قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1263|ئىنكاس: 18

پايتەختتىكى ئاكا- ئۇكا كارتونچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

0

دوست

4411

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1535
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 828
تۆھپە : 802
توردىكى ۋاقتى: 236
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 12:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايتەختتىكى ئاكا- ئۇكا كارتونچىلار
پاتىگۈل سالى

ھاياجانلىق مىنۇتلار

  2005-يىلى بېيجىڭنىڭ ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى خېلى تۆۋەنلەپ قالغان چاغلار بولۇپ، بېيجىڭ كىنۇ ئىنىستىتۇتىنىڭ يىغىن زالى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بىلەن لىق تولغان ئىدى.

سەھنىنى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلاپ، ئاددىغىنە كىيىنىۋالغان، ئەمدىلا 18 ياشقا قەدەم قويغان  ئابدۇۋەلىجان كېرەم سەھنىگە چىققاندا غەلىبە شاتلىقىدن تولىمۇ ھاياجانلانغان ئىدى، مەكتەپ رەھبىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا قول بېرىپ تۇرۇپ: «مۇبارەك بولسۇن،  مەن چېغىمدا بۇ مەكتەپكە ئۈچ قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئاران دېگەندە ئۆتكەن ئىدىم، سەن تۇنجى قېتىمدىلا ئۇتۇغلۇق ئۆتتۈڭ، ئۈمىد سەندە، يەنىمۇ غەيرەت قىل!» دېدى. ئەتراپتىكىلەر «بارىكاللا ساڭا، ئەقىللىق شىنجاڭلىق» دېگەن تەبرىكلەشلىرى بىلەن ئۇنىڭغا ئاپرىن ئۇقىسا، بەزىلەرنىڭ سەھنىگە چىقىپ ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ مۇبارەكلەشلىرى ئابدۇۋەلىجان بىلەن ئانىسى سادەتخاننىڭ ۋۇجۇدىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە لەرزىگە سالدى، ئۇزۇن يىللىق تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگەن  بۇ ئانا – بالا ئىككەيلەننىڭ ھاياجانلىق ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ئىجتىيارسىز ئاقتى، ئۇلار غەلبە شاتلىقىدىن ئۆزىنى دۇنيادا تەڭداشسىز بەختلىك ھېس قىلماقتا ئىدى.  

 مانا بۇ بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتى كارتۇن فىلىم لاھىيەلەش –ئىشلەش كەسپىگە مەملىكەت بويىچە تاللاش ئىمتىھانىغا قاتناشقان 11 مىڭدىن كۆپرەك  ئوقۇغۇچى ئىچىدىن ئۈچ قېتىملىق تاللاش ئىمتىھانى ئارقىلىق تاللانغان 70 ئوقۇغۇچى ئىچىدىمۇ ئەلا نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنىپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىلغان ئاتا – ئاتا ۋە ئۇقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرغان قومۇللۇق ئابدۇۋەلىجان كېرەم ئىدى.

ئابدۇۋەلىجان مۇنداق دېدى: «رەھمەت سىلەرگە، بۈگۈن مېنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈشۈمدە ئۆزەمنىڭ تىرىشچانلىقىمدىن كۆرە،ئاتا- ئانامنىڭ، بولۇپمۇ ئانامنىڭ تۆھپىسى زور دېسەممۇ بولىدۇ، ھەتتا بۈگۈنكى ئىمتىھان مەيدانىدا رەسىم سىزىشقا كېرەك بولۇپ قالغان بوياق قەلەم ۋە قەغەزلەرنى ئانام ئالدىن تەييارلاپ ، مېنىڭ رەسىم سىزىش ئىمتىھانىنى ئوتۇغلۇق بېرىشىمگە شارائىت يارىتىپ بەردى، شۇڭا ئانامدىن كۆپ مىننەتدارمەن، ئانام مەن ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىدى، ئانام مەن ئۈچۈن ھەممىدىن ئۇلۇغ!..»-دېدى.

