- تىزىملاتقان
- 2012-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-7-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2194
- نادىر
- 0
- يازما
- 157
ئۆسۈش
6.47%
|
جۇڭگو كارخانىچىلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو كارخانىچىلار جەمئىيىتى 2012-يىللىق جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىنى ئىلان قىلدى، جۇڭگو نېفىت خېمىيە سانائىتى گۇرۇھى 2011-يىلى 2 تىرلىيۇن 551 مىليارد 950 مىليۇن يۈەنلىك تىجارەت كىرىمى بىلەن ئۇدا 8 يىل تىزىملىكنىڭ ئەڭ بېشىغا تىزىلىپ كەلدى، جۇڭگو نېفىتى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى، سودا سانائەت بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، جۇڭگو كۆچمە ئالاقىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇشى بىناكارلىقى، جۇڭخەي نېفىتى قاتارلىقلار ئايرىم-ئايرىم ئىككىنچى ئورۇندىن ئونىنچى ئورۇنغىچە تىزىلدى.
بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگو نېفىت-خېمىيە گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىتى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى، سودا سانائەت بانكىسى قاتارلىق ئالدىنقى تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان كارخانىلاردىن باشقا ئالدىنقى ئونىنچى ئورۇنغا تىزىلغان باشقا كارخانىلارنىڭ ئورنىدا نىسپەتەن چوڭراق ئۆزگىرىش بولدى؛ جۇڭگو كۆچمە ئالاقىسى بەشىنچى ئورۇندىن ئالتىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، جۇڭگو تۆمۈريولى، جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى، جۇڭگو ئۆمۈر سۇغۇرتىسى قاتارلىق كارخانىلار ئالدىنقى ئونىنچى ئورۇندىن چۈشۈپ قالدى؛ قۇرۇلۇش بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا بەشىنچى ۋە يەتتىنچى ئورۇنغا تىزىلدى، جۇڭگو بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بىناكارلىقى، جۇڭخەي نېفىتى ئالدىنقى ئونىنچى ئورۇنغا كىردى.
گەرچە ئالدىنقى ئونىنچى ئورۇندا ئۆزگىرىش نىسپەتەن چوڭ بولسىمۇ ئەمما پۈتۈن 500 كارخانا ئىچىدە ئاران 38 كارخانىدا تىزىملىككە كىرىش ۋە چۈشۈپ قېلىش ئۆزگىرىشى بولۇپ، جۇڭگو كارخانىلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو كارخانىچىلار جەمئىيىتى جۇڭگودىكى 600 كۈچلۈك كارخانىنى ئىلان قىلغان 11 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ئۆزگىرىش بولۇپ قالغان، بۇ جۇڭگو كارخانىلىرى ۋەزىيىتىنىڭ نىسپەتەن مۇقىم ھالەتتە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
تىزىملىك بوسۇغىسىغا كىرىش جەھەتتە، بۇ يىل جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىگە كىرىش سوممىسى 17 مىليارد 510 مىليۇن يۈەن بولغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 3 مىليارد 310 مىليۇن يۈەن يۇقىرلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە تىجارەت كىرىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن كارخانىلارنىڭ سانى زور نىسپەتتە ئېشىپ 107 كارخانىغا يەتكەن. يەنى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 27 كارخانا كۆپەيگەن. جۇڭگو نېفىت-خېمىيە گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىتى قاتارلىق ئىككى كارخانىنىڭ تىجارەت كىرىمى 2 تىرلىيۇن يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.
تىجارەت ئۈنۈمى جەھەتتە، گەرچە بۇ 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ تىجارەت ئومۇمىي كىرىمى 44 تىرلىيۇن 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 23.6 پىرسەنت ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما كىرىم پايدا نىسپىتى 4.7 پىرسەنت بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1.07 پوئت تۆۋەنلىگەن، كاپىتال كىرىم نىسپىتى 1.6 پىرسەنت بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 0.32 پوئت تۆۋەنلىگەن.
دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ 500 كۈچلۈك كارخانىلار ئىچىدە ئىچكى قىسىمدىكى پەرق ناھايىتى زور بولغان. مەسلەن جۇڭگو نېفىت خېمىيە گۇرۇھىنىڭ كاپىتال كۆلىمى 1 تىرلىيۇن 750 مىليارد يۈەنگە، تىجارەت كىرىمى 2 تىرلىيۇن 550 مىليارد يۈەنگە يەتكەن، ئەمما 500-ئورۇندا تۇرغان خاربىن دورا گۇرۇھىنىڭ كاپىتال كۆلىمى ۋە تىجارەت كىرىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاران 18 مىليارد 65 مىليۇن يۈەن ۋە 17 مىليارد 507 مىليۇن يۈەن بولغان. |
|