saltanat lutun
«12345»Pages: 1/5     Go
بۇ تېما 5012 قېتىم كۆرۈلدى
uyghurzade
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3203
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 43
شۆھرەت: 277 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 271 سوم
تۆھپە: 161 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 165 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 180(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-09-12
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ھاۋايلىقلارنىڭ كۈلكىسى،كۆز يېشى  ۋە باشقىلار

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازما bagdax تەرىپىدىن نادىرلاندى(2012-06-06)
 ھاۋايلىقلارنىڭ كۈلكىسى،كۆز يېشى
  ۋە باشقىلار

          ھاۋاي تاقىم ئارىلىغا تۇنجى قەدەم باسقىنىڭىزدا، كىشىلەرنىڭ قىزغىن، تەبىئىي مۇئامىلىسىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايسىز. ساياھەت ئورۇنلىرىدا توپ - توپ يەرلىك كىشىلەر گۈلچەمبىرەكلەرنى بويۇنلىرىدىن ئېلىپ سىزگە ئېسىپ قويغاندا، «ئالوخا»(aloha،مەرھابا)دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي يەرلىك مەدەنىيىتىنى بەس - بەستە تونۇشتۇرۇشقا باشلىغاندا، يۈرىكىڭىزنى ئىسسىق بىر سېزىم چۇلغايدۇ . يەرلىك ھاۋايلىقلار ھەقىقەتەنمۇ دوستلۇققا ، مېھىر - مۇھەببەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان خەلق . گەرچە ئامېرىكىغا مۇستەملىكە بولغان 100 نەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئېسىل مەدەنىيەتلىرىنى يوقاتقان ياكى ئۇنتۇپ كەتكەن بولسىمۇ ، سىز چىرايى قارامتۇل ، ئاق تەنلىكلەردىن قاش - كۆزى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ سىيلىق مۇئامىلىسىدىن ، سىپايە ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن يەرلىك ھاۋايلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى بار خەلق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئۈلگۈرىسىز. ئۇلار كۈلۈمىسرەپ تۇرىدۇ. ئەمما، ئاشۇ كۈلۈمسىرەشلەرنىڭ كەينىدە چەكسىز بىر مۇڭ بار. تۆۋەندە بىز مۇشۇ مۇڭنىڭ يىلىتزى ھەققىدە سۆزلىشىمىز.
                                            2
      ھاۋايغا بارغان ھەرقانداق ساياھەتچى يەرلىك ئۇسسۇلچى قىزلارنىڭ چىغ يوپكا ئۇسسۇلىنى تاماشا قىلماي قايتمايدۇ . مەن ۋايكىكى دېڭىز ساھىلىدا، ئالامانوئا سودا - سېتىق شەھەرچىسىدە بۇ ئۇسسۇلنى نەچچە قېتىملاپ كۆردۈم. چىرايىدىن تەبەسسۇم كەتمەيدىغان، چېچىغا گۈل ئاسقان پومزەكتەك يەرلىك قىزلار مەيدىسىگە، بىلىكىگە، ئوشۇقىغا گۈل چاپلاپ، پالما ياپرىقىدىن ئىشلەنگەن يوپكىنى كىيىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشەتتى؛ ئۇسسۇل ئەۋجىگە چىققاندا «مەرھابا، قارشى ئالىمىز» دېگەن مەنىدە ھاۋاي تىلىدا «ئالوخا» (Aloha) دېگەن گەپنى تەكرارلايتتى. مۇزىكىنىڭ مۇڭى، قىزلارنىڭ لەرزان ئۇسسۇل ھەرىكىتى يەرلىك ھاۋايلىق كىشىلەرنىڭ كەچمىشكە باي روھىي دۇنياسىنى سۆزلەۋاتقاندەك تەسىر بېرەتتى.

        ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى بىر نەچچە مۇھىم ئارال ئىچىدە بىز تۇرۇۋاتقان ئوئاخۇ ئارىلى يەر كۆلىمى جەھەتتە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرسىمۇ ، ساياھەت بايلىقى ئەڭ ياخشى ئېچىلغان مەنزىرىلىك جاي ئىدى. ھاۋاينىڭ مەركىزى ھونولۇلۇ، مەن ئوقۇيدىغان ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ھاۋايدىكى ھەربىي بازىسى بولغان پيۇرل خاربور پورتى مۇشۇ ئارالدا ئىدى. ھونولۇلۇ نوپۇسى نەچچە يۈز مىڭ كېلىدىغان چوڭ شەھەر بولۇپ، ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ بەشتىن تۆت قىسمى مۇشۇ جايدا ياشايتتى. ساياھەتچىلەر ئادەتتە «ھاۋايغا باردىم» دېگىنىدە ھونولۇلۇ شەھىرىنى كۆزدە تۇتاتتى. ھونولۇلۇنىڭ خەنزۇچە ئىسمى檀香山 (Tan xiang shan). بۇ ئىسىم جۇڭگولۇقلارغا ناھايىتى تونۇشلۇق . چۈنكى سۈن جۇڭشەن ئەپەندى ئەينى يىلى جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش جەمئىيىتىنى مۇشۇ يەردە قۇرغان. ھېلىھەم ھونولۇلۇنىڭ بىر چېتىدىكى جۇڭگو بازىرىدا سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ مىس ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ھەيكەلدە سۈن جۇڭشەن ئەپەندىنىڭ بوينىغا گۈلچەمبىرەك ئېسىلغان.
        بۇرۇن ھاۋايدىن سەندەل ياغىچى كۆپ چىققانىدى . يەرلىك ھاۋايلىقلار سەندەل ياغىچىنى ئوتۇن ئورنىدا ئىشلەتكىنى بىلەن ، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر قىسىم شەرق دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەر بۇ ياغاچنى بەكمۇ چوڭ بىلەتتى. 19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سەندەل ياغىچى جۇڭگو بازىرىدا ھەر جىڭى 8 ، 9 دوللاردىن سېتىلغانىدى . سودىگەرلەر ھاۋايدىن سەندەل ياغاچلىرىنى ئەكېلىپ سېتىپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭگودىن چاي، يىپەك، فار - فۇر بۇيۇملىرىنى ئېلىپ قايتقانىدى . سەندەل ياغىچىنىڭ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلگەن ھاۋايلىقلار سەندەل دەرەخلىرىنى زور مىقداردا كەسكەن . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سەندەل دەرىخى ھاۋايدا ئازلاشقا باشلىغان. 1880 - يىلغا كەلگەندە ياۋا سەندەل دەرىخىنىڭ ئۇرۇقى ئۆلگەن . ھازىر يەرلىك ھاۋايلىقلار سەندەل دەرىخىنىڭ يوقىلىش جەريانىنى پۇشايمان ئىچىدە ئەسلىشىدۇ .
       ھونولۇلۇغا ساياھەتكە بارغان ئادەم يەرلىك ھاۋاي قىزلىرىنىڭ ئۇسسۇلىنى كۆرگەندىن باشقا ۋايكىكى ساھىلىغا بارماي قايتمايدۇ. كۈچلۈك قۇياش نۇرى، سۈزۈك ئاسمان، كۈۋەجەپ تۇرغان ئوكيان، ئاقۇچ قۇم يېيىتىلغان ساھىل، كۆكۈش سۇ سىزگە ھارغىنلىقلىرىڭىزنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئۆزگىچە راھەت بېغىشلايدۇ. ئەگەر سىز ئامېرىكىلىقلارغا: «ھاۋايغا بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى ئالدىم» دېسىڭىز ، قارشى تەرەپ ناھايىتى ھەۋەسلەنگەن ھالدا: «ھونولۇلۇغىمۇ؟ جەننەتكە بارىدىكەنسىز - دە!» دەيدۇ . ھالبۇكى ، ۋايكىكى ساھىلىنىڭ قارشىسىدا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىلىقلارغا ئازابلىق ئەسلىمە قالدۇرغان پيۇرل خاربور پورتى كۆزگە تاشلىنىدۇ . پيۇرل خاربور دۇنيادا نامى بار تەبىئىي پورت، پەقەت بىر كىچىك ئېغىز ئارقىلىق تىنچ ئوكيان بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ . ئىلگىرى سۈيىنىڭ تەركىبىدە مەرۋايىت تېپىلغانلىقى ئۈچۈن مەرۋايىت پورتى (ئىنگلىز تىلىدا pearl «مەرۋايىت» دېگەن مەنىدە ، harbor «پورت» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتالغان . 1911 - يىلىدىن بۇيان بۇ جايدا ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى دېڭىز فلوتى ۋە ھاۋا ئارمىيە باش شتابى جايلىشىپ كېلىۋاتىدۇ.
 