شۇنداق، ئابدۇۋەلىجاننىڭ مەملىكەت بويىچە ھەر 180 ئوقۇغۇچى ئىچىدىن، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا 45 ئوقۇغۇچىسى بار تۆت سىنىپ ئوقۇغۇچى ئىچىدىن پەقەت بىرنى تاللاپ قوبۇل قىلىشتەك شەرەپلىك ھەم تولىمۇ قىيىنغا چۈشىدىغان بۇ نەتىجە قولغا كەلتۈرەلىشىدە پەقەت ئۆزىنىڭلا تىرىشچانلىقىدىن قولغا كەلگەن بولماستىن، بەلكى ئانىسى سائادەتخاننىڭمۇ ھەقىقىي ئانىلارغا خاس ئۆزىنى خالىس بېغىشلاش روھىدىن كەلگەن ، ئەلبەتتە.

تەلەپچان ئانا
50 نەچچە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان، قارا قاشلىق، كۆزلىرى يوغان، تۇرقىدىن قەيسەرلىكى چىقىپ تۇرىدىغان، تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق –سوغۇقلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن، بەستلىك كەلگەن سادەتخان ئانا ئىش ئورنىدىن قالغان قومۇل  ئىشچىلار بازىرىدا كىيىم – كېچەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

 كىچىگىدىنلا ئاتا – ئانىنىڭ ئىللىق مېھرىدىن مەھرۇم قالغان، مەكتەپتىمۇ ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن سائادەتخان ئانا پەرزەنتلىرىنى بولسىمۇ بىلىملىك ئادەم قىلىپ تەربىيەلەشنى ياشاشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى قىلدى، پەرزەنتلىرى مەكتەپ يېشىغا توشۇشى بىلەنلا، ھەر ئىككى ئوغلىنى خەنزۇچە ئوقۇشقا بەردى، چۈنكى ئۇ خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلمەسلىكىنىڭ تىجارەتتە بولسۇن، باشقا ئىشلاردا بولسۇن زور قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ يەتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇ پەرزەنتلىرىگە ئوقۇتقۇچىدەك قاتتىق تەلەپ قويدى، بالىلىرىنىڭ ھەر كۈنلۈك كەچلىك ئۆگىنىشىدە ئالدى بىلەن ھەر قانداق ئىشىنى تاشلاپ بېشىدا قاراپ ئولتۇردى. تاپشۇرۇققا بېرىلگەن ھەر بىر دەرسنىڭ تېكىستىنى قايتا – قايتا ئوقۇتۇپ يادقا ئالدۇردى. بالىلار تاپشۇرۇق ئىشلەش، دەرس تەكرارلاش مەزگىلىدە ھەر قانداق بىرىنىڭ  تېلېۋىزورنى ئېچىشىغا قەتئىي يول قويمىدى.

كىچىكىدىن ۋۇجۇدىغا رەسىم سىزىش ئۇرۇقى چېچىلغان ئابدۇۋەلىجان تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپلا، ئۇنى – بۇنى سىزىشقا قىزىقاتتى ھەم سىزماقچى بولغان نەرسىسىنى سىزىپ بولمىغىچە ئۇخلىمايتتى. 

سائادەتخان ئانا ئوغلىنىڭ رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىقىشى توغرىسىدا توختىلىق مۇنداق دەيدۇ: «دەسلەپتە مەن بالامنىڭ رەسىمگە بۇنچىۋالا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلمەستىن، ئۇنى سەن تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئىشلىمەي، نەدىكى ئەسقاتمايدىغان بىرنېمىلەرنى سىزىپ يۈرىسەن، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىز رەسىم سىزمايسەن، دەپ ئەيىپلىسەم، ئۇ ئاغزىدا ماقۇل، دېگىنى بىلەن پۇتى بىلەن يەرنى جىجاپ يەنە رەسىم سىزىپ تۇرىدۇ، مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە: - توۋۋا، رەسىم سىزىشنىڭ جىنى چاپلاشتىمۇ ساڭا، سەن راستىنلا رەسىم سىزىشقا شۇنچىۋالا قىزىقامسەن؟،ـ دەپ سورىسام، ئۇ: - راست، مەن شۇنداق قىزىقىمەن، ئىشەنمىسەڭ، ساۋاغداشلىرىمدىن، مۇئەللىمدىن سوراپ باق، مەن تېخى رەسىم سىزىش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم، دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، بالامنىڭ قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلسام، قوللىسام بولغىدەك، دەپ ئۇنىڭ رەسىم سىزىشىغا يول قويىدىغان بولدۇم ھەمدە رەسىم سىزىشقا ئائىت ماتېرىياللارنى ئېلىشىغا پۇل بېرىپ، ئۇنى قوللايدىغان بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن بالامنىڭ زېھنى تېخىمۇ ئېچىلىشقا باشلىدى، ئۇ مەكتىپىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھۆسنىخەت يېزىش، رەسىم سىزىش قاتارلىق ماھارەتلىرى بىلەن داڭ چىقىرىشقا باشلىدى.

