مۇئەللىم، بىزنىڭمۇ غېمىمىز بار
رەيھانگۈل ھېمىت
مەن ھەر قېتىم دەرس ئۆتكىلى سېنىپقا كىرگەندە ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل قورقۇش، ئەندىكىش، مۇئەللىمدىن يىتىرقاش، ئازراق چۈشكۈنلۈك ئارىلاشقان، غەم باسقان چىراي ئىپادىسىنى كۆرىمەن. بولوپمۇ دەرسكە كىرگەندىن باشلاپ، يىڭى دەرس باشلانغۇچە قەدەر، بۇ خىل كەيپىيات سىنىپ ئىچىدە ئەۋىج ئېلىپ قالىدۇ.
ئەسلى 13-14ياشلىق دەۋىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھايىتى جۈشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ، ئۈمىتۋار، شوخ دەۋىر دەپ چۈشىنىمەن. ئەمما دەرسخاندىكى بۇ ئۇتتۇرۋەتكەن قىماۋازدەك چۈشكۈن، رۇھسىز، سارغايغان چىراي ئىپادىسىنى كۆرۈپ، « نېمە بولدۇڭلار؟ سىلەرگە زادى نېمە ئىش بولدى؟ رۇھىي ھالىتىڭلار نىمانچە توۋەن؟» دېگۈم كېلىدۇ. بۇلار دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن شوخ، كەپسىز، تېتىك ھالىتىگە ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن. بۇنداق ئەھۋالدا مەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمدا ئۆتكىلى بولمايدىغان چۈڭقۇر بىر ھاڭ باردەك، ئوقۇغۇچىلار بىلەن مېنىڭ ئارلىقىم بەكلا يىراقلىشىپ كەتكەندەك، ئوقۇغۇچىلار « مۇئەللىم بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى، نېمە ئويلاۋاتقانلىقىمىزنى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ، بىزنىڭ نېمە غېمىمىز بارلىقىنى بىلمەيدۇ ھەم بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. بىز بىلەن نېمە ئىشى، دەرسنى ئۆتۈپ چىقىپ كەتسە بولدى.» دەپ ماڭا ئىسيانكارلارچە قاراتقاندەك تۇيۈلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ بۇ خىل ھالىتگە پەقەتلا تاقەت قىلىپ تۇرالمىدىم، بىر نېمىلەرنى قىلىشىم، بىر نېمىلەرنى دېيىشىم زورۇردەك، ئۇلارنىڭ ماڭا ئىچ-باغىرىنى تۆكۈپ دەيدىغان قەلىپ سۆزلىرى باردەك تۇيۇلدى. بىر قانچە ساۋاقداش بىلەن بۇ توغرىسدا پاراڭلىشىپ باقماقچى بولدۇم، ئەمما بۇ ياخىشى چارە ئەمەس ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرىدىن، مەندىن تارتىنىپ، كۆڭلىدىكى ھەقىقىي ئويلاۋاتقان ئوي-خىياللىرىنى ئېيتماسلىق مومكىنچىلىقى كۆپ ئىدى. شوڭا بۇنىڭغا يەنە بىر ئەپچىل چارە ئويلاپ تاپتىم. مەن ئوقۇغۇچىلىرىمغا بەزىدە ھەپتىدە بىر، بەزىدە ئىككى ھەپتىدە بىر بىر پارچىدىن ماقالە يېزىش تاپشۇرىقى بېرەتتىم. مېنىڭچە ئوقۇغۇچىلار كۆڭلىدىكى گەپ-سۆزلىرىنى، چىرايىدىكى بۇ خىل كەيپىياتنىڭ سەۋەبىنى ماقالە ئارقىلىق يېزىپ ئىپادىلىسە، بۇنىڭ ئۈنۈمى بەك ياخشى بولاتتى دەپ ئويلىدىم ھەم موۋاپىق بىر پۇرسەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ماقالە يېزىش تاپشۇرىقى بەردىم.
