saltanat lutun irpan tera kesallikliri xipahanisi
بۇ تېما 838 قېتىم كۆرۈلدى
attila
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3477
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 161
شۆھرەت: 1110 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 1204 سوم
تۆھپە: 617 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 617 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 198(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-04
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 2012-يىلدىن تارىخىمىزغا نەزەر-1 (ئاتتىلا)

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما duttarqi تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-06-03)
2012-يىلدىن تارىخىمىزغا نەزەر-1  
.
مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا ئونسۇ
 

2011-يىلى يىل ئاخىرىدا گۈلەن (ئابدۇۋەلى ئايۇپ) ئەپەندى توردا يازما يوللاپ، تور ئەھلىگە خەلقىمىزنىڭ ئوت يۈرەك ئىنقىلابىي شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەشھۇر مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 110 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلىمە ئېلان قىلىش ئارقىلىق، بىزنىڭ ھەر يىلى تارىخىمىزدىكى چوڭ ۋەقەلەر ۋە مەشھۇر شەخسلەر توغرىسىدا ئەسلىمە قىلىشىمىزغا، شۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۆز تارىخى ۋە ئەل يولىدا كۆيگەن ئوغلانلىرىمىزنى ئەسلەپ تۇرىشىمىزغا يول ئېچىپ بەردى. مەن گۈلەن ئېچىپ بەرگەن ئاشۇ يولنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن تارىخىمىزنىڭ يىل دەۋرى جەھەتتىن بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىكى «2» رەقىمىگە باغلانغان مۇھىم سەھپىلىرىنى كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە سېلىشنى ۋىجدانىي بۇرچۇم ھېسابلاپ، بۇ يازمىنى يازدىم. كۆپچىلىكنىڭ ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

 


1› تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى (قۇمۇل دېھقانلار ھەركىتى) قۇمۇل رايونى شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا، يەنى گەنسۇدىن شىڭشىڭشا ئارقىلىق شىنجاڭغا كىرىشنىڭ بوسۇغۇسىغا جايلاشقان. 1759-يىلى چىڭ سۇلالىسى كۈچلىرى چوڭ-كىچىك خوجىلار ئىسىيانىنى تىنجىتقاندىن كېيىن، 1760-يىللاردىن باشلاپ بۇ رايوندا «جاساق» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۆزلىرىگە ھەمدەمدە بولغان ھەم ئەڭ سادىق كىشىلەرنى ۋاڭلىققا تەيىنلىگەن ھەم ئۇنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مىراس قالدۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ چوڭ-كىچىك خوجا ئىسىيانىنى باستۇرۇشقا ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ كۆپ ياردەمدە بولغان قۇمۇللۇق ئەبەيدۇللا دېگەن كىشى تۇنجى ۋاڭلىققا تەيىنلىنىپ، «خوجا» دەپ ئاتالغان. 1875-يىلغا كەلگەندە قۇمۇلنىڭ ۋاڭلىق ئورنىغا ئەبەيدۇللا خوجىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن شامەخسۇت (1875-يىلدىن 1928-يىلغىچە ۋاڭلىقتا ئولتۇرغان) دېگەن كىشى ئولتۇرغان ھەم ئۇ خانلىققا سادىقلىقى ۋە قانخورلىقى بىلەن داڭ چىقارغان. ئۇ قۇمۇل رايونىغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بۇ رايوننى 12 سۇمۇلغا («سۇمۇل» موڭغۇلچى سۆز بولۇپ، «يۇرت» دېگەن مەنىدە) بۆلۈپ باشقۇرغان. قۇمۇللۇقلار بۇ 12 سۇمۇلنى 12 تاغ دەپ ئاتىغان. ئۇلار: تاراتى، قوراي، تاشار، ئىدىر، باغداش، خوتۇنتام، شوپۇل، باي، ئارا تۈرك، نوم، تۇركۆل ۋە نېرىنكىردىن ئىبارەت. شامەخسۇت بېيجىڭدىكى مانجۇ خانىنىڭ ئانىسى خان ئانا نارا (سىشى تەيخۇ) غا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن 30 نەچچە ھارۋىدا تۈرلۈك بايلىقلارنى بېيجىڭغا توشۇپ ئاپىرىپ سوۋغات قىلغان ھەم بۇنىڭ بەدىلىگە «ھۆرمەتلىك ۋاڭ» دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن. سوۋغاتلىق بايلىقلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن خەلق ئۈستىگە ھەسسىلەپ ئالۋاڭ سالغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1907-يىلى زۇلۇمغا چىدىمىغان 1000 دىن ئارتۇق خەلق تورپاق بوز خوجا ئەھمەت دېگەن كىشىنىڭ باشچىلىقىدا ۋاڭ ئوردىسىغا قارىشى قوزغىلىپ قارىشلىق كۆرسەتكەن. بىراق بۇ ھەركەت قوزغىلاڭ يېتەكچىلىرىنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىكى مەقسەد-مۇددىئالىرىنىڭ سىتىخىيلىك بولىشى، شامەخسۇتنىڭ ئالدامچىلىقى ھەم بارىكۆل ئامبىلى يې شىڭفۇنىڭ قانلىق باستۇرىشى بىلەن مەغلۇپ بولغان. قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى ۋە قاتناشقۇچىلىرى دەھشەتلىك تۈردە ئۆلتۈرلگەن. قوزغىلاڭ بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن شامەخسۇت بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكە رەئىسى يۈەن داخۇا تىل بىرىكتۈرۈپ، «قۇمۇللۇققا ھېچقانداق رەھىم قىلماستىن، گەجگىسىەدىن بېسىپ قىمىر قىلغىلى قويماسلىق كېرەك» دېگەن سىياسەتنى تۈزۈپ چىقىپ، زۇلۇمنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن. خەلقنىڭ ھەقىقەتەن چىدۇغىچىلىكى قالمىغان.
1911-يىلنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگودا شىنخەي ئىنقىلابى پارتلاپ، خانلىق تۈزۈم ئەمەلدىن قالغانلىقى، سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدە جۇمھۇريەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا جۇڭگو ئىتپاقداشلار جەمىئىيىتى ۋە ياپونىيىدە ئوقۇغان زىيالىلاردىن تەشكىللەنگەن «زىيالىي ياشلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئەزالىرى ھەم ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ياڭ زەنشۈي ۋە فېڭ تىمىنلارنىڭ باشچىلىقىدا  شىنخەي ئىنقىلابىدىن ئىلھام ئېلىپ، 1911-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىلى كۈرەدە قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ ھەم دەسلەپكى غەلبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئىلى ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىدىن ۋە ئۇنىڭ شەرققە كېڭىيىپ، شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭىيىشىدىن قورقۇپ كەتكەن يۈەن داخۇا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئىلى ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا يەرلىك مەرگەنلەرنى ئاساس قىلغان پىدائىي قىسىم تەشكىللەيدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قۇمۇلنىڭ شەھەر ئەتىراپى ھەم ھەرقايسى تاغلىرىدىن بولۇپ 500 مەرگەننى يىغىپ يۈەن داخۇانىڭ قېشىغا يولغا سېلىش بىلەن بىرگە خەلققە «سوقۇش راسخودى» دېگەن باھانە بىلەن ئېغىر ئالۋاڭ-ياساق سالىدۇ. 1912-يىلى 3-ئايدا ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان پىدائىي چېرىكلەر قۇمۇلنىڭ تارانچى دېگەن يېرىگە بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 300 كىشى تۆمۈر خەلىپە ۋە قارا بوسۇق، توختى سەيپۇڭلارنىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان كەڭ خەلق ئاممىسى بۇ ھەركەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدۇ، جۈملىدىن خوجىنىياز ھاجى نۇرغۇن ياشلارنى باشلاپ كېلىپ قوزغىلاڭ سېپىگە قاتنىشىدۇ. نەتىجىدە قوزغىلاڭچىلار سان جەھەتتىن تېز كۆپىيىپ، 1000 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى ھەرگىزمۇ ئىلگىرى ئېيتىلغاندەك شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئەمەس ھەم ئۇلارنىڭ تەركىبىدە شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىرمۇ كىشى يوق، شۇ جۈملىدىن ئۇلار شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ قانداق ھەركەتلىكىنى، ئۈچ مەسلەكنىڭ نېمىلىكىنى ھەم نىشانىنى ھېچقانداق چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار پەقەت ۋە پەقەت زۇلۇمغا قارىشى قوزغالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك غايىسى ئۆزلىرى ئۈستىدىكى زۇلۇمنى يوقۇتۇش، ھاشارنى ئازايتىش، خوتۇن-قىزلىرىغا كېلىۋاتقان ئار-نومۇسنى ئاقلاش.

تۆمۈر خەلىپە قوشۇنىنىڭ تېز زورىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قورقۇپ كەتكەن شامەخسۇت ئۇلاغا قوراللىق تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ ئالداش ئۇسۇلىنى ئىشقا سېلىپ، سەدەنشاھ ئەزەم، روزى خوجا ۋە خۇيزۇ ئاخۇن ما چاڭلىڭ، ھەسەن بالا ھاجى قاتارلىق كىشزىلەرنى ۋەكىل قىلىپ، تۆمۈر خەلپىنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سوۋغا-سالام بىلەن تاغقا ئەۋەتىدۇ. بىراق تورپاقلار يېغىلىقىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىكى ئاچچىق ساۋاقنى ئۇنتۇپ قالمىغان قوزغىلاڭچىلار سۈلھىلىشىشنى قەتتىئي رەت قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن شامەخسۇت «تاغلىقلارنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىۋېتىش» ئۈچۈن تاغقا كۆپ قېتىم چېرىك چىقىرىدۇ. بىراق ھەممىسىدە ئېغىر مەغلۇپ بولىدۇ. ئۆزىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەن شامەخسۇت تورپاقلارنىڭ قېنىنى تۆكەن بارىكۆل ئامبىلى يې شىڭفۇغا 200 سەر كۈمۈش بېرىپ، تۆمۈر خەلپىلەرنى ئۇجۇقتۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ. بىراق يې شىڭفۇنىڭ بۇ «يېڭىلمەس» قوشۇنى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، يې شىڭفۇ قېچىپ بىر تاشلاندۇق ئۆيگە مۆكۈۋالىدۇ ھەم شۇ يەردە تورپاقلار يېغىلىقىنىڭ يولباشچىسى، يې شىڭفۇ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تورپاق بوز خوجا ئەھمەتنىڭ ئوغلى ئۆز خوجا ئەخمەت تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ. بۇنىڭدىن تېخىمۇ قورقۇپ كەتكەن شامەخسۇت قۇمۇللۇقلاردىن ئەسكەر ئالسا تۆمۈر خەلپىگە قوشۇلۇپ كېتىشتىن قورقۇپ، قۇمۇل شەھەر ئەتىراپىدىكى قۇمۇللۇق بولمىغان ئۇيغۇر ۋە خۇيزۇلاردىن 400 چېرىك ئېلىپ يەنە بىر قېتىم تاغقا ئەۋەتىدۇ. بىراق بۇلارمۇ ئۈچ ئايغا يېقىن تاغنى ماراپ تىمىسقىلاپ يۈرگەندىن كېيىن قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، تىرى-پېرەڭ بولۇپ قېچىپ كېلىدۇ.

دەل شۇ چاغدا ھوقۇقىنى ياڭ زېڭشىنگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئىچكىرىگە ماڭغان يۈەن داخۇا قۇمۇلدىن ئۆتۈپ قالىدۇ. شامەخسۇت يۈەن داخۇادىن تۆمۈر خەلپە ئىسىيانىنى باستۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. يۈەن داخۇا شامەخسۇتتىن نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش ئالغاندىن كېيىن، ئىلى ئارمىيسىنىڭ ئەل بولغان 500 چېرىكى ۋە تۆمۈر خەلپىگە ئەگەشمەي ئۈرۈمچىگە بارغان قۇمۇللۇق چېرىكلەردىن 150 چېرىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسىمىنى چيەن گۇاڭخەي (چيەن دارېن) نىڭ باشچىلىقىدا تاغقا ئەۋەتىدۇ. بىراق ئاقچۇق سېيىدا بولغان سوقۇشتا چيەن دارېن خوجىنىياز ھاجنىنىڭ قولىدا بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، 300 چېرىك ئۆلۈپ، پۈتۈن قوشۇن ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەت شامەخسۇتنى تېخىمۇ بەك قورقىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ئۇ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھاكىميەتكە ئەمدىلا ئولتۇرغان ياڭ زېڭشىندىن قوزغىلاڭنى باستۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۆتۈنىدۇ. بىراق ياڭ زېڭشىننىڭمۇ دەرمانى بولمىغاچقا، ھەربىي ياردەم بېرىشنى رەت قىلىپ، سۈلھى تۈزۈشكە دەۋەت قىلىدۇ ھەم لى شىفۇ ئاتلىق بىر خۇيزۇ يىڭجاڭغا شامەخسۇت بىلەن تۆمۈر خەلپىنى ياراشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاپىلاپ، شامەخسۇتنىڭ يېنىغا يولغا سالىدۇ. لى شىفۇ قۇمۇلغا بارغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەلىپىنى تولوق ئورۇنلاش توغرىسىدا «قۇرئان» تۇتۇپ قەسەم ئىچىپ، تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى شامەخسۇت ۋاڭ بىلەن سۈلھى تۈزۈپ يارىشىشقا، تۆمۈر خەلپىنىڭ ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ھوقۇق تۇتۇپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ ھەم قوزغىلاڭ قاتناشچىلىرىنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىدۇ. تۆمۈر خەلپىنىڭ «قۇرئان» تۇتۇپ تۇرۇپ تەكرار-تەكرار ئىچىلگەن قەسەملەرگە ئىشىنىشى ھەم بىر قىسىم موللا-ئاخۇنلارنىڭ ئارىدا سالاچىلىق قىلىشى نەتىجىسىدە قوزغىلاڭچىلار لى شىفۇ بىلەن تۆۋەندىكى مەزمۇندا كېلىشىم تۈزىيدۇ:

1. ۋاڭ ئوردىسىغا ئىشلەپ بەرگەن دېھقانلاغا ۋاڭ ئوردىسى ئىش ھەققى بېرىدۇ.

2. ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئالۋاڭ-ياساقلىرى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىدۇ.

3. ۋاڭ ئوردىسى بىر قىسىم يەرلىرىنى دېھقانلارنىڭ ئىجارە تۆلەپ تېرىشىغا بېرىدۇ.

4. قوزغىلاڭ جەريانىدا ۋاڭ ئوردىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن 50 دېھقان قويۇپ بېرىلىدۇ. بارىكۆل ئامبىلى يې شىڭفۇنىڭ ئۆلتۈرىلىشى ۋە باشقا ئىشلارنى ھۆكۈمەت سۈرۈشتە قىلمايدۇ.

5. 12 تاغلىق رايوندىكى ئۇيغۇر دېھقانلار بۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭ ئوردىسىغا بېقىنمايدۇ.

6. يۇقىردىكى ئىشلارنى بېجىرىش ئۈچۈن تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىگە بېرىپ باش مۇپەتتىش ياڭ زېڭشىن بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە باش مۇپەتتىش مەھكىمىسى تەيىنلىگەن ۋەزىپىنى ئۆتەيدۇ.

بىراق بۇ كېلىشىم ئەمىلىيەتتە ياڭ زېڭشىن گۇرۇھىنىڭ تۆمۈر خەلىپىلەرنى ئالداشتىكى بىر قىلتىقى بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا بىر خىل نۇسخىسى ئالدىن تەييارلىنىپ، ھۆكۈمەت ھۆججىتى قىلىپ ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ بولۇنغان ئىدى.

قوزغىلاڭچىلار بىلەن ياڭ زېڭشىن ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەندىن كېيىن، تۆمۈر خەلىپىنى «ئۈرۈمچىگە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ» دېگەن نامدا، چېگرانى تېنچلاندۇرغۇچى 3-يىڭنىڭ يىڭجاڭى دېگەن ئەمەلنى بېرىپ، 130 كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتتى ھەمدە ئەتىراپىغا جاسۇسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قۇمۇلدا قالغان قوزغىلاڭچىلار بىلەن بولغان بارلىق ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. شامەخسۇت كېلىشىمدىكى ۋاڭ ئوردىسى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك ماددىسىغا ھېچقانداق ئەمەل قىلماستىن، قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىدىكى بارلىق قورال-ياراقلارنى يىغىۋالدى ھەم تۆمۈر خەلپە بېكىتكەن يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىدى. تۆمۈر خەلىپە قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھېچقانداق نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى كۆۈپ يېتىپ، 1912-يىلى كۈزدە تۇرپان خەلقىگە باشچىلىق قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتەرگەن، بىراق ئاخىرىدا ئۆزىگە ئوخشاش ياڭ زېڭشىننىڭ قاپقىنىغا دەسسىگەن تۇرپان ئاستانىلىق مويدۇن خەلىپە بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، قىسىملىرىنى ئېلىپ تۇرپانغا، ئاندىن قۇمۇلغا كېتىپ قايتا ھەركەت قىلىشنى، بىر قىسىم قورال-ياراقلارنى ئالدىن تۇرپانغا ماڭدۇرۋېتىشنى بېكىتكەن ھەم خېلى كۆپ قورال-ياراغلارنى ئوت باسقان ھارۋىغا يوشۇرۇپ تۇرپانغا يولغا سالغان. بىراق تۆمۈر خەلپىنىڭ بۇ پىلانىنى ئۆز ئىچىدىن چىققان مۇھەممەتقۇل دېگەن كىشى شامەخسۇتقا ئېيتىپ قويغان. شامەخسۇت بۇ خەۋەرگە ئىگە بولغاندىن كېيىن دەرھال نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ياڭ زېڭشىننىڭ قېشىغا ئادەم ماڭدۇرۇپ، قۇمۇل رايونىنىڭ ئەبىدىل ئەمىنىيلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى يوقىتىۋېتىشنى ئۆتۈنگەن. تۆمۈر خەلپىنىڭ بىر خەنزۇ دوستى شامەخسۇت ۋاڭنىڭ تەرجىمانىنىڭ ياڭ زېڭشىن ئوردىسىغا كىرىپ-چىقىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ قالغان ھەم بۇ خەۋەرنى تۆمۈر خەلپىگە يەتكۈزگەن. بىراق تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىدىن چىقىپ كېتىشكە ئۈلگۈرمەيلا، 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى «مەجلىس بار» دەپ چاقىرتىلىپ، مويدىن خەلىپە بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلدى ھەمدە جەسىدى ھازىرقى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپ ئارلىقىغا جايلاشقان خاڭچېڭ قەبىرىستانلىقىغا دەپىنە قىلىندى (مەن تۇغۇلغاندىن بۇيان ھېس قىلغان بىر ئەھۋال شۇكى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇبارەك قەبىرىستانلىقنى بۇزۇپ، شۇنىڭ ئورنىغا-ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھى ھەم ئۇستىخانلىرىنى دەپسەندى قىلىش ھېسابىغا سېلىنغان ئىكەن) ھەم مەرھۇم يازغۇچىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ مۇبارەك قەلىمى ئاستىدا مەڭگۈلۈك قەبىرە قاتۇرۇلدى. ئۇنىڭ قىسىمى «يۇرتىغا قايتۇرمىز» دېگەن نامدا يولغا سېلىنىپ، گۇچىڭ بىلەن مورى ئارلىقىدىكى چوڭ تاش دېگەن يەرگە كەلگەندە قىرىپ تاشلاندى. ئۇلاردىن پەقەت 1932-يىلىدىكى خوجىنىياز ھاجى قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، «ئويغانغان زېمىن» رومانىدا تىلغا ئېلىنغان ئەنسارىلا نىمجان ھالەتتە ھۇشىدىن كېتىپ، كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۋېلىنىپ ھايات قالدى.

قۇمۇل، تۇرپان خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى تۆمۈر خەلىپە ۋە مويدىن خەلىپىلەرنىڭ ئۆلتۈرلۈشى بىلەن مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ بىراق ئىنقىلاپ يالقۇنى تەلتۆكۈست ئۆچۈپ كەتمىدى. 1914-يىلى 3-ئايدا مويدىن خەلپىنىڭ سەپدىشى ئەمەت ۋە تۆمۈر خەلپىنىڭ ئىنىسى شاكىر قاتارلىقلار مويدىن خەلپىنىڭ قەبىرىسى ئالدىدا قەسەم ئىچىپ يەنە بىر قېتىم قوزغىلاڭ كۆتەردى. بىراق ئۇلار تايانچ بازا قىلغان بېزەكلىك تېغى-قىزىل تاغ گىياھسىز تاغ بولغاچقا بۇ يەردە تۇرۇشقا مۈمكىن بولماي جىمىسار، گۇچۇڭ ۋە پىچان تاغلىرىدا يۆتكىلىپ جەڭ قىلدى. بىراق بۇ قوزغىلاڭ ئاخىرى، قوزغىلاڭچىلار تۇرمۇش جەھەتتىن قىينىلىپ چىقىش يولى تاپالمىغانلىقى ھەم ئەمەت قول ئاستىدىكى بىر مۇناپىق تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ئاخىرى مەغلۇپ بولدى.

بۇنىڭلىق بىلەن خەلقىمىزنىڭ بۇ مەرت ئوغلانلىرى توۋلىغان جەڭگىۋار شوئارلار ئۈزۈلۈپ قالمىدى. بۇ شۇئارلار 1912-يىلدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىدا تۆمۈر خەلپىگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولغان خوجىنىياز ھاجىنىڭ باشچىلىقىدا 1932-يىلى بىر قېتىم، 1944-يىلى 9-ئايدا ئىلىدا ئېلىخان تۆرىنىڭ باشچىلىقىدا يەنە بىر قېتىم ھەم ئۇنىڭدىن باشقا كىچىك كۆلەمدە تالاي قېتىم توۋلانغان، ھەربىي ۋە سىتىراتىگىيە جەھەتتىن شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، قوراللىق كۈرەشكە مۇستەقىل رەھبەرلىك قىلىپ، شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى، باتۇر، قورقۇمسىز، چەبدەس مىللىي خاسلىقىنى نامايەن قىلغان بولسىمۇ ئاخىرى ئىچكى-تاشقا دۈشمەنلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرىشى، خائىنلارنىڭ رول ئوينىشى، خەلقىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، سانائەت، ھەربىي ئەسلىھەلەر ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن پاجىئە بىلەن قان-ياشلىق ھالدا ئاخىرلاشتى.

شۇنداق قىلىپ 1912-يىلى قۇمۇل دىيارىدا كۆتۈرۈلۈپ، بىر يېرىم يىل داۋاملىشىپ، بىر مەزگىل شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسىنى، ياڭ زېڭشىن ھاكىميىتىنى غال-غال تىترەتكەن، پۈتۈن شىنجاڭدا زور تەسىر قوزغىغان قۇمۇل دېھقانلار ھەركىتى ياڭ زېڭشىن باشچىلىقىدىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ 36 تەدبىردىن ئۇدۇم قالغان ئەنئەنىۋىي ھىيلە-مىكىرسى ھەم قوزغىلاڭچى ئاممىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىكى، ئىسلام دىنىنىڭ مەقسەد-مۇددىئاسى بىلەن ئۇنى سۈيئىستىمال قىلغۇچىلارنىڭ مەقسەد مۇددىئاسىنى پەرق قىلىش تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلىقى سەۋەبىدىن ئاخىرى پاجىئە بىلەن نەتىجىلەندى.

 

پايدىلانغان ماتېرياللار:

1› ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانى.

2› سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «ئۆمۈر داستانى» ناملىق ئەسلىمىسى.

3› «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» نى يېزىش گۇرۇپپىسى تۈزىگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئەسەر.

 

مەنبە: ئىجادىي ئەمگىكىم



بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • مۇنبەرپۇلى:+2(bahdaxohli) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-03 14:03 |
    bahdaxohli

    دەرىجىسى : تىرىشچان ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3149
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1142
    شۆھرەت: 6105 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 6153 سوم
    تۆھپە: 3608 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3646 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 442(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-06
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    موشۇ بىزنىڭ باغداش مۇنبىرىمىزگە ھەقىقەتەن بىلىملك كىشىلەر توپلانغان دىسە ئاتللاغا ئوخشاش بىلىملىكلەر مۇنبىرىمىزنىڭ بايلىقى ،
    تۈمۈر خەلپە قوزغىلىڭنىڭ 100يللىقغا بېغىشلانغان ئېسىل مەزمون بوپتۇ ، رەھمەت سىزگە ،
    lutun
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-03 16:39 |
    uyghurizlari
    ئۈزەمنىڭ تاللىغان يولۇمنىڭ توغۇرلۇقىنى ھامان بى ..
    دەرىجىسى : ئادەتتىكى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3877
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 294
    شۆھرەت: 1565 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 1581 سوم
    تۆھپە: 928 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 932 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 203(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت  ئاتىللا  ئاكا...ناھايىتى  يىغىنچاق  چۈشۈنىشلىك  سۈزلەپسىز....
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-03 17:04 |
    danko1
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3627
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 82
    شۆھرەت: 416 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 418 سوم
    تۆھپە: 250 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 252 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قەھرىمانلارنىڭ باتۇرانە ھەركىتىگە ئاپىرىن.بىز ئۇلاردىن ئىلھام ئېلىشىمىز ھەم روھىغا دۇئا قىلشىمىز كېرەك.مەن بۇلتۇر ئۈرۈمچىگە تۇنجى كىلىپلا  تۆمۈر خەلىپە بىلەن خوجىنىياز ھاجىمنىڭ قەبرىسىنى ئىزدىگەن ،باشقىلارئۇنىشىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ شەرىق تەرپىدىكى  ھازىرقى يېڭىدىن ھەربى گازارما سېلىنغان دۆڭلۇكتە دەپ شۇيەرگە بېرىپ قۇرئان ئوقۇپ كەلگەن .ئەسلى تەجىربە ئوتتۇرامەكتەپ يېنىدىكەن دە.
    saltanat
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-03 17:28 |
    danko1
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3627
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 82
    شۆھرەت: 416 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 418 سوم
    تۆھپە: 250 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 252 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    تورداشلار بۇيىل 9-ئاينىڭ6-كۈنى بۇ قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغىنىغا دەل 100يىل بولدۇ.بۇقەھرىمانلارنى ياد ئېتىش ۋە تارىخنى ئەسلەش يۇزسىدىن بىرەر پائالىيەت تەشكىللىسەك دىگەن ئۈمۈدتىمەن.
    simfoniya
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-03 17:33 |
    hikmat
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5113
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 76
    شۆھرەت: 398 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 399 سوم
    تۆھپە: 237 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 238 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 139(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاللا رەھمەت قىلسۇن ئاتىللا بۇرادەر!تارىخنى ناھايىتى ئخچام چۈشۈنۈشلىك بايان قىلىپسىز.
    lutun
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-04 11:27 |
    tohotur

    دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


    UID نۇمۇرى : 251
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1593
    شۆھرەت: 8575 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 8635 سوم
    تۆھپە: 5053 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 5061 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 2438(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ يولۋاسنى تاغدىن ئايرىش ھيلىسى .
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-04 11:48 |
    idikut510
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3467
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 66
    شۆھرەت: 353 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 354 سوم
    تۆھپە: 209 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 210 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 187(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-30
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    باغداش تورىنىڭ باش باشقۇرغۇچىسىدىن ، ئاتىللاغا  ئاتاقلىق يازغۇچى ئۇنۋانىنى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىمەن .
    saltanat
    ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-04 21:58 |
    salih女王
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5805
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 32
    شۆھرەت: 160 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 160 سوم
    تۆھپە: 96 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 96 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئىست ئۇيغۇرۇم .سەئىدىيە دەۋرىدە ئاق قارا تاغلىقلارنىڭ.ئۇندىن كىيىن مۇڭغۇل ۋە مانجۇلارنىڭ دەردىنى تارتتى .ئۇيغۇر دىگەن سۆز (ئۇيۇشقاق)دىگەن مەنە چىقىدۇ .دەيدىكەن ،نىمە ئۈچۇن مۇناپىق ئىچىمىزدىن جىق چىقىدۇ ،ئەجىبا پۇل ئۈچۈن ئەمەل ئۈچۈن ئۆز مىللىتىنى .تەقدىرىنى .غورۇرىنى ،سېتىۋىتىش ئەرزىمدىغاندۇ ..........توۋا
    ozgul munbar
    1477195539@qq.com
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 11:55 |
    salih女王
    دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 5805
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 32
    شۆھرەت: 160 كىشىلىك
    مۇنبەرپۇلى: 160 سوم
    تۆھپە: 96 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 96 نۇقتا
    توردىكى ۋاقتى : 51(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-05
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سۇتۇق بوغراخان دەۋرىنىڭ ئالدىدىكى ،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار لازىم ئىدى ،مۇنبەرداش قىرىنداشلىرىمنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .( بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ،سورىماسلىق ئەيىپ دەپتىكەن )دانىشلىرىمىز...
    1477195539@qq.com
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 12:00 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    Bagdax bbs » دۇنياغا نەزەر