قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ يەر-زېمىن ، مال-مۈلۈكلىرى
( 17 )
1 . يەر - زېمىنلىرى
چيەنلۇڭ يىللىرىدىكى << خان بېكىتكەن ئاز سانلىق مىللەتلەردىن موڭغۇل ، ئۇيغۇر ۋاڭ - گۇڭلىرى يىلنامىسى >> دا خاتىرىلىنىشىچە ، قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ دائىرىسى شەرقتە قالقىغا ، غەربتە تۇرپانغا ، جەنۇبتا قۇملۇق چۆلگە ، شىمالدا بارىكۆلگە تۇتاشقان . قومۇل ۋاڭى شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ ، جەمئىي 13 يېزىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ، بۇ يېزىلار : سۇمقاغا ، ئاستانە ، توغۇچى ، لاپچۇق ، قارادۆۋە ، يەندۆڭ ، شىڭشىڭشيا ، باي ، نوغاي ، تالناچىن ( تاشۋېلىق ) ، بەنچىچۈەن ( تاشۋېلىقنىڭ 250 چاقىرىم شەرقىي جەنۇبىدا ) ، دۈربەجىن ، بۇلۇت ئېغىز ( قومۇل شەھىرىدىن 400 چاقىرىم شەرقىي جەنۇبىدا ) دىن ئىبارەت .
چيەنلۇڭنىڭ 47 - يىلى ( 1782 - يىلى ) دىكى << غەربىي يۇرتنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى >> دىمۇ يۇقۇرىقىدەك خاتىرىلەنگەن بولۇپ ، پەقەت سۇبېشى دەريا ( سەيخۇمىياۋ ) لا قوشۇلغان .
ئۇندىن باشقا ، << بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئومۇمىي تەزكىرىسى >> ( جياچىڭ ئويما نۇسخىسى ) دا : قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ دائىرىسى شەرقتە تالناچىن ئارقىلىق تاشقى موڭغۇلنىڭ قالقا چېگرىسىغا ، غەربتە لياۋدۇننىڭ غەربىدىكى توغراقلىق ئارقىلىق تۇرپان چېگرىسىغا ، جەنۇبتا قۇملۇق چۆلگە ، شىمالدا تىيانشان ئارقىلىق بارىكۆلگە تۇتىشىدۇ ، قومۇل ۋاڭى شەھەر ئىچىدە ئولتۇرۇشلۇق بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا دورمۇگەي ( باي ) ، غازىيەندۆڭ ، بۇلۇتئامان ( بۇلۇت ئېغىزى ) ، سۇمقاغا ، ئاستانە ، توغۇچى ، لاپچۇق ، قارادۆۋە ، چاغانغۇلخەي ، سايبېشى ( سەيخۇمياۋ ) ، تاشۋېلىق قاتارلىق 12 يېزا بار دېيىلگەن .
يەنە شۈەنتۇڭنىڭ 3 - يىلى ( 1911 - يىلى ) تۈزۈلگەن << شىنجاڭنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى >> دە قومۇل زېمىنىنىڭ تۆت تەرەپ چېگرىسى مۇنداق خاتىرىلەنگەن : شەرقتە شىڭشىڭشيا ئارقىلىق ئەنشىگە تۇتىشىدۇ ؛ جەنۇبتا ساۋخۇ ئارقىلىق دۇنخۇاڭغا تۇتىشىدۇ ؛ غەربتە يۈەنچۈەن ئارقىلىق پىچانغا تۇتىشىدۇ ؛ شىمالدا سۇمىشتان ئارقىلىق بارىكۆلگە تۇتىشىدۇ ؛ شەرقىي جەنۇبتا ، بۇلۇت ئېغىز ئارقىلىق دۇنخۇاڭغا ، غەربىي جەنۇبتا ، سەنجاپار ئارقىلىق تۇرپانغا ، شەرقىي شىمالدا بولبۈرگۈس ، لىباچۈەن ، تىزىچۈەن ئارقىلىق بارىكۆلگە تۇتىشىدۇ . قومۇل ۋاڭى تەۋەلىكىدىكى يېزا - كەنتلەر توغرىسىدا ، ئەينى ۋاقىتتا تەڭلا تۈزۈپ چىقىلغان << قومۇل مەھكىمىسىگە قاراشلىق يۇرتلار تەزكىرىسى >> دىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا ، ئەينى ۋاقىتتىكى قومۇل مەھكىمىسى كونىشەھەردە بولۇپ ، قىزىليۇلغۇن ، سەيخۇجۇاڭ ، دۈربەجىن ، بۇلۇڭتوغراق ، تاشۋېلىق ، شەھەر ئەتراپى ، سۇمقاغىدىن ئىبارەت يەتتە يېزا - كەنتنى باشقۇراتتى ( بۇنىڭغا مۇشۇ جايلاردىك ئۇيغۇرلار كىرمەيتتى ) ، قالغان جايلار قومۇل ۋاڭىغا قاراشلىق ئىدى .