- ساۋاقداشلار، بىز دائىم چوڭلارنىڭ بالىلىق دەۋىر- غەمسىز دەۋىر، بۇلارنىڭ يەيدىغىنى، كىيدىغىنى، ئېچىدىغىنى، ئوقۇيدىغىنى... ھەممە نېمىسى تەييار تۇرسا، بولارنىڭ يەنە نېمە غېمى بولسۇن دەيدىغانلىقىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمما مېنىڭچە بۇ دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ غېمى بار دەپ ئويلايمەن. سىلەرنىڭ ئەمەس، ھەتتاكى بۆشۈكتە ياتقان بۇۋاقنىڭمۇ غېمى بار، ئاپام قاچان كېلىپ مېنى ئىمتىپ قۇيار، قاچان ئاستىمنى قورۇغداپ قۇيار دەپ غەم قىلىپ، يىغلاپ كېتىدۇ.( ئوقۇغۇچىلار پاراققىدە كۈلۈشىپ كەتتى.) مېنىڭچە سىلەرنىڭمۇ ئۆزۈڭلارغا چۈشلۈق غېمىڭلار بولۇشى مومكىن. شۇڭا « مېنىڭمۇ غېمىم بار» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا بىر پارچە بايان خاراكتىرلىك ماقالە يېزىپ كېلىڭلار. چوقۇم كۆڭلۈڭلاردا نېمە بولسا، شۇنى تارتىنماي يېزىڭلار. يالغاندىن «ياساپ، جابدۇپ»، «گىرىم قىلىپ» قويماڭلار. تەبىئي، سىدام چىقسۇن. مەن شۇ ئارقىلىق سىلەر بىلەن يەنە بىر قەدەم يىقىنلىشىپ بېقىش ئويۇم بار.
ئەتىسى دەرس ۋاقتىدا بىر قانچە ئوقۇغۇچىم:
-مۇئەللىم، ھېلىقى ماقالىنى يېزىپ بولدۇق، ھازىر يىغىۋالاملا؟-دەپ سورىدى. بىرقانچە ئوقۇغۇچى: مۇئەللىم، تاپشۇرۇق بەك كۆپ بولغاچقا، تېخى يېزىپ بولالمىدۇق. بوداقى سائەتلىك دەرسكە ئۈلگۈرتەيلى دەپ ئۈلگۈردى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە دەپ يازدىغانلىقىغا قارىتا بەكلا قىزىقىشىم بولغاچقا، يېزىپ بولغانلار ھازىر تاپشۇرۇش، يېزىپ بولالىمغانلار كېلەركى سائەتلىك دەرسكە ئۈلگۈرتۈپ تاپشۇرۇش توغرسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدىم. 13- 14ئەتراپىدا ساۋاقداش ماقالىنى تاپشۇرۇپتۇ.
ئوتتەك قىزغىنلىق ئىچىدە « مېنىڭمۇ غېمىم بار» ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ چىقىتىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندەك غەمسز، شاد-خورام ئەمەس، ئۆزىگە چۈشلۈك غېمى بارلىقىنى، قەلبىنىڭ تېنىچسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ( بۇئوقۇغۇچىلار تولۇقسىز 7-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى.)
توۋەندە مەن ئوقۇغۇچىلار يازغان ماقالىدە ئوتتۇرغا قويغان بىر نەچچە تېپىكرەك «غەم»لەرنى تاللاپ، دوستلارنىڭ دىققتىگە سۇنماقچى:
دىلىنۇر غېنى:
مېنىڭ ناھايىتى كۆپ غەملىرىم بار. مەن غەملىرىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى قاتتىق ئويلىنىمەن. غەملىرىم: تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولالماي قالسام، مۇئەللىم خاپا بولارمۇ؛ ساۋاقداشلىرىم زاڭلىق ئىتەرمۇ؟ ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئىناق-ئىتتپاق ئۆتەلەرمەنمۇ ياكى ئۇرۇشۇپ قالارمەنمۇ؟ ئۆيدە ئىشىنى خاتا قىلىپ قويسام، ئاپام خاپا بولارمۇ دېگەندەك... ھەممدىن چوڭ غېىمىم مۇشۇ تاپشۇرۇق. تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولالساملا، ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كېتىمەن. كۆڭلۈمدە ئۆيگە بارسام، راسا ئويىنىۋالمىسام دەپ ئويلايمەن. نەدىكنى، ئاپام مېنى ھەرگىز ئويىنىغىلى قويمايدۇ. دوستلىرىم مېنى ئىزدەپ كىرسىمۇ،ھەرگىز تالاغا چىقارمايدۇ. بەزى چاغلاردا تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولالماي يىغىلاپ كېتىمەن. دېرىزىدىن سىرىتقا قاراپ، مەنمۇ قۇچقاچ بولۇپ ئۇچۈپ كەتسەم، نەقەدەر ياخشى ھە دەپ ئويلاپ كېتىمەن...
