14-نۈۋەتلىك ياۋروپالوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا ، بۇ نۈۋەتلىك مۇسابىقە 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە پولشا بىلەن ئوكرائىنادا ئۈتكۈزىلىدۇ ، بۇ نۈۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى پولشا پايتەختى ۋارشاۋانىڭ گورى تەنتەربىيە مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ ، ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋە يېپىلىش مۇراسىمى ئوكرائىنا پايتەختى كىيۇدا ئۈتكۈزىلىدۇ .
بۇ نۈۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان دۈلەتلەر تۈۋەندىكىچە
A گۇرۇپپا B گۇرۇپپا Cگۇرۇپپا Dگۇرۇپپا
پولشا گوللاندىيە ئىسپانىيە ئۇكرائىنا
گىرىتسىيە دانىيە ئىتالىيە شىۋىتسىيە
چېغ ، پورتىگالىيە ئېرلاندىيە ئەنگىلىيە
روسىيە گىرمانىيە كىرودىيە فىرانسىيە
ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى توغىرىسىدا
1953 -يىلى خەلىقارا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى پارىژدا يىغىن چاقىرىپ ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۈتكۈزۈشنى قارار قىلىدۇ ، 1954-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ياۋروپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى رەسمىي قۇرىلىدۇ ، 1956-يىلى ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۈلەتلەر مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىدۇ ،1958-يىلى تاللاش مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ ،
1960-يىلى تۇنجى نۈۋەتلىك ياۋروپا دۈلەتلەر لوڭقىسى مۇسابىقىسى فىرانسىيەدە ئۈتكۈزىلىدۇ ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى تۇنجى نۈۋەتلىك مۇسابىقنىڭ چىمپىيونلىقىغا ئېرىشىدۇ ، بۈ نۈۋەتلىك مۇسابىقدە پەقەت 4كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشتى ،
1964-يىلى 2-نۈۋەتلىك ياۋروپا دۈلەتلەر لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىسپانىيەدە ئۈتكۈزىلىدۇ ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ساھىپغان دۈلەت ئىسپانىيە كوماندىسى 79115ئىسپانىيەلىك پۇتبۇل مەستانىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى كوماندىسىنى يېڭىپ چىمپىيۇن بولىدۇ ،
1968-يىلى 3-نۈۋەتلىك ياۋروپا دۈلەتلەر لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىتالىيەدە ئۈتكۈزىلىدۇ ، بۇ نۈۋەتلىك مۇسابىقىدىن باشلاپ مۇسابىقىنىڭ نامى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى دەپ ئۈزگەرتىلىدۇ ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسى سابىق يۇگۇسلاۋىيە كوماندىسىنى يېڭىپ چىمپىيون بولىدۇ ،
1972-يىلى 4-نۈۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بېلگىيەدە ئۈتكۈزىلىدۇ ، سابىق فىدىراتىپ گىرمانىيە كوماندىسى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى كوماندىسىنى يېڭىپ چىمپىيون بولىدۇ ،
1976-يىلى 5-نۈۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى سابىق يۇگۇسلاۋىيەدە ئۈتكۈزىلىدۇ ، سابىق چېغىسلېۋاكىيە كوماندىسى چىمپىيۇن بولىدۇ ،
1980-يىلى 6-نۈۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئىتالىيەدە ئۈتكۈزىلىدۇ ، گىرمانىيە كوماندىسى چىمپىيۇن بولدى ، بۇنۈۋەتلىك مۇسابىقىدىن باشلاپ 8كوماندا مۇسابىقىگە قاتنىشىش بەلگىلەندى ،
1984-يىلى 7-نۈۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى فىرانسىيەدە ئۈتكۈزۈلدى ،فرانسىيە كوماندىسى چىمپىيون بولدى ،پىرادىنىي ( ھازىر ياۋروپا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى) باشچىلققىدىكى تالانلىق پۇتبۇلچىلاردىن تەشكىللەنگەن فىرانسىيە كوماندىسى ساھىپخان بولۇش سۈپىتى بىلەن نەچچە مىليون فىرنسىيەلىك پۇتبۇل مەستانىسىنڭ مەدەت بېرىشى بىلەن ئىسپانىيە كوماندىسىنى يېڭىپ تۇنجى قېتىم چىمپىيون بولدى ،
1988-يىلى 8-نۈۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى سابىق فىدىراتىپ گىرمانىيەدە ئۈتكۈزۈلدى ، گوللاندىيە كوماندىسى چىمپىيون بولدى ،
1992-يىلى9-نۈۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى شىۋىتسىيەدە ئۈتكۈزۈلدى ، دانىيە كوماندىسى ئويلىمىغان يەردىن دەرىجىدىن تاشقىرى يوقىرى سەۋيىلىك ماھارەت كۈرسىتىپ ئۇدا رەقىپلىرىنى مەغلوپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇرۇقلىق كوماندا گىرمانىيەنى ھەر قانچە بولسىمۇ يېڭەلمەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى ، ئەمما 2-0نەتىجە بىلەن گىرمانىيە كوماندىسىنى يېڭىپ تارخىتا تۇنجى قېتىم بۇ تۈرلۈك مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونى بولدى ،
1996-يىلى 10-نۈۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئەنگىلىيەدە ئۈتكۈزۈلدى ، بۇ نۈۋەتلىك مۇسابىقىدىن باشلاپ 16كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشتى ، ھەم نۇرغۇن يېڭى ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى ، گىرمانىيە كوماندىسى چىمپىيۇن بولدى ،
2000-يىلى 11-نۈۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى بېلگىيە بىلەن گوللاندىيەدە ئۈتكۈزۈلدى ، زىدانىي باشچىلىقىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلاردىن تەشكىللەنگەن فىرانسىيە كوماندىسى ئىتالىيە كوماندىسىنى يېڭىپ 2-قېتىم چىمپىيون بولدى ،
2004-يىلى 12-نۈۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى پورتىگالىيەدە ئۈتكۈزۈلدى ، بۈ نۈۋەتلىك مۇسابىقىدە يەنە بىر قېتىم ھەيران قالارلىىق ئىش يۈزبەردى ، تۇنجى مەيدان مۇسابىقدە گىرتسىيە كوماندىسى ئۇرۇقلۇق كوماندا پۇرتىگالىيە كوماندسىنى 0-1نەتىجە بىلەن يەڭدى ، پورتىگالىيە كوماندسى قالغان 2مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقسدە رەقىپلىرىنى يېڭىپ گىرىتسىيە كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە كىينكى باسقۇچلۇق مۇسابىقگە كىردى، گىرىتسىيە كوماندىسى ئارقا ئارقىدىن فىرانىسىيە ، چېغ قاتارلىق ئۇرۇقلۇق كوماندىلارنى شاللاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقگە كىردى ، ھەم پورتىگالىيە كوماندسى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچىراشتى ، ئويلىمغان يەردىن پورتىگالىيە كوماندىسى يەنە يېڭىلدى ، گىرىتسىيە كوماندىسى تۇنجى قېتىم چىمپىيون بولدى ،
2008-يىلى 13-نۈۋەتلىك ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئاۋىستىرىيە بىلەن شىۋىتسارىيە دە ئۈتكۈزۈلدى ، ئىسپانىيە كوماندسى 44يىل ئۈتۈپ يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقگە كىرىپ گىرمانىيە كوماندسىنى 0-1نەتىجە بىلەن يېڭىپ چىمپىيون بولدى ،
بۇ نۈۋەتلىك مۇسابىقدىن كىيىن خەلىقارا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى 32كوماندىنى مۇسابىقگە تاللاشنى مۇزاكىرلەشتى ، ئەمما تۈرلۈك ئختىلاپلار سەۋەبىدىن ھازىرغىچە قارار چىقىرىلمىدى ،
ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسى يېرىم ئەسەردىن ئارتۇق تەرەقىيات باسقۇچى ۋە تۈرلۈك تۈزۈلمە ئۈزگەرتىش ، ئىسلاھاتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبۇل مۇسابىقسدىن قالسىلا خەلىقارادىكى تەسىر دائىرسى چوڭ مۇسابىقىگە ئايلاندى ،
[ بۇ يازمىنىbahdaxohliدە2012-06-06 19:47قايتا تەھرى ]