saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 520 قېتىم كۆرۈلدى
kenji
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2127
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 103
شۆھرەت: 535 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 545 سوم
تۆھپە: 317 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 317 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 78(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-06-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-26
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 بايلىق ۋە ئەمەل توغرىسىدا

      بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ بولغانىكەن،ئۇنىڭ باھايىتى ساداقەتمەن ساترىچى بار بولۇپ پادىشاھ دائىم ئۇنىڭغىلا چاچ-ساقاللىرىنى ياساتقۇزىدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پادىشاھقا بىرى "ئالىلىرى ئاۋارە بولۇپ ئوردا سىرتىغا چىقىپ چاچ-ساقال ياسىتىپ يۈرگىچە،شۇ ساتراچنى ئوردا ئىچىگە كۆچۈرۈپلا كىرسەك ياخشى ئەمەسمۇ ؟"دەپ مەسلىھەت كۆرسۈتۈپتۇ. پادىشاھ بۇنى توغرا تېپىپ ساتىراشنى ئوردا ئىچىگە كۆچۈرۈپ ئەكەلدۈرۈپتۇ ۋە چاچ-ساقاللىرىنى ياساتقىلى كىرىپتۇ. ئويلىمىغاندا شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىپ كەلگەن ساتراش بۇدا قېتىم پادىشاھنىڭ چېچىنى ياساۋېتىپ تۇيۇقسىزلا ئۇستىرىنى پادىشاھنىڭ گېلىغا تىرەپ نۇرغۇن بايلىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاپتۇ،پادىشاھ ئالاق-زادىلىكتە شاھلىق تاجىدىن تارتىپ جىمىنى بېرىشكە ۋەدە قىلىپ،ساتراشنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپلا جاللاتنى توۋلاپتۇ ۋە ساتراشنىڭ كاللىسىنى ئېلىشقا بۇيرۇپتۇ.بۇ چاغدا ۋەزىر پادىشاھنى توسۇۋېلىپ بۇنىڭدا بىر مەسىلە بارلىقىنى،شۇ ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن كاللىسىنى ئالسىمۇ كېچىكمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ساتراشتىن سوراپتۇ:"سەن بەدىبەخ نىمىشقا مۇنداق نىيەتكە كېلىپ قالدىڭ!!؟ ..."،___ئۆزۇممۇ بىلمەيمەن جاناپلىرى،پېقىرنى قارا باسقان ئوخشايدۇ،مەن ھەقىقەتەن ئۆلۈمگە لايىقمەن_دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ دار ئالدىغا ئېلىپ مېڭىلغان ساتراش. ۋەزىر ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ،نەۋكەرلەرگە يېڭى ساتراشخانىنىڭ دەل ساتراش تۇرغان يەر ئاستىنى كولاشقا بۇيرۇپتۇ،بىر مەھەل كولىغاندىن كېيىن يەر ئاستىدىن بىر كومزەك بايقىلىپ ئىچىنى ئاچقانىكەن لىق ئالتۇن چىقىپتۇ. ۋەزىر ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى مۇنداق ئىزاھلاپتۇ:" جانابى ئالىلىرى ۋاقىپ بولغايكى،جىمى جىنايەت سەۋەپكارى دەل مۇشۇ كومزەكتىكى ئالتۇندۇر،ئۇ دەل سىلىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سادىق ساتراشلىرىنىڭ نىيىتىنى بۇزۇشىغا  سەۋەپچى بولغاندۇر."
      بۇ چۆچەكنى ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى(تەخمىنەن25يىللار ئىلگىرى)ئوقۇغاندەك قىلغان،ئەمما ئۇ چاغلاردا بىرەر نەرسىنى چۈشەنگۈدەك ئەمەستىم ھەم تامامەن ئېسىمدىن كۆتۈرلۈپمۇ قالغانىكەن،يېقىندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئۆي-جايلىرى چېقىلىپ نۇرغۇن پۇل قولغا كەلگەندىن كېيىن قىلىشىۋاتقان ئىپلاسلىقلىرى،شەرمەندە قىلىقلىرى...خۇددى كوپچىلىكىمىز بايقاپ كېلىۋاتقاندەك بەزى ئەمەلدرلارنىڭ زىيادە كۆرەڭلىكى،ئەمەل ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدىغانلىقىدەك خاھىشلارنىڭ يامرىشى ... تېگىدىن ئېيتقاندا خۇددى يۇقارقى چۆچەكتە ئېيتىلغاندىكى بىلەن  مەلۇم ئوخشاشلىقى بارلىقىنى بايقايمىز.
   مانا مەسىلەنگە ئېيتساق،ئەسلىدىن بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئاقكۆڭۈل-كۆيۈمچان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پۇلغا كەلگەندە بىراقلا ئۆرۈلۈپ،ئاتا-ئانىسىدىن كەچكۈدەك،قوۋمى-قېرىنداشلىرىنى يەۋەتكۈدەك ھالغا كېلىپ قېلىشلىرى ئاشۇ بىچارە ساتراشقا ئوخشاپ قالغىنى بولماي نىمە؟
     بىزگە خېلى تۈزۈك ۋە رۈس ئادەم تۇيغۇسىنى بېرىپ كېلىۋاتقان يېقىنلىرىمىزنىڭ توخونىڭ پېيىچىلىك ئەمەلگە ئېرىشكەنلىرىدە نە دەرىجىلىك ھال پەيدا بولۇپ قېلىشقانلىرى بىزگە يەنە ئەشۇ ساتراشنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرۇپ قويىدۇ.
   ئەمىلىيەتتە بايلىق -ئەمەل دىگەنلەر نۇرغۇن نادانلارنى ئەشۇ قاتاردا ئۇسۇلغا  سالالايدۇ. خۇددى چۆچەكتىكىدەك 2مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كومزەكتىكى ئالتۇن، ساتراشتىكى ساداقەتمەنلىكنى يوقىتىپ،ئۇنىڭدا جىنايى تۇيغۇ شەكىللەندۈرۈشكە قادىر بولغىنىدەك يانچۇقىمىزدىكى پۇل،ئالدىمىزدا تۇرغان بايلىق ۋە كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان ئەمەل-دەرىجە دىگەنلەر بىزنى نە كويلارغا سېلىشقا قادىر بولمايدۇ دەيسىلەر.
        ئەمەل-بايلىق دىگەنلەر ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ياراشتۇرۇپ-سىڭىشتۇرۇپ كېتەلەيدىغان تاجۇ-دۆلەتتتۇر،يەنە كېلىپ دەل ھەر-بىر كىشىنىڭ پەزىلىتىنى،ئادىمى خىسلىتىنى سىناپ كېلىدىغان ئالاھىدە كەلمىش.
  كونىلار"ئەرشتىن بەخت چۈشسە قويغۇدەك يېرىڭ بولسۇن"دىيىش ئارقىلىق،پۇل-ئەمەلگە كەلگەندە ئۆزىمىزنى دەڭسەپ،توختۇنلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدىغان بولىشىمىزنى، بۇنىڭغا ئىدىيىۋى تەييارلىقى بولغاندىلا شاخاڭلاپ كەتمەي(يەنى ئۆزىمىزنى يوقۇتۇپ قويماي)مۇئامىلە قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن.  "گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن"دىيىش ئارقىلىق، دۆلەتمەن كىشى ئەۋلاتلىرىنىڭ كۆپلىرىنىڭ نىمىلا دىگەن بىلەن كۆك نامرات ئەۋلادىغا قارىغاندا بىرقەدەر خەلق رايىنى بايقاشقا ماھىر بولىدىغانلىقى،ئاۋام ئۈچۈن،كېيىنلىك ئۈچۈن كاللا قاتۇردىغانلىقىنى ھېچ بولمىغاندا بايلىق،ئەمەل ئالدىدا خۇدىنى ئالدىراپ يوقۇتۇپ قويمايدىغانلىقلىرىنى ئۇزۇن يىللىق تەجرىبە ئارقىسىدا بىزگە يەكۈنلەپ بەرگەن.
           2012.5.25
تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-26, 14:20
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-05-26 14:18 |
tugluk
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 678
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 280
شۆھرەت: 1747 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1761 سوم
تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 991 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 290(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-02-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بەزىلەرنىڭ ئەمەل ئۈچۈن ياۋا توڭگۇز بولۇپ كىتىۋاتقىنى  دەل يوقۇرقىدەك مەسلە ئىكەن-ھە!.
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-26 23:30 |
فىدا
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 139
شۆھرەت: 725 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 739 سوم
تۆھپە: 431 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 431 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 106(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

     ياۋا توڭگۇزمۇ جىندا جاڭگاللاردا  ياشاپ  ئادەمگە  دەحلى  قىلمايدۇ .
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-26 23:56 |
edirhan
دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


UID نۇمۇرى : 2666
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 315
شۆھرەت: 1672 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1694 سوم
تۆھپە: 984 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 987 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 276(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-07-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-05-27
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قەلەندەر ئېشەك مىنسە چىقمىغان دۆڭ قالماپتۇ، دېگەنمۇ شۇكەندە؟  يەنە مۇشۇ كۆڭۈلچەك خەلقىمىز كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئاشۇنداق كالتا پەم ئادەملىرىمىزنى ئارىغا ئالىدۇ، شۇڭىمىكىن، بەزى پۇرسەتپەرەسلەر ئۆزىگە كەلگەن بۇ قولايلىقتىن ئۆزىگە ئىمتىياز بەلگىلەپ، باشقىلارنى ئۆزىدىن تۆۋەن كۆرىدىغان گەپ!
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-05-27 00:45 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
Bagdax bbs » قوغۇنلۇقتىكى پاراڭلار