بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aptapliq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-16 19:04
قەشقەردىكى ھەر بىر دېھقان ئائىلىسى 6 مىڭ يۇەندىن قەرز ئاپتۇ.
تەڭرىتاغ يانفۇن گېزىتىنىڭ 13-نورۇزدىكى خەۋەرىگە قارىغاندا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىپلىرى بىرلەشمىسى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئۈچۈن437مىڭ دېھقان ئائىلىسىگە 2مىليارد 700مىليون يۇەن قەرىز مەبلىغى تارقاتقان.
ئەمدى يوقارقى خەۋەرنى تەھلىل قىلساق. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 4مىليون نوپۇسنىڭ%40نى غەيرى يېزا ئىگىلىك نوپۇس(شەھەر–بازارئاھالىسى) دەپ ھېسابلىغاندا 1مىليون 600مىڭ ئادەم بولىدۇ. (2010-يىلدىكى سىتاتسېتكىغا ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمىمۇ مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە زور ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ شەھەر-بازار نوپۇس ئومۇمى نوپۇسنىڭ%40 دىن كۆپرەگىنى ئىگىلىگەن) قالدى 2 مىليون400 مىڭ نوپۇسنى دېھقان دىسەك ، ھەر بىر دېقھان ئائىلىسىدە 5 نوپۇس دەپ ھېسابلىغاندا 437مىڭ ئائىلە دېگەننىڭ ئۆزى 2 مىليون 185 مىڭ جان دېگەن بولىدۇ. بۇ تەخمىنەن قەشقەر دېھقانلىرىنىڭ%91نى ئىگىلەيدۇ، دېمەك بۇ قەشقەردە%90دىن كۆپرەك دېھقان قەرزگە تايانمىسا يەر تېرىيالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2 مىليارد 700 مىليۇن يۇەن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ قەرزى ھەر بىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6178 يۈەندىن توغرا كەلگەن بولۇپ، قەشقەر دېھقانلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا ئامانەت قەرز كوپراتىپلىرىنىڭ قەرز ئۆسۈمى %10 دىن يوقۇرى ئىكەن، يوقارقى 2 مىليار 700 مىليۇن قەرزنى قەشقەر دېھقانلىرى بۇ يىل كۈزدە تۆلەپ بولىدۇ دېسەك، ئەڭ تۆۋەن(ئىتىبار) بولغاندا قەرز ئۆسۈمىنى% 6 دەپ ھېسابلىغاندا قەشقەر دېھقانلىرى مۇشۇ بىر تۈرلۈك قەرز ئۈچۈنلا دىرىدىن باشقا ئەڭ ئاز بولغاندا 160 مىليون يۇەندىن كۆپرەك ئۈسۈم تۆلەيدىكەن.بۇنىڭدىن باشقا مۇتلەق كۆپ قىسىم دېھقانلارنىڭ ئەمىن ئۆي قورۇلىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەت ياردەم قىلغان قىسمىدىن باشقا دېھقان ئۆزى چىقىرىدىغان نەچچە ئون مىڭ يۇەننى ئۈستىگە ئېلىش ئىقتىدارى بولمىغاچقا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ماسلاشتۇرىشى ئارقىسىدا، كۆپلىگەن دېھقانلارغا ئۆي سېلىش ئۈچۈن نەچچە ئۇن مىڭ يۇندىن قەرزمەبلىغى بىجىرىپ بېرىلگەن. چارۋىچىلىق ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئالغان قەرزىمۇ خېلى كۆپكەن.تولۇقسىز سىتاتسىتكىلارغا ئاساسلانغاندا بۇ ئەھۋال جۇنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، كۆپ قىسىم دېھقانلارنىڭ قەرزى 10مىڭ يۇەندىن ، ھەتتا نەچچە ئون مىڭ يۇەندىن ئېشىپ كەتكەن، ئىگىلىنشىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 5000 يۇەن ئەتراپىدا ئىكەن.
دېھقانلارنىڭ پارتىيە،ھۆكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ،تېزراق قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ، بالدۇرراق ھاللىق سەۋىيەگە يىتىشىگە تىلەكداشمىز.
|