سائادەتخان ئانىنىڭ دېيىشىچە، ئابدۇۋەلىجان 8- 9 ياش چاغلىرىدىن باشلاپلا ياخشى سىزغان رەسىملىرىنى بەش مودىن بىر يۈەنگىچە  ساۋاقداشلىرىغا سېتىپ پۇل يىغىپ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى ئېلىپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ  تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيدىكەن.

ئابدۇۋەلىجاننىڭ تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرى ئىدى، بىر قېتىم دەم ئېلىش كۈنىدە ئۇ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولۇپ، ئانىسىغا كىتابخانىغا بېرىپ كېلىمەن، دەپ قويۇپ، كوچىدا تەشۋىقات ۋەرەقچىسى تارقىتىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، 100 يۈەن پۇل تېپىپ كېلىپتۇ ھەمدە ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە: ئاپا، سىز بىز ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتىۋاتىسىز، بۇ پۇلغا ياخشى كۆرگەن نەرسىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ -دەپ ئانىسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ، سادەتخان ئانا بۇ كۆيۈمچان بالىسىنىڭ بۇ ئىشىدىن تولىمۇ خۇش بولۇپ، بالامغا قىلغان ئەجرىم بىكارغا كەتمەپتۇ، دەپ ئابدۇۋەلىجاننى باغرىغا باسقاچ خۇشاللىق كۆز يېشىنى توختىتالماي قالىدۇ.

سائادەتخان ئانا ھەر كۈنى سەھەر ئورنىدىن تۇراتتى، بالىلىرىغا  ناشتىلىق تەييارلاپ، ئۇلارنى باشقا بالىلاردىن بالدۇر مەكتەپكە يولغا سالاتتى، ئۆزىمۇ ھەممىدىن بۇرۇن دۇكان ئاچاتتى. مۇشۇنداق جىددىي تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يەنى 1995-يىلى سادەتخان ئانىنىڭ يولدىشى كېرەم ئاكىنى يولدا بىر ماشىنا تۇيۇقسىز سوقىۋېتىش بىلەن  بۇ ئائىلىنى ئويلىمىغان يەردىن پالاكەت باسىدۇ.

شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سائادەتخان ئانا ئائىلىسىدىكىلەرگە كەچلىك تاماقنى يىگۈزۈپ بولۇپ، بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە نازارەت قىلىش ئۈچۈن، بالىلىرىنىڭ يېنىغا كىرەي، دەپ تۇرۇشىغا چوڭ ئوغلى ئابدۇۋەلىجاننىڭ: -ئۇكام، تاپشۇرۇقىڭنى تېزرەك ئىشلىگىن، بەك كەچ بولۇپ كەتسە، توك پۇلى جىق كېتىدۇ، دادام ئاغرىق تۇرسا، ئۆينىڭ ھەممە ئېغىر يۈكىنى ئاپام ئۆزى يالغۇز كۆتۈرۈپ بولالمايدۇ، - دەپ نەسىھەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. بۇ چاغدا بىر ئائىلىنىڭ يۈكى ئاز دېگەندەك، يولدىشىنىڭ مېيىپ بولۇپ قېلىپ، ئائىلە يۈكىنى بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەك دەرىجىگە يەتكۈزۈپ قويۋاتقان شۇ كۈنلەردە سائادەتخان ئانا بالىسىنىڭ بۇ گەپلىرىدىن تەسىرلىنىپ، بالىلىرىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولىدۇ.

  ئائىلىسىگە بولغان يۈكسەك مەسئۇليەتچانلىق ۋە چوڭقۇر مېھرى – مۇھەببەت سائادەتخان ئانىنى ئۈمىدلەندۈردى، ئىشەنچ ۋە جاسارىتىنى ئاشۇردى. ئۇنىڭ تۇرمۇشلۇق بولۇشتىن ئىلگىرىكى خىش زاۋۇتلىرىدا ئىشلەپ خىش سېتىش، جىگدە يىلىمى كولاپ يىلىم سېتىش قاتارلىق تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن ئاچچىق –چۈچۈك جاپا – مۇشەققەتلىرى ئۇنى ھەرقانداق قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان جاسارەتلىك ئايال قىلىپ تاۋلىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۈنلەر ۋە زور ئىقتىسادىي بېسىملار ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىدى.

