جۇڭگو-ياپونىيە دىياۋيۈ ئارىلى ئەسىرلىك تالاش-تارتىشىنىڭ سىرى (ئەخمەت راخمان تەرجىمىسى)
دۆلىتىمىز دىياۋيۈ ئارىلىنى (ياپونىيە‹‹سىنكاكۇ ئارىلى›› دەپ ئاتايدۇ) ئەڭ دەسلەپ بايقاپ نام بەرگەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى، يەنى 1373-يىلىدىن كېيىن ئېلىمىز بېلىقچىلىرى دىياۋيۈ ئارىلىنى بايقاپ، شەرقىي جەنۇب دېڭىز بويىنى ياپونىيەگە تاقابىل تۇرۇش قاراۋۇلخانىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئالغان. ياپونىيە 1895-يىلى جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىنى بېسىۋىلىشتىن ئىلگىرى ياپونىيە نەشىر قىلغان خەرىتىلەردە دىياۋيۈ ئارىلى ياپونىيە خەرىتىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو-ياپونىيە جىياۋۇ دېڭىز ئۇرۇشى پارتلاشتىن ئىلگىرى ياپونىيە دىياۋيۈ ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھېچقاچان ئوتتۇرغا قويۇپ باقمىغان.
1884-يىلى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش بىلەن مەشخۇل بولىدىغان ياپونىيەلىك گۇخې جىنسىلاڭ دىياۋيۈ ئارىلىغا تۇنجى قېتىم كېلىپ، بورانقۇش(ئالباتروس) توپىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. ئۇ بورانقۇشنىڭ پېيىدىن ناھايتى كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئوكىناۋا ناھىيە ئامبىلىغا دىياۋيۈ ئارىلىنى تىجارەت بازىسى قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان. ئامبال مەھكىمىسى: ‹‹زېمىن تېخى بىزنىڭ ئىلكىمىزدە ئەمەس›› دەپ، ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. 1885-يىلىدىن كېيىن ئوكىناۋاغا ئامبال بولغان بىرنەچچە كىشى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ، دىياۋيۈ ئارىلىنى ئىگىلېۋىلىشىنى، بەلگە ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان.
1894-يىلىنىڭ ئاخىرى، ياپونىيە جىياۋۇ ئۇرۇشىدا چىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەن ئەھۋالدا، تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلغان. 1895-يىلى 14-يانۋار ياپونىيە كابىنېتى دىياۋيۈ ئارىلى ئوكىناۋا ناھىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ، بەلگە ئورنىتىلسۇن، دەپ قارار چىقىارغان. شۇ يىلى 17-ئاپرېل چىڭ ھۆكۈمىتى ياپونىيە بىلەن تەڭ ھوقۇقسىز ‹‹ماگۈەن شەرتنامىسى››نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولۇپ، تەيۋەن ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللارنى ياپونىيەگە كېسىپ بەرگەن. 1900-يىلىغا كەلگەندىلا ئوكىناۋا ناھىيەلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوقۇتقۇچىسى خېييەن خېڭشى يازغان ‹‹سىناككۇ ئارىلىدىكى ئېكىسپىدىتسىيە خاتىرىلىرى›› دېگەن كىتابتا دىياۋيۈ ئارىلىنى ‹‹سىناككۇ ئارىلى›› دەپ ئاتىغان. ئەمما جۇڭگو 500 يىل ئىلگىرىلا بۇ ئارالغا ‹‹دىياۋيۈ ئارىلى›› دەپ نام قويغان.
1943-يىلى 1-دىكابىر جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت قاھىرەدە ئېلان قىلغان ‹‹قاھىرە خىتابنامىسى››دا: ‹‹ياپونىيە ئىشخال قىلىۋالغان جۇڭگونىڭ زېمىنلىرىنى يەنى، شەرقىي شىمال، تەيۋەن، پىڭخۇ تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق زېمىنلار جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا قايتۇرۇلىدۇ، ياپونىيە قورال كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىۋالغان بارلىق زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ›› دېيىلگەن. 1945-يىلى 26-ئىيۇل جۇڭگو، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئېلان قىلغان پوتسىدام ئاخباراتىدا ‹‹قاھىرە خىتابنامىسى››دىكى شەرتلەرنى ئادا قىلىش يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن، لېكىن ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۆلىتىمىزنىڭ تەيۋەن ئارىلى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى دىياۋيۈ ئارىلىنى بېسىۋىلىپ، بۇ ئاراللارغا ‹‹ھوقۇق›› يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەرمىگەن.
1951-يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى قاتناشمىغان ئەھۋالدا، ئامېرىكا ياپونىيە بىلەن سان-فرانسىسكودا قانۇنسىز ھالدا ‹‹ياپونىيەگە قارىتىلغان ئەھدىنامە››نى ئىمزالاپ، دىياۋيۈ ئارىلىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرغان. 1971-يىلى ئىيۇندا ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ‹‹ئوكىناۋانى قايتۇرۇپ بېرىش شەرتنامىسى››نى ئىمزالىغاندا، دىياۋيۈ ئارىلىنىمۇ ياپونىيەگە ‹‹ئۆتكۈزۈپ›› بەرگەن. دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى 1971-يىلى 30-دىكابىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يولسىز قىلمىشلىرىغا كەسكىن ئېتىراز بىلدۈرۈپ: ‹‹دىياۋيۈ ئارىلى، خۇاڭۋېي، چىۋېي، نەنشىياۋ، بېيشىياۋ قاتارلىق ئاراللار تەيۋەنگە قاراشلىق ئاراللار، بۇ ئاراللار تەيۋەنگە ئوخشاش قەدىمدىن تارتىپلا جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئامېرىكا، ياپونىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئوكىناۋانى ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمىنى ئىزالاپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىياۋيۈ قاتارلىق ئاراللىرىنى ‹‹ئۆتكۈزۈۋىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش››ى پۈتۈنلەي قانۇنسىزلىق، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىياۋيۈ قاتارلىق ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى قىلچە ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو خەلقى چوقۇم دىياۋيۈ قاتارلىق تەيۋەنگە قاراشلىق ئاراللارنى قايتۇرۇۋالىدۇ دەپ تەكىتلىگەن. 1972-يىلى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى نورماللاشقان. 1978-يىلى جۇڭگو-ياپونىيە تىنىچلىق-دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغان ھەم دۆلىتىمىز ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇپ، ياپونىيە بىلەن دىياۋيۈ ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى ۋاقتىنچە تىلغا ئالمىغان شۇنداقلا قېپقالغان مەسىلىلەرنى كېيىن ھەل قىلىشقا كېلىشكەن. بىراق 1972-يىلى ياپونىيە ئوڭقانات تەشكىلاتلىرىدىن ‹‹ياپونىيە ياشلار جەمئىيىتى›› دىياۋيۈ ئارىلىغا ماياك ئورناتقان. 1978-يىلى تىك ئۇچار ئايرۇپىلان سۇپىسى ياسىغان. ئۇلار شۇ ئەتراپتا بېلىقچىلىق قىلىۋاتقان جۇڭگو بېلىقچىلىرىنى قوغلاپ چىقارغان. 1996-يىلى ئىيۇلدا ياپونىيە ئوڭقاناتلىرى تېخىمۇ ئەسەبىيلەشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو-ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا دىياۋيۈ ئارىلى تالاش-تارتىشى كۈنسېرى ئۆتكۈرلەشكەن.
(‹‹پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تېز گېزىتى››دىن ئېلىندى)
|