saltanat lutun elan berig
بۇ تېما 498 قېتىم كۆرۈلدى
kuksu005
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7180
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 5
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 105 سوم
تۆھپە: 48 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 48 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-27
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-07-01
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قايسى چاغ............كۆكسۇ

قايسى  چاغ...



مەنمۇ سەندەك  خۇش كۈلۈپ،يۈرەلەيمەن قايسى چاغ،
مەنمۇ سەندەك قاقاقلاپ،كۈلەلەيمەن قايسى چاغ.
مەنمۇ سەندەك ھايات پەيزى،سۈرەلەيمەن قايسى چاغ،
مەنمۇ سەندەك دۇنيانى،كۆرەلەيمەن قايسى چاغ.
مەنمۇ سەندەك شاھ بولۇپ،يۈرەلەيمەن قايسى چاغ؟

سۈرۈپ كەلدىڭ تالاي يىل،بۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى،
بوسۇغاڭغا يولاتماي،ھىجران-ئازاپ دەردىنى.
بىر ئۆزۈڭگە تاللاپسەن،بۇ دۇنيادا شادلىقىنى،
كۆزلىرىڭدە كۆرمىدىم،ئىنساب-ئىمان،ۋىجداننى.
مەنمۇ سەندەك ياشاشنى،بىلەلەيمەن قايسى چاغ؟

يارالمىشىڭ شۇنداقمۇ،ئامەت ساڭا نۇر چاچقان،
غەم-قايغۇدىن مۇستەسنا،بەخت ساڭا يول ئاچقان.
خۇشاللىىقىڭ بىر دۇنيا،كۈلكەڭ بىلەن تاڭ ئاتقان،
ئۆتەر شۇنداق كۈنلىرىڭ،شۇ يۇسۇندا كۈن پاتقان.
مەنمۇ سەندەك كۈنلەرنى،كۆرەلەيمەن قايسى چاغ؟

پاك سۆيگۈنىڭ شارابى،تولدۇرۇلغان جامىڭغا،
ھۆر-پەرىلەر تۇراركەن،بەجا بولۇپ ئالدىڭغا.
سۆيگۈ شادلىق يامغۇرى،سىڭىپ كەتكەن باغرىڭغا،
ھەر تامچىدىن قىزىلگۈل،ئۈنەر ئىمىش يولۇڭغا.
مەنمۇ سەندەك ۋىسالغا،يېتەلەيمەن قايسى چاغ؟


2006-يىل6-فېۋرال.
مەنبە:كۆكسۇ يازمىلىرى
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-11, 18:10
پاك تۇغۇلۇپ،ئۇيقىدا ياشاپ،گۇناھ بىلەن كېتىمىز.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-11 16:08 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » شېئىر - نەسىرلەر