مائارىپ ھەققىدە ئەبجەش پاراڭ
ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ: مۇختار ئاۋۇت
بىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلانغانئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋىتىشتىن بۇيان، ئالدى بىلەن يېزىلاردا، ئاندىن شەھەرلەردەبىرقاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىپ، شۇئاساستا ئىسلاھات كۆلىىمىنى ئۈزلۈكسىزكېڭەيتىپ، سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، مائارىپتۈزۈلمە ئىسلاھاتى.......ۋەھا-كازا بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردۇق، گەرچەئىسلاھات ئالدى بىلەن يېزىلاردىن باشلانغان بولسىمۇ، بىز تېخىچە-يېزا،يېزائىگىلىكى ۋە دېھقانلاردىن ئىبارەت «ئۈچ يېزا» مەسىلىسىدىن قۇتىلالمىدۇق، بۇنىئەلۋەتتە دېھقانلار نوپوسىنىڭ بەك كۆپلىكىدىن ئىبارەت ئوبېكتىپ ئەھۋال كەلتۈرۈپچىقارغان بولۇشى مۈمكىن. ئەمدىمائارىپ ئىسلاھاتى مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇنىڭدىمۇ مەسىلىلەر خېلىلا بار ، خېلىلابارلا ئەمەس بىرقەدەر ئېغىر. بۇنىڭغا ھەتتا خەنزۇ مائارىپشۇناسلىرىمۇ كىسىپ بىرنىمە دىيەلمەيۋاتىدۇ. رايونىمىزنىڭمائارىپ ئەھۋالىدىن ئېيتىدىغان بولساق، مەسىلىنىڭ ئېغىرلىغى ۋە كۆپلىكىگە گەپكەتمەيدۇ. ئارقىمىزغاشۇنداق قارايدىغان بولساق بىز ئالدىنىقى ئەسىرنىڭ 90-يىىلىرىدا ئامېرىكىلىق مەشھۇرپىداگوك بىلومنىڭ، ئامېرىكا 60-يىللاردا بىر مەزگىل يولغا قويغان «نىشانلىقئوقۇتۇش» تىپىدىكى دەرىسخانا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئەڭ زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەندىزىسىسۈپىتىدە داغدۇغىلىق يولغا قويدۇق. بۇنىڭ بىلەن سىنىپلارنىڭ دوسكىسى يىتىشمىگەن ۋەكىچىك كېلىپ قالغاندەك، ھەر بىر ئوقۇتقۇچى 2-3تىن كىچىك دوسكىنى كۆتۈرىۋېلىپ،دەرىسنى شۇكىچىك دوسكىلارغا ئالدىن تەييارلاپ ئۆتۈش بولدى ۋە ئەسلىدىنلا يۈكىخېلىلا ئېغىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى. بۇ خىل ئوقۇتۇشئۇسۇلى دەسلەپتە ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغاندەك قىلغان بىلەن،ئاخىرىغا كېلىپ شەكىلگە ئايلىنىپ قالدى، ئوقۇتۇش يەنىلا ماكارېنكودىن مىراس قالغانئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش شەكلىدە داۋاملىشىۋەردى، ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بۇ خىلئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي، ھازىرقى «يېڭىچە دەرسخانا ئوقۇتۇشى»شارائىتىدىمۇ قوللىنىۋاتىدۇ. ئەمدىھازىرقى 2008-يىلى دەرسلىك ئومۇمىيۈزلۈك ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن يولغاقويۇلىۋاتقان «يېڭىچە دەرسخانا ئوقۇتۇشى» غا كېلەيلى، بۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ شەكلىيېڭى، ئۇسۇلى جانلىق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش، پىكىر ۋەتەپەككۇر يوللىرىنى كېڭەيتىش جەھەتتەئۈنىمى ھەقىقەتەن زور، بىز ئىلگىرى قوللانغان ھەرقانداق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىنياخشىلىغىدا گەپ يوق، ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا قويغان تەلىپىمۇ بىر قەدەر