 كېرەم ئاكىنىڭ پۇتى ئېغىر زەخىملەنگەچكە، قومۇلدىكى دوختۇرخانىلارمۇ كېسەلنى داۋالاشقا ئامالسىز قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن  سائادەتخان ئانا كېرەم ئاكىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، 10 ياشلىق ئابدۇۋەلىجان بىلەن سەككىز ياشلىق ئابدۇرېقىپجاننى باشقىلارغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن – بۇنىڭدىن پۇل ئۆتنە - ياغام قىلىپ، بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. يولدىشىنىڭ بىر پۇتى ئېغىر دەرىجىدە مېيىپ بولغاچقا سەپەر ئۈستىدە ھەم بېيجىڭدىكى دوختۇرخانىلارغا كۆرسىتىش جەريانىدا يولدىشىنى يۈدۈپ يۈرۈپ نۇرغۇن جاپالارنى تارتىدۇ، چىقىمنى تېجەش ئۈچۈن ئۆزى ئامال بار قۇرۇق نان  يەپ، قايناق سۇ ئىچىدۇ. شۇنداق قىلىپ سادەتخان ئانا 17 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق داۋالاش چىقىمى قىلىپ  بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە بېرىپ قالغان يولدىشىنى ئالتە ئايدا  ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالايدىغان دەرىجىدە ساقايتىپ قايتىپ كېلىدۇ.

كېرەم ئاكا ساقىيىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مېيىپلەر كىرا ماشىنسىنى ھەيدەپ كىراكەشلىك قىلىپ سادەتخان ئانىغا ھەمدەمدە بولۇپ ئائىلىسىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ، سائادەتخان ئانىمۇ ھاردىم – تالدىم دېمەي، ئىشچىلار بازىرىدىكى دۇكىنىنى ئېچىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشى  بالىلىرى يېنىدا زېرىكمەستىن ئولتۇرۇپ، بالىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشلىتىش، قايتا - قايتا تېكست يادلاتقۇزۇش بولىدۇ. ئابدۇۋەلىجانمۇ دەرسلىك كىتابلىرىنى پۇختا تەكرارلاشتىن سىرت، ۋاقىت تاپسىلا كىتابخانىغا بېرىپ كىتاب ئوقۇيدۇ، ئاتا –ئانىسى خەجلەش ئۈچۈن بەرگەن پۇللارنى يىغىپ قوشۇمچە كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ئوقۇيدۇ، رەسىم سىزىدۇ، ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزمەيدۇ.

قاتتىق تاللاش، زور ئۇتۇق
 بىر كۈنى ئابدۇۋەلىجان مەكتەپتىن خۇشال ھالدا قايتىپ كېلىپ ئاپىسىغا: - ئاپا، دادا، مەن بېيجىڭغا بېرىپ رەسىم سىزىشتىن ئىمتىھان بېرىمەن، بېيجىڭ كىنو ئىستۇدىيىسىگە مەملىكەت بويىچە كارتون فىلىم لايىھەلەش - ئىشلەش كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن،- دەپ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئېيتىدۇ.

ئابدۇۋەلىجاننىڭ رەسىم سىزىشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى ئاتا – ئانىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. 2005-يىلى قىشتا سائادەتخان ئانا ئۇكىسىدىن 5000 يۈەن قەرز ئېلىپ ئالدىن تاللاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان ئوغلى ئابدۇۋەلىجاننى ئېلىپ بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. سادەتخان ئانا يول بويى قۇرۇق نان، تەييار چۆپ يەپ يول ئازابى تارتسىمۇ، ئوغلىنى ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن تارتقان بۇ جاپالىرى ھىچقانچە بىلىنمەيدۇ، لېكىن ئۇلار بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن يېتىپ – قوپۇش ئىشى تولىمۇ تەسكە چۈشىدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ بىردىنلا، سائادەتخان ئانىنىڭ ئېسىگە بېيجىڭدىكى تەرجىمانلىق ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان بىر تونۇشى يادىغا كېلىدۇ ھەم ئۇلار شۇ كىشىنىڭ ياردىمىدە بىر قاراڭغۇ يەر ئاستى ئۆيىگە ئورۇنلىشىدۇ، بۇ ياتاقنىڭ مۇھىتى تولىمۇ ناچار بولۇپ، تۈزۈكرەك نەپەس ئالغىلىمۇ بولمايتتى، لېكىن ئانا – بالا ئىككەيلەن ئورتاق ئارزۇ ئۈچۈن، بۇ قاراڭغۇ ھەم زەيلىك ئۆيدە يېتىپ – قوپۇشقا رازى بولىدۇ.  

