saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
«1234»Pages: 1/4     Go
بۇ تېما 5753 قېتىم كۆرۈلدى
marshal
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5815
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 68
شۆھرەت: 368 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 427 سوم
تۆھپە: 217 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 218 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 331(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 [مارشال]دېھقانلىرىمىز ھەققىدە ئويلىنىش

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما duttarqi تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-05-13)
دېھقانلىرىمىز ھەققىدە ئويلىنىش



مارشال


         ئۇزۇندىن بىرى ئەتراپىمدا مەۋجۇت ۋە يۈز بېرىۋاتقان بەزى مەسىللەر ھەققىدە ئويلىنىپ يۈرۈيمەن. پۇل- ئىقتىسادنى مەقسەت قىلىپ ياشاش، تىرىكچىلىك قىلىش،ھاياتلىق داۋىنىدا ئۇچرىغان توسالغۇلار ۋە شىۋىرغانلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش،ئۆزىنى قانداق تاكاماللاشتۇرۇش يولىدا پەيدا بولغان ئۆزگىچە تەپەككۇرلار، زېمىنغا چوڭقۇر ئەقىدە باغلاش، ئانا تەبىئەت ئاتا قىلغان بايلىقنى مەيلى  ئەجىر-مېھنەت يولى بىلەن، مەيلى زوراۋانلىق قىلىش يولى بىلەن بولسۇن، ئىشقىىلپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش  ھازىرقى زاماندىكى كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزنىڭ كاللىسىدىكى مەركەزلىك مەسىلە بولۇپ قالدى.

  دىڭ شىياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،ئىشىكنى سىرتقا قارتا ئېچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزھەر جەھەتتىن تەرەقىي قىلىشقا باشلاپ،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئالغا ئىلگىرلىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئامىللار شەكىلەندى،ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان دەسلەپكى دەۋرىدە، ھەربىر پۇقرانىڭ يىراقلارغا نەزەر سېلىپ،ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش،ئىسلاھاتنىڭ تەرەقىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كەڭ  پۇقرالاردىن  ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، تەرەققىيات قەدەمىگە ماسلىشىپ مېڭىشنى تەلەپ قىلدى.شۇنىڭ بىلەن 30 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى، خەلىق تۇرمۇشى ھەسسىلەپ ئېشىپ، شۇنىڭغا يارىشا، پۇقرالارنىڭ ساپاسىمۇ ماس قەدەمدە ئىلگىرلىدى.

ئىككى يىلدىن بېرى، مەن دېھقانچىلىقتىن ئىبارەت ياشاش يولىنى تاللاپ، دېھقانلارنىڭ ئارىسىغا چۆكۈپ، ھەقىقى بىر دېھقانغا ئايلاندىم. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزەمنىڭ ھېس قىلغانلىرى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، يېزىمىزدىكى بۇرۇنقى نامراتلىق بىلەن ھازىرقى تەرەققىياتنى سېلىشتۇرغان ئاساستا،كۆرگەنلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باققۇم كەلدى.ئەلۋەتتە، شۇ نۇقتا ھەممىمىزگە ئېنىقكى،ئۇمۇمىي نىسبەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ %80~%90گىچە يەنىلا  يەرگە باغلىنىپ، تەبىئي ئىگىلىككە تايىنىپ تۇرۇپ، قۇشۇمچە باشقا ئىگىلىكلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلگەن يەرگە باغلانغان دېھقان مىللىتى.

2010-يىلى 4-ئايلاردا،مەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ساياھەتكە باردىم، ساياھەت جەريانىدا مېنى ھەممىدىن بەك ئويلاندۇرۇپ قويغىنى شۇ بولدىكى،گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ بەزى ناھىيە-شەھەرلەردىكى دېھقانچىلىق قىلىش شەكلىنىڭ بىزنىڭ شىنجاڭغا قارىغاندا،ھەقىقەتەن كۆپ كەينىدە ئىكەنلىكى،تېخى ماشىنلاشمىغان،ئەنئەنىۋى دېھقانچىلىق ۋە بېكىنمە ھالەتتىكى ياشاش ئۇسۇلى كاللامدا نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلىشقا باشلىدى،ئالقانچىلك يەرنىمۇ ئىسراپ قىلماسلىق، ئەپكەش بىلەن سۇ تۇشۇپ،نەچچە ، مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ باغرىدا زىرائەت پەرۋىش قىلىپ يېتىشتۈرۈش،كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېراكتۇر (سۆپەك) ئارقىلىق تېرىماي،قول ئارقىلىق سۇلياۋ تارتىپ،قولدا بىرمۇ-بىر ئۇرۇق سېلىپ تېرىش،دەريادىن ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن سۇ تارتىپ،بىز ئانچە نەزەرگە ئېلىپ كەتمەيدىغان ئالقانچىلىك يەرنىمۇ بوشقا قويماي،چارۋىچىلىقتا چاكاندا ئۆسىدىغان،تاش-شېغىللىق يەرلەردە سوغۇققا چىداپ تۇرۇپ،چارۋىچىلىق بىلەن مەشغۇلبولۇۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ، ئۆزەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دېھقانلىرىمىزنىڭ تېخى ھەقىقىي دېھقان بولمىغانلىقىنى،يەرنىڭ قەدىرىنى بىلمەي ياشاۋاتقانلىقىمنى تۇلۇق ھېس قىلىپ يەتتىم، ئىچكىردىن يېڭىدىن شىنجاڭغا كەلگەن كۆچمە نۇپۇسلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلسە،ناھايىتى تېزلا يۈكسىلىپ،تەرەقىياتنى قولدىن بەرمەي، پايدىلىق شەرت-شارائىتلارنى قەدىرلەپ، بېيىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىنى ئاز-تولا بولسىمۇ چۈشەندىم.

  بىزنىڭ يېزىدا 1982-يىلى ئۇمۇميۈزلۈك يەر ئسىلاھات دولقۇنى ئېلىپ بېرىلغان،بۇرۇن شولۇق دەپ قارالغان يەرلەر، تىنماي زەيلىكتە سۇ ئاقىدىغان مەزگىللەردە،ئەينى ۋاقىتتىكى يۇرت كاتتىلىرى جاپاغا چىداپ،كەتمەننى قولىغا ئېلىپ،زېمىننى كۆكەرتىش،ئۆز تىرىكچىلىك يولىدا جان بېقىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا-مۇشەقەتلەرنى تارتقان،كېچە-كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش، تىنىم تاپماي ئانا زېمىنغا كۆپلەپ ئەجىر قىلغانلىقى، چۆلنى بوستان قىلىشقا ئىرادە باغلىغان پىشقەدەم دېھقانلار نۇرغۇن رىيازەت،دىشۋارچىلىقلاردىن غالىپ كېلىپ قاقاس چۆللەردە مۇنبەت ئېتىزلار، كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك باغلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

  كىچىك ۋاقلىرىم ئىدى، چوڭ دادام ۋە دادام بۇرۇنقى ئۆز تارىخلىرىنى ماڭا ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بېرەتتى،داش قازاننىڭ تامىقىنى يېيىش ،دۆلەتكە باج تۆلەش، ئوپچە ئەمگەك قىلىش، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا تارتىلىپ،تارتقان كۈلپەتلىرى،قۇرۇق ئەشمىدىن ئېشەك ھارۋىسىدا ئۇتۇن تۇشۇپ كېلىپ،بازارغا ئەچىقىپ سېتىش ۋە تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇزاق يوللارنى،تاڭ ئاتماس كېچىلەرنى ئۆتكۈزگىنى ،چۇرۇق كىيىملەرنى كىيىش، بىر ھەپتىگىچە ياغدا قۇرۇغان تاماقنى ئېتىپ يېيەلمەسلىك....بەزى تارىخىنى ئاڭلىساەم كۆزلىرىمگە ياش كېلەتتى، دادام بۇرۇندىن تارتىپلا، بوز يەر ئېچىشتا ئۆزى باشچى بۇلۇپ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغان ، يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى بۆلۈش ۋە دېھقانلارغا ھۆددىگە بېرىش ئىشلىرىدا قول تىققان ئادەم ئىدى، نۇرغۇن قىسمەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن پىشقەدەم دېھقانلارنىڭ بىرى ئىدى.

   ئەينى چاغدا، يېزىدا دېھقانلارغا يەرنى ھۆددىگە بېرىش ئىشى باشلىنىپتۇ، نۇرغۇن كىشىلەر شولۇق، پىچاندىن باشقا نەرسە ئۈنمەيدىغان بۇ زەي تۇپراق ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن،ھالبۇكى،شۇ دەۋردە،ھەممە ئوپچە ئەمگەك تەقسىماتى  ۋە ھاشار قاتارلىق ئالۋان-سېلىقلار يەرنىڭ كۆلىمىگە قاراپ بەلگىلىندىكەنتۇق،باج پۇلى،سۇ پۇلى،ھاشار پۇلى....قاتارلىق تۈگىمەس پۇللار نۇرغۇن دېھقانلىرىمىزنى ھاسىرتىپ قويغان ئىكەن،شۇ دەۋردە،ئەمدىلا،قولىغا يەرنى ئېلىپ خوش بولغان دېھقانلار شۇ ئالۋان-سېلىقلار تۈپەيلى،يەر تېرىشتىن زېرىكىش،يەرنى تېرىغانغا چۇشلۇق،قورسىقىنىمۇ باقالماي،قەرز ئارتىلىپ قېلىش ئىشلىرى نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىدى، ئەينى ۋاقىتتا دېھقانلىرىمىز بۇ قانۇنىيەتنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكى،كېيىن ئاشۇ قولغان تەقسىملەنگەن يەرلەرنىڭ قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلىدىغاننى ئويلاپ يېتىدىغان دېھقانلىرىمىزئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن،شۇنچىلىك جاپا-مۇشەقەتكە چىدىغان،كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئەمگەك قىلغان دېھقانلىرىمىزنىڭ كۆپى يەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىپ،باج-سېلىقلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ قازىنى ئاسقان ئىكەن.نېمىلا دېمەيلى،شۇ ۋاقىتتا،يەرلىرىنى ئۆتكۈزگەن بەزى دېھقانلىرىمىزنىڭ  قولىدا يەنە  10~20مودىن قالدۇرۇق يېرى بار ئىدى.بۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن دېھقانلىرىمىزنىڭ يېرىگە قارىغاندا يەنىلا كۆپ ئىدى.