يۇقۇرى،بىزدەك 80- يىللارنىڭ داشقاللىرى قىل قالىمىز شاللىنىپ قالغىلى. ئەمما بۇ ئوقۇتۇشئۇسۇلى خېلى بولىدىغاندەك قىلغان بىلەن، بىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنى چۈشىنىشىدەپەرق زور، دەرسخانىدا قوللىنىشىمۇ ھەرخىل، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئوقۇتقۇچىلار بۇھەقتە مۇنتىزىم تەبىيىگە ئىگە ئەمەس، گەرچە ئوقۇتقۇچىلار 4 يىلدا بىر قېتىم ئۈزلۈكسىزمائارىپ بويىچە 15-20 كۈن تەبىيەلەنسىمۇ، بۇتەربىيەلىنىشمۇ پەقەت ئۇنۋان ئېلىشتىنئىبارەت بىرلا نىشان ئۈچۈن بولۇپ، پەقەت قاتناشسىلا بولىدۇ، باشقىسى بىلەنھېچكىىمنىڭ كارى يوق. يەنە بىرى بۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تولۇقسىز ۋە باشلانغۇچمەكتەپلەردە قوللانغاندا پەقەت شەكىلگىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنىمىگە سەلقارىلىۋاتىدۇ. يەنى ئەھۋال مۇنداق: ئوقۇتقۇچى بىرمۇنچە ھەشەم بىلەن تەييارلىغانتەييارلىغى بىلەن سىنىپقا كىرىدۇ، يېڭىچە بىرەر شەكىل بىلەن دەرىسنى باشلايدۇ،دەرس جەريانىدا ئوقۇغغۇچىلارغا سۇئال تاشلايدۇ، 2-3 ئوقۇغۇچى كىتاپتىن سۇئالنىڭجاۋابىنى ئوقۇپ بېرىدۇ ياكى دەپ بېرىدۇ، يېڭىچە دەرسىانا ئوقۇتۇشى شارائىتىداتەييارلىقلار بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، يېڭىدىن –يېڭى سۇئاللارنى تاشلىمىسا،شۇسائەتلىك ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ئورۇنلانمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى 2-3 ئوقۇچىنىڭبەرگەن جاۋابى پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دە،ئوقۇتقۇچى بۇ مەزمۇننى مۇنداقلا خۇلاسە قىلىپ قويۇپ، يېڭى مەزمۇنغا كۆچىدۇ، دەرىسمۇشۇ بويىچە داۋاملىشىپ ئاخىرلىشىدۇ، سىرتتىن پۈتۈن بىر سائەتلىك دەرسنىڭ جەريانىغاقارىغاندا، ئومۇمەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچى دەرىسخانا ئوقۇتۇش پائالىيىتىگەئاكتىپ قاتناشقاندەك، دەرىسخانىنىڭ ھەقىقى «خوجايىنى»غا ئايلانغاندەك قىلغانبىلەن، ئەمەلىيەتتە ھەربىر كونكىرت مەزمۇننى پەقەت جاۋاپ بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنھېلىقى بىرقانچە ئوقۇغۇچىدىن ۋە بىرقەدەر ئەقىللىقراق ئوقۇغۇچىدىن باشقا كۆپچىللىكئوقۇغۇچى چۈشەنمەيدۇ. ئەمما ئەگەر مۇشۇ دەرسنى باھالاشقا توغرا كەلسە بۇ سائەتلىكدەرس «ئۈلگىلىك» ياكى «ئەلا» باھالىنىشى مۈمكىن. بۇ خىل ئەھۋال تۆۋەن يىللىقلارداتېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. (بىزئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپنى ئوقۇپ بەرگىنىگە قاراپلا ئۇنى چۈشەندى دىسەك بولمايدۇ،بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇش مۇھىتىدا تېخىمۇ شۇنداق، ئۇيغۇر يېزىغىنىڭ ئەڭ چوڭخاسىيىتى ئېلىپبەدىن ساۋادى چىققان ھەرقانداق ئادەم ـــــ باشلانغۇچنىپۈتتۈرگەنلەر ياكى دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغانلار بولسۇن ــــ كىتاپنى بىمالالئوقۇيالايدۇ، چۈنكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە ۋە باشقا يېزىقلاردىنپەرقى ھەرقانداق ھەرىپنى ھەرقانداق كىتاپ ۋە ھەرقانداق جايدا پەقەت ئېلىپبەدەئۆگەنگەن ئەشۇ تاۋۇش بويىچە ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىمىز، سۆزنى ئوقۇشتا ھېچقانداقھەرىپنى قوشمايمىز ياكى تاشلاپ قويمايمىز، «ئا» ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا مەڭگۈپەقەت «ئا»لا بولىدۇ، شۇڭا كىتاپنى ئوقۇيالىغانلىق ئۇنى چۈشىنەلىگەنلىك ئەمەس.) مىنىڭ بۇيەردە دىمەكچى بولغىنىم، بىز ئىسلاھات جەريانىدا ھەربىر يېڭى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا،خۇددى مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى قولالانغاندەك، مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ،شاكىلىنى چىقىرىۋىتىش، ھەم شۇنداقلا ئىلگىرىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ئەقىلگەمۇۋاپىق، ئىلغار تەرەپلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىىمىز كېرەك. مائارىپئەجداتنى ئەۋلاتقا ئۇلايدىغان بىر سېستىما، ھە دىسە يېڭسىنى كۆرۈپ، كونىسىنى تاشلىۋىتىشبىزدەك مەدەنىيەت تارقاتقۇچىلار چوقۇم ھەزەر ئەيلەيدىغان ناھايىتى مۇھىم ئىش،تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندىمۇ، بىز دائىم نان خېمىرى ئۈچۈن خېمىر تۇرۇچقا،قېتىق ئۇيۇتۇش ئۈچۈن كۆنەلگۈگە مۇھتاج بولىمىزغۇ؟ ھېچقاچان مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىزدەرەخ بولغان ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلارقوشۇنى مەنبەسىدىن ئالغاندا يەنە بىر قاتار مەسىلىلەر مەۋجۇت. 80-يىللارنىڭئاخىرى، 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا مائارىپ ساھەسىدە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تولۇقلاشزۆرۈر بولغان شارائىتتا، ھەرخىل مەكتەپ، ھەرخىل كەسىپنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا قوبۇلقىلىش بىر مەھەل ئەۋىج ئېلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا بەزى مەسىلىلەرنى پەيداقىلغان ئىدى، يەنى مۇئەييەن پەن-بىلىم ساپاسىغا ئىگە ، لېكىن پىداگوكىكىدىن(مائارىپتىن)ئىبارەت بۇ كەسىپنى چۈشەنمەيدىغانلار ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى،ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيەت تۈزىمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋالغا ئاساسەنخاتىمە بېرىلگەن، 2000-يىللاردىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋال قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ، ھازىرئومۇمىيۈزلۈك ھادىسىگە ئايلاندى. ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ مەمۇرىتارماقلىرى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلغاندا تۈرلۈك شەرتلەر قاتارىدا ئوقۇتقۇچىلىقسالاھىتى گۇۋاھنامىسى بولۇشنى چوقۇم تەلەپ قىلىدۇ، بۇ ئىنتايىن توغرا، ئەممائىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدىن قارايدىغان بولساق، مەيلى ئۇلار قايسىئالى مەكتەپنىڭ قايسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۇلارنىڭ قولىدائوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بار. مېنىڭچەئوقۇتۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى پىداگوگىكا خاراكتىرىدىكى مەكتەپلەردەمۇنتىزىم تەربىيىلىنىپ چىققانلارغىلا بېرىشكە بولىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنئەگەر ھېچيەرگە خىزمەتكە ئورۇنلىشاممىسام ھېچ بولمىغاندا ئوقۇتقۇچى بولسىمۇبۇلارمەن دىگەن مەقسەتتە بىرەر ئىككى ھەپتە كۇرسقا قاتنىشىپ قويۇپلا، ئىمتىھاندىنئۆتۈپ ئېرىشكەن ئۇنداق گۇۋاھنامە پەقەتلا بىر گۈۋاھنامە خالاس، ھەرگىزمۇ سالاھىيەتئەمەس. بىلمىدۇق، مائارىپ مىنىستىرلىكى ياكى مائارىپ نازارىتىدىن قايسى بىرتىجىمەل باشلىق جۆيلۈپسېپ بۇنداق ئويغا كېلىپ قالغان ۋە ئۇنى قارارغا ئايلاندۇرۇپيولغا قويغان؟ كوچا كوتاڭدا دۆلەت ۋە ئاتا-ئانىلىرى شۇنچە زور مەبلەغ سېلىپپىداگوگىكا مەكتەلىرىدە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئىشسىز يۈرگەن، نەدە ئازتولابىلىمى بولسىمۇ، پىداگوگىكىدىن خەۋىرى يوق، ئىشىكنىڭ يۇچىغىدىن مارىلاپگۇۋاھنامىگە ئېرىشىۋالغانلار مەكتەپ قوروسىدا يۈرگەن. مېنىڭچە بۇ، ئەشۇ بايقۇشلارنىڭئالمىشىپ قېلىپ بىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ قېلىپ يەنە بىرسىنىڭ ئىشسىز قېلىشى،ھەرگىز پىداگوگىكا خاراكتىرىدىكى ياكى باشقا خاراكتىردىكى مەكتەپلەرنىڭ ۋەئۇلارنىڭ مەھسۇلاتى بولمىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتى مەسىلىسى بولماستىن بەلكىكادىرلار تۈزۈلمىسى ۋە مائارىپ تۈزۈلمىسى مەسىلىسى، يۇقارقى مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىمۇبۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. كۆرىۋاتىمىز، يۇقۇرقىدەك مەقسەتتە گۇۋاھنامىگە ئېرىشىپئوقۇتقۇچىلىققا مۇشەررەپ بولغان بىرقىسىم «ئوقۇتۇقۇچى»لار پۇرسەت تاپسىلا ،سىياسەتنىڭ يۇچۇقىدىن پايدىلىنىپ، بىر-ئىككى يىلدىن كېيىن «مەمۇرلۇق ئىمتىھان»دىگەن قالپاق ئاستىدا باشقا ئورۇنلارغا غىپپىدىلا چىقىپ كتىۋىتىۋاتقان، مەكتەپتەشىتات تولۇق، بىر ئوقۇتقۇچى كەم قالغان، سىرىتتا شۇ ئورۇنغا ئىنتىزار بىرسى ئىشسىزقالغان. ئوقۇتقۇچىلىق كىملا بولسا قىلىپ كىتىۋىرەلەيدىغان ئىش ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈنئۇلار «ئىنسان روھىنىڭ ئېنژىنىرى». ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ دەپكېلىۋاتقان مۇنداق بىر كەلىمىمىز بارغۇ: «قۇشقاچ بولسىمۇ، قاسساپ سويسۇن». ئەمدى يەسلى مائارىپى ھەققىدە توختۇلۇپ باقايلى. دۆلەتنىڭيەسلى مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىپ، يېزا-كەنتلەرگىچە يەسلىقۇرۇشى ھەممە ئەدەم سۆيۈنىدىغان، بولسا بۇرۇنراق شۇنداق قىلسا بولىدىغان بىرخاسىيەتلىك ئىش، بۇنىڭدىن بارچە خەلق ئىنتايىن رازى. يەسلىلەرنىڭباشقۇرۇلۇشى بولۇپمۇ يەسلىنىڭ ئىچىدىكى يەسلى باشلىغى ۋە تەربىيىچىنىڭ يەسلىبالىلىرىنى تەربىيىلىشىدە مەسىلە ئېغىر بولۇپ، تۈزەتمىسە بولمايدىغان يەرگە بېرىپقالدى دەپ قارايمەن. مەن يۇقۇرىدا ئەسلى مەنىسى بويىچە يەسلى تەبىيىچىلىرىنى«تەربىيىچى»، پەزەنتلىرىمىزنى «بالا» دەپ ئالدىم، ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولسىڭىزتەربىيىچى ھازىر سېپى ئۆزىدىن ماكارېنكوچە «ئوقۇتقۇچى»، ئوماق قوزىلىرىمىز بولسائەشۇ «ئوقۇتقۇچى»لارنىڭ نەزىرىدە «ئوقۇغۇچى». بىلىش كېرەككى بالىلار يەسلىسىھەرگىزمۇ «مەكتەپ» ئەمەس، ئۇلارنىڭ تەبىيىچىلىرىمى «ئوقۇتقۇچى» ئەمەس، پەقەتلابالىلار يەسلىسى ۋە تەربىيىچى. بۇ نۇقتىنى ئالدى بىلەن مائارىپ مەمۇرى تاماقلىرى،ئۇندىن قالسا شۇ يەسلىنىڭ باشلىغى بولغان ھۆرمەتلىك «يۈەنجاڭ» چوقۇم ئېنىق تونۇپيىتىشى كېرەك. ھازىردىمىسىمۇ، بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانىلارنىڭ خىزمەت بېسىمى ئېغىر، تىرىكچىلىك غېمىكۆپ، يەنە بىر تەرەپتىن كەلگۈسىدە پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيىلەپ، قاتارغا قوشۇپ،بىرقەدەر ياخشى بولغان تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىس-تۈتەكسىزجەڭ مەيدانىدىكى رىقابەتمۇ بىر قەدەر كەسكىن، شۇنداق بولغاچقا بىر قىسىمبالىلىرىنى ئۆزى بېقىپ كېتىشكە شارائىتى بار ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلىرىنى يەسلىلەرگەبېرىۋاتىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە بىر ياخشى ئەھۋال، ئەمما مۇشۇ سەۋەپلىك پەرزەنتلىرىمىزئەڭ بىغۇبار، غەمسىز چاغلىرىنى يەسلىدىن ئىبارەت بۇ «قەپەس» ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكەمەجبۇر بولىۋاتىدۇ. مىنىڭ يەسلىباشلىقلىرى ۋە تەربىيىچىلىرىگە دەيدىغان مۇنداق بىر ئىلتىجايىم بار: ئالدىڭىزدىكى بالىلارھەرگىزمۇ «ئوقۇغۇچى» ئەمەس، ئۇلار خۇددى سىزنىڭ «قوزىلىرىڭىز»غا ئوخشاشلائاتا-ئنىلىرىنىڭ ئوماق «قوزىلىرى». قەدىمقىلار توغرا ئېيىتقان بالا دىگەن«پادىشاھ»، ئۇلارنى قانداقتۇر ھەربى تۈزۈم بويىچە، خۇددى ماكتەپلەرنىڭئوقۇغۇچىلىرىدەك، «تۈز ئولتۇر»، «پاراڭ سالما»، «ئالدىڭغا قارا»، «دىققەت قىل»،«جايىڭدا ئولتۇر» دەپ باشقۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئەسلىدىمۇ ئۇلار تۈزۈمنىڭنىمىلىكىنى بىلىش باسقۇچىغا تېخى يەتمىدى. ئەگەر سىز تەربىيىچى بولسىڭىز،باشلىقىڭىز بالىلىرىڭنى باشقۇرماپسەن دىسە، سىز بۇلار تېخى بالا، ئاستا-ئاستاتۈزىلىپ كېتىدۇ دىيىشىڭىز، ئەگەر سىزباشلىق بولسىڭىز بۇ ئوماق بالىلارنىڭ گەپ قىلىشقا، ئويناشقا مۇھتاج ئىكەنلىكىنىبىلىشىڭىز كېرەك. مۇشۇمۇناسىۋەت بىلەن ئاتا ئانىلارغىمۇ مۇنداق تەكلىپىم بار: سىز بالىلارنى يەسلىگە بىرىشنى ئۇلارنىڭ تىزراقساۋادىنى چىقىرىش، تەڭتۇشلىرىدىن جىقراق بىرنەرسىلەرنى بىلىۋېلىش دەپ قارىسىڭىز،مېنىڭچە خاتالاشقان بولۇپ قالىسىز، يەسلى پەقەت سىزنىڭ بالىڭىزنى ساغلام بېقىپبەرسە، سىزنى خاتىرجەم قىلسىلا بولدى، بالىلىرىڭىز يەسلىدىن كەلگەندە «بۈگۈن نىمەئۆگەندىڭىز»ئەمەس، «بۈگۈن نىمە يىدىڭىز،قانداق ئوينىدىڭىز» دەپ سوراڭ، ساۋادىنى بەك بالدۇر بولسا يەسلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىيىللىقىدا، بولمىسا باشلانغۇچنىڭ 1-يىللىقىدا چىقىرىۋالسىمۇ ھەرگىز كېچىككەنبولمايسىز. ئويلاپ بېقىڭ، سىزمۇ يەسلىدە ئوقۇمايلا، باشلانغۇچقا كىرىپ ئوقۇپ، بىرچىرايلىق ساۋادىڭىزنى چىقىرىپ، مانا ھازىر خىزمىتنىڭ ھۆددىسىدىن ئوبدانلا چىقىپ،تېخى ئورۇننىڭ كۆزى بولۇپ كېتىۋاتمامسىز. بالىلارغا يېشىغا مۇناسىپ كەلمىگەن ھالدائارتۇق تەلەپ لەرنى قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. مىنىڭ بىرمۇ بالام يەسلىدە ئوقۇپ باققانئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىر تۇلۇق كۇرسنىڭ ئوقۇغۇچىسى. بولمىسا ئۆيۈمنىڭيېنىدىلا يەسلى بار ئىدى.