ئىمتىھان بېرىدىغان كۈنى، ئابدۇۋەلىجان ئانىسى بىلەن بىرگە ئىمتىھان مەيدانىغا كەلدى، ئەتراپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى.

ئالدىن تاللاش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە  ئابدۇۋەلىجانلا ئۇيغۇر ئىدى، بازىلەر ئابدۇۋەلىجاننى ئانىسى ئالدىدا قارىتىپ تۇرۇپ: -ھەي، شىنجاڭلىق بالا، سەن بۇيەرگە ئېزىپ كېلىپ قالمىغانسەن -ھە ؟!  بۇ سەن كېلىدىغان جاي ئەمەس، دەپ مەسخىرە قىلىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئابدۇۋەلىجان قاتتىق خورلۇق ھېس قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى يۇقىرى ئاۋازدا جاكارلايدۇ. يېنىدىلا قاراپ تۇرغان سائادەتخان ئانا ئوغلىغا تەسەللىي بېرىپ: - جېنىم بالام، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، بىز قانچىلىك يىراق جايدىن كەلدۇق بىلەمسەن؟ ئۆزۈڭنىڭ شىنجاڭلىق ئىكەنلىكىڭنى ئىمتىھاندا بۇ بالىلارغا بىر كۆرستىپ قويغىن-، دەپ بالىسىغا مەدەت بېرىدۇ.

ئانا- بالا ئىككەيلەن قەھرىتان قىشنىڭ جاندىن ئۆتكىدەك سوغۇقىدا بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت تۆتلەرگىچە ئۆچرەت ساقلايدۇ،  چۈنكى تاللاش ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچى 11مىڭدىن ئارتۇق ئىدى.     

تىزىملاشتىن كېيىن نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش، سوئالغا جاۋاب بېرىش ئىمتىھانى ئېلىنىشقا باشلىدى. ئابدۇۋەلىجان بىر رەسىمنى ئەمدىلا سىزىپ بولاي دەپ تۇرۇشىغا، بىر ئوقۇتقۇچى بىر بوۋاينىڭ ھاسا تايانغان ھالدا ماڭغان ھالىتىنى پەرقلەندۈرۈش تەس بولغان تېز ھەرىكەتتە ئىشارە قىلىپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى، بۇ چاغدا ئابدۇۋەلىجان ئۆزىنىڭ مول تەسەۋۋۇر كۈچىگە تايىنىپ ئۇنى بوۋاينىڭ تېز سىزما رەسىمى، دەپ جەزملەشتۈرىدۇ – دە، بايىقى ھەرىكەت شەكلىنى ئۇستىلىق بىلەن سىزىپ چىقتى، باشقا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بولسا بۇ ھەرىكەت شەكلىدە نېمە مەزمۇننىڭ ئىپادىلەنگەنلىكىنى ئاڭقىرالماي قولىدىكى رەسىم قەلىمىنى تۇتقىنىچە تۇرۇپلا قالىدۇ.

يەنە بىر تۈردىكى 30 نەچچە خىل  رەڭنى تەڭشەپ، تېز سۈرئەتتە رەسىم سىزىش تۈرىدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ تەييارلىقى بولمىغاچقا، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي قالىدۇ، ئابدۇۋەلىجانمۇ ئەمدى تۈگەشتىم، دەپ تۇرۇشىغا رەسىم سىزىشقا نېمىلەر كېرەكلىكىنى بالىسىنىڭ يېنىدا تولا ئولتۇرۇپ بىلىپ كەتكەن سادەتخان ئانا ئېھتىماللىق ئۈچۈن ئالدىن تەييارلاپ قويغان رەڭلەرنى كۆتەرگىنىچە بالىسىنىڭ يېنىدا پەيدا بولىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئابدۇۋەلىجان بۇ تۈردىكى ئىمتىھاندىمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ئابدۇۋەلىجان گەرچە رەسىم كەسپىگە دائىر ئىمتىھاننىڭ بارلىق تۈرلىرىدىن ئۇتۇغلۇق ئۆتكەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا ئىمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ ئويلاپمۇ باقمىغان نۇقتىدىن چىقىپ، ئاغزاكى سوئال سوراشلىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ:- سىز مەملىكىتىمىزدىكى 56 مىللەت ئىچىدىن چىققان بىردىن – بىر ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى ئىكەنسىز، ئۇنداقتا «نەسىردىن ئەپەندى» فىلىمى ئەڭ دەسلەپ قانداق شەكىلدە قويۇپ تارقىتىلغان؟

ئابدۇۋەلىجان بۇ سوئالدىن بىر ئاز تېڭىرقاپ قالىدۇ ۋە بىردىنلا: «نەسىردىن ئەپەندى» فىلىمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنىڭ ياغاچ قونچاق شەكلىدە قويۇلۇپ تارقىتىلغانلىقىنى سۆزلەپ بېرىدۇ. باھالىغۇچىلار بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ:- سىز شىنجاڭدىن كەلگەن بىردىن - بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، شۇڭا بىزگە «مۇز تاغدىن كەلگەن مېھمان» فىلىمىنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ بېرەلەمسىز؟ - دەپ ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى سىناپ كۆرمەكچى بولىدۇ.

ئابدۇۋەلىجان مەكتىپىدە «ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچى»، «كىتاب خۇمار بالا»، «داڭلىق رەسسام » بولۇپلا قالماي، ناخشىنىمۇ ياخشى ئېيتاتتى.

شۇڭا، ئابدۇۋەلىجان «گۈل نېمىشقا قىزىل» دېگەن ناخشىنى ھېسسىياتلىق ئېيتىپ بېرىپ، باھالىغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ ھەم ئەلا نەتىجە بىلەن تاللاش ئىمتىھانلىرىدىن ئۇتۇغلۇق ئۆتىدۇ ھەمدە شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، 0-تۈركۈمدە بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىنىڭ كارتون فىلىم ئىشلەش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئابدۇۋەلىجاننىڭ يىلىغا 21 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى ئوقۇش راسخۇدى ۋە ئېيىغا 800-700 يۈەنلىك  تۇرمۇش پۇلىنى غەملەش ئۈچۈن سائادەتخان ئانا بىلەن كېرەم ئاكا بىرلىكتە  كېچە – كۈندۈز دېگۈدەك توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

كىچىك ئوغلى ئابدۇرېقىپجانمۇ ئاكىسىنىڭ تەسىرىدىنمۇ قانداق، ئاكىسىغا ئوخشاشلا، گۈزەل سەنئەت جەھەتتە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ، ئاتا – ئانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى قايىل قىلىشقا باشلايدۇ.

بىر كۈنى ئابدۇرېقىپجان ئاپىسىغا:- ئاپا، مەنمۇ ئاكام بارغان مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشنى ئويلاۋاتىمەن، لېكىن ئائىلىمىزدە قىيىنچىلىق ئېغىر، سىلەر ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمەي قالامسىلەركىن، دەيدۇ.