   يېقىنقى ئون يىللاردىن بۇيان،كورلا شەھىرىنى ئىقتىسادىي شەھەر قىلىپ  قۇرۇپ چىقىش،تەرەقىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش –ھازىرقى تەكىتلىنىۋاتقان مۇھىم قارارلارنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى، تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرلەردە ئورمان بىنا قىلىش ، بەختىيار،باياشادلىققا تولغان نەشپۈت شەھىرىنى قۇرۇپ چىقىش شەھەردىكى رەھبەر ۋە ھەر قايسى خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولۇپ قالدى، دۆلەتنىڭ كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشى،قوللىشى ئاساسىدا، كورلىدىكى يېزا-ئىگىلىك،چارۋىچىلىق،باغۋەنچىلىك قاتارلىق مۇھىم كەسىپلەر بارا-بارا ئۆز قىممىتىنى تېپىشقا باشلىدى،ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق،بۇرۇنقى ئۆلچەملەشتۈرۈپ مەيدانغا بۆلۈپ تېرىش ئۇسۇلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، بۇرۇنقى ئالۋان-سېلىقلار تۈگەشكە باشلىدى، تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرلەردە نەشپۈتلۈك باغ بەرپا قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى ھەم كورلا دېھقانلىرى ئارىسىدا ھازىر نەشپۈت، كېۋەزنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قۇشۇمچە قىلىپ،ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا، بۇ ئۇمۇمىي نۇقتىدىن قاراپ بېرىلگەن باھا بولسىمۇ،ئەمما،دېھقانلىرىمىزنىڭ بەزى مەڭگۈلۈك پۇشايماندا قالدۇردىغان،كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ كېلەچىكى بىلەن ھېچقانداق ھېسابلاشماي،بۈگۈننىلا ئويلاۋاتقان دېھقانلىرىمىز ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا،كېيىنكى رىقابەتتە كىرىزىسقا يۇلۇقۇش،دەۋر تەرەقىياتى بىلەن ماسلىشالماي مېڭىش ئىشلىرى ساقلانماقتا.بۇ قىسمەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى مېنىڭ ئىچىمنى ھەقىقەتەن ئاچچىق قىلىشقا باشلىدى.
  
   2000-يىللارنىڭ بېشىدا،بىزنىڭ يېزا دېھقانلىرى ئارىسىدا يەرنى ئۆمۈرلۈك سېتىش دولقۇنى قوزغالدى،بۇرۇنقى بوز يەرلەرنى مۇشۇنداق مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇشتىكى تارتقان ھەرەجلىرى بىلەن ھېسابلاشماي، ئازراق قىيىنچىلىقتىن قورقۇش، كېيىنلىكىنى قەتئىيلا ئويلىماسلىق،نەچچە يۈز يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئاتا كەسپىنى تاشلاش بىلەن مەشغۇل بۇلۇشقا باشلىدى، بۇ ئاچچىق رېئاللىقنىڭ كەينىدىكى پۇشايمان ھېسىياتىنى شۇ سۆيۈملۈك دېھقانلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن پات-پات ئاڭلاپ قالىمەن، يۈرىكىم زەرداب بوپ كېتىدۇ، ئاشۇ كەڭرى كەتكەن، جاپاغىلا چىدىسا، ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كېلىدىغان ، كونىلارنىڭ سۆزى بويىنچە:‹‹يەر دېگەن ئالتۇن قۇزۇق›› دېگەن ھېكمەتنى ھاللا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاز-تولا چۈشەنگەن چېغى،ئۆكۈنۈش ھېسىياتى ئارقىلىق دەرتلىرىنى پات-پات تۆكۈپ بېرىدۇ،بۇ ئىشلار تۈگسە نېمە دەي،يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەر سېتىش ئىشى يەنە قاتتىق  ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى، سەۋەبى يېقىنقى 3-4يىللاردىن بۇيان،كورلا شەھىرى سوغۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى، تەبىئي ئاپەت سەۋەبىدىن نەشپۇتتىن تۈزۈكرەك ھوسۇل ئالغىلى بولمىغاچقا ،ئۇنىڭدىن كىرىدىغان ئىقتىسادى كىرىم ئازلاپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن كۆپ دېھقانلىرىمىزداپايدى يوق ئىشنى قىلغۇچە ، باشقا ئىشنى قىلغان تۈزۈككەن،دەپ، ئازراق قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ،ھېسىياتقا تايىنىپ، قارىسىغىلا ھۆكۈم چىقىرىپ قولىدىكى يەرلەرنى سېتىشقا مەجبۇر بولدى.

    مەن نەشپۈتلۈك باغلارنىڭ قۇرۇپ  كېتىشىنى پۈتۈنلەي ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدىن بولدى دەپ قارىمايمەن،ھاۋاراينىڭ تەسىرى سەۋەبلىك ھەرگىزمۇ ئۇنچىلىك كۆپ يەرلەردىكى نەشپۈتلۈك باغلار تېزدىن قۇرۇپ كەتمەيدۇ،قانداق دېگەندە،بىزنىڭ باغنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى نەشپۈتزارلار ھەم ھەر يىلى ھوسۇل بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، دېمەك، نەشپۇتچىلىقتىن پايدا كۆرەلمىگەن دېھقانلاردىكى بۇ زارلىنىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، كۆپلىگەن دېھقانلىرىمىزدا قارىسىغىلا دېھقانچىلىق قىلىش،پەن –تېخنىكىغا تايانماسلىق،يەرگە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىمەسلىك ئەھۋاللىرى ئېغىر.  ھەر يىلى يەرنى مەسھۇلات مىقدارىغا قاراپ، مەھەللىۋى ئۇغۇت بىلەن ئۇغۇتلاش،قىش ۋاقتىدىكى ئۈششۈك ئاپىتىگە قارىتا،قاتتىق چارە-تەدبىر قوللىنىپ،ئالدىنى ئېلىش،باغنىڭ ئەتراپىغا قۇيۇق بولغان مۇداپىيە ئورمىنى بەرپا قىلىش ئىشلىرى كۆپلىگەن دېھقانلىرىمىزنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ. بۇ ھال كورلا نەشپۈتى مەسھۇلاتنىڭ يىلسرى ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

     دادامنىڭ ھەر قېتىم دەيدىغان بىر تاتلىق گېپى بار:‹‹بالام،بىز ھەرگىزمۇ باشقىلارنى دورىماسلىقىمىز كېرەك،يەر بىزنى بېقىپ كېلىۋاتىدۇ،يەرنى ساتقاندىن ئۆلگەن ياخشى،ھازىر ئۇيغۇرلار يەر سېتىپ ماشىنا ئېلىۋاتىدۇ،خەنزۇلار بولسا،ماشىنسىنى سېتىپ،ئىچكىردىكى مال-مۈلۈكىنى سېتىپ،بۇ يەرگە كېلىپ،يەر ئېلىۋاتىدۇ،كېيىنلىكنى چوقۇم ئويلاش كېرەك،ئەۋلادلىرىم نېمىش قىلار،قانداق جېنىنى باقار،مەندىن كېيىن قالسا،قانداق كۈن كەچۈرەر دېگەن ئىدىيە مېنىڭ ئېڭىمدا ھەر دائىم مەۋجۇد،شۇڭا،بىز ،ئېسىل ماشىنا ھايدىيالمىساقمۇ، ئەسكى موتۇسىكىلىت مىنسەكمۇ يەرنى ھەرگىز ساتمايمىز،پارتىيەنىڭ ھازىر سىياسىتى بەك ياخشى،بۇنداق ۋەزىيەتنى چوقۇم قەدىرلەش كېرەك.›› دەرۋەقە،ئەتراپىمغا قارايدىغان بولسام،ئاشۇ يېرىنى سېتىۋاتقان دېھقانلىرىمىز ماشىنا ئالدى،ئۆي سالدى،كىيىنىشلىرى نوچى،ئۇيۇن-تاماشادىن ئايرىلىپ قالمايدۇ،يەنە بىزنىڭ يېزىمىزدا،قىمار ئويناش مودا ئېقىمغا ئايلىنىپ،نۇرغۇن كىشى ئۆي-بىساتىدىن ئايرىلىپ،بازاردا ئىجارە ئۆي ئېلىپ،تاكسى شوپۇرى،ئىشچى،يايمىچى قاتارلىق كىرىم مەنبەسى ئىنتايىن ئاز بولغان،پەقەت ھازىرقى تۇرمۇشىنى ئاران قامدىيالايدىغان،ئەتە ئۈچۈن قانداق مەبلەغ يىغىش،ئىگىلىك يارىتىش روھىدىن قىلچە سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان كىشىلەر ئاۋۇشقا باشلىدى،بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر بۇنىڭ بىلەن تۈگەشتە يوق،ئاتا-ئانىلار ئاجرىشىپ كېتىدىغان،بالىلارنى يېتىم قىلپ تاشلايدىغان،كوچىلاردا سەرسانلىق،بىچارىلىك پاتقىقىغا قىستىغان بۇ ئادەملىرىمىزنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىسام،ئىچىم تولىمۇ ئاچچىق بولىدۇ،يۈرىگىم ئۆرتىنىدۇ.يەرنى ئۆمۈرلۈك سېتىشتىن كېلىپ چىققان ۋاقىتلىق تۇرمۇش پاراغىتىنى قوغلىشىش،ئەتىسى بىلەن كارى بولماي،ئۆزىنى ۋەيران قىلىش،مەھكۇملۇق ،قاراڭغۇ يولغا كىرىپ قېلىش ،سۆزلەپ كەلسە،نۇرغۇن ئىشلار كۆز ئالدىمدا تۇلۇپ يېتىپتۇ.

    يېزىمىزدا يېقىنقى 5-6يىلدىن بېرى،ئۇيۇن سۇرۇنلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى،بۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار ئۈمىدلىك،چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتىدۇ دەپ ئويلايدىغان نۇرغۇن بالىلارنىڭ بۈگۈنكى ھال-كۈنى تولىمۇ ئېچىنىشلىق،ئۇلار مەكتەپتىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن،شۇ يېزا بازىرى ئىچىگە چىۋىندەك ئولىشۋىلىپ،بېليارتخانا،ئېلىكتۇرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق،تورخانىدىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقى،ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ.،ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئالتۇندەك ئۆتۈپ كەتكەن بىھۇدە ۋاقتى،ھەر كۈنى لايغەزەللىك قىلىپ،ئۆتكۈزگەن بىكار كۈنلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن،تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ،ئۇيۇنلارغا مەستخۇش بۇلۇش،ئەتىنى ئويلىماسلىق،بۈگۈنۈم خوشال ئۆتسىلا بولدى دەپ ئويلايدىغان بۇ ياشلارنىڭ نادانلىق پاتقىغىغا پېتىپ قېلىشى،ئۆزىنى دەڭسەپ باقماسلىقى،كېيىنكى تۇرمۇش قۇرۇش،پەرزەنتلىك بۇلۇپ،بىر ئۆينىڭ مۇرىسىدىن ئىس چىقىرىش قاتارلىق مۇھىم مەسىللەرنى ئويلاپمۇ قويماسلىقى ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ،ئاتا-ئانا ھەر بىر كىشىگە باقىۋەندە ئەمەس،ھەر بىر بەندە ئۆز رىزقى توشقاندا،ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىدۇ،ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا بولغان تەلىم-تەربىيەنىڭ ياخشى بولماسلىقى تۈپەيلىدىن.كۆپلىگەن ياشلىرىمىز نادان،ھۇرۇن،جانسىز،يىراقنى كۆرەلمەيدىغان،بىخۇد قىلىپ قويماقتا،بالىلاردا يۆلىنۋىلىش،قېيىداش پىخسىكىسى شەكىللىنىپ،،ياشلىرىمىزنىڭ گۈزەل كېلەچەكتىكى ھەممە كىشى ئارزۇلايدىغان ،نۇرغۇن ئىشلارنى تەۋرىتىدۇ دەپ قارالغان ياشلارنى مۇشۇ قىسمەتلەرگە دۇچار قىلماقتا.بۇ ئويناۋاتقان كۆپىنچە  ياشلارنىڭ ئاتا-ئانىسى يېرىنى مەڭگۈلۈك سېتىۋاتقان كىشىلەر بۇلۇپ،رېئاللىق ئالدىدىكى بەزى چىگىش مەسىللەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە نۇرغۇن تىراگىدىيىلىك ۋەقەلەرنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەلمەكتە.

    ھازىرقى شارائىتىمىزغا قارايدىغان بولساق،قەتئىي ئۈزۈپ ئېيتىش كېرەككى،كورلىدىكى دېھقانلارنىڭ ھال-كۈنى ۋە بەزى سىياسەتلەر جەھەتتە جەنۇبىي شىنجاڭغا قارىغاندا ھەقىقەتەن ياخشى،چۈنكى،مەن ھەر قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭدىن تىرىكچىلىك ئۈچۈن كورلىغا كەلگەن جاپاكەش،يۈزلىرىدە يىللارنىڭ يالدامىسى قالغان قۇرۇقلار،قاپارغان قوللار،يەنىلا،ھاياتقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراپ ياشاپ كەلگەن دېھقان ئاكىلار بىلەن بىللە ئىشلەيمەن ھەم ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولىمەن،سىردىشىمەن،دەرۋەقە،جەنۇبىي شىنجاڭدا ساقلىنۋاتقان زىدىيەتلىك مەسىللەر نۇرغۇن،ھەر كۈنى ئۆستەڭ چېپىش،سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياساش قۇرۇلۇشى،يول ياساش قاتارلىق ھاشارلارنىڭ كۆپلىكى،كۆپ يېزىلاردىكى كەنت كادىرلىرىنىڭ ئۆز مەنپەتىگە چوغ تارتىدىغان،خەلقنىڭ ھالال قان-تەرىنى شورايدىغان پارازىتلارنىڭ كۆپلىكى،ھەر قانداق ئىشتا جەرىمانىنى ئۆلچەم قىلىپ،نۇرغۇن دېھقانلىرىمىزنى دېھقانچىلىقتىن زېرىكتۈرۈپ قويغان ئىشلارنى كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم ۋە ئۆز كۆزۈم بىلەنمۇ كۆردۈم،شۇ يەردىكى دېھقانلار ئارىسىدا ئادالەتسىزلىككە،خورلۇققا ئۇچراۋاتقان بەزى دېھقانلار ئارىسىدا بىلىم –سەۋىيىسى بىر قەدەر كۆپ،نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كىشىلەر كەنت كادىرلىرىغا ھەق گەپنى قىلىپ،ۋارقىراپ قويسا،شۇ چاغدىلا،ساقچىخانىغا تۇتۇپ بېردىكەن،ئۇ يەردىكى ھەر قايسى يېزا-كەنتلەردە يەرلەردە مەجبۇرىي يۇسۇندا بىرخىللا زىرائەت يېتىشتۈرۈش ،پۇلى ئاينىمىغان ،بازاردا تۆكمە بوپ كەتكەن مېۋىلەرنى تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرلەرگە مەجبۇرىي يۇسۇندا تىككۈزۈش،سۆزلەپ كەلسە،جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان،ئادالەتسىزلىك يامرىغان،پارىخۇر،ئۆز مەنپەتىگە چوغ تارتىدىغان  پوق قورساق كادىرلار بىر بۇلۇۋىلىپ،خەلققە زۇلۇم سالىدىغان،ھەرخىل جەرىمانە قۇيۇپ،دېھقانلىرىمىزنى ھالسىراتقان ئىشلار ساماندەك،بۇ ئىشلارنىڭ تا ھازىرغا كەلگۈچە تۈگمەسلىكى نۇرغۇن دېھقانلىرىمىزنى مۇساپىرلىق،يىراق يۇرتلارغا سەرگەندان قىلماقتا،ئاشۇ بىزنىڭ يېزىدىكى دېھقانلىرىمىز مۇمكىن بولسىدى،ئىچكىردىكى ئاشۇ كونا دېھقانچىلىق شەكلى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش شەكلىنى بىر كۆرۈپ باققان بولسا،ئۆزىنىڭ قانداق تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئاز-تولا بىلگەن بولاتتى،جەنۇبىي شىنجاڭدا ئادىللىق بىلەن كەنتنى سورايدىغان،خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىغا دەرمان بولىدىغان كەنت –يېزا رەھبەرلىرى ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگەللەيدۇ.بۇ تۈزۈلمە شارائىتنىڭ تېخىچە ھەل بولمىغانلىقى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ.

   مەن ئۆمۈرلۈك يەلىرىنى سېتۋىتىپ خار بولغانلارنى  جىق كۆردۈم،ھازىر ئاشۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پۇشايماننى ئالدىغانغا قاچا يوق،زاۋۇت-فابرىكىلاردا خىزمەت قىلىش،ئاشۇ يېرىنى سېتىۋاتقان خەنزۇرلارنىڭ قولىدا ئىشلەش،بازاردا بىدىكچى،يايمىچى بولۇپ،كىرىم مەنبەسى ئاز ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ،غورىگۇل تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان،قىمار ئويناپ،پۈتۈن مال-بىساتىدىن ئايرىلىپ.ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ،بالىلارنى يېتىم قىلدىغان،قاۋاقخانا،ئۇيۇن سۇرۇنلىرىدا ئەرزان ھاراقلارنى ئىچىپ،ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ،ياشاشنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيۋاتقان دېھقانلار ھەقىقەن كۆپىيىپ كەتتى،ئىدىيىسىنىڭ ئازاد بولمىغانلىقى پەن-تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىگى ۋە ئالدىن يىراقنى كۆرەرمەسلىك سەۋەبىدىن چىققان بۇ تىراگىدىيەلىك ۋەقەلەر ھەربىر ئەقىل ئېگىسىنىڭ ئويلاپ بېقىشقا ۋە ئۇنىڭ ئاچچىق ساۋاقلاردىن ئىبرەت ئېلىشقا ئۈندەيدۇ.يەرنى سېتىش دولقۇنىنىڭ زىيىنىنى ھەرگىزمۇ ئاددىي مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ،بۇ ئىش ئاشۇ ئاتا-ئانىلار بىلەن تۈگەپ كەتسە مەيلى ئىدى،لېكىن،شۇ كىشلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بىچارە،روھى سۇلغۇن،كۈنلىرى مەنىسىز،ھاياتقا بولغان قىزغىنلىق يوق،ئۇيۇن-تاماشا سورۇنلىرىدىن بېرى كېلەلمەيدىغان،چۈشكۈنلۈك،مەنىۋى روھى گاداي قىلىپ،جەمىيتىمىزدىكى ئادەم ئويلاپ بولغۇسىز نۇرغۇن ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى بۇلۇپ قالدىكەن.

   ئاخىردا دەيدىغان سۆزۈم،ئىنسان دۇنياغا باي بۇلۇش ئۈچۈن تۇغۇلمايدۇ،ئىنساننىڭ دۇنياغا ئاپىرىدا بۇلۇشتىكى سەۋەبى،ئۆزىگە چۇشلۇق رىزق-نېسىۋە ئىزدەش،بەخت دەرگاھىدا خوشال-خورام ئۆتۈش ئۈچۈن ياشايدۇ،ئازغىنە خوشاللىقنى دەپ،ئۆزىنىڭ بەخت –نېسىۋىسىنى،مەڭگۈلۈك ياشاش ھۇلىنى نابۇت قىلىش ئېچىنىشلىق قىسمەتتۇر،بۇ ئىشنىڭ جەمىيەتتە ئاۋۇپ كېتىشى ۋە تەرەقىي قىلىشى مىللىتىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان يېزا دېھقانلىرىنىڭ خىرىس ئالدىدا تۇرغان،رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان دەۋردە،ئۆزىنى ئوتقا ئىتىترگەنلىك بىلەن باراۋەردۇر.

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى

تېما تەستىقلىغۇچى : alqondi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-12, 22:12
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-12 20:00 |
yuzbexi
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2335
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 273
شۆھرەت: 1488 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1489 سوم
تۆھپە: 878 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 879 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 343(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-23
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ماشال ئەپەندى ، گېپىڭىزچە بولغاندا دېھقانلىرىمىزنىڭ ئېتىز ئەمگىكى يېتەرسىز ، تېخىمۇ تىرىشىش كېرەك دىمەكچىمۇ سىز ؟  ھېلىمۇ بىر ئائىلىدىكى 5-6 جان نىڭ 10- 20 مو يەرگە باغلىنىپ توختاۋسىز ئىشلىشىنى ، ئائىلىدىكى بارلىق تىرىكچىلىك شەكلىنىڭ  پەقەت يەرگىلا قاراشلىق  ئىكەنلىگىنى ، ئاشۇ ئازغىنە يەر نىڭ بىر پۇتۇن ئائىلىنىڭ بارلىق << ھاجىتى >> دىن چىقىۋاتقانلىغىدىن دېھقانلىرىمىزنىڭ ئەمگىگىنىڭ ھەرگىز يېتەرسىز ئەمەسلىگىنى چۇشەندۇرۇپ بېرىدۇ  . ھېلىمۇ شۇ ئېتىز بېشىغا چىراق چۈشۈرۈپ  ئىشلىمىگەنلا يېرىمىز قالدى .
سېلىشتۇرۇشلىرىڭىزغا 100 ئادەمنىڭ ئىچىدە  98ى قايىل بولمايدۇ  . كەم ئەقىل ئىكەنسىز  !
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-13 01:29 |
adilxa
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4743
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 37
شۆھرەت: 185 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 185 سوم
تۆھپە: 111 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 111 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 37(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ۋوي   ۋوي  ۋوي  بىزنىڭ يۇرتلارغا قاچانلادا كەلگەن بولغىيتىڭىز دەيمە .  يەرلەرنى پارچىلاپ كۆچەت تىككۈزگىلى 7-8يىل بۇلاي دىدى تەڭدىن تولىسى چىلان يا  ئەلا سورتلۇق چىلان كۆچىتى سالمىدى بىرپارچە يەردىن 4-5خىل سورت تېپىلدۇ شۇ ڭاتۈزۈك  پۇل بولمايدۇ . ئۆتكەنكى ئىككى يىلدا تەڭدىن تولا تېرىلغۇ يەرلەرگە تېمىتىپ سۇغۇرۇش قۇرۇلۇشى قىلغان لىكىن پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولدى كەتكەن مەبلەغلەرگە ھازىرمۇ ئىچىمىز ئاچچىق بۇلىدۇ .
مانا بۈگۈنمۇ دەريا بۇيىغا كەلكۈندىن مۇداپىيەلىنىش قۇرۇلۇشىغا ئىشلىگىلى بادۇق .بۇئىشقا كەتكەن ياغاچ تاش ،شاخ-شۇمبا ھەممىسى بىزدىن لىكىن باشقىلاردىن ئاڭلىساق دەريا باشقارمىسى دەيدىغان بىر ئورۇن بار ئىكەن بۇ قۇرۇلۇش تۈگىگەندە بۇيەردىكى  غوجا ئاكاملار ئۇباشقارمىدىن نەچچە مىليۇن پۇل ئۈندۈرۋالامىش.ھەي.........
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-13 01:42 |
koygandengiz
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6375
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 74
شۆھرەت: 370 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 370 سوم
تۆھپە: 222 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 222 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 106(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

   مۇنداق بىر سېلىشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتىم .
غۇلجىنىڭ شارائىتىدا دېھقان بىچارە ئالتە ياز ئىشلەپ تاپقان قونىقىنىڭ بىر كېلۇسىنى ئەڭ كۆپ بۇلغاندا 2 يۈئەنگە ساتالايدۇ ،. ( ئەمەلىيەتتە قوناقنىڭ باھاسى تېخى 2 يۈئەنگە چىقىپ باقمىدى ) ئەمما بىر ئۆي سېلىش ئۈچۈن بىر تال كېسەكنى 30 تىيىندىن 50 تىيىنگىچە سېتىۋالىدۇ . ئويلاپ باقايلى بىچارە دېھقان شۇنچە ئەجىر قىلىپ ئاران ئېرىشكەن بىر كېلو قونىقىغا ئاران 4 دىن 6 گىچە كېسەك سېتىۋالالايدۇ . دىمەك ، ھازىرقى دۆلەتنىڭ مال باھا سىياسىتى دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆپنىڭ قورسىقىنى بېقىۋاتقان دېھقان قىلچىمۇ نەزەرگە ئېلىنمىغان دىيىشكە بولىدۇ . ئۇنى ئاز دىگەندەك گۆرىدىن توڭگۇز بولۇپ قوپىدىغان نەپسى يامان يەرلىك ئامبال ، دوتەيلەرنىڭ ئاتالمىش يەرلىك سىياسەتلىرى دېھقانلارنى تېخىمۇ چارچىتىۋېتىپ بارىدۇ . بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مېنىڭچە بولغاندا ئالدى بىلەن دۆلەت دېھقانننىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان مەل باھا سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ، ئۇندىن باشقا دېھقانلىرىمىزمۇ قانۇنىي يول ئارقىلىق زۆرۈر تېپىلغاندا ئەركەكتەك مۇشت ، پەشۋالىرى ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئۈگۈنىۋېلىشى لازىم . يەرلىك ھارامنى يەپ كۆنۈپ كەتكەن جەنۇپنىڭ پوق قورساق ئەمەلدارلىرىغا ھازىر شۇ پەشۋا كەم بولۇپ قاپتۇ . شۇ تولۇقلانسا مېنىڭچە دېھقاننىڭ كۈنىدە ئۆزگىرىش بولۇپ قالامدىكىن .
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-13 01:46 |
marjanyax
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4158
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 151
شۆھرەت: 803 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 799 سوم
تۆھپە: 476 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 477 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-11-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

خوتەن گۇما ناھىيىسىگە تۆۋەنگە چۈشكەن چېغىمدا بىر ئىشقا بەك ھەيران قالغان ھەم بەك غەزەپلەنگەن ئىدىم.مەن تونۇيدىغان بىر دېھقاننىڭ ئائىلىسىدە 7جاننىڭ 5 مو يېرى باركەن (ئەمىليەتتە ئاكا-ئۇكا ئىككى ئائىلە).ئەمما بىر دادۈيجاڭنىڭ 100مو يېرى باركەن(ئايالى ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى)،ئۇ دادۈيجاڭ ئۆزىنىڭ يېزىدىكى مىليونىر ئىكەنكى توغرىسىدا ماختىنىپ بەرگەن ئىدى.ئەمىليەتتە گۇما ناھىيسىدىكى نۇرغۇن ئەمەلدارلارنىڭ نەچچە ئونمو ھەتتا يۈزنەچچەمو يېرى بولۇش ئادەتتىكى ئىش.
[ بۇ يازمىنىmarjanyaxدە2012-05-13 10:41قايتا تەھرىر ]
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-13 10:19 |
arman03

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1710
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 229
شۆھرەت: 1689 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
تۆھپە: 933 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 939 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 458(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھۆرمەتلىك «مارشال» ياخشىمۇسىز، بۇتېمىڭىزغا مۇبەرەك بولسۇن.
سىزنىڭ تۈنۈگۈنكى قارىشىڭىز بۇيىچە، مۇشۇ تېمىڭىزنى سان-سىفىر، پاكىتلارنى تۇلۇقلىغان ئاساستا خەنزۇچە بەتلەرگە، مەسلەن تىيەنياشېچۈ قاتارلىق تەسىرى چوڭ بەتلەرگە بىرىشىڭىزنى يەنەبىر تەۋسىيەقىلىمەن. باشقا زىيالىلارمۇ خەنزۇ بەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇقۇق-مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپمۇ جەمىيەتتىكى ناھەقچىلىقلارنى خەنزۇچە بەتلەرگە سۇنۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر جەمىيىتىگە بىركشىلىك تۆھپىسىنى قۇشسا كاتتا ئىش بۇلاتتى. دېھقانلىرىمىزنىڭ ھالى شۇ، ساۋاتسىز بولمىسىمۇ چالا ساۋات، تور، مۇنبەر دېگەنلەرنى بىلمەيدۇ، تورئارقىلىق ئۈزىنىڭ ھۇقۇقىنى قانداق قوغداش بولسا ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيدۇ. قانۇننى بىلمەيدۇ، قانۇن ئارقىلىق ئۈزىنى قوغداش ئېڭى ئىنتايىن تۈۋەن، بىرئېغىز «شۈكرى» سۈزى ئۇلارنىڭ نۇرغۇن مەنپەتىنى قۇربان قىلىۋىتىدۇ.
خالىس ئەجرىڭىزگە تەشەككۇرلار ياغسۇن.
lutun
ۋ
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-13 11:40 |
يولۋاس
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 518
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 207
شۆھرەت: 1019 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1027 سوم
تۆھپە: 613 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 621 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 215(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-04
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

گۇمىدا ھەقىقەتەن يىرى ھەددىدىن زىيادە  كۆپ ئەمەلدار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى.  ( بىنەم ئىچىش باھانىسى بىلەن يەر ئىگەللىگەنلەر بار )
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-13 12:10 |
budunya
دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 5764
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 457
شۆھرەت: 2316 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 2318 سوم
تۆھپە: 1387 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1388 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 442(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

گۇمىدىلا ئەمەس بۇئەھۋال بىلىشىمچە جەنوبى شىنجاڭدا بىر قەدەر ئوموملاشقان
saltanat
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاتا-ئانامنىڭ ساقلىقىنى تىلەيمەن
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-13 17:10 |
ablat
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 5753
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 14
شۆھرەت: 95 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 95 سوم
تۆھپە: 53 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 53 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 121(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بىز ئاكا ،ئۇكا6ئادەمنىڭ ئاران 7مو يىرىمىز با لىكىن يېزا باشلىغىنىڭ...............................   
ozgul munbar
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-14 08:01 |
iparhan

دەرىجىسى : دائىملىق ئەزا


UID نۇمۇرى : 383
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 636
شۆھرەت: 3230 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 3260 سوم
تۆھپە: 1934 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1934 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 694(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى ئىزدىنىش بوپتۇ ، ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي !
دېھقانلىرىمىزنىڭ قارا- قويۇق ئىشلەش ، جاپاغا چىدىغان بىلەن تېخنىكىلق ئەمگەكلەرگە سەل قاراش ، ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ، توغرا ئۇسۇلدا مەبلەغ سېلىش ئېڭى تۆۋەن بولۇش ... قاتارلىق نۇرغۇن ئاجىزلىقلىرىنى تولۇقلاش ، بۇ جەھەتتە  ئەمىلىي تەدبىر قوللىنىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك . چوقۇم سىزگە ئوخشاش باشچىلار زور كۆپچىلىك دېھقان ئاممىسىغا تەسىر كۆرسىتەلىشى مۇمكىن !
كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىڭىز تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولسۇن !
پوزىتسىيە __ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ .
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-14 18:02 |
arman03

دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 1710
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 229
شۆھرەت: 1689 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
تۆھپە: 933 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 939 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 458(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-05-07
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-13
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى koygandengizدە2012-05-13 01:46يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
   مۇنداق بىر سېلىشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتىم .
غۇلجىنىڭ شارائىتىدا دېھقان بىچارە ئالتە ياز ئىشلەپ تاپقان قونىقىنىڭ بىر كېلۇسىنى ئەڭ كۆپ بۇلغاندا 2 يۈئەنگە ساتالايدۇ ،. ( ئەمەلىيەتتە قوناقنىڭ باھاسى تېخى 2 يۈئەنگە چىقىپ باقمىدى ) ئەمما بىر ئۆي سېلىش ئۈچۈن بىر تال كېسەكنى 30 تىيىندىن 50 تىيىنگىچە سېتىۋالىدۇ . ئويلاپ باقايلى بىچارە دېھقان شۇنچە ئەجىر قىلىپ ئاران ئېرىشكەن بىر كېلو قونىقىغا ئاران 4 دىن 6 گىچە كېسەك سېتىۋالالايدۇ . دىمەك ، ھازىرقى دۆلەتنىڭ مال باھا سىياسىتى دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆپنىڭ قورسىقىنى بېقىۋاتقان دېھقان قىلچىمۇ نەزەرگە ئېلىنمىغان دىيىشكە بولىدۇ . ئۇنى ئاز دىگەندەك گۆرىدىن توڭگۇز بولۇپ قوپىدىغان نەپسى يامان يەرلىك ئامبال ، دوتەيلەرنىڭ ئاتالمىش يەرلىك سىياسەتلىرى دېھقانلارنى تېخىمۇ چارچىتىۋېتىپ بارىدۇ . بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مېنىڭچە بولغاندا ئالدى بىلەن دۆلەت دېھقانننىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان مەل باھا سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ، ئۇندىن باشقا دېھقانلىرىمىزمۇ قانۇنىي يول ئارقىلىق زۆرۈر تېپىلغاندا ئەركەكتەك مۇشت ، پەشۋالىرى ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئۈگۈنىۋېلىشى لازىم . يەرلىك ھارامنى يەپ كۆنۈپ كەتكەن جەنۇپنىڭ پوق قورساق ئەمەلدارلىرىغا ھازىر شۇ پەشۋا كەم بولۇپ قاپتۇ . شۇ تولۇقلانسا مېنىڭچە دېھقاننىڭ كۈنىدە ئۆزگىرىش بولۇپ قالامدىكىن .

غۇلجىدىمۇ شۇنداق ئىشلاربارمۇ؟ جەنۇبى شىنجاڭدىلا شۇنداق ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
ۋ
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-14 19:37 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«1234»Pages: 1/4     Go
Bagdax bbs » بەس بەس مۇنازىرە