مىنگونىڭ 18 - يىلى ( 1929 - يىلى ) يەنى ئاخىرقى ئەۋلاد قومۇل ۋاڭى شامەخسۇت ئۆلۈشتىن بىر يىل بۇرۇن ، قومۇل ناھىيىلىك ھۆكۈمەت قومۇل ناھىيىسى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلار ۋە ئادەم نوپۇسىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەن . شۇ چاغدا ، قومۇل ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇرلار ، ئاساسەن ، شەھەر ئىچى ، شەھەر ئەتراپى ، شەرق ، جەنۇب ، غەرب ، شىمال تەرەپلەردىكى يېزىلار بولۇپ ، ئالتە يېزىنىڭ 33 كەنتىگە جايلاشقان ، ئادەم سانى 14 مىڭ 583 كىشىگە يېتەتتى . ھەرقايسى يېزىلار تەۋەسىدىكى كەنتلەر ۋە ئادەم سانى تۆۋەندىكىچە ئىدى :
شەھەر ئەتراپى يېزىسى : ئاقيەر ، قاراسۇ ، سۇبېشى ، لەڭگەر ، ئېزىزىم ، قاراڭلار ، چاڭغۇ ۋە دۈربەجىن ، ھەر بىر كەنتتە بىردىن دورغا بولۇپ ، جەمئىي 2472 ئادەم بار ئىدى .
جەنۇبىي يېزا : تۆۋەنتۇر ، لاپچۇق ، قارادۆۋە . بۇنىڭ ئىچىدە تۆۋەنتۇردا بىر دورغا بولۇپ ، 1153 ئادەم بار ئىدى ، لاپچۇق ، قارادۆۋىلەردە بىردىن قازى بولۇپ ، 1680 ئادەم بار ئىدى .
شىمالىي يېزا : دۈربەجىن ، باي ، تاشار ، تاراتى ، تۆرۈك ، نېرىن ، قىزىليار ، تۆمۈرتى ، نېرىنكىر ، تۇركۆل ، توخۇلۇ ، ئاداق ، نوم ، شوپۇل ، خوتۇنتام ، باغداش ۋە ئېدىر . ئېدىر سەل كىچىك كەنت بولغاچقا ، مۇھتىسىپ قويۇلغان ، قالغان كەنتلەرگە دورغا قويۇلغان ، جەمئىي 4512 ئادەم بار ئىدى .
شەرقىي يېزا : قارمۇقچى ئەتراپى . بۇ يەرگە بىر دورغا قويۇلغان ، جەمئىي 197 كىشى بار ئىدى .
شەھەر ئىچى : ئاھالىسى 3359 كىشى بولۇپ ( يېڭىشەھەر ، كونىشەھەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭغا كىرىدۇ ) ، قومۇل ۋاڭىغا بىۋاستە قارايتتى .
داۋامى بار ..........................
مەنبە : قومۇل ناھىيىسى تەزكىرىسىدىن .
ئەسكەرتىش : باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ .
[ بۇ يازمىنىhawarدە2012-05-25 01:03قايتا تەھرىرلىدى ]