مەن ئازاپنىڭ قوينىدا جىمجىت
مەن ئازاپنىڭ قوينىدا جىمجىت،
سۈكۈتلەرگە قالدىم باغلىنىپ.
پاك ئەقىدەم كەلمەكتە يىغلاپ،
ئىزتىراپلىق تۈنگە ئالدىنىپ.
مەن ئازاپنىڭ قوينىدا جىمجىت،
يۈرۈكۈمنى قىينايدۇ سۇئال.
ھىجرانىمدا تۈنەپ ۋىساللار،
ئازابىمغا ئىزدەيدۇ ئامال.
مەن ئازاپنىڭ قوينىدا جىمجىت،
يورۇق تاڭنى كېلىمەن كۈتۈپ.
تۈن ئاخشىمى سۆيگۈ چېچىكى،
دەردلىرىنى كېتىدۇ تۆكۈپ.
مەن ئازاپنىڭ قوينىدا جىمىجىت،
ئوت قويىمەن نادانلىقىمغا.
ئالقىنمدا لەختە يۈرۈگۈم،
كۈلۈپ تۇرار ساراڭلىقىمغا.
مەن ئازاپنىڭ قوينىدا جىمجىت،
قول سۇنىدۇ سەبىي پەرىشتەم.
ئازاپلارغا باغلىنىپ رەتسىز،
ئۈمىدلەرگە چىللايدۇ ئەتەم.
مەن ئازاپنىڭ قوينىدا جىمجىت،
ئۈمىدلەرگە كەلدىم ئالدىنىپ.
يۈرەكلىرىم تاڭلارنى سۆيگەن،
ئاشۇ كۈننى قالدىم سېغىنىپ.
2012-يىل 1-ئاپرېل
مەنبە:كۆكسۇ يازمىلىرى.