ئەمەلدار ئەدىبلەر ، سىلەر نېمە
ئىش قىلىۋاتسىلەر؟
.
بۇ يازمىنى روس شائىرى يېسىنىننىڭ "يايلاقتا" ناملىق شېئىرىدىكى ۋەتەن ھەققىدە تىزىلغان ئېسىل مىسرالىرى ئارقىلىق باشلايمەن:
ۋەتەننىڭ ھەسرەتلىك گۈزەللىكىنى،
سەرسانلىق ئىلكىدە يەتتىم مەن تونۇپ.
چۈشەندىم ھەسرەتلىك گۈزەللىك ئۆزى،
بېرەركەن تەڭداشسىز بەختنى تۇغۇپ.
ھەسرەتلەر ئىچىمگە پاتمىغاچقا ئەمەلدار ئەدىبلەرگە بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن.ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز. ئۆلۈم قسىتاپ كەلمەكتە. بىز ھەممىمىز ھاياتلىق بېكىتىدە ئەجەل ئاپتوبۇسىنى ساقلاپ ئولتۇرغان يولۇچىلارمىز. ھەممىمىز"تارىخ بىزنى ئەسلىسە، ئەۋلادلار بىزنى ئەسلىسە، ياخشى نامىم قالسا" دەپ ئويلايمىز. ھەممىمىز ئۆلۈپ كەتكەندە ئۆلۈمىمىزنىڭ ناماز تېپىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئېھتىمال مەن بۈگۈن پاراڭلاشماقچى بولغان، ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن قېرىنداشلار چوڭ ئۈمىد كۈتىدىغان بىر نەچچە ھۆرمەتلىك زىيالىي ئەدىبلىرىمىزمۇ شۇنداق ئويلىسا كېرەك.
ئۇنداقتا مەن بۇ ئوچۇق خەتنى كىمگە، نېمە مەقسەتتە يازدىم؟ مەن پاراڭلاشماقچى بولغانلار كىملەر؟ ئاۋۋال ئوچۇق خەتنىڭ ئوبيېكتلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى:
ئازات سۇلتان- ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، پروفېسسور، ئەدەبىياتشۇناس. "بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى" قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
مۇختار مەخسۇت- ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو-تېلېۋزىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، داڭلىق شائىر، ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى ئاخبارات فاكۇلتېتىدا دوتسېنت بولغان. "تەنھا قىرغاق"، "ئىلاھە چوققىسى" قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
ئىمىن ئەخمىدى- ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئوقۇپ تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى؛ ئىلگىرى سەنئەت ئىنستوتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى بولغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن "سۆيۈلگەن يىللار" قاتارلىقلار بار.
ئابدۇكېرىم راخمان - پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئيتىنڭ باشلىقى، "فولكلور ھەققىدە ئومۇمىي بايان" قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
ئابلىز ئابدۇرېھىم - مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئاخبارات خادىمى، ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن "ھالقىش" قاتارلىقلار بار.
ئابدۇراخمان ئەبەي - شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى، ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن "ئەخمەتجان قاسىمى ھەققىدە ھېكايىلەر"، "ئۇلارمۇ ئاتا-ئانا بولار"، "مۇڭغۇلىيەدىن ۋەتىنىگە قايتقان ئۇيغۇرلار" قاتارلىقلار بار.
ئارسىلان ئابدۇللا -ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فلولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى؛ كۆزگە كۆرۈنگەن تىلشۇناس؛ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن "ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى" قاتارلىقلار بار.
يۇقىرىدا ئىسمى ئاتالغان ھۆرمەتلىك ئەدىب ئاكىلار، ھۆرمەتلىك زىيالىيلار، ئاۋۋال سىلەرگە سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
سىلەر بۇ خەتنى كۆرۈپ چوقۇم ناھايىتى تاسادىپىيلىق ھېس قىلسىلەر. چۈنكى، خىزمىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان نەچچە ئەدىبكە بىراقلا خەت يېزىش بىرئاز يوچۇن ئىش؛ شۇنداقلا ئسىمى ئاتالغان كشىلەر ئىچىدە بەزەنلىرىڭلارنىڭ بىر يەرگە كېلىش پۇرسىتى يوق بولۇشىمۇ، ئاراڭلاردا ئورتاقلىق يوق بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، مەن ئويلايمەن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ھەم مېنىڭ، مەندەك تالاي قېرىنداشلىرىڭلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا مەدەنىيەتكە مەسئۇل بولۇش، تارىخ ئالدىدا جاۋابكار بولۇشتەك ئورتاقلىق بار. ھەممىڭلار مەدەنىيەت خىزمىتىنى ئىشلىگەن ھەم ئىشىلەۋاستىلەر، ھەممىڭلار ئالىي مەلۇماتلىق، گۇماندار روھقا، تەنقىد ئاڭغا ئىگە. شۇڭا بىر مىللەتنىڭ روھىغا تۇتىشىدىغان، مەدەنىيەت يىلتىزىغا تۇتىشىدىغان ئىشلاردا سىلەرگە مۇراجىئەت قىلىش بىر ئاز ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا باشقىلارغا خەت يېزىپ ھاۋاغا مۇشت ئاتقاندەك ئىش بولۇپ تۇيۇلۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە غەرەز ئۇقىدىغان سىلەرگە ئوچۇق خەت يېزىشىنى مۇۋاپىق كۆردۈم. خېتىمدە دىققىتىڭلارنى بەرسەڭلار ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغان تەخىرسىز مەسىلىلەرنى تىلغا ئالىمەن. سىلەر بۇ ئىشىنى چوقۇم قىلالايسىلەر.