 كىچىك ئوغلىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان سائادەتخان ئانا چوڭ ئوغلىنى ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ئېغىر يۈكنىڭ  يەلكىسىنى بېسىپ تۇرۇشىغا قارىماي:- مۇبادا شۇنداق ئارزۇيىڭىز بولسا، مەن ھەرقانداق قىيىنچىلىق تارتىشىمدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئوقۇتىمەن،- دەيدۇ ۋە 2009 –يىلى ئابدۇرېقىپجاننىمڭ ئالدىن تاللاش ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار يەنە ئانا –بالا ھېلىقى ئۆچرەت مەيدانىدا ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە ساقلاپ تۇرىدۇ، توساتتىن مەكتەپ رادىيوسىدىن: «شىنجاڭلىق ھەدە، ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىڭ»، دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، سائادەتخان ئانا تۇيۇقسىز چاقىرىلغان ئاۋازدىن چۆچۈپ، ئۇياق–بۇياققا قاراپ تۇرۇپ قالىدۇ، بۇ چاغدا بىرەيلەن سائادەتخان ئانىنىڭ قېشىغا كېلىپ قىزغىن كۆرۈشىدۇ ۋە قولىدىن يېتىلىگىنىچە نۆۋەتكىمۇ قارىماي تىزىملاش ئورنىغا ئېلىپ كىرىدۇ، تىزىملىغۇچىلار  بۇ ئانىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ: -ھەدە، سىز يەنە كېلىپ قاپسىزغۇ؟-دەيدۇ، بۇ چاغدا سائادەتخان ئانا: – مەن بۇ قېتىم ئىككىنچى ئوغلۇمنى ئېلىپ كەلدىم، بۇ ئوغلۇممۇ چوڭ ئوغلۇمغا ئوخشاش رەسىم سىزىشقا ئامراق،- دەيدۇ. تىزىمغا ئالغۇچىلار بۇ تونۇشلۇق ئانىغا بولغان ھۈرمەت يۈزىسىدىن ئابدۇرېقىپجاننى ئۆچرەتمۇ ساقلاتقۇزماي، ئىمتىھانغا ئالدىن تىزىملىتىپ، ئۇلارغا زور قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

بۇ قېتىم ئابدۇرېقىپجانمۇ ئاكىسىغا ئوخشاش نەچچە رەت تاللاش ئىمتىھانلىرىدىن غەلبىلىك ئۆتۈپ ئىمتىھان ئالغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرىدۇ  ھەم شۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ئاكىسى ئوقۇغان بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىنىڭ كارتون فىلىم لايىھەلەش - ئىشلەش كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ھازىر بۇ ئاكا – ئۇكا ئىككەيلەندىن ئاكىسى ئابدۇۋەلىجان مەكتەپ پۈتكۈزۈپ، بېيجىڭ لاڭدېفېڭ پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، «تيەنكاڭ»، «موجياۋدىكى رازۋىدچىك» كارتون فىلىملىرىنى مەسئۇل بولۇپ ئىشلەپ ياخشى باھاغا ئېرىشىدۇ. «دۇنيا ئاشلىق كۈنى»، «دۇنيا ئىس – تۈتەكسىز كۈنى»، «دۇنيا چىش ئاسراش كۈنى» قاتارلىق10دىن ئارتۇق ئېلان فىلىمى ۋە تەشۋىقات فىلىملىرىنى مۇستەقىل ئىشلەيدۇ، بۇ فىلىملەر مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە جياڭسۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلدى، ئۇ ھازىر يەنە ھەربىي ئىشلار توغرىسىدا كارتون فىلىم ئىشلىمەكتە. ئۇ بېيجىڭدا كارتونچىلىق ساھەسىدىكى بىلىملەرنى كۆپرەك ئىگىلەش بىلەن كېيىنكى قەدەملىك ئۇيغۇر كارتونچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پۇختا ئاساسىنى سالماقتا.

 ئابدۇرېقىپجانمۇ كېلەر يىلى ئوقۇشنى تاماملايدىغان بولۇپ، ئۇ ھازىر بىر تەرەپتىن كارتون فىلىم ئىشلەشكە دائىر نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى قېتىرقېنىپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە،  «نىڭبو - لېشىڭ» مەدەنىيەت چەكلىك شىركىتىدە قوشۇمچە ئىشلەپ ئوقۇغان بىلىمىنى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرمەكتە ھەمدە ئۇيغۇر كارتونچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز كۆڭلىگە پۈكۈپ تىرىشىپ كەسىپ ئىگىلەش بىلەن بولماقتا.

شۇنداق قىلىپ بۇ ئاكا –ئۇكا قېرىنداشلار بېيجىڭدا  شىنجاڭغا ۋاكالىتەن تۇنجى بولۇپ كارتونچىلىق ساھەسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان كارتونچىلاردىن بولۇپ قالدى. سائادەتخان ئانىمۇ ئىككى پەرزەنتىنى ئارزۇسىغا يەتكۈزۈش يولىدا جاپالىق ئەجرى  سىڭدۈرگەن ئۇلۇغ ئانىغا ئايلاندى.


 (رەسىملىرىنى يوللىيالمىدىم،قانداق يوللايدۇ؟ئۆگۈتۈپ قويساڭلار)
uyghuray

3

تېما

4

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 644
تۆھپە : 2999
توردىكى ۋاقتى: 862
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 07:23:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر كارتۇنچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا تەييارلانغان ئاكا-ئۇكىلارغا سالام!

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ ...

8

تېما

0

دوست

5617

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   12.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2264
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1310
تۆھپە : 831
توردىكى ۋاقتى: 521
سائەت
ئاخىرقى: 2015-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 10:55:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(رەسىملىرىنى يوللىيالمىدىم،قانداق يوللايدۇ؟ئۆگۈتۈپ قويساڭلار)
===========================================
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى ئاستىدىكى« قوشۇمچە» ئىقتدارىدىن پايدىلىنىپ يوللاڭ

بۇ ئاكا - ئۇكا كارتۇنچىلارغا تېخمۇ كۆپ ئۇتۇقلار تىلەيمەن ، تېما ئىگىسىگە رەھمەت !
rasim.jpg

23

تېما

0

دوست

4411

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1535
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 828
تۆھپە : 802
توردىكى ۋاقتى: 236
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 11:09:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرات تۇتقىنى  <ئابدۇرېقپ> ، مەشغۇلات ئىشخانىسىدىكى <ئابدۇۋېلى>
abduwalijan.jpg
ukisi.jpg
uyghuray

6

تېما

3

دوست

4696

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   89.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9254
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 695
تۆھپە : 983
توردىكى ۋاقتى: 411
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 11:27:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلىك ئۇكىلىرىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،تۇرمۇشىغا بەخىت،خىزمەت-ئۆگۈنۈشلىرىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە،ئاللا ئىگەمدىن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بارلىق ئىزدىنىشلىرىگە ئاسايىشلىق  ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. تېخىمۇ غەيرەت قىلىڭلار ئۇيغۇر ئوغلانلىرى....

184

تېما

15

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1919
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 6650
تۆھپە : 7647
توردىكى ۋاقتى: 1686
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:38:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەچچە يېرىدە بوغۇزۇم ئاچچىق بولدى. تىرىشچانلىق، ئاتا-ئانا مۇھەببىتى سىزلەرنى غەلبىگە ئېرىشتۈرۈپتۇ! ئۇيغۇر كارتونچىلىقىدىكى بوشلۇقنى قورۇقماستىنلا سىزلەرگە تاپشۇرساق بولغۇدەك...
چىنتۆمۈر باتۇر، ساڭقاڭ ئېشەك، ئۇرتوقماق، بارماق باتۇر، خېمىر باتۇر  ...ئوغۇزخان....دەك نادىر كىلاسىكلىرىمىز سىزلەرنى ساقلاپ تۇرىدۇ ئەمىسە!...غەيرەت قىلىڭىزلار !
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!

baxkilardin hapa buluxtin bur

4

تېما

0

دوست

1735

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   73.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13417
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 431
تۆھپە : 237
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:50:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنى ھەم يېڭى ھەم ھاياجانغا سالىدىغان ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە كوپتىن-كۆپ رەھمەت. ئالدى بىلەن پەخىرلىك، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئانىلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام، سىلەرگە، ئەجرىڭلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت. ئاللادىن سىلەرگە سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن. ئاندىن بۇ  ئىككى پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى ئاللادىن تىلەيمەن.

رەببىم دۈشمىنىمى قۇدىرەتلىك قى

12

تېما

1

دوست

4334

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6474
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 704
تۆھپە : 839
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:57:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنچىسى: چوڭ ئوغۇل 80 (بالىڭخۇ) خۇ، ئىككىنچى، كەنجى ئوغۇل 90 خۇ كەن ھە؟...
تىرىشىڭلار بوغۇلۇرۇم! غەلبە سىلەرگە مەنسۇپ!!!! ئۇيغۇر كارتونچىلىقىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈڭلار...پاك، ئەقىدىلىك ئۇيغۇر قىزلىرى مەڭگۈلۈك تاللىشىڭلار بولسۇن....شۇ تاپتىمۇ نۇرغۇنلىغان قىزلار سىلەرگە رام بوپ بوغاندۇ...دېسەم ئىشىنەمسىلە؟   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )