇرۇۋالدى.››ئەھمەد،ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلدى. 
4.ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: ‹‹قۇرئان،ھەدىس،ئجمائ،قىياستا ئۈچ تالاقنىڭ ئۈچ بولىدىغانلىقىدا دەلىل يوق،ئۈچ تالاق قىلغۇچى ئايالى بىلەن ياراشسا شەكسىز بولىدۇ،ياراشقۇسى بولسىمۇ بولمايدۇ دەپ چەكلىۋىتىش شەكسىز ھارام،ئۈچ تالاقنى ئۈچ دەپ قاتارغا ئىلىپ ئاندىن ھالاللايمىز دەپ تەھلىل نىكاھى قىلىش ھارام ەھەم باتىل ،ھىچ قانداق بىر ئايالنىڭ تەھلىل نىكاھى بىلەن ئىرى بىلەن ياراشقىنى مەلۇم ئەمەس. رەسۇلۇللا‹‹ئايال كىشىنى(ئاتالمىش) ھالاللاپ بەرگۈچىگە ،ھالاللاتقۇچىغا لەنەت قىلغان.پەيغەمبەر ئۈممىتىگە شەرىئەت قىلىپ بەرگەن نەرسىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس،پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدە مەنسۇخ بولمىغان نەرسە (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ،ئەبۇ بەكرىنىڭ،ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىلىدا ئۈچ تالاق بىر ھىساپلىناتتى) كىيىنمۇ مەنسۇخ ئەمەس. 

‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ،ئەبۇ بەكرىنىڭ،ئۆمەرنىڭ خەلىپىلىكىنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىلىدا ئۈچ تالاق بىر ھىساپلىناتتى.›دىگەن سۆزنىڭ راسلىقىدا شەك يوق ،دىمىك،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق پەتۋا بەرگەن ،ئەبۇ بەكرىمۇ شۇنداق پەتۋا بەرگەن،ئۆمەرمۇ بۇرۇن شۇنداق پەتۋا بەرگەن،ئۆمەرنىڭ كىيىنكى ئۈچ تالاقنى ئۈچ دەپ ئىجرا قىلىشى،كىشىلەرنىڭ ئالدىراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن كىشىلەرنى جازالاشدىن ئىبارەت بولغان مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ چىقارغان ئىجتىھادى.بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەرنىڭ، پەيغەمبەرنىڭ دەۋرىدىكى ساھابىلەرنىڭ ،پەيغەمبەرنىڭ خەلىپىسىنىڭ پەتۋاسىنى تەرك ئىتىش دۇرۇس ئەمەس.ھەقىقەت ئاشكارە بولدى ،ھەركىم خالىغىنىنى دىسۇن،ئاللا ئىشلىرىمىزغا ئۇتۇق ئاتا قىلسۇن.›› 
5.ئىمام شەۋكانى مۇنداق دەيدۇ: 
‹ ساھىبۇلبەھرى ئەبۇ مۇسانىڭ (ساھابە) ئۈچ تالاقنىڭ بىر چۈشىدىغانلىقىنى دىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.بۇنىڭغا مايىل كىشىلەردىن ئەلى،ئىبن ئابباس،تائۇس،ئەتا،جابىر،ئبن زەيد،قاسىم،ھادى،باقىر،ئەھمەد ئىبن ئىيسا ،ئابدۇللا ئىبن مۇسا،زەيد ئىبن ئەلى قاتارلىقلارنى، كيىىنكى ئولەملاردىن ئىبن تەيمىيە،ئبن قەييۇم،ۋە مۇھەققىقلاردىن بىرتوپ جامائەتنى ساناش مۇمكىن. بۇ يەنەمۇھەممەد ئىبن ۋەداھ نىڭمۇ تۇتۇپ ماڭغان يولى، قۇرتۇبەنىڭ ئۇستازلىرىدىن مۇھەممەد ئىبن بەقى،مۇھەممەد ئبن سالاملارمۇ ئۈچ تالاقنى بىر دەپ پەتۋا بەرگەن. ئىبن ئىيسا،تائۇس ،ئىبن دىينار،ئەتا،ئۆمەر قاتارلقلارنىڭ ئۈچ تالاقنى بىر دەپ پەتۋا بەرگەنلىكىنى ئىبن مۇنزىر نەقىل قىلىدۇ،بۇ ھەم ئەلى ،زۇبەيىر،ئىبن مەسئۇد،ئابدۇراھمان ئىبن ئەۋپنىڭمۇ تۇتۇپ ماڭغان يولى. 
بۇنى يەنە يىقىنقى زامانلاردا سوت مەھكىمىلىرىمۇ ئىجرا قىلغان .مىسىر قانۇنىنىڭ1929-يىلى25-نومۇرلۇق تۇزتىلگەن نۇسخىسىنىڭ 3-ماددىسىدا‹‹ مەيلى ئىغىز ئارقىلىق بولسۇن ياكى ئىشارەت ئارقىلىق بولسۇن ئۈچ تالاق بىر چۈشىدۇ ›› دىيلگەن. 
ئۈچ تالاق پەقەتلا چۇشمەيدۇ دەپ قارايدىغانلارنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكىچە: 
ئۇ بىدئەت تالاق،بىدئەت تالاق دىگەن چۈشمەيدۇ،چۈنكى رەسۇلۇللا ‹‹كىمكى بىز قىلىشقا كۆرسەتمە بەرمىگەن ئەمەلنى قىلسا قوبۇل ئەمەس››دىگەن. 
تابىئىنلارنىڭ بەزىسى بۇ يولنى تۇتۇپ ماڭغان،ئبن ئۇلەييە ،ھىشام ئىبن ھەكەم،ئەبۇ ئۇبەيدە قاتارلىقلاردىن بۇ توغۇرلۇق رىۋايەت بار.بۇ يەنە مۇھەممەد باقىر،جەئفەر سادىق،ناسىرلارنىڭ مەزھىپى، 
نىكاھ قىلىپ جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا ئۈچ تالاق جىنسى مۇناسىۋەت قىلمىغان بولسا بىر تالاق بولىدۇ دىگەن يولنى ئىبن ئابباس ۋە ئىسھاق ئىبن راھويەنىڭ يارەنلىرىدىن بىرتوپ جامائەت تۇتقان. 
بۇ توت خىل مەزھەپتىن ئالدىنقى ئككىسى ئاساسى ئىقىم . 
بىز توۋەندە بىر تالاق چۈشىدۇ دىگۈچىلەرنىڭ ئۈچ تالاق چۈشىدۇ دىگۈچىلەرگە بەرگەن رەددىيەلىرىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى. 
1 ئايەتنى دەلىل قىلىشقا كەلسەك ئايەتتە ئوچۇق ھەدىسنى مەنسۇخ قىلغۇدەك ئۈچ تالاقنىڭ ئۈچ بولىدىغانلىقىغا دەلىل يوق ،تالاق توغۇرلۇق ئايەتلەر ئومۇمى كەلگەن بۇ ئۈچكىمۇ بىرگىمۇ دەلىل بولالمايدۇ . ‹‹تالاق ئىككى قىتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كىيىن ياكى ياخشىلىق بىلەن ئۆي تۇتۇش ياكى ياخشىلىقچە ئايرىلىش بار .سۇرەبەقەر229-ئايەت›› دىگەن ئايەت تىخى ئۈچ تالاقنىڭ ئۈچ بولىدىغانلىقىغا دەلىل ئەمەس بەلكى بىر بولىدىغانلىقىغا دەلىل چۈنكى مەررتان(ئىككى قىتىم) كەلىمىسنى لۇغەت بويچە ئىزاھلىساق بىر قىتىم بىر قىتىمدىن كيىن دىگەن بولىدۇ ،مەسىلەن ‹زەھەبتۇ ئىلەسسۇقى مەررەتەين›يەنى بازارغا ئىككى قىتىم باردىم دىسە ئۇ ئادەم چوقۇم بىر قىتىم بىرىپ كىلىپ ئاندىن يەنە بىر قىتىم بىرىپ كەلدى دىگەن بولىدۇكى ھەرگىزمۇ بىرلاۋاقىتتا ئىككى قىتىم بازارغا باردىم دىگىلى بولمايدۇ ،بۇ لوگىكىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. 
2.‹‹سەھىل ئىبنى سەئىددىن ھەدىس بايان قىلىندى ،بەنۇ ئەجلاننىڭ قىرىندىشى ئايالى بىلەن لەنەت قىلىشقان چاغدا- ئى رەسۇلۇللا مەن ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان بولاي ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتسام،ئۇ تالاق،تالاق،تالاق››ئەھمەد رىۋايىتى. بۇ ھەدىس لەنەت توغۇرلۇق كەلگەن. ئۆلەمالار ئوتتۇرسىدا ئىتىپاق مەسىلە شۇكى ئەر-خوتۇن لەنەت قىلىشسا بىر-بىرىگە مەڭگۇ ھالال بولمايدۇ ،بەنۇ ئەجلان مەيلى تالاق قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن ئەھمىيتى يوق .بۇ ھەدىس ئۈچ چۈشىدۇ دىگۈچىلەرگە دەلىل بولالمايدۇ. 
3. ‹‹ھەسەن ئابدۇللا ئىبنى ئومەردىن ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ،ئابدۇللا ئىبنى ئومەر ئايالىنى ھەيزدار ۋاقتىدا بىر تالاق قىلدى ھەم كيىنكى ئىككى قىتىملىق ھەيىزدىمۇ ئىككى تالاق قىلماقچى بولغان ئىدى رەسۇلۇللا ئۇنىڭغا-ئى ئبنى ئومەر ئاللا سىنى مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرىدىمۇ؟ سۇننەتتە خاتالاشتىڭ سۇننەتتكى تالاق پاكلىقىنى كۈتىسەن (ھەيىزدىن ساقىيىپ مۇجامىئەتتىن بۇرۇن ) ئاندىن ھەر قاچان پاك بولغان ۋاقتىدا تالاق قىلىسەن.ئىبن ئومەر مۇنداق دەيدۇ: رەسۇللۇلا مىنى قايتۇرۇۋىلىشقا بۇيرىدى،مەن قايتۇرۇۋالدىم.رەسۇلۇللا -ئەگەر ئايالىڭ ھەيىزدىن پاك بولسا شۇ چاغدا خالىساڭ تالاق قىل خالىساڭ ئۆي تۇت-دىدى ،مەن -ئى رەسۇلۇللا ،ئەگەر ئايالىمنى ئۈچ تالاق قىلسام ئاندىن قايتۇرۇۋالسام ھالال بولامدۇ -دىدىم رەسۇلۇللا-ياق ئايالىڭ بائىن (قايتا توي قىلمىغۇچە ياراشقىلى بولمايدىغان ئايال) بولىدۇ ،سەن گۇناھكار بولىسەن.››دار قۇتنى رىۋايەت قىلدى. 
بۇ ھەدىس ئەسلىدە شەكسىز سەھىھ ھەدىس باش تەرىپىنى نۇرغۇن مۇھەددسلەر رىۋايەت قىلغان لىكىن ئۇلاردا بۇخىل ھالەتتە ئەمەس (-ئى رەسۇلۇللا ،ئەگەر ئايالىمنى ئۈچ تالاق قىلسام ئاندىن قايتۇرۇۋالسام ھالال بولامدۇ -دىدىم رەسۇلۇللا-ياق ئايالىڭ بائىن (قايتا توي قىلمىغۇچە ياراشقىلى بولمايدىغان ئايال) بولىدۇ ،سەن گۇناھكار بولىسەن) دىگەن قىسمىنى ئىشەنچىلىك راۋىيلار رىۋايەت قىلمىغان بۇ خىل زىيادىسى بار نۇسخىسىنىڭ راۋىيلار تىزىملىكىدەشۇئەيب ئىبن زۇرەيق دىگەن ئادەم بار بۇ شاملىق ئادەمنى بەزىلەر زۇرەيق ئبن شۇئەيبمۇ دەيدۇ، نىمە بولسا بولسۇن بۇ ئادەم زەئىپ ،شۇڭا بۇ زىيادىسى ھۆججەتكە يارىمايدۇ. 
4. ‹‹ئۇبادە ئىبنى سامىتدىن رىۋايەت قىلىندى ،-بوۋام بىر ئايالىنى مىڭ تالاق قىلدى ،ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا بىرىپتى-بوۋاڭ ئاللادىن قورقمايدىكەن،ئۈچى تالاق بولدى قالغان تۇققۇزيۇز توقسان يەتتىسى ھەددىدىن ئاشقانلىق ۋە زۇلۇم بولدى ،ئاللا خالىسا ئەپۇقىلىدۇ ،خالىسا جازالايدۇ-دىدى.›› ئابدۇراززاق رىۋايەت قىلدى. بۇ ھەدىسمۇ زەئپ چۈنكى بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلار تىزىملكىدە ئىبراھىم ئىبن ئۇبەيدۇللا بار ئۇ ئادەم زەئپ يەنە تىخى بۇ ھەدىس راۋىيلار تىزىملىكىدە باشقا راۋىيلارمۇ زەئىپ ،قانداقمۇ زەئىپ بولمىسۇن ئۇبادە ئىبن سامىت ۋەدادىسى ئىسلامنى تاپقان لىكىن بوۋىسى ئىسلام كەلمەستە ئۆلۈپ كەتكەن تۇرسابۇنداق بولۇشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. 
4. ‹‹ رۇكانا ئىبنى يەزىيد ئايالىنى بەتتە(ياراشقىلى بولمايدىغان)تالاق قىلدى ،ئاندىن رەسۇلۇللانىڭ قىشىغا كىلىپ خەۋەر قىلدى رەسۇلۇللا -ئاللانىڭ نامى بىلەن بىرنى مەقسەت قىلغانلىقىڭغا قەسەم قىلالامسەن؟دىدى ،رۇكانە-ئاللانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى بىرنى مەقسەت قىلدىم-دىدى،رەسۇلۇللا ئۇنڭغا ئايالىنى قايتۇرۇپ بەردى،رۇكانە ئۇ ئايالنى ئومەرنىڭ زامانىدا بىر تالاق ئوسماننىڭ زامانىسىدا بىر تالاق قىلدى.››بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلدى. 
بۇ ھەدىسكە كەلسەك بۇ ھەدىسمۇ ھەم زەئىپ چۇنكى بۇ ھەدىىستىكى نافىئ ئبن جۇرەيج نامەلۇم ئادەم مۇھەددىسلەر پىشۋاسى ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى زەئىپ دىگەن. 
بىز يۇقىردا ئۈچ تالاققا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى بايان قىلىپ ئۆتتۇق،بىزدەلىلەرنى سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق شۇنى كۆرۈپ يەتتۇقكى ئىبن تەيمىيە بۇ توغىرسىدا ئەڭ توغرا يەكۇن چىقارغان ،ئۇ بولسىمۇ ‹ئۈچ تالاق بىر ھىساپلىنىدۇ›.چۈنكى ئەر-ئايال بىر نىكاھ بىلەن باغلانغاندەك بىر تالاق بىلەن ئاجرايدۇ بىر ئادەم بىر ئايالنى ئالدىم،ئالدىم،ئالدىم دىسە ئۈچ قىتىم ئالغان بولمايدۇ.شۇڭا تالاق بىلەن تالاق ئارلىقىدا يارىشىش بولۇش كىرەك. ئاللا ئەڭ ئالىم. 

مەنبە: توردىن ساقلىۋالغان  

تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-06, 20:44
ئادىل
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-06 15:08 |
babak
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6282
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 58
شۆھرەت: 290 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 290 سوم
تۆھپە: 174 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 174 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 109(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىر ئادەم بىر ئايالنى ئالدىم،ئالدىم،ئالدىم دىسە ئۈچ قىتىم ئالغان بولمايدۇ.
........................................................................................................
ھەجەپ تەسۋىرلەپتۇۇۇ...
تېمىنى يوللىغىنىڭىزغا  ئاللاھ ئەجىر بەرگەي...رەخمەت...
lutun
گاس دەپ غەيۋەت قىلما،
قارىغۇ دەپ خىيانە قىلما.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 00:42 |
asanat2
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7023
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 30 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 30 سوم
تۆھپە: 18 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 18 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن!ئۇلۇغ ئاللاھ ئاياللارنى تالاق قىلىشتىن ساقلىسۇن ئامىن تالاق چاقچاق ئورنىدا كۈرىدىغان نەرسە ئەمەس ئەلبەتتە................
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-09 20:36 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » ئادەت قېرىماس