        1941  - يىلى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى يەكشەنبە ئىدى . تاڭ سەھەردە پيۇرل خاربور پورتىدا قۇياش پارلاپ ، زۇمرەتتەك دېڭىز سۈيى مەيىن تەۋرىنىپ تۇراتتى . بۇ يەردىكى ئامېرىكىنىڭ دېڭىز فلوتىدىكى كوماندىر- جەڭچىلەر ناشتىلىق يەۋاتاتتى. بەزى ئەسكەرلەر دەم ئېلىش ئۈچۈن قىرغاققا چىقىپ كەتكەنىدى. ئۇرۇش پاراخوتلىرى پورت ئىچىگە رەتلىك تىزىلغان، پورت يېنىدىكى ھەربىي ئايروپورتقا نۇرغۇن ئايروپىلان توختىتىلغانىدى. تۇيۇقسىز ياپونىيە ئالاھىدە دېڭىز فلوتىنىڭ 183 ئايروپىلانى پيۇرل خاربور ئاسمىنىدا پەيدا بولۇپ ، ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى، پورتنى شىددەتلىك بومباردىمان قىلدى . ئىككى سائەتكە يېقىن داۋاملاشقان دەھشەتلىك بومباردىماندا تۆت جەڭ پاراخوتى چۆكتۈرۈۋېتىلدى، بىر پاراخوت كاردىن چىقتى، 188 ئايروپىلان ۋەيران قىلىندى ، 4500 گە يېقىن ئامېرىكا ئەسكىرى چىقىم بولدى، ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى دېڭىز فلوتىنىڭ ئاساسلىق كۈچى ئاساسەن دېگۈدەك يوقىتىلدى.
         ياپونىيىنىڭ پيۇرل خاربور پورتىنى بومباردىمان قىلىشى تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك پارتلىشىغا سەۋەب بولدى . 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئامېرىكا ياپونىيىگە جەڭ ئېلان قىلدى. 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى گېرمانىيە، ئىتالىيە ئارمىيىسى ئامېرىكىغا جەڭ ئېلان قىلدى. ياۋروپادىلا بولۇۋاتقان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى پيۇرل خاربور پورتى ۋەقەسى بىلەن ئىسمى - جىسمىغا لايىق دۇنياۋى ئۇرۇشقا ئايلاندى . ئامېرىكىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا ياپونىيىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىشىدا ھەم ئۇرۇشنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇش ھەم ياپونىيىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئويى بار ئىدى .
          1980   - يىلى پيۇرل خاربور ۋەقەسىدە قۇربان بولغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئارىزونا ناملىق ۋەيران بولغان پاراخوت نامىدا خاتىرە سارىيى قۇرۇلدى. ئەسلىدە شۇ قېتىملىق ۋەقەدە ئارىزونا ناملىق پاراخوت ئەڭ ئېغىر زەخمىلەنگەن، پاراخوتتىكى ئوق - دورا ئۇدا ئىككى كۈن كۆيۈپ 1000 ئادەم ئۆلگەنىدى. 2007 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى پيۇرل خاربورغا قىلغان سەپىرىمدە مەن بۇ پاراخوتنىڭ خاتىرىگە قويۇش ئۈچۈن رېمونت قىلىنىپ تىزىپ قويۇلغان ھالىتىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. پاراخوتنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسى ئوكيان سۈيىگە چىلىنىپ تۇراتتى. پاراخوتنىڭ يېنىدا گرانت تاشتىن قوپۇرۇلغان خاتىرە سارىيى بار ئىدى، خاتىرە سارىيىنىڭ تېمىغا پيۇرل خاربور ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئەسكەرلەرنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى . پاراخوتنىڭ ئۈستىنى بىرەر قۇر ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن خاتىرە سارىيىغا كىرىش ئۈچۈن بېلەت ئالدۇق. ماڭا 39 - نومۇرلۇق بېلەت چىققان بولۇپ، بېلەتنىڭ كەينىگە روبېرت دۇنكان ئىسىملىك ئەسكەرنىڭ سۈرىتى بېسىلغانىدى . چوڭقۇر كۆزلىرى بىلەن ئادەمگە مەنىلىك تىكىلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ يىگىت ماڭا قەيەردىدۇر ئۇچراشقان بىرەر ئۇيغۇر يىگىتىگە ئوخشايدىغاندەك بىلىندى . خاتىرە سارىيىغا كىردىم . 40 مىنۇتلۇق فىلىم قويۇلدى، بومباردىماندىن كېيىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رۇزۋېلىتنىڭ ياپونىيىگە جەڭ ئېلان قىلىپ نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندىكى ھالىتى كۆرۈندى. خاتىرە فىلىمىنى كۆرۈۋېتىپ: «ئاساسى كۈچلۈك مىللەتنىڭ قەھرىمانلىرىنى سۆيۈش، خاتىرىلەش ئۇسۇلىمۇ ئۆزگىچە بولىدىكەن. ئۇلار قەھرىمانلىرىنى ئاغزىدا سۆيۈش باسقۇچىدىلا تۇرۇپ قالماي كونكرېت ھەرىكەتكە ئۆتىدىكەن!» دېگەن خىيال كاللامدىن كەچتى. فىلىمدىكى كۆرۈنۈشكە يانداشقان ھالدا ئىختىيارسىز: «پيۇرل خاربور ۋەقەسى يۈز بەرگەندە بىزنىڭ يۇرتىمىزدا نېمە ئىش بولغان بولغىيدى؟» دېگەن سوئال ئېسىمگە كەلدى. كۆزۈم فىلىمدە بولغىنى بىلەن ، ئىككى تامچە ياش مەڭزىمگە دومىلاپ چۈشتى. مېنى يىغلىتىۋاتقىنى فىلىمگە يانداش سۈرگەن ئاچچىق خىياللىرىم ۋە بايا ئېسىمگە كەلگەن سوئال ئىدى.
                                                   3
        ئادەمنى ئويغا سالىدىغىنى، ھاۋايغا ساياھەتكە كېلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە ياپونىيىلىكلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيتتى . ئارىزونا ناملىق پاراخوتنىڭ ئەتراپىدىمۇ ياپونىيىلىكلەرنى كۆپ ئۇچراتتىم . ئاڭلىسام ، نۇرغۇن ياپونلار ھاۋايغا ساياھەت قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، مەبلەغ سېلىش ئۈچۈنمۇ كېلىدىكەن . ھونولۇلۇدا ياپونلار ئىگىدارچىلىقىدىكى ھەشەمەتلىك داچىلارنى ، ئېسىل مېھمانخانىلارنى ، گولف توپ مەيدانلىرىنى كۆردۈم . بىر ئامېرىكىلىق ساۋاقدىشىمدىن ئاڭلىشىمچە ، ھاۋايدا ياپونىيىلىكلەرنىڭ شۇنچە جىق زېمىنغا ئىگە بولۇپ بولغانلىقىنى كۆرگەن ئامېرىكىلىقلار كېيىن ئۇلارنىڭ زېمىن دەۋاسى قىلىشىدىن ئەنسىرەپمۇ قالغان . ئامېرىكانلار ئارىسىدا تارقالغان: «ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ قالسا ، ئامېرىكا تۇنجى بولۇپ نېمە قىلىدۇ؟ پيۇرل خاربورنى بومباردىمان قىلىدۇ» دېگەن چاقچاقتا دەل مۇشۇ خىل ئەندىشىنىڭ پۇرىقى بار.

