saltanat lutun elan berig
«12»Pages: 1/2     Go
بۇ تېما 1576 قېتىم كۆرۈلدى
diwa

دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 724
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 198
شۆھرەت: 1285 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1298 سوم
تۆھپە: 717 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 729 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 143(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 يېڭىچە سانائەتلىشىش يەرلىككە خىرىسمۇ؟پۇرسەتمۇ؟

ئىلاۋە:تۆۋەندىكى ھادىسە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ كۆرىلىۋاتقان بولغاچقا قومۇل رايونى مىسال قىلىپ سۆزلەندى .كۆپچىلىك قومۇلنىلا سۆزلەپ كەتتى دىيىشمىگەيلا.



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك
پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە ،قومۇلدا ئىشسىزلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنىپ،پەقەت ئىشلەيمەنلا دەيدىغان ئادەم بولسا ئىش بولۇش كەيپىياتى شەكىللەندى .قومۇلدا توشمۇ توشتىن قۇرۇلىۋاتقان ئېغىر سانائەت كارخانىلىرى ھەدەپ يەرلىكتىن ئادەم قوبۇل قىلىۋاتىدۇ .بۇ يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئەلۋاتتە .پارتىيە ھۆكۈمەت قومۇلدىكى كان بايلىقلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئېچىپ ،بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن دىھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان يەرلەرنى قىسقارتىۋاتىدۇ .دىھقانچىلىققا بىرىلىدىغان سۇلارنى ئازلىتىۋاتىدۇ .ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنىڭ كۆلىمىنى قىسقارتىپ ،باغۋەنچىلىككە ۋە تېمىتىپ سۇغۇرۇشقا ئۆزگەرتىۋاتىدۇ .بۇ تەدبىرلەر ياخشى ئۈنۈم بىرىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ قومۇلغا ئورۇنلۇشۇپ كان بايلىقلارنى ئېچىشقا تۈرتكىلىك بولىۋاتىدۇ .يەنە بىر ياخشى سىياسەت شۇكى ئىلگىرى شەھەر ئەتراپىدىكى يەرلىك ئاھالىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كەپىلىكلەر رايونى ئاساسىي ئېچىش ئوبىكتى قىلىنىپ ،شەھەر قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىۋاتقان ئىدى . دۆلەتنىڭ قۇرلۇشقا يەر ئېشلىتىش قانون نىزاملىرىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىگە ئەگىشىپ كەپىلىك رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش بىر ئاز تەسلەشتى . لېكىنقومۇلنى سانائەت رايونىغا ئۆزگەرتىش  ،ئەڭ موھىمى قومۇلنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك شەھەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ نوپوسقا مۇھتاجمىز .سانائەتكە ئىھتىياجلىق بولغان مەلىكىلىك ئىشچىلارنىڭ كەمچىل بولىشى قومۇلنىڭ ھالقىما تەرەقىياتىدىكى بىر ھەل قىلىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە .قانداق قىلىش كىرەك ؟دانا پارتىيە ھۆكۈمەت يەنىلا ئادىل قارار چىقىرىدۇ .تەننەرخىنى تېخىمۇ تىجەش ،يەرلىك مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ،يەرلىكنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن نىشاننى شەھەرگە يېقىن بولغان ئاقار رايونىغا قارىتىش ئەڭ ئاقىلانىلىق .ھازىر ئاقار رايونىنى يېڭى شەھەر رايونى قىلىش سىتراتىگىيەسى بىكىتىلىپ ،دەسلەپكى خىزمەتلەر ۋە پىلانلار ئورۇندۇلۇپ بولىندى .ئاقاردىكى نەچچە تۈمەن مو زىرائەت ئېتىزلىرى يېپيېڭى شەھەر قۇرۇشقا بوشۇتۇلۇپ بىرىلدى .نەچچە يۈزلىگەن ئاھالىلەر بىر كىچىدىلا بېيىپ كەتتى .گەرچە بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق رايونلىرىنى قوغداش سىياسىتىگە مەلۇم دەرىجىدە خىلاپ بولسىمۇ لېكىن قومۇلنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن بۇنچىلىك قۇربانلىق بىرىش ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان بىر ئورۇنلاشتۇرۇش ئەلۋەتتە .كەلگۈسىدە بۇ رايوندا يېپيېڭى بىر شەھەر قۇرۇلۇپ ،ئون تۈمەنلىگەن مەلىكىلىك ئىشچىلار بۇ رايونغا ئورۇنلىشىدۇ -دە قومۇل سانائىتىگە ئادەم يىتىشمەسلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ .شۇ ۋەجىدىن ئاقاردىكى تېرىلغۇ يەرلەرگە بىرىلىدىغان سۇنى تىجەپ ئىشلىتىش ۋە سۇ ئىشلىتىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشلىرى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلماقتا .
پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدىكى بۇ پىلانلار ئاساسىدا كەلگۈسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق ،كەلگۈسىدە قومۇل بۇرۇنقى قالاق دېھقانچىلىققا تايىنىدىغان ھالەتتىن ،كۆككە تاقاشقان بىنالار قەد كۆتەرگەن ،ئاۋاتلاشقان ۋە يەرلىك خەلىقلەر ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن ھالەت كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ .
لېكىن بەزى سەلبى ھالەتلەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ .
1.ئېكلوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلىشى ،مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى بۇنىڭ بىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ تۆۋەنلىشى .كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىشى . 
2.سۇ قىسچىلىقى تۈپەيلىدىن مەيدانغا كېلىدىغان يەرلىك بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت .
3.كۆچمە نوپوسنىڭ كۆپىيىشى  بىلەن يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ سۇسلىشىشى ،مىللى رايونلارنىڭ تەبىئىي شەكىللەنگەن مەدەنىيىتى يوقىلىشقا قاراپ مېڭىشى.
4.دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ قىسقىرىش بىلەن يەرلىكنىڭ ئاشلىق ،كۆكتات قاتارلىق زۆرۆر يىمەكلىكلەرنى تەمىنلەشتە بىڭتۈەن،ئاقار زامانىۋى دېھقانچىلىق رايونىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىش ،ئۆز ئۆزىنى قامدىيالماسلىق .
5.شەھەر نوپوسىغا ئۆزگەرتىلگەن دىېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ياكى باشقا ئامىللار سەۋەپلىك  بىردىن ئارتۇق  پەرزەنتلىك بولالماسلىق .بۇنىڭ بىلەن نوپوس تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى قاتارلىقلار.
6.ئېغىر سانائەت كارخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقان يەرلىك كىشىلەرنىڭ سالامەتلىك جەھەتتە چىكىنىشى .
كۆپچىلىك ئومومىي ۋەزىيەتكە ئېتىبار قىلغان ئاساستا ئۆزىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساق .كۆپنىڭ ئەقلى كۆپچە بولغىنىدەك تەرەققىيات جەريانىدا مەيدانغا كېلىدىغان مەسىلەرنى ھەل قىلىش ئوسوللىرىنى تېپىپ قېلىشىمىز مۇمكىن .
مەنبە:مەن
[ بۇ يازمىنىilimدە2012-05-11 12:51قايتا تەھرىرلىدى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : bagdax
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-11, 12:47
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-11 11:38 |
budunya
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 609
شۆھرەت: 3091 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3093 سوم
تۆھپە: 1849 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1850 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقققەتەن بۇنداق زاۋۇتلاردا خىمىيىلىك ماددىلار ئاساس قىلىنغاچقا چىقىرىدىغان ئىس -تۈتەك ۋە كېرەكسىزسۇلار دېھقانچىلىق ۋەمۇھىتقا ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن كۆپ
lutun
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 13:30 |
barghut
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7506
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 7
شۆھرەت: 35 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 35 سوم
تۆھپە: 21 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشسىزلىق مەسىلسىنىڭ ھەل قىلىنىشمۇ ياخشى ئەھۋال بوپتۇ. ھەر ھالدا ئۇيەر بۇيەردىن ئاقما نوپۇسلارنى ئالماي ئۆز رايۇندىكىلەرگە خىزمەت پۇرسىتى يارتىپ بىرىشمۇ خۇشاللنارلىق ئىش. لىكىن مۇھىت بۇلغىنىشىغا سەل قاراپ، ئىناق جەميىئەت ، ھالقىما تەرەقىيات، ئىلمى كۆز قاراش دېگەن دانا تەدبىرلەر ئاخىرقى ھېسابتا بىر ئاتنى يەم بەرمەي مېنىۋېرىپ كۆزلىگەن نىشانغا يېىتىمەن دېگەن خام خىيال بۇلۇپ قالارمىكى.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 13:42 |
arknur
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1896
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 272
شۆھرەت: 1468 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1482 سوم
تۆھپە: 867 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 867 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 204(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇھىتنى مۇھىم قارىماي ئالدى بىلەن بۇزۇپ ئاندىن كىيىن تۆزەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك. بۇ سۆزىنى جاڭ چۈنشىيەن ئەپەندى دىگەنغۇ دەيمەن. مۇھىت مەسىلىسىدە سۇ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. كان ئاچتۇق دەپ ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرىنى يوقىتىۋېتىشقا بولمايدۇ. ئورمان بىنا قىلىپ ھاۋانىڭ تازلىنىشىنى تىزلىتىش كىرەك. زاۋۇت كانلارنىڭ بولغۇلىمارنى قويۇپ بىرىشىنى قاتتىق كونتىرول قىلىش كىرەك. يەرلىك كىشىلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈش كىرەك.
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 16:48 |
@chewendaz@
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3004
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 39 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 39 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

يېقىندىن بېرى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان سانائەت تۈرلىرى شىنجاڭنى ئېچىش باھانىسى بىلەن ئىچكىرىدىن يۆتكلىشكە باشلىدى. ئەسلىدىلا ئىكلوگىيىسى ئىنتايىن ئاجىز بۇ ۋەتىنىمىز ئەمدى نىمە قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچكۈزەر؟؟؟؟ بۇنىڭغا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكىمەت چەك قويىشى. مۇھىتنى بۇلغايدىغان كارخانىلارنىڭ يۆتكىلىشىگە ۋە قۇرۇلىشىغا قارشى تۇرىشى كېرەك. بۇ زىمىن ئەۋلادلىرىمىزغا كېرەك.
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 16:57 |
rawiya
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2959
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 1056 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1058 سوم
تۆھپە: 607 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 609 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 398(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەتراپنى خېلى ئەتراپلىق كۈزەتكەن ئوخشايسىز.ئەمما مەيلى كىملەر قۇرغان زاۋۇت -كارخانا بولسۇن بەرىبىر ئۆزلىرىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن باشقىسى بىلەن كارى يوق.بو نوقتا ئىسىڭىزدە بولسۇن.....
lutun
ھەقىقەت ئىگىلىدۇ،سۇنمايدۇ.........
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 17:13 |
يولۋاس
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 267
شۆھرەت: 1328 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1339 سوم
تۆھپە: 799 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 810 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 280(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-17
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

شىنجاڭدا يىمەكلىك زاۋۇتلىرىدىن باشقا يەرلىكنىڭ ئىھتىياجىدىن چىققۇچىلىك ھەر قايسى تۈردىكى زاۋۇتلاردىن 10 دىن كۆپ  بولۇشنىڭ ئالدىنى  ئالسا  بولغىدەك.  بولمىسا يەر يوق، ئاش يوق، خەقنىڭ قولىغا قاراپ قالسا ئىش چاتاق بولمامدۇ؟


100 مىليۇن نوپوس يۆتكەشنىڭ ئارقا كۆرۆنىشى بولسا كىرەك؟
simfoniya
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 17:13 |
ilim

دەرىجىسى : مۇنبەر مەسئۇلى


UID نۇمۇرى : 35
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 1085
شۆھرەت: 6981 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 7090 سوم
تۆھپە: 3914 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3978 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1588(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇ تېمىغا قاراپ قويۇپ ئىنكاس يازمىغان يۈرەكنى نىمە دىيىش كىرەك ؟ئىنكاس يېزىشقىمۇ جۈئەت قىلالمىغان ئادەم يۇرتىنى قانداق سۆيسۈن؟بۇ تېما قانونلۇق تېما ..زىيارەت قىلغۇچى يۈرىكىڭىز پوك پوك بولمىسۇن .ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇڭ .
يۇرتىنى سۆيمەيدىغان ،كىندىك قېنى ئاققان ۋەتەن تۇپرىقىنى سۆيمەيدىغان كىم بار دەيسز؟بىزگە پۇل بولمىسا بولمىسۇنكى سۇلۇق باغلىرىمىز ،ئېقىن سۇلىرىمىز ،ياپ يېشىل يايلاقلىرىمىز ،ئۆيلەردە ياڭراۋاتقان مۇقاملىرىمىز كىرەك ..بىزگە پۇل كىرەك ئەمەس ....بۇزۇپ بولۇپ مۇشۇلارنى كىم بىزگە تۆلەپ بىرىدۇ ؟
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 17:17 |
uyghurizlari
دىنىم ئىسلام ،مىللىتىم ئۇيغۇر.
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3877
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 326
شۆھرەت: 1738 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1755 سوم
تۆھپە: 1027 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1032 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 248(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىزنىڭ تەرەپتىكىلەر نىمىشقا پۇل تىپىشنىلا ئويلايدۇ؟ چەت ئەللەردىكى دۆلەتلەردىكىدەك مۇھىت مەسىلىسىگە كۈڭۈل بۆلەلمەيدۇ؟
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 19:14 |
سەرۋەڭ
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6473
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 70 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 70 سوم
تۆھپە: 42 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 42 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 18(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-21
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سانائەتلىشىش بىزگە ناھايتى ياخشى پۇرسەت ھەم خىرىسلانى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن.
ئىشقا ئۇرۇنلىشىش پۇرسىتى كۆپ بولسىمۇ،ئەمما شۇ سانائەت رايونىدىكى تېخنىكىلىق،يەڭگىل ئىشلا بىزگە تەگمەيدۇ. شۇڭا بىز كۆپرەك بىلىم ئىگەللشمىز كېرەك.
دېھقانچىلىق يەرلىرىمىزدىن ئايرىلىپ ،زاۋۇت-كان،كارخانىلىرىدا ئىشلەي دىسەك، تېخنىكا سەۋىيىسى يوق دەپلا  تازلىق ئىشچىلىققىلا بىزگە تىكىدۇ.
بىر كۈنلەدە، قومۇلنىڭ زۇركى تېغىنىڭ بېشىغا چىقىپ قومۇلغا قارىساق ،تۇمان ئاستىدىكى تەرەققىي قىلغان قومۇلنى كۆرىمىز !!!!
ئادەم ئەتكەنگە،تازىم ئەت!!!!
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 21:25 |
orkex
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4025
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 85
شۆھرەت: 482 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 482 سوم
تۆھپە: 279 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 282 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئېغىر سانائەت = مۇھىتنىڭ ئېغىر بولغىنىشى ...
ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-11 22:34 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12»Pages: 1/2     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە