- تىزىملاتقان
- 2012-4-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-1-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1468
- نادىر
- 0
- يازما
- 66
ئۆسۈش
  46.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hapaer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-14 22:24
يىقىندىن بۇيان غەرىبكە بىرىش ساياھىتىگە كىتىدىغان چىقىم كۆپ بولۇپ كەتكەنلىكتىن ، ساياھەت كومىتىتى غەرىپكە نوم ئالغىلى بارىدىغان ئەزالارنى قىسقارتىشنى قارار قىلدى ، كومتىت قىسقارتىشنىڭ ئادىل بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەزالارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى توردا ئىلان قىلدى ،
1. قىياپەت ئالاھىدىلىگى
تاڭسىڭ : قاش - كۆزى جايىدا ، كىلىشكەن ، لىۋى قىزىل ، چىشى ئاق ، ئەدەپ - قائىدىلىك ،
باجىي : قاڭشالىق ،ئاغزى تاتلىق ، ئىسىلزادىلەرگە خاس سالاپەتكە ئىگە
شاسىڭ : قارا قاش ، يوغان كۆز ، بۇدۇر چاچ ، قامەتلىك ، قاۋۇل ، چوڭ سۈپەت ، كىلىشكەن ،
ۋۇكوڭ : بىگىز تۇمشۇق ، سەت ، كۆرۈمسىز ، دۈمچەك ، چىچىنى ئەتەي سېرىققا بويىۋالغان ،
2. خاراكتىر ئالاھىدىلىگى
تاڭسىڭ : مىجەزى ياخشى ، يىقىملىق ، ئىشنىڭ يولىنى بىلىدۇ ، غەرەز ئۇقىدۇ.
باجىي : ياۋاش ، ئىش تىرىمايدۇ ، چوڭلارنى ھورمەت قىلىدۇ ،
شاسىڭ : ئىشچان ، ئاددى - ساددا ،ئەستايدىل ، ئىچ مىجەز ، كەم سۆز ، چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىدۇ ،
ۋۇكوڭ : يولسىز ، ئۆكتەم ، بىشەم ، دائىم ئاجىزنى بوزەك قىلىدۇ ، باشقىلارغا تەھدىت سىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، ئۇستازىغىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ ،
3. خىزمەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى
تاڭسىڭ : ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەشكە مەسئۇل ، يول بويى شاگرىتلىرىغا يىقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ ئەتراپلىق تەلىم بىرىپ ماڭىدۇ ،
باجىي : ئاتقا يەم بىرىشكە مەسئۇل ، ئۆزىنى ئاچ قويسا قويىدىكى ئاق ئاتنى ئاچ قويمايدۇ ،
شاسىڭ : يۈك - تاققا مەسئۇل ، خىزمىتىنى مەسۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەيدۇ ، ئەزەلدىن بىرە نەسە يۈتتۈرمەيدۇ ،
ۋۇكوڭ : دائىم ئىش ئورنىدىن رۇخسەتسىز ئايرىلىدۇ ، يول بويى ئىش تېرىپ ماڭىدۇ ، ئاز بولمىغان ئەۋلىيا - مۇئەككەللەرنى ئاۋارە قىلىپ خىزمەتكە دەخلى يەتكۈزىدۇ ،
4. ئوقۇش تارىخى
تاڭسىڭ : بۈيۈك تاڭ ئىلىنىڭ بۇددا ئىنىستىتوتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ، پادىشاھ يارلىقى بىلەن چەتئەلگە چىققان
باجىي : ئەرىش ئوردىسىنىڭ ساقچى - ئوپىتسىرلار ئۇنۋىرىستىتىنى پۈتكۈزۈپ سەركەردە بولغان ،
شاسىڭ : ئەرىش ئوردىسىنىڭ ساقچى - ئوپىتسىرلار ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتكۈزگەن ، بىر مەزگىل ئىشلىگەندىن كىيىن ئەرىش ئوردىسىدا پەردە قايرىغۇچى لەشكەر بولغان ،
ۋۇكوڭ : ئەل ئارسىدا بىر ھۈنەرۋەندىن ھۈنەر ئۈگەنگەن ، ئىتىراپ قىلىدىغان دىپلومى يوق ،
5. ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى
تاڭسىڭ : بۈيۈك تاڭ ئېلى پادىشاھى بىلەن قول بىرىشىپ ئاكا - ئۇكا بولۇشقان ، يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسى ئاۋالوكسۇۋارا بۇدساتىۋا ، چەتئەلگە چىقىشقا كۆرسىتىلگەن بىردىنبىر نامزات
باجىي : سەركەردە بولغان چاغلىرىدا خىلى ئوبرۇيى بار نوپۇزلۇق ئەرباب ئىدى ، يۈرىن سۇلتان ، پەرىزات چاڭئې بىلەن باردى - كەلدىسى بار .
شاسىڭ : پەردە تارتقۇچى لەشكەر ۋاختىدا خىزمەتنى ياخشى قىلغانلىقى ئۈچۈن يۇرىن سۇلتاننىڭ ماختىشىغا ئىرىشكەن
ۋۇكوڭ : دوزاخ ئىلاھىنى ئۇرغان ، ئەجدەر شاھنى بوزەك قىلغان ، يۇرىن سۇلتاننى رەنجىتكەن ، ئەرىش ئوردىسىنى مالىمان قىلىپ ، لۈكچەك كالا دىۋە بىلەن ئاكا - ئۇكا بولۇشۇپ ، قارا جەميەتتىكىلەر بىلەن قويۇق ئالاقە باغلىغان ،
غەرىبكە ساياھەت كومتىتى غەرىپكە نوم ئالغىلى باردىغان ئەزالارنى قىسقارتىشتا يۇقۇرقىلارنى كۆزدە تۇتۇپ ، سۈن ۋۇ كوڭنىڭ غەرىبكە بېرىپ نوم ئىلىش سالاھىتىنى ئىلىپ تاشلىدى ، بۇ قارار بۈگۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە .
مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى
كەڭساي تورىدىن كۆرۈپ يوللاپ قويدۇم ، ھازىرمۇ شاسىڭ، تاڭسىڭ، باجىغا ئوخشاشلار ئەتىۋارلىنىپ سۇن ۋۇكۇڭدەك تالانت ئېگىلىرىنى چەتكە قاقىدىغان ئىشلار يوقمۇ ئەمەس .
http://www.kangsay.com/ArtRead.asp?articleid=3970
|
|