ئالدى بىلەن بەخت ئاتالغۇسى ھەققىدىكى قاراشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش مېنىڭچە ئەڭ مۇھىم ھالقا. مېنىڭچە بەخىت ئاتالغۇسى بىر سۇبىكتىپ ئۇقۇم بولۇپ ئۇنىڭ مەزمۇنى تۇرمۇشنىڭ ھەممە تەرەپلىرىدىن ئۆزىگە يېتەرلىك قانائەت ھاسىل قىلىش تۇيغۇسى ئارقىلىق ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ بەخىت تۇيغۇسى ئوخشاش بولماسلىقى تەبئىي. بۇ مەنادىن ئېيتقاندا بەخىتنى ھېس قىلىشتا ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسىمۇ ئوخشاش بولماسلىقى تەبئى.
شۇڭا خەلققە بەخىت بېرىش بىر تەشكىلات ياكى بىر ھاكىمىيەتنىڭ قولىدىن كېلىدىغىنىغا تولۇق ئىشەنمەيمەن. بەلكىم تارىختىكى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا ، ئېزىش ۋە مۇستەملىكىچىلىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان جۇڭگو خەلقى ج ك پ نىڭ يېتەكچىلىكىدە دۆلەت قۇرۇپ، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىدىن ئۆزلىرىنى بەخىتلىك ھېساپلاشقاندۇ. بۇ شۇ ئۆتكۈنچى دەۋرگە خاس بەخىت تۇيغۇسى بولسا كېرەك. ئۇندىن كېيىنچۇ؟ سولچىللىق، ئوڭچىللىق، مەدەنىيەت ئىنقىلابى، ئاچارچىلىق دېگەندەك تۈرلۈك تۈمەن ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر جۇڭگو خەلقىنى بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرەلىگەنمىدۇ؟! 80-يىللاردىن كېيىنكى ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن كېيىن خەلق ئىچىدىكى ئىقتىسادى پەرق كۈنسايىن كۈچىيىپ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈندى. بەزىلەر ھاللىق سەۋيىگە يەتتى، ئۇلارنى بەخىتلىك دېيىشكە بولامدۇ؟ بەزىلەر قوسىقى توق، بويى پۈتۈن بولۇش تەلىپىگە يەتتى، ئۇلارنىمۇ بەخىتلىك دېيىشكە بولامدۇ؟ بەزىلەر ئاچ يالىڭاچ، ماكانسىز ھالدا، ئۇلارنىمۇ بەخىتلىك دېيىشكە بولامدۇ؟
مېنىڭچە بىرىنچى تۈردىكىلەر، يەنى ھاللىقلارنىڭ ھەممىسى بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمۈلگەن بولۇشى ناتايىن. چۈنكى بەخىتنى ھېس قىلىش ھەر بىر كىشىنىڭ ئىچكى ئامىلىغا، قانائەت تۇيغۇسىغا باغلىق. شۇڭا ئۇلار گەرچە ئىقتىسادى گۈللەنگەن بىلەن ئۆزىنى بەخىتلىك دەپ ئېيتالايدىغان جۇڭگولۇقلار ئۇنچە كۆپ بولمىسا كېرەك. ئىككىنچى تۈردىكىدىلەرمۇ ئوخشاش. ئۈچۈنچى تۈردىكىلەردىن ئۆزىنى تامامەن بەخىتلىك ھېسابلايدىغانلار ھەم يوق ئەمەس. ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرغان ھەقىقەت شۇكى ، بەخىت ئىقتىساد ئامىلى بىلەن ۋاستىلىك چېتىشلىقى بولۇشى مۇمكىن. ھەرگىزمۇ بىۋاستە چېتىشلىقى يوق.
شۇڭا يوقاردىكى مۇنبەرداشلىرىمىزدىن بىر قانچىسى ئېيتقاندەك پارتىيە ھۆكۈمەتمۇ بىۋاستە خەلققە بەخىت يارىتالىشى ناتايىن. پەقەت بەخىتكە نىسبەتەن ۋاستىلىق رول ئوينىشى تەبئىي. شۇ مەنادىن ئېيتقاندا، يوقارقى رەھبەرنىڭ گېپى ئورۇنلۇق، شۇنداق توغرا قاراشتىكى رەھبىرى كادىرلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىپ، خەلقنىڭ بەخىت تۇيغۇسىڭ نى يېتىلدۈرۈشىگە ئىجابى يوسۇندا مەددەت بەرسە، ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ئېتىراپ قىلسا ئاندىن خەلقنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈشىدىكى نىسبەتنى يوقورى كۆرۈشۈشىگە پايدىلىق... ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھەممىسى شەخسى كۆز قارىشىم خالاس!
http://www.uqur.net/