كۆرۈۋاتامسىلەركىن، خەلقىمىزنىڭ روھىي تۈۋرۈكىگە، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئائىت ئىشلاردا بىز بىر قاتار ئېچنىشلىق ۋەقەلەرگە شاھىت بولۇپ ياشاپ تۇرۇۋاتىمىز. سىلەرمۇ شاھىت بولۇۋاتقان ئاشۇ بىمەنە ۋەقەلەر ئىچىدىن تىپىكلىرىنى ساناپ باقايلى:
بىرىنچى بىمەنە ۋەقە(مۇختار مەخسۇتنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇختار مەخسۇت باشلىق بولغان رادىئو تېلېۋزىيە ئىدارىسى قارىمىقىدىكى تېلېۋىزىيە ئستانسسدا مەيلى ئېتوتلاردا بولسۇن ، سۆھبەت پروگراممىلىرىدا بولسۇن، "خۇداغا ئامانەت، "ئاللاھقا ئامانەت" دېگەن گەپنىمۇ دېگىلى بولماس بولۇپ كەتتى. ھۆرمەتلىك مۇختار مەخسۇت، نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ئەمدى ئۇيغۇر تىلى لۇغەت سۇستاۋىدىن "خۇدا، ئىسلام، ئاللاھ، ناماز" دېگەن گەپلەرنى چىقىرىۋېتىش كېرەكمۇ؟
ئىككىنچى بىمەنە ۋەقە (ئازات سۇلتانغا مۇناسىۋەتلىك) ئازات سۇلتان باشچىلىقىدىكى ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى يازغۇچىلار تورىدا مۇنداق بىر بىمەنە ئىشىقا شاھىت بولىمىز: يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى رەسىمدە مەھمۇت قەشقەرى بوۋىمىزنىڭ بوينى كېسىلگەن. ئۇيغۇر ئەدىبلەر مۇنبەرگە مەھمۇت بوۋىمىزنىڭ بوينى كېسىك رەسمىنى چېكىپ كىرىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇتۇش، كىلاسسكىلارغا ۋارىسلىق قىلىش ھەققىدە قايناق مۇنازىرىلەرگە چۈشىدۇ. مەن بۇ مۇنبەرنى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇزۇندىن كۆزەتتىم. مۇنبەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى زەئپىكىلەر، پۈچەكلىكلەر ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەيدۇ. شۇنىڭ بىرسى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بوينى كېسىك رەسىمى. سۈرەتنى پۈتۈن بېرەيلى دېسەڭلار مەھمۇت بوۋىمىزنىڭ ساقىلى تاقاشتىمۇ ياكى سەللىسىمۇ؟
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇنداق ئىش بار. يېقىندا رومانچىلىق يىغىنى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلدى.ئاڭلىساق، ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە ئېچىلغان يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلى بويۇن قىسىپ قاپتۇ. بىر ئۇچۇرغا قارىغاندا مەيلى رومان مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ لوزۇنكىسى بولسۇن بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات ۋاراقچىسى بولسۇن، ھېچقايىسىسدا ئۇيغۇرچە خەت ئىشلىتىلمەپتۇ. يىغىندا ئۇيغۇر رومانچىلىقى ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەر بولۇپتۇ،نەق مەيدانغا ئابدۇراخمان قاھار، سەمەت دۇگايلى قاتارلىق نۇرغۇن يازغۇچىلار بېرىپتۇ. نېمشىقا شۇنچە جىق ئابرويلۇق ئەدىبلەر ئارىسىدىن نەچچىڭىلار چىقىپ ئانا تىلىمىزنىڭ چەتكە قېقىلىشىدەك، بويۇن قىسىپ قىلىشىدەك مەسىلىگە بىر نېمە دېمىدىڭلار؟ رومان مۇھاكىمە يىغىنى ھەققىدە توردا ئۇچۇرۇپ يۈرگەن گەپلەرگە قانداق چۈشەنچە بېرىسىلەر؟
