saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 2800 قېتىم كۆرۈلدى
yaxna
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6538
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 50
شۆھرەت: 303 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 313 سوم
تۆھپە: 174 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 175 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 112(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قىزلارنىڭ بۇزىلىشدىكى ھەممە سەۋەپ ئەرلەردىمۇ؟

بۇرۇن ئاللاكىملەرنىڭ ، لۈكچەكلەرنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچراپ ، ئىپپىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى قاتتىق ھار ئېلىپ ئۆزىنى دەريا ، كۆل - ئۆستەڭ ، ئىلەكلەرگە تاشلاپ ئۆلۈۋالغان ئاياللارنى ئاڭلىغانمەن. ھەتتا ئېھتىياتسىزلىقتىن قېيىن ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئوسۇرۇپ سېلىپ ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان ئاياللارنىمۇ ئاڭلىدۇق.نۆۋەتتە ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىدىكى غەربلىشىشكە چوقۇنۇش ، جىنسى ئەركىنلىك ئېقىمىغا ئۆزىنى ئېتىش، ھاياسىزلىشىش، ئېتىقادسىزلىشىشنى مىللىتىمىز بېشىغا كەلگەن ئەڭ ئېغىر كۈلپەت دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.

بىز ئەرلەر يېرىم - يالىڭاچ يۇرمەڭلار دىدۇق. خۇراپى دىدىڭلار. ھاراق ئىچمىدۇق-تاماكا چەكمىدۇق___ موللام مىجەز، ئوغۇل بالىچىلىقى يوق دىدىڭلار. سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردىكى ئوغۇل بالىچىلىق زادى قانداق؟

مانا سىلەردىكى غەرپكە چوقۇنۇش ئالدى بىلەن كاللاڭلارنى ،ئاندىن ئۈستىۋېشىڭلارنى، ئاخىرىدا ھەممە يېرىڭلارنى ئېچىۋەتتى.....

بىز ئوغۇللارنى ھازىر ئەڭ بەك ئېچىندۈرۈۋەتكىنى ___ تېخى يۈزى ئېچىلمىغان كىچىك قىزلارنىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن ئىپپىتىنى ئادەتتىكى نەرسە دەپ قارىشى............. ھازىر ئۇلار ئۈچۈن ئىپپىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋاي دىگۈدەك ئىش ئەمەس.

زامانىۋى شەھەر قىزلىرى قانغىچە بىر چېكىپ يا ئىچىپ ، دېسكوخانىلاردا بىرەر ئاخشام سەكرىۋالسا ،يېزىلاردا ئەپلەپ-سەپلەپ توي قىلىۋالسا( ئەتىسى ئاجرىشىپ كەتسىمۇ مەيلى) ھەممە ئىش ئۆتۇپ كېتىدىغان بولدى.

يەنەبىر قىسىم قىزلار ئىسمىنى ئاتاپ بولغىلى بولمايدىغان <<تىرناق ياساش قەلئەسى >> << پۇت يۇيۇش شەھەرچىسى>> دىگەندەك غەيرى يەرلەردە ئۆزىنىڭ بىباھا ئىپپەت نومۇسى، گۆھەردەك تەنلىرىنى سېتىپ ھارامخور تا ئىپىلەرنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاقچىغا تولدۇرماقتا .

ناۋادا ئۇلارغا ھالال ياشىسىڭىز بولمامدۇ دېسىڭىز دەرھال : سىز ئەر بولسىڭىز ئەمىسە مېنى خوتۇنلۇققا ئالامسىز؟

ئايال بولسىڭىز ئەمىسە مېنى بالا قىلىپ بېقىۋالامسىز؟دەپ زۇۋانىمىزنى تۇۋاقلاپ قويىدۇ، ئەجەبا ئۇلار قىلاي دېسە جەمئىيەتتىن باشقا ئىش تېپىلماسمۇ؟ ئۇلار خالىمايدۇ، يىراق سەھرالاردا تاغار يۈدۈپ يۈرگۈسى يوق، ....تاماقخانىلاردا قاچا-قۇچا يۇيۇپ نومۇسقا قالغۇسى يوق، كوچا- كويلاردا ئۆپكە - ھېسىپ. دورغاپ - لىغىرداق سېتىپ جاپا تارتقۇسى يوق، ..... پۇلى يوق ،ئەمما ئەركەك تۈكى بار ئەردىن بىرىگە تېگىپ جاپالىقراق بولسىمۇ بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقارغۇسى يوق. مانا بۇ راھەتپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى .

ھازىر بەزى كىشىلەر ھايۋانات دۇنياسىدىن قىلچىلىك پەرقى بولمىغان جىنسى ئەركىنلىك ئېقىمىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ، <<< ئاياللىق ئىپپىتى ---- پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ئۈچۈن تەييارلانغان ئامانەت بولماستىن بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈنمۇ تەييارلانغان ئامانەتتۇر، بۇلغانمىغان ئانا تېنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ۋە كەلگۈسىدىكى دۇنياغا كۆز ئاچماقچى بولغان پەرزەنتىڭلار ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئېسىل بىباھا سوۋغات.>>>. قىزلار ، سىلەر ھەرقاچان بۇنداق چوڭقۇر مەنىلىك سۆزلەرنى ئانچە بەك چۈشىنىپ كېتەلمەيسىلەرغۇ دەيمەن، يەنە كەمبەغەل- كەمبەغەلنىڭ قاياشى دىگەندەك بىر- بىرىڭلار بىلەن دوست تارتىشىپ مېنىڭكىنى خاتاغا چىقىرارسىلەر بەلكىم.......

يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ ، ئەتىرلەرنى بولۇشىغا چېچىپ ئايىغى چىقماس قاتار چاي، ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى،خىزمەتداش، ئۈلپەتداشلار ئولتۇرۇشىغا ماڭساڭلار : ياسىنىپ- تارىنىپ بېرىدىغان ئېرىڭ مەن تۇرسام مۇنچە قىلىپ نەگە؟ بارما دىسەك قېنى قانچىڭلار گەپ ئاڭلايسىلەر؟ دەپ بېقىڭلارچۇ؟

بىزنى سەۋەبسىزلا مۇشۇنىڭ بىلەن قالاق، كۈنلەمچى،مەدەنىيەتسىز قاتارىغا چىقىرىۋېتىسىلەر............

ئېرىڭلارنىڭ تاپقان تۆت تەڭگىسىگە شۈكرى قىلماي ئىككى تال سېسىق پۇل ، ئازغىنا مەنپەئەت ئۈچۈن ئېرىڭلار، بالاڭلارنى ئويلىماي ئىشتان بېغىڭلارنى ئۆزەڭلار يېشىپ بېرىۋاتىسىلەر...........

قېنى ئويلاپ بېقىڭلارچۇ؟ كىم سىلەرنى كارىۋاتقا مەجبۇرلاپ چىقاردى؟ سىلەر قىز - ئاياللار ئۆزەڭلەرگە چىڭ بولساڭلارلا بىزنىڭ ھەر قانچە يامان نىيىتىمىز بولسىمۇ قانداق قىلالايمىز؟؟ دەڭلارچۇ؟

كونا بولسىمۇ يەنە دەپ قوياي، شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ، يىڭنە جىم تۇرمىسا يىپ ساپقىلى بولمايدۇ...

ئەمدى بىزدىمۇ بار ، بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىللەت سىلەرنى ئەخمەق قىلىشىمىز ، ئالدىشىمىز ئەمەس، مېنى تىللىماي ئاخىرىنى ئوقۇڭلار ،دىمەكچىمەن ، سىلەر ئەخلاقلىق بولۇپ يامان نىيەتلەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشمىسەڭلارلا بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ھايۋانلارمۇ تۈگەيدۇ، ئۇلارغا شارائىت قالدۇرماڭلار. ئۇلار قانداق قىلالايدۇ؟

بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىللەت -- ئەرلىك غورۇرى يوق خۇمسىلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ئەرلىك غورۇر، ۋىجدان، مەسئۇلىيەت ئېڭى بىزدە يېتىلسە بىزمۇ ئوڭشىلىپ كېتىمىز.

