قوش ئانامنى قوغدايمەن
(ئىدارىدىكى يىغىندا ئولتۇرۇپ، تۇيۇقسىز ئلھام كەلدى)
ئىش ئورنۇمدا يىغىن- مەجلىس ئاچقاندا،
ئانا تىلنى سېغىنىمەن ئۆرتۈنۈپ.
بەش- ئالتە يىل بولۇپ قالدى، سەھنىدە
تۇيۇقسىزلا قالدىم سېنى يۈتتۈرۈپ.
يېزىقلىرىم بار مېنىڭ ئۇز-چىرايلىق،
سەھنە يوقتۇر ئۇنىڭغىمۇ، خارلاشتى.
مىڭ ئاھ ئۇردۇم مىليۇن قېتىم زارلىنىپ،
قوش ئانامغا پانى دۇنيا تارلاشتى.
ئانا تىلىم، ئانا خېتىم __ قوش ئانام،
ساقىيارمۇ يۈرەكتىكى جۈپ يارام.
ھە.... ساقىيار سېنى قوغداپ جان بەرسەم،
قۇچاق ئاچار ئەنە شۇ چاغ ئەل- ئاۋام.
نەدە بولسام قوغدايمەن قوش ئانامنى،
كېچەلمەيمەن ھىچقايسىڭدىن ئۆلگىچە.
سېنىڭ ئۈچۈن كەچسەم جاندىن ئارمان يوق،
ئەۋلادىمغا ئوتلۇق نەپسىڭ يەتكىچە.
مەنبەئە: ئىلھاملىرىم