ئۈچىنچى بىمەنە ۋەقە( ئىمىن ئەخمىدى ۋە ئابدۇراخمان ئەبەينىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك): ھۆرمەتلىك ئاكىلار، مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىر ئۇيغۇر يازما مەدەنىيىتىمىزدە سەللا ئەقىللىق، غۇرۇرلۇق ئادەمنىڭ ۋىجدانىنى قاينىتىدىغان ئېچىنىشلىق ئىشىلار يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىرسى سىلەرمۇ كۆرۈپ تۇرغان سېنزورلۇق ئاپىتى. بۇنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئاپەت دەيمەنكى، سىياسىي سەزگۈرلۈكى زىيادە ئېشىپ كەتكەن بەزى سېنزورلىمىز، مۇھەررىرلىرىمىز چەكتىن بەك ئاشۇرۇۋەتتى. نى-نى ئابرويلۇق يازغۇچىلىرىمىز ئاز بىر تۈركۈم چالا ساۋاد سېنزورلارنىڭ ئالدىدا لېۋىنى چىشلەپ قالدى. يەنە كېلىپ، ھازىر ئۇيغۇر مەتبۇئاتلارنىڭ زور كۆپچىلىكىدە "مۇسۇلمان، ئۇيغۇر، ئاللاھ، قۇرئان" دېگەن گەپلەرنى تىلغا ئالغىلى بولمايدىكەن. بۇ نېمە ئىش؟ بۇ نېمە قاباھەت؟
بۇنىڭغا يەنە مۇنداق پاكىت كۆرسىتىمەن. يېقىندا بىر مۇنبەردە "تۇرپان "ژۇرنىلىدا " ئىشىك ئالدىدىكى مۇھەببەت" نامىدا ھېكايە ئېلان قىلغان بىر ئاپتورنىڭ دوستى شۇ ھېكايىنىڭ قسىقارتىلغان بۆلىكىگە ئائىت ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر خەۋەرنى ئاڭلاتتى. يەنى ئەسلى ھېكايىدە كېسەلمەن ئايال پېرسوناژ ئۆلۈپ كېتىدىغان چاغدا قۇرئاننى ئوقۇيدۇ، قۇرئان تۇتۇپ تۇرۇپ جان ئۈزىدۇ. ئەمما، ھېكايە ژۇرنالغا چىققاندا قۇرئان ئوقۇغانلىقىغا ۋە قۇرئان سۆيگەنلىكىگە ئائىت قۇرلار قىسقارتىۋېتىلىدۇ. بۇ يەردە مۇنداق سوئال تۇغۇلىدۇ، مۇسۇلمانلار ئۆلۈمنىڭ ئالدى كەينىدە قۇرئانغا سېغىنىدۇ، قۇرئاننى ئۇلۇغلايدۇ. ئۇنداقتا تۇرپان ژۇرنىلىدىكى مۇھەررلەرنىڭ قىلغىنى بويىچە بولغاندا ئەمدى ئۇيغۇرلار ئۆلۈم يېتىم ئىشىدا ئەنئەنە سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئاشۇ ئىشلاردىن ۋاز كېچىشى كېرەكمۇ؟
ھۆرمەتلىك ئاكىلار، سىنزورلار چەكتىن ئاشۇرۇۋەتتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن يازغۇچى ئەدىپلەر ئارىسىدا تام پەيدا قىلدى. ئەمدى ئۇيغۇر يازارمەنلەر ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا بار ئىش-ۋەقەلەرنى ئەسەرلىرىگە كىرگۈزەلمىسە ئۇنداقتا بۇنداق ژۇرنال، كىتاپ ۋە نەشىر بۇيۇمىنى چىقارغاننىڭ نېمە پايدىسى بار؟ سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى بىلمەي، كۆرمەي قېلىشىڭلار مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا، سىلەر كۈچىسەڭلار ھوقۇقۇڭلار يېتىدىغان بۇ ئىشقا قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتىسىلەر؟ يۈرىكىڭلار بۇنداق ئىشلارغا ئېچىشمامدۇ؟ تەدبىر قوللاندىڭلارمۇ؟
بەشىنچى بىمەنىلىك دوپپا ۋە كىلاسىكلارنىڭ قەبرىسى ھەققىدە (ئابدۇكېرىم راخمان، ئابلىز ئابدۇرېھىم، ئارسىلان ئابدۇللاغا مۇناسىۋەتلىك): نەچچە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانلىرىنىڭ ۋە كلاسسىكلىرىنىڭ قەبرىسى سوغۇق، يولسىز مۇئامىلىگە دۇچ كەلدى. تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىنىڭ قەبرىسى، بايدا موللا مۇسا سايرامىنىڭ قەبرىسى، ئۇچتۇرپاندا يەتتە قىزلىرىمنىڭ قەبرىسى ئېچىنىشلىق تەقدىرگە يولۇقتى، ھەتتا يەتتە قىزلىرىمنىڭ قەبرىسى ئەكسىلئىنقىلابچىلارنىڭ قەبرىسى دەپ قارىلىپ تاقىۋېتىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئىشلاردا ئانچە مۇنچە ياخشى بولغان، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ قەبرىلىرى قايتىدىن ياسالغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئىشىلار ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ھەر خىل بىمەنە ئىشلارغا شاھىد بولۇپ تۇرۇپتىمىز. 5-ئاينىڭ 5-كۈنى بىر تۈركۈم زىيالىيلارنىڭ بىر نەچچە يىل تىرىشچانلىق كۆرستىشى بىلەن دوپپا بايرىمى كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەنىدى. ئەمما، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 5-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بالىلارنى يىغىۋېلىپ دوپپا كىيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق جاكارلىدى. سىلەرنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىڭلار بارمۇ؟ خەۋىرىڭلار بولسا قانداق ئىنكاس قايتۇردۇڭلار؟
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئاكا ئۆزىنىڭ بىر رۇبائىسىدا مۇنداق يازىدۇ:
گۈزەلنىڭ كۆزلىرى قىلسا سېنى مەست،
ئالتۇن جام ئىچرە مەي قوزغاتسا ھەۋەس،
مال-دۇنيا كۆزۈڭنى توسقاندا پەۋەس،
ئاگاھ بول، ھاياتنىڭ ئۆزى بۇ ئەمەس.
ئەزىز ئاكىلار، ھەممىڭلار ھازىر ھايات ھەم ھوقۇق تۇتىۋاتىسىلەر. باشقا نۇرغۇن كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا سىلەردە تېخى گۇمانتارلىق روھ تېخى ئۆلمىدى دەپ ئويلايمەن. شۇڭا سىلەرگە ئوچۇق خەت يېزىپ ئاۋازىمىزنى ئاڭلىتىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بار. يەنە كېلىپ مېنىڭ قارىشىمچە، ترىشساڭلار ھەم ھەمكارلاشساڭلار ئۆزۈڭلار ئويلىغاندىنمۇ ئارتۇق ئۈنۈمگە، نەتىجىگە ئېرشەلىشىڭلار مۇمكىن.ئەگەر بىر يەرگە كېلەلمىىسەڭلار ئۇمۇ مەيلى. ئەمما، ھەرىكەتكە ئۆتۈشۈڭلار، چاماڭلار يېتىدىغان دائىرىدە بۇ خىلدىكى بىمەنە، يولسىز ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇشىڭلار،سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقڭلار كېرەك. ھاياتمۇ، ھوقۇقمۇ باقىۋەندە ئەمەس. شۇڭا بۇ دۇنيادىن ياخشى نام قالدۇرۇپ كېتىشىنى ئويلىساڭلار، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىمەنە ئىشلارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرماڭلار. تەدبىر قوللىنىڭلار، ئىنكاس قايتۇرۇڭلار. بىز سىلەردىن شۇنى كۈتىمىز.
سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بەلكىم ياخشى كۈن كەچۈرۈۋاتقاندا؟ ئەمما، سىلەرنىڭ نەۋرەڭلارچۇ؟ نەۋرىلىرىڭلارنىڭ بالىلىرىچۇ؟ بىمەنىلىكلەر مۇشۇ پېتى داۋاملاشسا، ئۇلارغا كېيىن قانچىلىك مەدەنىيەت بوشلۇقى قالىدۇ؟ مەدەنىيتىمىزنىڭ، سىمۋوللىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ۋەيران بولۇشىغا، خارلىنىشىغا قاراپ تۇرساق، پۇرسەت-ئىمكانىيەتلەرنىڭ يولسىزلارچە، نادانلارچە ئېتلىپ تۇرۇشىغا سۈكۈت قىلساق، قانداق بولىدۇ؟
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ھېچقاچان مەن تىلغا ئالغان مەسىلىلەر ھەققىدە يوليۇرۇق بەرگەن ئەمەس. پارتكومنىڭ ھازىر تەكىتلەۋاتقىنى مۇقىملىق، ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش. ئەمما، سىلەرگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ھالقىلىرىدا مۇقىملىقنىڭ يۇشۇرۇن ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئاممىنى پارتىيىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ غۇرۇرىنى پايخان قىلىدىغان ئىشىلار داۋاملاشماقتا. بولسا بۇ ئىشلارغا چاماڭلار يەتسە، كېيىن تارىخ ئالدىدا قارا يۈز بولۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىڭلار. ئەگەر چاماڭلار يەتمىسە، ھەمكارلىشىپ پارتكومغا ئاۋازىڭلارنى، خەلقنىڭ ساداسىنى يەتكۈزۈڭلار، بىمەنىلىكلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇڭلار.
خەلقىمىز سىلەردىن ھازىرچە چوڭ ئۈمىد كۈتىدۇ. ئەمما، ئىشلار مۇشۇ پېتى كېتىۋەرسە، سىلەر مەسئۇل بولغان دائىرىدە مۇشۇنداق قاملاشمىغان ئىشلار ئومۇملاشسا كېيىن ئەۋلادلار سىلەرنى نەپرەت ئىچىدە ئەسلىشىدۇ. لەنەت تارىخىغا مىخلانغان مەمتىمىن كىرپىك ھەممىمىزگە ئىبرەت. تەۋپىق ئەپەندى مەمتىمىن ئاق كىرپىك ھەققىدە مۇنداق قۇرلارنى پۈتكەن:
سەن خەلقتىن چەتنىگەن بىر پەس،
سېنىڭدە يوق ۋىجدانلىق يۈرەك.
قەدىمىڭدە سېتىش-چېقىش بار،
ئادەم يوقتۇر سېنى سۆيگۈدەك.
لەنەت ساڭا دۈشمەن ئىت كۈچۈك.
مەمتمىن ئاق كىرپىك ئاۋام ئارسىدىكى ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالمىغان كىشىلەرنىڭ لەنەت ئەسلتىكلىرىگە مىخلىنىپ كەتتى. ئەمما، بىزنىڭ ئەقىللىق كىشلىرىمىز تەۋپىقتەك، ئۇيغۇرىدەك، ئۆتكۈردەك، زوردۇن سابىردەك ھۆرمەتلىك زىيالىلىرىنى ئەسلەپ، سېغىنىپ كەلدى.
بۇ تېمىدا تىلغا ئالغان ھۆرمەتلىك ئاكىلار، سىلەرمۇ ئىلگىرى بىر مۇنچە ياخشى ئىشلارنى قىلغان. ئەمدى پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن كۈچەيدىغان، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى خارلايدىغان، ھوقۇق-مەنپەتى ئۈچۈن سۇيئىستىمال قىلىدىغان ئشىلارغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان ۋاقتىڭلار كەلدى. ئەگەر شۇنداق قىلالساڭلار خەلقىمىز سىلەرنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ. بىز سىلەردىن چوڭ ئۈمىد كۈتىمىز. چۈنكى، قولۇڭلاردا ھوقۇق بار ۋاقىتدا كۈچىسەڭلار جىق ئىشلاردا ئۆزگىرىش ياسىيالايسىلەر.
مەن بۇ خەتنى ۋەتەن ھەققىدىكى مىسرالار بىلەن باشلىغان. ئەمدى يەنە بىر ۋەتەن قەسىدىسى ئارقىلىق بۇ خەتنى ئاخىرلاشتۇراي:
قۇرىماس بۇلاقتۇر تەشنالىقڭغا،
غۇلىماس بىر تاغدۇر تەنھالىقىڭغا.
بىپايان ئاسماندۇر ئەنقالىقىڭغا،
بۇغداغا، باغداشقا ئوخشايدۇ ۋەتەن.
بىر دەستە گۈلدۇر ئۇ پۇرىماق بولساڭ،
چوغدۇر ئۇ گۈلخاندەك يورىماق بولساڭ،
دانادۇر سەن ئەقىل سورىماق بولساڭ،
قېرىنداش، قانداشقا ئوخشايدۇ ۋەتەن.
قەسىدە ئەمەس ئۇ بىز ئوقۇيدىغان،
رىۋايەت ئەمەس ئۇ بىز توقۇيدىغان،
قەبرىستان ئەمەس ئۇ بىز ئۇخلايدىغان،
ئۇخلىماي ياشاشقا ئوخشايدۇ ۋەتەن.
-----------ساداقەتجان ھاجى
پىكىر چېچىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن مەزكور ماقالىنى باشقا ئورۇنلارغا كۆچۈرمەڭ !