بەزى سولامچى( باشقۇرغۇچى دوستۇم،سەت گەپ قىلساممۇ مۇشۇ گەپنى بىر ئۆچۈرۈۋەتمىسىڭىز ،ئۇلارمۇ بىر كۆرسۇن) ،ئەرلىك غورۇرىنى چاشقان يەپ كەتكەن ناجىنس، غىتمەك ، لامزەللە مازلار تېخى بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىڭ ئىچكىرىگە بېرىپ ئۇسۇلچى بولۇشىنى نورمال ئىش ، قابىلىيىتىنى كۆرسەتكەنلىك ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تېنىنى سېتىپ پۇل تېپىشىنى قوللايدىكەن، تۈ فى، ھۇ لامزەللە ،ئاپاڭنى،سىڭلىڭنى ئاپىرىپ بەر تېخى بۇنداق ئىش مۇشۇ مۇنبەردىمۇ بار ، مۇشۇنداق تېمىلارغا قايتۇرۇلغان نۇرغۇن ئىنكاسلارنى كۆردۇم،قارىسام بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىڭ سېتىلىشىنى قوللايدىغان خۇمسىلار 40-50پىرسەنتكە بېرىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ؟

ئىشەنمىسەڭلار مۇشۇ مۇنبەردىكى ئاددى ئادەم يوللىغان << مەن نىمە قىلىشنى پەقەتلا بىلەلمىدىم >>ۋەققايى نىڭ << مۇشۇمۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى بولدىمۇ؟ >> دىگەن تېمىلىرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار......

سىلەر قىز - ئاياللار بىزنىڭ بىرىنچى ۋەتىنىمىز ، سىلەر دەپسەندە قىلىنساڭلار بىز مۇ دەپسەندە قىلىنغان بولىمىز..

سىلەرنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىڭلار ۋەتەننىڭ دەپسەندە قىلىنغىنى .........سىلەر بىزنىڭ ئا نىلىرىمىز، ئاچا- سىڭىللىرىمىز،سىلەر بىزنىڭ بارلىقىمىز ، ماكانىمىز،ئۆيىمىز.......شۇڭا بىز ئۈچۈن بولسىمۇ ،بىچارە مىللىتىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزەڭلارنى ئاسراڭلار، ئەخلاقلىق ، ھايالىق بولۇڭلار.............

يىگىتلىرىم ، سىلەرنىڭ قىزلىرىمىزنى ئالدىغىنىڭلار ، دەپسەندە قىلغىنىڭلار ___ ماھىيەتتە ئۆزەڭلارنىڭ ئاپا- سىڭىللىرىڭلارنى ، ۋەتىنىڭلارنى ،بىچارە مىللىتىڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلار، دەپسەندە قىلغانلىقىڭلار، ئاياق-ئاستى قىلغانلىقىڭلار ئەمەسمۇ؟ بىز شۇ دەرىجىدە نومۇسسىزلىشىپ كەتتۇقمۇ؟ بىز ئاشۇ بىچارە قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ ئىگىسى،ھامىسى، قوغدىغۇچىسى، تاغدەك يۆلەنچۈكى ئەمەسمىدۇق، ئەمدى ئېشىپ تېشىپ ئۇلارنى خەقنىڭ ئاستىغا تاشلاپ بېرىمىزمۇ ؟ تا ر ، مەن كۆز قارىشىدىن ھالقىپ بىز كۆز قارىشىدا ئويلاپ بېقىڭلار
 مەنبە :پەيزىۋات مۇنبىرى
تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-07, 03:21
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-06 22:43 |
iwirghol
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 20
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 113
شۆھرەت: 620 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 621 سوم
تۆھپە: 364 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 368 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 448(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى ئېنىقلاش كېرەك.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 11:06 |
koygandengiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6375
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 93
شۆھرەت: 465 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 465 سوم
تۆھپە: 279 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 279 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 141(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز كۆزقارىشىمنى بايان قىلىپ باقاي .
    مەن قىزلارنىڭ بوزۇلىشىدىكى ئاساسىي  سەۋەپنى يەنىلا ئەرلەردىن دەپ قارايمەن . بۇنىڭ سەۋەپلىرى تۆۋەندىكىچە :
1 -يىگىتلىرىمىزنىڭ توي قىلىشقا  تەييارلىقى بارمۇ يوق ؟!
مەيلى ئوغۇل ۋەياكى قىز بولسۇن ، ئۇ  ئالدى بىلەن بىر زاتى ئەركەكنىڭ پۇشتى . شۇ زاتى ئەركەكنىڭ قېنىكى پاكلىق ياكى ئاقلىق قان ئارقىلىق تۆرەلمىنىڭ تېنىگە كىرىدۇ . بۇنى ئېرسىيەت دەيمىز . دىمەك ، توي قىلىش ئالدىدىكى قانچىلىك يىگىتلىرىمىز كەلگۈسىىدى دادىلىق ئۈچۈن ئويلىشىپ باققاندۇ ؟! ئىچىمىلىك ، چېكىملىك ، بۇزۇقچىلىقنىڭ كوچىسىدا مېڭىپ يۈرۈپ تاپقان بالىلارنىڭ قېنىغا  نىمىلەرنىڭ ئۆتىدىغانلىقى  ھەممىمىزگە سىر ئەمەس . پەندىمۇ ، دىندىمۇ شۇنداق دىيىلىدۇ ، ئائىلە باشلىقلىرىدا بولغان يوشۇرۇن ۋە ئاشكارە بۇزۇقچىلىقلار بالىلىرى ۋە ئەۋلادلىرىغا مىراس قالۇر ........
2 - توغۇلغاندىن كېينكى تەربىيىگە قانچىلىك ئېتىۋار بېرىلىۋاتىدۇ ؟!
ئاتا ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى بولىشى كېرەك ئىدى . ئەمما نۇرغۇن ئاتىلىرىمىز زېھنىنى پەرزەنت تەربىيەلەشكە ، ھەقلەپ نىكاھلاپ ئالغان ئايالى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا سەرپ قىلماي نىمىلەرگە سەرپ قىلىۋاتىدۇ ؟! ئەلۋەتتە بۇنداق دىسەم بەزىلەر ئايال كىشى نىمىش قىلىدۇ دىيشى مۈمكىن . ھالبۇكى يارالمىشىدا ئايالدىن ئەزىز ،  كۈچلۈك قىلىپ يارالغان ئەرلەر ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى ساقلىشى( ئىپپەت دىگەن ئاياللاردىلا بولمايدۇ ) ، ئىپپەتلىك ئەركەكلىك سۈرى بىلەن  ئايالىنى شاپقەت قانىتىغا ئېلىشى ھەم  ئايالىغا ئىپپەتلىك ئۆتۈش تەلىۋىنى قويىشى ،يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەر بولۇش سۈپىتى ، ئائىلىنىڭ ئاياللار قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى ، يوقنىڭ تەڭلىكىگە قويماسلىق ،  ئايالىغا بولغان ھۆرمەت ئاساسىدا بالىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىشى لازىم . شۇندىلا ئايالنىڭ پۈتۈن ئىس - خىيالى ئۆي ، ئەر ، بالا - ۋاقىسى  جۈملىدىن شۇ سۆيۈملۈك قىزلىرى ئۈستىدە بولۇپ ، سالىھ  پەرزەنتلەر يېتىشىپ چىقىدۇ .  
3 -  ئائىلىدىكى مۇھىت بالىلارغا بولۇپمۇ قىزلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ ؟
ئۆز خوتۇنىنىمۇ ئوڭشاپ باشقۇرالمايۋاتقان ئەرلەر ، شۇ خىل مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولغان پەرزەنتلىرىنى قانداق باشقۇرماقچىدى ؟! خوتۇنۇنۇم تالاغا قاراپ قالدى ، خوتۇنۇم رېستۇراندىن كەلمەيۋاتىدۇ ، خوتۇنۇم باشلىقى بىلەن تاڭسىغا كەتتى دەپ ئۆيدە بالا بېقىپ ئولتۇرۇپ قالغان ئەرلەر مېنىڭچە ئىشتان بېغىغا ئېسىلىپ ئۆلىۋالسىمۇ بولىدۇ . دىمەك ، ئەرلەردە خوتۇننى باشقۇرۇپ ئۆيدە تۇتۇپ قالغۇدەك ئەركەكلىك يوق . قىزلار بۇنى كۆرۈپ چوڭ بولىۋاتىدۇ .  توغرىسى ئۇ ئانىسىدىن ئانا بولۇشنى ئۈگىنىۋاتىدۇ . قىزلىرىنىڭ پاك ئىپپەتلىك چوڭ بولىشىنى ئۈمۈت قىلىۋاتقان دادىلار بېڭسى بولسا ئاۋال ھەقلە پ نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنلىرىى ئالدىدىكى جانابى ھەقنىڭ تاپشۇرغان تاپشۇرۇقلىرىنى ياخشى ئاداقىلىپ ، ئاندىن ئەركەكتەك دادىلىق ، ئەرلىك قىلىپ ، ئاندىن قىزىدىن چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتسە بولىدۇ . دادىنىڭ ئەركەكلىكى ، ئانىنىڭ ئىتائەتچانلىقى كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى بولغان قىزلىرىمىزنىڭ قالبىدە  ئەنە شۇ چاغدىن تارتىپلا بىخلىنىدۇ . بۇلا ئەمەس ، دادىسىدىن ئەركەكلىك ھەيۋىسىدىن ئوزۇقلانغان ئاكىلار ، ئىنىلەر  دادىلىرى بىلەن بىللە ئاچىلىرىنى ، سىڭىللىرىنى قانداق باشقۇرۇشنى بىلىدۇ .
   يىغىپ ئېيتقاندا ، قىزلارنىڭ  بوزۇلىشىدىكى سەۋەپلەر كۆپ تەرەپلىمە بولسىمۇ ، ئەممە ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەر بىرى شۇكى ئۇلارنىڭ ئاپىسىنى  قورقۇتقۇدەك دادا يۇق !!!  قىزلىرىنى  قورقۇتقۇدەك دادا يوق !!! ئۇلارنىڭ ئۇلارنى تەپتارتقۇزغۇدەك ئاكىسى ياكى ئىنىسى يوق !!!
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 11:30 |
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1086
شۆھرەت: 6991 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7100 سوم
تۆھپە: 3920 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3984 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1590(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماۋۇ تېمىنى ئوقۇپ قويسىڭىز جاۋابىنى تاپارسىز
كېلىشكەن يىگىتلەر چىرايلىق قىزلار ئەۋلادىڭىزنى ئويلاپ قويۇڭ
./read.php?tid=123&fpage=0&page=1
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 11:48 |
فىدا
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 255
شۆھرەت: 1304 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1321 سوم
تۆھپە: 779 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 782 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 194(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    ئساسلق مەسئۇلىيەت يەنىلا ئاتا- ئانىلاردا ، جەمئىيەتتە شەرمى ھايالق ،ئەدەپ-ئەحلاقلق ،قائىدە يۇسۇنلۇق تىرىشچان مەسئۇلىيەتچان ،كەسىپيە ،تۇرمۇشتا مۇۋاپپەقىيەت قازانعان حانىم -قىزلىرىمىز ئاز ئەمەس . چىۋىننىڭ مىجەزىنى ئالعانلار ھاجەتحانىدىن بەحتىنى تاپىدۇ . لاچىننىڭ مىجەزىنى ئالعانلار كوكتىن بەحىت ئىزلەيدۇ ،«مۇشۇكنى ھارۋىعا قوشسا كارۋاتنىڭ ئاستىعا سورەيدۇ » . پەيحەنبەر ئەلەيھىسسىلام: زامنىنىڭ ئاحىرسىدا ،بۇزۇقچىلق ،ھاراق-شاراپ ئىچىش ،جازانىحورلۇق كوپ بۇلۇپ ،ياشلار كۇپ ئۇلۇپ تىتىدۇ دىگەن . بىز ئۇلارعا ئاللادىن تەۋپىق -ھىدايەت تىلەيلى .
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 11:57 |
begir
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6865
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 157
شۆھرەت: 816 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 828 سوم
تۆھپە: 492 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 504 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 203(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-16
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىزلارنىڭ بۇزۇلىشىدىكى دىگەن سۆزدىكى <بۇزۇلۇش> دىگەن سۆزنى تەھلىل قىلساق بۇ ساق ھالەتتىن ساق ئەمەس ھالەتكە ئۆتۈش دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ . نوقۇل ھالدا بۇزغۇچىنى ئىزدىسەك ئەلۋەتتە ئەرلەردۇر . چۈنكى ئۇلار بەزى مېخانىكلىق ھەركەتلەر ئارقىلىق <بۇزۇش> تەرتىپىنى ئورۇنداپ چىقىدۇ . ھالبۇكى ماھىيەت جەھەتتىن تەھلىل قىلساقچۇ ؟
ياپون ئالىملىرى خېلى بۇرۇنلا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاياللار قارشىلىق قىپ تۇرىۋالسا ئەرلەرنىڭ مەقسىتىگە يېتىشى بەكمۇ تەسكە چۈشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان . دىمەك ، بۇ يەردىكى <بۇزۇلۇش>نىڭ ئورۇنلىنىش جەريانىدا ئاياللارمۇ پائال ماسلاشقان بولىدۇ .
lutun
كىشى ئاخىر ئۆلۈپ كېتىدۇ....
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 12:21 |
subhi
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6615
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 45 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 45 سوم
تۆھپە: 27 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 27 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 188(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنچە بۇنىڭغا تېلىۋىزوردىكى چەتنىڭ كىنولىرى سەۋەپچى بلدى دەپ قارايمەن .چۈنكى تېلىۋىزوردا دەسلەپتە يېقىن تۇرغاننى چىقىرىدۇ ،بۇنىڭغا مەيلى دەيمىز ،كەينىدىن قولتۇتۇشقاننى چىقىرىدۇ ،بۇنىڭزىمۇ مەيلى دەيمىز ،ئاندىن قىچاقلاشقاننى چىقىرىدۇ ،كەينىدىن سۆيۈشكەننى ،ئاخىرىدا......نى چىقىرىدۇ .بۇلارنى كۆرەۋەرگەندىن كېيىن ئادەم ئازىدۇ ،ئاخىرى شۇنداق يوللارغا مېڭىپ قالىدۇ .بۇنداق دېگىنىم تېلىۋىزور ئۇنداقلا ناچار دېگىنىم ئەمەس .تېلىۋىزور توغرا پايدىلانسا ناھايتى ياخشى ،لېكىن كىنو كۆرۈش ئۈچۈن پايدىلانسا ئادەمنى شۇنداق ئازدۇرىدى .
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 12:53 |
albax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2547
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 139
شۆھرەت: 719 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 722 سوم
تۆھپە: 427 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 430 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 203(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-11
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭچە  بۇ مەسئۇلىيەت  كەسكىن ئېيتقاندا ( ئۆز مەدىنىيىتىمىز نى ئاساس قىلساق ) ئىنتايىن ئاز ساندىكىلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاساسەن قىزلاردا بۇلىدۇ .  
مىنىڭچە بىز  پۇقرا بۇلۇش سالاھىيىتىمىز بىلەن قانۇنغا ، ئۇيغۇر بۇلۇش سۈپىـتىمىز  بىلەن ئۆرپ ئادىتىمىزگە ، مۇسۇلمان بۇلۇش سۈپىـتىمىز  بىلەن  شەرىئىتىمىزگە رىئايە قىلىشىمىز كىرەك . ئۇنداق قىلمىغانلار كىمدىن ئاغرىنسا ئامال يوق! مەسئۇلىيەت سۇرۇشتۇرۇشكە كەلسەك  بۇ يەردە كۇنكىرت ئادەم يوق . ھەركىم ئۆزىگە مەسئۇل بولسۇن !
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 12:53 |
nawkeran
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1153
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 60
شۆھرەت: 303 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 304 سوم
تۆھپە: 181 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 182 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 165(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-03-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-31
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن نىمە دىيىشنى بىلمىدىم ،ھەر قانچە دەبدەبىلىك گەپلەرنى قىلسىممۇ يەنلا ئىشنى ئۇزىدىن ۋە ئەتراپىدىن باشلاش كىرەكلىكىنى بىلىمەن.  شۇڭا مەن ئۇزەم باشلىق تۇزتۇشكە تىگىشلىك كەمچىلىكلىرىمنى تۇگۇتۇپ ، يوق بولسا ئالدىنى ئېلىپ ،ئۇزەم ۋە ئەتراپىمدىكلەرنىڭمۇ ھەقىقى مۇسۇلمانلارنىڭ يۇلىدا ،غۇرۇر ، ۋىجدان بىلەن ياشاشقا ا دەۋەت قىلمەن
ozgul munbar
ئەپۇچانلىق ___ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ئىسىل خىسلەت
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 13:47 |
يولۋاس
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 273
شۆھرەت: 1358 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1369 سوم
تۆھپە: 817 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 828 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 282(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-19
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توردا -  گۇناھ ئوغول بالىدا

رىئال تۇرمۇشتا--گۇناھ قىز بالىدا، ( قانداق سەۋەپ بىلەن نومۇسىنى يوقاتقان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر )
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 15:09 |
پەرۋاز
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6529
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 32
شۆھرەت: 160 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 170 سوم
تۆھپە: 96 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 96 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 34(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     قاغا بىلەن دوست بولساڭ ، يېيىشىڭ پوق .-دەيدىكەن كونىلار ، قاغا-قۇزغۇنلار دۇنيارىدا ياشاۋىتىپ،ئۆگۈنمەي قالارمۇ شۇ خۇينى، سېغىزخان! ھەممە ئەسكىلىكنىڭ مەنبەرى مېنڭچە بىرلا...!
     ھەمىمىزنىڭ پەرزەنتى بولغۇسى،ئۇلار خاراب بولمىسۇن ! ئىمان-ئېتىقادىمىز ، ئەدەپ-ئەخلاقىمىز ، قائىدە-يوسۇنلىرىمىز ھەم نەسلىمىز سېغىزخاندەك يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالمىسۇن ! تەربىيىنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ، مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئىشلارغا نىيەت قىلايلى ، تاغ يۆتكىمەيمىز ، پەقەتلا ئۆز ئائىلىمىزگە ھەقىقىي تۈردە ئىگە بولۇپ،ئائىلە تەربىيىسىگە زېھنىمىزنى بېرەيلى ، كۆزىمىز كۆرگەن ئەسكىلىكلەرگە چامىمىز يەتكىنىچە تۈزىتىش بېرەيلى ،بۇلارنى كۈندىلىك ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرىۋالساق،ئۇلۇغ ئاللاھ خالىسا ھەممە ئىشلار ئۆز يولىغا چۈشكۈسى.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-07 15:13 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە