قەشقەرنىڭ <سېسىق> گەپلىرى
بىرنەچچە ئاغىنىمىز بىلەن قەشقەرگە ئوينىغىلى بارغانتۇق ،بىر جايدىن يەنە بىر جايغا بارماقچى بولۇپ بىر قارا تاكسى شوپۇرى بىلەن 20يۇەنگە دىيىشىپ تۆتەيلەن ماشىنىغا چىقتۇق ،سەپەر جەريانىدا شوپۇر ماشىنا دېرىزىسىنى ئېچىپ سىرتقا تۈكۈردى،لېكىن كەينىدە ئولتۇرغان ئاغىنىمىز قولىنى سىرتقا چىقىرۋاپتىكەن، ئويلىمىغان يەردىن تۈكۈرۈك ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى ،شوپۇر گەرچە كەچەرۈم سورىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئاغىنىمىز قەستەن ئۇ قەشقەرلىكنى گەپكە سالماقچى بولدى.
ۋوي ئۇستاموي! بۇ قانداق قىلىق ،5يۇەننى تۇتىۋالىمەن ،بىزنى ئەمدى 15 يۇەنگە ئاپىرىپ ئاپىرىپ قويۇڭ!!
قەشقەرلىك شوپۇر: ھەقاسلىرغا بىژدىن تۈكۈرۇپ باكاغىلا ئاپىرۋەتمەيما !!!!!!
بۇرۇن بىللە ئىشلىگەن قەشقەرلىك بىر ئاغىنەم بار ئىدى،ئۇنىڭ پۇتى دائىم پۇرايتتى،ئاياغ كىيسىمۇ 30يۇەندىن يۇقىرى باھادا ئاياغ ئالمايتتى.
بىر كۈنى مەن دېدىم:قىممەترەك بولسىمۇ سەل سۈپىتى ياخشى ئاياغ ئالساڭ پۇتۇڭ پۇرىمايدۇ.
قەشقەرلىك ئاغىنەم:سېنىڭ ئايىغىڭ قانچە پۇللۇق ئاياغتى! ئاياغ دىگەننى يېڭى-يېڭى كىيمىز ماندا!!!
مەن 200يۇەنگە ئالغان ئاياغ بۇ!بۇنى بىر نەچچە يىل كەيگىلى بولىدۇ!!
قەشقەرلىك ئاغىنەم:ۋوججو!!!گەپ قىلالمىغان شۇ پۇتۇڭ زىرىكىپ كىتە ھەقەچان !
بىركۈنى ئىككىمىز بىللە كېتىۋاتقاندا مەن بىر نەرسىگە پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ چۇشتۇم!
قەشقەرلىك ئاغىنەم:ئابدۇسالام !!!!!!200كۇيلۇق ئاياغمۇ ئىدەم يىقىتامدىكەن!!!!!
بىركۈنى ئۇ ئاغىنەم بىلەن بىر رېستۇرانغا بارغانتۇق،بىز ئولتۇرغان جوزىغا بويى 2مېتىر ئەتراپىدا بىرسى كېلىپ ئولتۇردى،گەپ ئارلىغىدا قەشقەلىك ئاغىنەم :سېنىڭ بويۇڭ بەك ئىگىزكەن ،ئۆرە تۇرۇپ ماڭساڭ بېشىڭ قايمامدا!!
شۇنىڭ بىلەن جوزىغا تاماقلار تارتىلدى،مەن ئۆزۈممۇ دىققەت قىلمىغان ھالدا بىر پارچە ئۇستىخانلىق گۆشنى ئۇزاقراق چايناپ ساپتىمەن!
قەشقەرلىك ئاغىنەم:ئابدۇسالام !!!ئىتقىمۇ ئازراق قالسۇن !.
بىر كۈنى بىللە كېتىۋاتاتتۇق،قەشقەرلىك ئاغىنەم:مەن بىر جۇپ پايپاق ئېلىۋالاي!
شۇنىڭ بىلەن بىر تاللا بازىرىغا كىردۇق،بۇ تاللا بازىرىنىڭ ماللىرى بەك قىممەت بولۇپ پايپاقلىرىمۇ 30يۇەندىن كەم ئەمەس ئىدى!ئۇنىڭ ئالمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ قەستەن:سۈپىتى ياخشىكەن بىر جۈپ ئېلىۋال!
قەشقەرلىك ئاغىنەم:سېسىق پۇتۇمغا 30يۇەنلىك پايپاق كىيمىسەممۇ بولا!
ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن ئۇزۇنغىچە سۈپىتى ئۆزگەرمەيدۇ،رەڭگى ئۆڭمەيدۇ،ئېلاستىكىلىقى ياخشى.........!دەپ بىرمۇنچە ماختىدىم.
قەشقەرلىك ئاغىنەم:30-40يۇەنلىك پايپاقنىڭ ئاران شۇنچىلىك ئالاھىدىلىگى بارمىكەن!
ۋاي-ۋوي!!!ساڭا يەنە قانداق ئالاھىدىلىگى بولسا بولاتتى!
قەشقەرلىك ئاغىنەم:سوراپ باقە! يۇماي كەيگىلى بولامدىكەن!!..
ئەسكەرتىش :بۇ تېما كۈلكە چاخچاق ئۈچۈن يوللاندى .كۆپچىلىك ئىنكاس داۋامىدا يۇرتۋازلىق ۋە سەلبى مەنىدىكى ئىنكاسلارنى يازمىساق .