توغرا، غەم-ئىنسانلارنىڭ تەبىئي ئويى، بىرەر ئىشىنى قىلالماسلىق ھەمدە شۇ ئىش ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئادەم مەڭگۈ غەم بىلەن ياشسا قېرىپ كېتىدۇ. خوشال ياشىسا ئوزۈن ئۆمۈر كۆرىدۇ دېگەن گەپ بار. بىز مۇنچە غەملەرنى قىلماي، كۆپ ئىشلارنى ئويلىماي، غەمسىز ياشىساق نەقەدەر گۈزەل بولار ھە!
گۈللالەم:
مەن دائىم مەندەك بالىنىڭ نېمە غېمى بولسۇن دەپ ئويلايتىم. لىكىن بەزى چاغلاردا مېنىڭ غەملىرىممۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ: خەنزۇچە تېكسىتنى قاچان يادلاپ بولارمەن؛ تاپشۇرۇقلار بەك جىق، قاچانمۇ ئىشلەپ بولارمەن؛ قەلىمىمنىڭ رىڭى تۈگەپ كەتسە، قانداق قىلارمەن؛ تازلىقىنى قاچان قىلىپ بولارمەن دېگەندەك... ئويگە بارسام، ئۆيدە ئىشلارنى قىلىپ بولالمىسام، ئاپام-دادام كەچكىچە تىللاۋاتقان... يەنە تېخى «سېنىڭ نېمە غېمىڭ بولاتتى، سەن ئۈچۈن ياشايمىز دەپ، جېنىمىزنى سېلىپ بىرىۋاتساق» دەپ خاپا بولۋاتقان... ھەي!... بۇ دۇنيادا ياشىماق نېمانداق تەس؟!...
شەھىدە ھۈسەن:
مېنىڭ غېمىم بىرلا: ئاتا-ئانام قاچانمۇ بىزنى ئىللىق قوينىغا ئالار، بىزنىڭ ئائىلە قاچانمۇ باشقا ئائىلىلەرگە ئوخشاش بولا، ئاتا-ئانام قاچانمۇ ئورۇشمايدىغان بولا دەپ تولا غەم قىلىمەن.
بىزنىڭ ئائىلىنىڭ گۈلى تۇزۇپ كەتتى. دادام بىز تۆت بالىنى ئانامغا تاشلاپ بىرىپ، يەنى ئاجرىشىپ ئۆزى يالغۇز بىر ئۆيدە ياشاۋاتىدۇ. مەن بالىلىقىمدا بونداق قىسمەتكە ئوچرارمەن دەپ ئويلاپ باقىمغان.بۇ بىر تەقدىر، بۇ بىر پىشانە..
مەن دائىم ئانامنىڭ يىغىلىغىننى كۆرسەم، ئىچىم سىيرىلىپ كېتەتتى. باشقىلارنىڭ ئاتا-ئانسى شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك ياشايدىكەن، بىزنىڭ ئائىلە قانداق ئائىلە؟ زادى قانداق ئائىلە؟ بۇ ئىشلار نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولدىغاندۇ؟ يا دادا بىلەن ئانىنى ئالماشتۇرۋالغىلى بولمايدىكەن، ياكى دادا بىلەن ئاننى بازاردا ساتمايدىكەن... بۇ ئىشلارنى كۆڭلۈمدىن چىقىرىۋىتەي دەپ شۇنچە قىلساممۇ ئۇنداق قىلالماۋاتىمەن...
ھەي! بەلكىم دادام ئاشۇنداق ئەسكىلىك قىلىمىغان بولسا، بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ گۈللىرى تۇزۇمايتى، بەلكى تېخمۇ خوشپۇراق، رەڭلىك ئېچىلاتتى. بۇ ئىشلارنى يالغۇز دادامدىنمۇ كۆرمەيمەن. بۇ بىر تەقدىردۇر. بۇنىڭغا تەن بەرمەي ئامالىم يۇق. مانا بۇ مېنىڭ غېمىم، ھەسرەتلىك غېمىم.
مەن باشقىلارنىڭ ئائىلىسگە تىنچلىق، بەخىت-ئامەت تىلەيمەن. باشقا دوستلىرىمنىڭ ئائىلسى مىنىڭكىدەك بولمىسۇن. ئولارمۇ مەندەك چوڭ غەمگە چۈكۈپ قالمىسۇن. ئائىلە گۈلى پورەكلەپ ئېچلسۇن!
ئارزىگۈل راخمان
مەن ياتاقتا يېتىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى. تۇغۇلۇپ مۇشۇ ۋاققىچە ئاتا-ئانامدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلىپ باقىمىغاچقا، ئەمدى قانداق قىلارمەن دەيدىغان غېمىم بار. ئاتا-ئانام يېنىمدىن كەتمىسە، مەن پەقەت ئولارنىڭلا يىنىدا تۇرسام دەيمەن. ياتاقلىشىپ ئوقۇغىنىمدىن كۆڭلۈم بەكلا يىرىم بولسىمۇ، بارا-بارا كۆنۈشكە تىرىشۋاتىمەن. بەزى چاغلاردا ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالغان چاغلاردا قانداق قىلىشنى بىلمەيلا قالىمەن. دەرستە ياخشى بالىلاردىن سوراي دېسەم، ئولارنىڭ شۇنىچىلىك نەرسىىنمۇ بىلىمىدىڭىزمۇ دەپ زاڭلىق قىلىشىدىن قورقىمەن. دەرسىنى ياخشى بىلسەم، ئاداشلىرىمنىڭ كەيىنىدە قالمىسامكەنمەن دەپ ئويلايمەن.
مەرھابا ھەزىرىتىئۆمەر
مېنىڭ باشلانغۇچ ھاياتىم ئاساسەن غەمسىزلا ئۆتكەن. بىراق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن بىرى مۇشۇ غەم-ئەندىشە دېگەندىن قۇتۇلالمىدىم. ئاتا-ئانامنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمدى بەكمۇ زور. شۇڭا يىزىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتماي، ناھىيلىك 3-ئوتتۇرىغا ئەكىلىپ بەردى.
مەكتەپكە كېلىپ، نەچچە كۈندىن كېيىن بىزدىن ئىمتاھان ئېلىپ، سىنىپلارغا تەقسىم قىلماقچى بولدى. ئىمتاھاننى بېرىپ بولۇپ، شۇنداق جىدىدىيلىشىپ كەتتىم. قوش تىل «تاللانغان سىنىپ»قا ئۆتەلمەي قالسام، قانداق قىلارمەن... ئەنسىرەپ كېچىچە ئويقۇم كەلمىدى. ئەتىسى بىزنى سىنىپلارغا تەقسىم قىلدى. ئۆزۇمنىڭ «تاللانغان سىنىپ»قا كېرەلىگىنىمدىن شۇنداق خوشال بولۇپ ، سەكرەپ كەتتىم.
ئەمما غېمىمنىڭ ھەممسى مۇشۇ سىنىپقا كىرىپ قالغانلىقىمدىن باشلاندى. بىزنىڭ سىنىپتا دەرستە ياخشى بالىلار بەك كۆپكەن. ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك دەرستە پىكىر قاتناشتۈرۇپ تۇرىدىكەن. تاللانغان سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولغاچ، سىنىپ مەسئۇلىمىز ۋە ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىزگە بەك قاتتىق تەلەپ قۇيىدۇ. تاپشۇرۇقلىرىمىزنىڭ سانى، مەزمۇنى بەك كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆگىنىپ مېڭىشتىن باشقا خەنزۇچە تېكست يادلاش، خەنزۇچە ماقالە يېزىش، ئەدەبىياتتىن ماقالە يېزىش، ھەرقايسى پەنلەردىن ئايلىق ئىمتاھان، چارەكلىك ئىمتاھان، دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزلىرى ئېلۋاتقان بولەكلەر بويىچە ئىمتاھان سۇئاللىرى، ماۋۇنى ئىشلەپ ئەتە دەرس ۋاقتىغىچە تاپشۇرۋىتىڭلار دەپ تارقىتىپ بىرۋاتقان قوشۇمچە ئىمتاھان سۇئاللىرى، ھەرقايسى پەن مەشىق تاپشۇرۇقلىرى، مەكتەپتىن تارقىتىپ بەرگەن «ئايلىق، ماۋسۇملۇق بولەكلەر بۇيىچە ئىمتاھان سۇئاللىرى... ۋاي-ۋۇي... نېمانچە كۆپ؟! ساناپمۇ تۈگتەلمەۋاتىمەن...
ئاساسلىق پەنلەرنىڭ ئىچىدە ئەدەبىيات، سىياسەتتىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە. ھەرقىتىم خەنزۇتىلى، ماتىماتىكا، بىئولۇگىيە پەنلىرىدىن ئىمتاھان ئالسا، بۇش ئورۇن ۋە تاللاش سۇئاللىرىدىن باشقا سوئاللارنىڭ ھەممسى ئاق قالىدۇ... مۇشۇ ئىشلار كاللامغا كىرىۋىلىپ، ئۆتكەن دەرسىمۇ تۈزۈك قۇلىمغا كىرمەيدۇ، دىققىتىم چېچىلىپ كېتىدۇ. مېنىڭ خەنزۇتىلى ئاساسىم بەك ئاجىز، دەرس ۋاقتىدا مۇئەللىم ھەم ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە سۆزلەپ چۈشەندۇرسىمۇ، باشقا بالىلاردەك تىز چۈشىنىپ يىتەلمەيمەن. ئومۇمىي پەن سىنىپىدا ئوقۇغان بولسام، مۇنچىۋىلا جىق غەملەرگىمۇ قالماسىتىم...
رۇشەنگۈل ئابلىكم
باشلانغۇچ 6-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغدا «شىنجاڭ تۇلۇقسىز سىنىپلىرى»غا ئۆتەلمىسەم قانداق قىلارمەن دەپ بەڭ ئەنسىرەيتىم. «ئەنسىرىگەن يەردە جىن بار» دېگەندەك، 2 نۇمۇرنىڭ كاساپىتى بىلەن ئۆتەلمەي قىپقالدىم. مانا ئەمدى ئىچىكىرى تولۇققا ئۆتەلمىسەم قانداق قىلارمەن دەيدىغان بىر غەم-ئەندىشەم بار. ئۆيدە ئاپام-دادام مەن ئۈچۈنلا پايپىتەك بولۇپ يۇرۇيدۇ، ئاغزىمدىن چىققان «ھور»نىڭ ھەممسىنى ئورۇندايدۇ. مەن ئۆگىنىش قىلاتتىم دېسەم، ئوكامنىڭ قەغىشلىك قىلىغىنىغا قارىماي، ھەتتا تىلۋۇزۇرمۇ قويمايدۇ. مۇئەللىملەرمۇ دەرسلەرنى شۇنداق ئەستادىل، بېرىلىپ، چۈشەندۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرسا، ناۋادا مەن «نىيگاۋبەن»گە (ئىچىكىرى تولۇققا دىمەكچى) ئۆتەلمەي قالسام، ئاتا-ئانامغا، ئوكامغا، مۇئەللىملەرنىڭ يۈزىگە قانداقمۇ قارايمەن؟!
مانا قاراڭ، بولار پەقەت تاپشۇرۇق دەپتەر تاپشۇرغان 14نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدىن تاللاپ چىققان ئالتە نەپەر ساۋاقداشنىڭ قەلىپ ساداسى. يەنە تاپشۇرۇق يېزىۋاتقان مەن دەرس ئوتىۋاتقان قىپقالغان 60-70بالا ئۆزىنىڭ نېمە غەم-ئەندىشىنى يېزىۋاتىدۇ، بۇنسى ئالدىمىزدىكى ھەپتە بىلىمەن. ھەي، ھازىرىقى بالىلارنى كىممۇ غەمسىز دەپ ئېيتالسۇن؟ ئۇلارنىڭ زىممىسىدىكى يۈك تولىمۇ ئېغىر، ئۇلارنىڭ خوشال ئوينايدىغان ۋاقتىلىرى تۈگمەس تاپشۇرۇق، ئىمتاھان، ھەرخىل كۈرسلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىندىغان تۇرسا، ھەتتا ئولار ئوقۇش مەزگىلى تۇرماق، تەتىل مەزگىلىدىمۇ تۈزۈك دەم ئالالمايدىغان تۇرسا! بۇلارغا قاراپ ئاتا-ئانىلارلا ئەمەس، ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىشى، ئۇلار بىلەن سىردىششى، ئۈنۈملۈك، جانلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قۇللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ، توغرا بولغان ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ غەملىرىنى ئازراق بولسىمۇ، يەڭگىلىتىش زورۇرلىكىنى ھېس قىلدىم.
شۇ تاپتا قانداق قىلىسام، ئۇلارنىڭ غەملىرىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىلتەرمەن دېگەن ئوي قەلبىمنى چىرمىۋالدى. ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇق دەپتەردە يازغان ئۆزلىرىنى چۈشەپ تۇرۋاتقان بۇ بۇيۇرۇنتۇرۇقتىن بىردەم بولسىمۇ خالىي قىلىش ئۈچۈن، بۇ ماقالىگە ئىلگىرىكىدەكلا بىر قېتىملىق تاپشۇرۇققا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، «ياخشى يېزىپسىز»، «تېخىمۇ تىرىشىڭ»، « ئەلا»، «ياخشى» دەپلا بولدى قىلۋەتسەم، ئۆزۈمنىڭمۇ كۆڭلى ئارام تاپمايدىغاندەك، ئوقۇغۇچىلىرىممۇ قانائەت ھاسىل قىلماي، «مۇئەللىمدىن سادا چىقماپتۇ، ئاۋارە بولۇپ، يېزىپ يۈرمىسەمچۇ» دەپ قېلىشىدىن، ماڭا بولغان ئىشەنچىسىنىڭ تۆۋەنلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسرەپ، ئۇلارغا كىچىكىنە بولسىمۇ بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش ئويىغا كەلدىم.
نېمە ئىش قىلسام، ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ غېمى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللە، مېنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلغۇم بار، ئولارغا تەسەللىي ۋە مەدەت، ئىلھام، رىغىبەت ئاتا قىلغۇم بار. ئۇلارنى بۇ غەمدىن ئازات قىلىپ، توغرا يولغا باشلىغۇم، توغرا ئوسۇلدا يىتەكلىگىم، توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكۈم، توغرا ئۆگىنىش ئادىتى يىتىلدۇرگۈم بار. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇقۇغۇچىلارغا زادى نېمە ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك؟
مەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ماقالە تاپشۇرىقىنى ئوقۇش جەريانىدا، ئۇلارغا تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىپ بەرسەم، ئۇلارنىڭ غەملىرىنىڭ بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.
1. كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەملىرىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىشىتكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قارىدىم. شۇڭا تاپشۇرۇق دەپتەر ئارقىلىق سىرىدىشىپ، ئۇقۇغۇچىلار يازغان «غەم»لەرنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ، سىردىشش، كۆڭلىنى چۈشىنىش، تەسەللىي، رىغبەتلەندۇرۇش تۈسىنى ئالغان سۆز-جۈمىللەر ئارقىلىق ئۇلارغا تەسەللىي ۋە مەدەت بېرىشىم زورۇركەن دەپ ئويلىدىم.
2. ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىنىڭ غەم-قايغۇسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئۈستىدە ئويلاندۇرۇپ، بۇ غەمنىڭ ئۆزىدىكى ناچار ئۆگىنىش ئادىتىنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان غەممۇ، ئۆتمۇشى ۋە كەلگۈسىگە مۇناسۋەتلىك غەممۇ،، ئىقتىدارسىزلىقتىن كېلىپ چىققان غەممۇ، ئۆگىنىشنى بىسىم قىلۋېلىشتىن كېلىپ چىققان غەممۇ... ئۆزىنىڭ قايسى تىپقا تەۋە بولدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىتىپ، ئۆزىدىكى رۇھىي ئاجىزلىق، توسالغۇلارنى تېپىپ چىقىش، ئۇلارنى رۇھىيتىدىن قانداق قوغلاپ چىقىرىۋىتىش، ھالقىلىق مەسىللەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، كۆڭۈلنى غەش قىلغان پەرىشانلىق تومانلىرىنىڭ تېزلا تارقاپ كېتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش ھەققىدە ئىددىۋى تەربىيەنى ياخشى ئىشلىشىم زورۇركەن دەپ قارىدىم. يەنى زورۇر تېپىلغاندا يوللۇق تاقابىل تۇرۇپ، كەيپىياتىمىزنى ئىزچىل كۆتۈرەڭگۈ تۇتساق، قىيىن دەپ ھېسابلىغان ئىشلىرىمىزنىڭمۇ ئاسانلىشىپ كېتىدىغانلىقى، ئۆگىنىش بىلەن جانلىق ئىشلتىشنى، بىلىم بىلەن تاكتىكىنى، ۋاقىت بىلەن ئۈنۈمنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرساق، ئۆزىمىزگىلا ئەمەس، باشقىلارغىمۇ بەخت-سائادەت يارتىپ بېرەيدىغانلىقىمىزنى ئوقۇغۇچىلارغا بىلدۇرۇشىم زورۇركەن دەپ قاردىم.
3. ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك رۇلدىن پايدىلىنىپ ، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ، شان-شەرەپكە ئېرىشكەنلىكى بايان قىلىنغان ئىش-ئىزلىرى تەسۋرلەنگەن ماقالە-ئەسەرلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپلەپ ئوقۇپ بېرىشىم زورۇركەن.
4. دالى كارنىگ، ناپالىيۇن خېئۇلنىڭ دۇنياغا داڭلىق «مۇۋاپىپەقىيەت دەستۈرلىرى»دىن ئۈلگە ئۆرنەك ئېلىپ، ئۈزۈندىلەرنى ئوقۇپ بېرىش، كشىنى غەمدىن خالاس قىلىشقا يىتەكلەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز، ماقال-تەمسىل، پەلسەۋى ھېكايەتلەر قاتارلىقلارنى ئوقۇپ كېلىشكە، توپلاپ كېلىشكە يىتەكلەش، دەرستىن ئازراق ۋاقىت ئاجرىتىپ مۇشۇ مەزمۇندىكى ياخشى ئەسەرلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇپ بىرىپ، ئۇلارنىڭ غەمدىن خالاش بولشىغا ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلىشىم زورۇركەن.
5. ئۆگىنىشىنى بېسىم ھېس قىلۋالماسلىق، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۈچۈن، دەرس ۋاقتىدا خوشال كەيپىيات ئاتا قىلىپ، يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىتاۋى بىلىملەرنى ئۆز تىلىمىزغا، بالىلار تىلىغا ئايلاندۇرۇپ، تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇپ سۆزلىسەڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ دەرسكە بولغان قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۇلسە، ئازراق بولسىمۇ غەملەردىن ساقىت بولۇشى مۇمكىن.
ئۇچرىغان بۇ مەسىلىگە باشقا ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۇچىرىغان بولۇشى مومكىن، بۇ پەقەت مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ غېمى بولماستىن بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك ساداسى بولۇشى مومكىن. مەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەشتە مۇنبەردە تۇرۋاتقان بارلىق ھارماس باغۋەنلەرنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيتى بار دەپ قارايمەن. ئۇلارغا توغرا يول كۆرسىتىپ، غەمدىن خالاش بولشىغا، گۈزەل كېلەچەك يارتىپ، پارلاق ئەتىنى بارلىققا كەلتۈرىشگە ھەمدەمدە بولۇشىنى ئۆتۈنىمەن. ئۇلار بىزنى چاقىرماقتا:
ھەممىز قەلىپ ئىگىسى، قەلىب تەسەللىيسىگە مۇھتاجمىز!
ھەربىرىمزدە ئۆزىمىزگە تۈشلۇق غەم بار، بىز بۇ غەملەردىن خالاس بولۇشقا مۇھتاجمىز!
ھەممىمىز ئۈمىدىۋار غۇنچىلاردىن بىز، گۈزەل كىلەچەككە مۇھتاجمىز.
ئاپتۇرى: پەيزىۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچسى رەيھانگۈل ھېمىت
|