ئالتۇن تېما ئىكەن مانا!!! شۇ بىر جۇملىنى توغۇرلاپ ئوقۇساقلا...
بۇنداق ئەھۋاللارغا مەنمۇ كۆپ ئۇچىرىدىم... تېما ئىگىسىگە رەھمەت!!! ئاشۇ ھاراق ھازىر بىز قاقشاۋاتقان جەمئىيەتتىكى بارچە پاسىقچىلىقنىڭ قاتىلى!!! ئەگەر ھەممە بىردەك ئاۋاز قوشۇپ، بۇ قاتىلنىڭ قاتىلى بولالىساق، ئۇنداقتا بىزدە كەلگۈسىگە ئۈمىد تېخىمۇ زور...
ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ تەۋەلىكىمىزدىغۇ ئۇزۇن بولغان بۇ خىل يوشۇرۇن قاتىلغا زەربە بېرىلگىلى، شۇڭىمىكىن ئۇيغۇر نوپۇسى ناھايتى ئاز بولغان يۇرتىمىزدىن نى-نى ئەزمەتلەر چىقىپ رايونىمىز ھەتتا دۆلەت ئىچى سىرتىدا ئۆز رولىنى نامايەن قىلىپ، يۇرت خەلقىگە زور ئىپتىخارلىق تۇيغۇلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئەگەر قومۇلدىلا ئەمەس پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر ئۈچۈن بۇ ھارام قىلىنغان شەيتان سۈيدۈكىنى سۈپۈرۈپ تاشلىيالىساق، ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئۈچۈن غەلبە شۇ ئىدى...
مەن بۇ ياشقا كەلگۈچە كۈرمىڭلىغان ياش ئانىلارنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ شۇ ھاراق تۈپەيلى ئاققانلىقىنى كۆردۈم... كۈرمىڭلىغان سەبىلەرنىڭ شۇ ھاراق تۈپەيلى يۈرەكلىرى داغلانغانلىقىنى كۆردۈم... ئانىلاردا، سەبى پەرزەنتلەردە گۇناھ يوق، ھەقىقى گۇناھكار ئاشۇ ھارام ھاراق!!!!
http://www.uqur.net