ھاۋايدا بىز تۇرۇۋاتقان ئوئاخۇOahu ئارىلىدىن باشقا ساياھەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ھاۋاي ۋە كائۇئا ئاراللىرىمۇ بار. ھاۋاي ئارىلى - ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال، يانار تاغ مەنزىرىسى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. ھاۋاي ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان كراۋىئو يانار تېغى يىلبويى توختىماستىن پارتلاپ تۇرىدىغان يانار تاغ، ئۇنىڭدىن ھەر كۈنى لاۋا ئېتىلىپ تۇرىدۇ. ھارارەتلىك لاۋا ئېقىمى ئۇزۇنلۇقى تۆت كىلومېتىر ، چوڭقۇرلۇقى 130 مېتىر كېلىدىغان «ئوت كۆلى» نى ھاسىل قىلغان . ھەرقېتىم يانار تاغ كۈچلۈك پارتلىغاندا ئېرىگەن قورام تاشلار تاغدىن سىيرىلىپ كۆيۈۋاتقان تاش شارقىراتمىسى پەيدا قىلىدۇ. كەچ كىرگەندە ئوت كۆلىدىن ئاسمانغا پۈركۈلۈۋاتقان لاۋا گۈزەل بايراملىق كەيپىياتى ھاسىل قىلىدۇ. كراۋىئو يانار تېغىنىڭ غەربىدە دېڭىز يۈزىدىن 4170 مېتىر ئېگىز كېلىدىغان موناروئا يانار تېغى بار . ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز يانار تاغدۇر . موناروئا يانار تېغى 200 يىل داۋامىدا 35 قېتىم پارتلىغان. 1959 - يىلى 11 - ئايدا موناروئا يانار تېغى يەنە بىر قېتىم پارتلىغان . پارتلاش ھالىتى بىر ئاي داۋام قىلغان. بۇ يانار تاغ دائىم پارتلاپ تۇرسىمۇ ، پارتلاش كۈچى ئۇنچە يۇقىرى بولمايدۇ . شۇڭا ساياھەت رايونى قىلىپ ئېچىۋېتىلگەن .
       كائۇئا ئارىلى - ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئارال بولۇپ ، دۇنيادا ھۆل يېغىن مىقدارى ئەڭ جىق جاي ھېسابلىنىدۇ ، «يامغۇرلۇق قۇتۇپ» دەپ نامى بار. كائۇئا ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمال تۆپىلىكىدە ئارال بويىچە ئەڭ جىق يامغۇر ياغىدۇ. ھەر يىلىنىڭ 350 كۈنى يامغۇرلۇق كۈن بولىدۇ. قىزىق يېرى، بىر تاغ ئايرىپ تۇرغان غەربىي جەنۇب تەرەپ بولسا كەڭ كەتكەن قۇملۇق؛ بۇ يەردە يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى شەرقىي شىمالنىڭ 10 دىن بىرىگە توغرا كەلمەيدۇ . كىشى قۇم بارخانلىرى ئۈستىدە كېتىۋاتقان چاغدا بىر خىل ئاۋاز كېلىدۇ . ساھىلدا يۈرگەندە ئادەمنىڭ قۇلىقىغا گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. ھاۋا قۇرغاق بولغانسېرى ئاۋاز تېخىمۇ قاتتىق ئاڭلىنىدۇ . بۇ غەلىتە ھادىسىنىڭ سىرىنى ھازىرغىچە ھېچكىم يېشىپ بېرەلىگىنى يوق .
         ساياھەتچىلەر تۆت پەسىلنىڭ قايسى ۋاقتىدا ھاۋايغا كېلىشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەمىشە ئېچىلىپ تۇرىدىغان چىرايلىق گۈللەرنى كۆرەلەيدۇ . ھاۋايدىكى گۈللەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ چىرايلىقى جەننەت قۇشى گۈلىدۇر. بۇ گۈلنىڭ غۇنچىسى بەك يوغان بولىدۇ، تۆت تال بەرگىنىڭ تۇتىشىپ تۇرغان ھالىتى كىشىگە ئۇچۇش ئالدىدا تۇرغان قۇشنى ئەسلىتىدۇ. بۇنداق گۈزەل، چىرايلىق گۈلنى ئامېرىكىلىقلار ھاۋايدىلا كۆرەلەيمىز دېيىشىدۇ. ھاۋاي ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن گۈزەل جەننەتكە ئوخشىتىلغاچقا، بۇ گۈل ئوبرازلىق ئۇسۇل بىلەن «جەننەت قۇش گۈلى» دەپ ئاتىلىدۇ.
         جۇغراپىيىلىك ئورنى جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ھاۋاي تىنچ ئوكياننىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ، شەرقتە ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى سان فرانسىسكوغا 4000 كىلومېتىر، غەربتە ياپونىيىگە 6300 كىلومېتىر، شىمالدا ئالياسكىغا 4000 كىلومېتىر كېلىدۇ. جۇغراپىيىلىك، ستراتېگىيىلىك ئورنى بەك مۇھىم بولغاچقا ، ئەزەلدىن «تىنچ ئوكياندىكى تۆت كوچا ئېغىزى» دەپ نامى بار. ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى پولىنېزىيە تاقىم ئارىلىدىكى يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئىككىنچى دەرىجىلىك تاقىم ئارال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. غەربتىن شەرققە قاراپ ھېسابلىغاندا، پۈتكۈل تاقىم ئارالدا چوڭ - كىچىك بولۇپ 132 ئارال بار؛ تاقىم ئاراللارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 2400 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 28 مىڭ 313 كۋادرات كىلومېتىر، تاقىم ئاراللارنىڭ سەككىزىدە ئادەم ياشايدۇ.
                                    4
        ئەينى چاغدا ھاۋاي ئارىلىدىكى يەرلىك خەلق ئۆز تۇپرىقىغا قەدەم باسقان ياتلارغا ئۇنچە ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ كەتمىگەنىدى. مىلادى 4 - ئەسىرلەر ئەتراپىدا بىر تۈركۈم پولىنېزىيىلىكلەر قېيىق ، قولۋاقلاردا بۇ يەرگە كېلىپ بۇ ئارالغا «ئەسلى يۇرت» دېگەن مەنىدە «ھاۋاي» دەپ نام بەرگەن. يەرلىك كىشىلەر بېلىق تۇتۇپ تىرىكچىلىك قىلىپ، يېمەك - ئىچمەكتىن غەم قىلماي ئارامخۇدا تۇرمۇش كەچۈرگەن . 1778 - يىلى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى جامېس كرۇك دېڭىزدا يېڭى قاتناس لىنىيىسى ئىزدەش سەپىرىدە ھاۋاي ئارىلىنى بايقاپ قالىدۇ. يەرلىك كىشىلەر «كۆكتىن چۈشكەن ئىلاھ» دەپ كرۇكنى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ئىززەت - ئېكرام بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. بۇ ئەنگلىيىلىكلەر ئارالدىن كېتىدىغان چاغدا پولكوۋنىك پاراخوتقا ئوغرىلىققا چۈشكەن بىر نەچچە يەرلىك ئادەم بىلەن سوقۇشۇپ قالىدۇ. ئارىلىقتا بىر ھاۋايلىق پىچىقىنى چىقىرىپ جامېس كرۇكقا تىقىۋېتىدۇ. كرۇك «ۋايجان!» دەپ يەرگە يىقىلىدۇ. يەرلىكلەر:«ئۇ ئاغرىقنى سېزىدىكەن! ئۇ ئىلاھ ئەمەسكەن!» دەپ چۇرقىرىشىپ يۇپۇرۇلۇپ كەلگەن پېتى ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە جەسىتىنى يەۋېتىدۇ . بۇ رىۋايەت ئەمەس ، ھەقىقىي بولغان ۋەقە .

        ھاۋاي تاقىم ئاراللىرى يانار تاغلارنىڭ پارتلىشىدىن ھاسىل بولغان ، شۇڭا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوكيان ساھىلىدا قارا خادا تاش ۋە قارا قۇم كۆزگە چېلىقىدۇ. پەقەتلا ۋايكىكى دېڭىز ساھىلىدا يۇمشاق، ئاقۇچ قۇم يېيىلىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدا قانداق سىر بار؟ 1893 - يىلى 7 - ئايدا بىر تۈركۈم ئامېرىكىلىق سودىگەرلەر ئامېرىكا ئەلچىسى ۋە زەمبىرەكلەرنىڭ ياردىمىدە سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ، ھاۋاينىڭ ئايال پادىشاھى كامېخامېخانى ئاغدۇرىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا ھاۋايلىقلارنىڭ ھەممىگە تونۇش مۇزىكىسى «ئەلۋىدا» نى ئايال پادىشاھ ئۆزى ئىشلىگەنىدى. پۈتكۈل ھاۋايلىقلارنىڭ ھايات بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئايال پادىشاھ نومۇسقا چىداپ ھاۋاينى ئامېرىكىنىڭ تېررىتورىيىسىگە قوشۇش كېلىشىمىگە قول قويىدۇ؛ ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تەلەپ قويۇپ، ۋايكىكى ساھىلىغا ئۇششاق ئاق قۇم چېچىشنى ھەم بۇ ساھىلنى مەڭگۈ ھاۋاي خەلقىگە ئوچۇق قويۇشنى ئېيتىدۇ ۋە بۇ ئىش تۈگىگەندىلا ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئايال پادىشاھنىڭ تەلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ ھەم يۈزلىگەن پاراخوتتا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىن ئاقۇچ قۇم يۆتكەپ كېلىپ ۋايكىكى ساھىلىغا يېيىتىدۇ.
1901 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئايال پادىشاھ ۋايكىكى ساھىلىدىكى ئاق قۇمغا دەسسەپ تۇرۇپ ھاۋاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ . ھوقۇق تاپشۇرۇش مۇراسىمىدا ئايال پادىشاھ قىزىل كىمخاپتىن كىيىم كىيىدۇ . مۇراسىم باشلىنىشتىن بۇرۇن پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئايال غوجىدارىدىن سورايدۇ :
- بۇ كىيىم قىزىلمىكەن؟
- ھەئە، قىزىلكەن، - دەپ جاۋاب بېرىدۇ ئايال غوجىدار.
- قانداق قىزىلكەن؟ - يەنە سورايدۇ ئايال پادىشاھ.
- قىزىلگۈلدەك ، كەچكى شەپەقتەك قىزىلكەن، - دەيدۇ ئايال.
ئايال پادىشاھ بۇ جاۋابتىن قانائەت ھېس قىلماي بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىدۇ:
- قاندەك قىزىلكەن دېمەمسەن.
ئايال پادىشاھ بۇ جاۋابىدا ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان كۈنى يۈرىكىنىڭ قان يىغلاۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكچى ئىدى .
ئەمەلىيەتتە ، پولكوۋنىك كرۇك ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىغا قەدەم باسقان چاغدىلا يەرلىك مەدەنىيەت زەئىپلىشىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ ، ئۆزىدىكى مەنىۋى ئاساسىدىن ئايرىلىشقا باشلىغانىدى . يەرلىكلەر قۇرغان ھاۋاي پادىشاھلىقىمۇ پارچە - پۇرات بەگلىكلەردىن تەركىب تاپقان ئاجىز دۆلەت ئىدى. كېيىن پاراخوتلاردا تۈركۈم - تۈركۈملەپ كەلگەن خىرىستىئان مىسسىئونېرلىرى يەرلىكلەر باش ئۇرىدىغان تاشنى ۋە ياغاچ مەبۇدنى ۋەيران قىلىپ ، يەرلىك كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىدى . ھاۋايلىقلارنىڭ تەقدىرى ئاق تەنلىكلەرنىڭ قولىدا قالدى. 19 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىغا كەلگەندە ، مۇستەملىكىچىلەر ھاۋايلىقلارنىڭ چىغ يوپكا ئۇسسۇلىنى چەكلەش پەرمانى چۈشۈردى. سەۋەبى ، بۇ خىل ئۇسسۇلدا ئۇلۇغلىنىدىغىنى ھاۋاي روھى بولۇپ ، بۇ ھال خىرىستىئان دىنىنىڭ دىنىي ئەمىر - مەرۇپلىرى بىلەن سىغىشالمايتتى.
 
                                    5 
        بۇ يەردە ئۆز نۆۋىتىدە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، بۈگۈن دۇنيادا «دېموكراتىيە، ئەركىنلىك» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئامېرىكا يەرلىك ھاۋايلىقلارنى ئەل قىلىش، ھاۋاي مەدەنىيىتىنى ئاسسىملاتسىيە قىلىش مەقسىتىدە ئەڭ يىرگىنىچلىك مۇستەملىكىچىلىك سۇيىقەستلىرىنى ئىشلەتكەن ؛ ئۇنىڭ ئىچىدە ھاۋايلىقلارغا نۇقتىلىق قوللانغىنى ئەينى چاغدا ئىندىئانلارغا قوللانغان مېڭە يۇيۇش (Brainwashing) ۋە روھ ئۆلتۈرۈش (Menticide) ھەرىكىتىدۇر. ئەينى ۋاقىتتا فرانسىيىنىڭ ئالجىرىيىنى مۇستەملىكە قىلىپ يەرلىك خەلقنى ئەل قىلىش ئۈچۈن قوللانغان سىياسىي ئويۇنىمۇ دەل مۇشۇنداق سۇيىقەستىلىك ھەرىكەت ئىدى .
      مېڭە يۇيۇش ۋە روھ ئۆلتۈرۈش تاكتىكىسىنى ئەڭ ئاۋۋال غەرب مۇستەملىكىچىلىرى ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتىش ، ئۆزلىرىگە بولغان قارشىلىقنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش مەقسىتىدە تېپىپ ئۆز ئەمەلىيىتىدە سىناق قىلغانىدى . 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى - كەينىدە بۇ خىل سىياسىي ئويۇن ئېزىلىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدا ئەۋج ئېلىپ ، دۇنيا مىقياسىدا پسىخىكىلىق جاراھىتى ئېغىر، روھى ۋە تۇيغۇسى ئۆزىگە تەۋە ئەمەس، ھەمىشە مەنىۋى كىشەندىن قۇتۇلالمايدىغان بىمارلارنى ئاۋۇتقانىدى . 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسېستلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى كىشىلەرگە جىسمانىي ئازاب سېلىپلا قالماستىن، مېڭە يۇيۇش، روھ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانىدى. 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەر ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن سىياسىي ئوۋ نىشانلىرىغا پسىخىكىلىق ئۇرۇش قوزغىغانىدى.

        ئادەتتە ، سىياسىي قورال سۈپىتىدە پىلانلىق يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىدىيە تېڭىش ياكى روھنى بېسىش جەريانى ئوي كونتروللۇقى (Thought Control) دەپ ئاتىلىدۇ. سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ ياردىمىدە بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ قىممىتى ھەققىدىكى خاتا تونۇشىنى قوزغىتىش جەريانى مېڭە يۇيۇش ياكى روھ ئۆلتۈرۈش دەپ ئاتىلىدۇ. روھ ئۆلتۈرۈش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىچكى قۇدرىتىنى، ئىجادچانلىقىنى ئۆلتۈرۈش جەريانىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئەينى چاغدا سىياسىي مەقسەتلىرىگە يېتىش، ئۆزى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى تولۇق كونترول قىلىش ئۈچۈن ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەر ئوي كونتروللۇقى تاكتىكىلىرىنى، ئوي ئىسلاھاتى ستراتېگىيىسىنى تۈزۈپ چىققانىدى. غەرب مۇستەملىكىچىلىرى قەدىمى تەگكەنلىكى يەردە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇشۇ ئۇسۇللاردىن ئايانماي پايدىلىنىشقانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، پەن - تېخنىكىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى كىشىلەرنى سىياسىي ئىدېئولوگىيە ياكى ئىدىيە تاجاۋۇزچىلىقى مەنبەئە بولىدىغان روھ كونتروللۇقىغا بېقىنىدىغان قىلىپ قويغانىدى. روھ ئۆلتۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان كىشىلەر سىرتتىن كېلىۋاتقان ھەرخىل مۇراجىئەت، چاقىرىق سادالىرى ئارىسىدا ياشاپ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇيتتى. ئۇ چاغلاردا مېڭە يۇيۇش ستراتېگىيىسىنى قوزغىغان دۆلەتلەرنىڭ مۇنداق ئىككى خىل مەقسىتى بار ئىدى: بىرى ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ روھىنى كاردىن چىقىرىش ياكى ئۇلارنى روھى يوق ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇش؛ يەنە بىرى ، بۇ باسقۇچ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، يۇيۇلغان كاللىنى يېڭى ئادەت كۈچى ، يېڭى ئىدېئولوگىيە بىلەن پروگراممىلاش .
       روھنى كونترول قىلماي تۇرۇپ دىكتاتۇرلۇقىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى غەرب مۇستەملىكىچىلىرى ناھايىتى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەنىدى . ئەڭ كۈلكىلىك يېرى ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ، روھى ، زېمىنى تالان - تاراج قىلىنغان كىشىلەرنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان رەقىبى - سىياسىي سۇيىقەستلەرنى ئۇزۇن مۇددەت باش قاتۇرۇپ پىلانلىغان ، ھەتتا بۇ قۇرۇلۇشلارغا ئالىملىرىنى ، مۇتەپەككۇرلىرىنى مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلغان رەھىمسىز سىياسەتۋازلار ئىدى . زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خەلق بولسا پىلانسىز، ستراتېگىيىسىز ھالدا ۋە تولىمۇ ئاڭقاۋلارچە ئۆزلىرىنى سىياسەتۋازلارنىڭ ئوۋ نىشانى قىلىپ تۇتۇپ بەرگەنىدى . 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى جىمى روھ كونتروللۇق ھەرىكەتلىرى تاكتىكا جەھەتتىن، ئېزىلگەنلەرنىڭ قىسمىتى پىلانسىزلىق، ئاڭقاۋلىق جەھەتتىن ئوخشاپ كېتەتتى. مېڭە يۇيۇش ۋە ئوي كونتروللۇقىنىڭ تەسىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىنى، چىن ئادىمىيلىكىنى نابۇت قىلاتتى . ئەينى يىلى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن ساق چىقىپ يۇرتىغا قايتقان نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن بۇرۇنقى ساغلام روھىي ھالىتىگە قايتىش ئۈچۈن نەچچە ئايلاپ پسىخىكىلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغانىدى.
       روھ ئانالىزچىلىرى ۋە پسىخولوگلار مېڭە يۇيۇش، روھ ئۆلتۈرۈشنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك ئاسارىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئىزدىنىپ بەزى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى تاپقانىدى. روھ ئانالىزچىسى، پسىخولوگ جۇست مىرلۇ (Joost Meerloo) ئۆزىنىڭ «ئوي كونتروللۇقىنىڭ ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز بېشارەتلىرى» (Some Implications of Conscious and Unconscious Thought Control) دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: «مېڭە يۇيۇشنىڭ زەھىرى ئۇزۇنغىچە كەتمەي ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھېسسىياتى ۋە تەپەككۇرىنى ئاسارەت ئىچىدە قالدۇرىدۇ ۋە كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشىغا مۆلچەرلىگۈسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەم بۇنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر بىر نەرسىنى كۆزەتكەندە ئىچىدە ئۇنى ئىدىيە كۈرىشى ئەلگىكىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. ئۇنىڭ مەنىۋى دۇنياسى، روھىدىن چىقىۋاتقان يوشۇرۇن كۈچى ئۆزى ھەققىدە چەكلىمىسىز، ئەركىن بىر تونۇشنىڭ بولۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە ساقايماقچى بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قىممىتىنى قايتىدىن تونۇشى ۋە بۇ تونۇشقا تەۋرەنمەستىن ئىشىنىشى، ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان، ئارىغا ئالىدىغان توپقا بولغان تەۋەلىك چۈشەنچىسىنى قايتىدىن ئويلىنىشى، ئەركىنلىك ھەم قاتتىق ئىنتىزام ئىچىدە ئۆزىنى تەربىيىلىشى كېرەك . ئىنساندىكى ئىچكى قۇدرەتنى، مەنىۋى كۈچنى قوزغاش ئۈچۈن بىز يەنىلا مۇنداق ئاددىي بىر ھېكمەتكە مۇراجىئەت قىلماي تۇرالمايمىز: <ئۆزۈڭنى تونۇ، ئۆزۈڭگە ئىشەن!>»



تېما تەستىقلىغۇچى : duttarqi
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-06-05, 09:58
ئۇيغۇرزادە تور خاتىرىسى http://serhush.com
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2012-06-05 04:42 |
tohotur

دەرىجىسى : ئاكتىپ ئەزا


UID نۇمۇرى : 251
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 1623
شۆھرەت: 8751 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 8813 سوم
تۆھپە: 5155 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5165 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2458(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-01-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوقۇۋاتىمەن ، سەل تۇرۇپ ئىنكاس يازاي
lutun
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 11:54 |
afrasiyap
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6456
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 175 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 175 سوم
تۆھپە: 105 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 105 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تېمىنى  ناھايىتى ئەستايىدىل  ئوقۇپ چىقتىم ھاۋاي توغرىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئېرىشتىم ،نىمىشقىدۇ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ  ئولتۇرۇپ كەتتىم ،<<ئۆزۈڭنى تونۇ ئۆزۈڭگە  ئىشەن >>ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان سۆز.يەنە ئۆزىگە تايىنىش  كېرەك شۇنداقمۇ ،ماقالىڭىز  بەك ياخشى يېزىلىپتۇ  .نامىڭىز تونۇشلۇق باشقا ماقالىلىرىڭىزنىمۇ ئوقۇپ باققان .رەھمەت سىزگە.
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 12:34 |
afrasiyap
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6456
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 35
شۆھرەت: 175 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 175 سوم
تۆھپە: 105 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 105 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

توخوتۇرنىڭ ئىنكاسىنى قوللايمەن .
saltanat
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 12:36 |
naprat38
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 8082
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 5 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 5 سوم
تۆھپە: 3 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 2(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-06-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئوباما ئەپەندىمنىڭ يۇرتىكەندە بۇ
simfoniya
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 13:07 |
موزات
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7576
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 38
شۆھرەت: 198 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 206 سوم
تۆھپە: 119 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 120 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 89(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مۇستەملكچىلەرنىڭ   ئەڭ   ئېغىر  جىنايىتى   مەلۇم   رايۇننى   بېسۋېلىش  بىلەنلا  قالماي   ئۇلارنىڭ   روھىنىمۇ   ئۆز  كونتىروللۇقغا  ئېلىشقا  ئۇرنۇش  بولسا  كېرەك   ،    بۇ  ئەسەرنىڭ   5-بۆلكىنى  ئۇقۋېتىپ    ئختىيارسىز  چىڭغىز  ئايتىماتوفنىڭ   «ئەسىردىن  ھالقىغان   بىر  كۈن   «    روماندىكى  ماڭقۇرت  قىلۋېتىلگەن  ھېلقى  پېرسۇنازنىڭ   ئانىسنى   ئۆلتۈرۋەتكەن  مەنزىرە   كۆز ئالدىمغا  كېلپ قالدى  . 
      ئابدۇرېھىم   دۆلەت  دۆلەتزادە  «ئاۋام  ئۆز ھالنىڭ قانداق  بۇلۇپ  كېتۋاتقانلىقدىن   ،ئۆز  تەقدىرنىڭ  قەيەرگە   كېتۋاتقانلىقدىن  بىخەۋەر ،غاپىل   كىشلەردۇر  ،ئۇلارنىڭ  مۇھىم  ئالاھدلىكى  ئالدىنىشتۇر «دېگەندى   .   ئېينشتىيىن بولسا   «مېنىڭ    دۇنيا  قارشىم  «   ناملىق   ئەسىرىدە   «   ئاۋام   ئىدىيە جەھەتتە  ھامان قاشاڭ   بۇلدۇ  «  دېگەندى   .  ئۆزىنى  ۋە   ئۆزگىنى   چۈشەنگەن  قۇماندان   ئاقىل قۇمانداندۇر   ،  مۇشۇنداق   تارىخى   بىلىملەردىن   ۋاقتىدا   خەۋەر  بۇلۇش  بەلكىم بىز نى   تارخنىڭ   ئارتۇقچە  بورا  چاپقۇندىن    ساقلاپ ،  يۇلۇققان  مەسلىلەرگە   سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە  قىلىشمىزغا  ياردىمى  ئىنتايىن   چوڭ   دەپ   قارايمەن  .      بۇ   ئەسىرڭىزنى  «  ئۆزلۈك  گىرۋەكلىردە  «   ناملىق   كتابىڭىزدا  ئۇقغان  ئىدىم   ھازىر  يەنە  بىر  قېتىم   تېخمۇ   چوڭقۇر  چۈشەنچىگە  ئىگە    بولدۇم   ،     
          


        «سەرخۇ ش   ئېنگلىز تىلى «   ناملىق   كىتابڭىزدىن  تۇلمۇ   ياخشى   مەنپەتدار  بۇلۇپ   تۇرۇپتىمەن   ،   ئېنگلىز  تىلى  ۋە  خەنزۇتىلى  ئۆگنىش  جەريانىدا  يەنە  شۇنى   تۇنۇپ   يەتتىمكى  بىزدە   تەرجىمە  ئشلىرى   تېخى   دەسلەپكى  باسقۇچتا  ئىكەن  ،    بولسا   يەنە  بۇرۇنقىدەك   ياخشى   ئەسەرلەرنى   كۆپلەپ   تەرجىمە  قىلىپ   خەلقىمىزگە  تەقدىم   ئەتكەيسىز   !!!
lutun
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 13:10 |
danko1
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 3627
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 82
شۆھرەت: 416 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 418 سوم
تۆھپە: 250 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 252 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 69(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-07
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت.قېرىندىشىم ،ۋقىت چىقىرىپ ياخشى نەرسىلەرنى پات پات يوللاپ تۇرغايسىز،سىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى.مەن سىزنى قوللايمەن.ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى كۆپىرەك كۆزىتىپ بىز گە يوللاپ تۇرۇڭ.ئاللا  سىزنى ئامان قىلسۇن .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 13:23 |
فىدا
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 6545
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 167
شۆھرەت: 865 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 879 سوم
تۆھپە: 515 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 515 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 126(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-04-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-09
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

    بۇ ئەسەرنى قايتا ئۇقۇپ  ، قەلبىم نەيە بىرقىتىم لەرزىگە كەلدى . مىنىڭ كۇندىلىك پائالىيىتىمنىڭ كوپ قىسمى ئاۋام حەلق ئىچىدە ئوتىدۇ . ھازىر حەلقىمىزنىڭ  ئوزىنى تۇنۇش ،ئوزىنى بىلىش جەھەتلەردىكى تەپەككۇرىدىكى ئوزگىرىشلەر  ئادەمنى ئۇمۇتلەدندۇردۇ  . ئالىملىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەمگەكلىرى بىكار كەتمىدى دىيىشكە بۇلىدۇ .
saltanat
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 14:36 |
orkex
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 4025
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 78
شۆھرەت: 437 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 437 سوم
تۆھپە: 252 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 255 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 43(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

روھنى ئۆلتۈرۈش .......   تىل ، ئۆرپ ئادەت ....  
ozgul munbar
ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 14:54 |
gorkar
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7788
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 15
شۆھرەت: 75 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 75 سوم
تۆھپە: 45 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 45 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-22
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.ئوقۇپ بولۇپ ،ئۆزۈم ھەققىدە چوڭقۇر خىياللارغا چۆكىمەن.رەھمەت سىزگە،ئۆزىمىزنى ئىزدەۋاتقان بارلىق ئازغۇچىلار ئۈچۈن تېخمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى،ئىنساننىڭ يۈرىكىگە ئوق بولۇپ قادىلىدىغان ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرىشىڭىزنى تىلەيمەن.
ھەممىمىز ئۆز-ئۆزىمىزگە گۆر كولاۋاتىمىز-خالاس !
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 15:31 |
almuallim
دەرىجىسى : يىڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 7907
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 12
شۆھرەت: 98 كىشىلىك
مۇنبەرپۇلى: 99 سوم
تۆھپە: 55 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 56 نۇقتا
توردىكى ۋاقتى : 7(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-05-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2012-06-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ ، چاۋىسىنى چىتقا يېيىپسىز، دىمىسىمۇ ئۇ خەخ ھازىر ئىلىمىزنىڭ دۈشمەنلىرىگە يەل بىرىپ ھەر تەرەپتىن بىزگە خىرىس قىلىۋاتىدۇ، بىراق يولداش ماۋزىدۇڭ دىگەندەك ئامېرىكا جاھانگىرلىكى پەقەتلا بىر قەغەز يولۋاس. چۈنكى سىزدەك ئوتيۈرەكلەر بىزدە كۆپ.
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2012-06-05 16:26 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
«12345»Pages: 1/5     Go
Bagdax bbs » ئۇيغۇرنىڭ كۆزى