قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: ziya

قاسىم سىدىق:كونا ئىدىيە يىڭى ئىدىيەنىڭ باھالىغۇچىسى بولالمايدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

73

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 10229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2616
تۆھپە : 24295
توردىكى ۋاقتى: 9271
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 10:29:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

4维空间或比4维时空更准确ــــــــــ بۇ ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان تۈپ ئىدىيە شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ زامان(ۋاقىت) ھەققىدىكى مەۋقەسى بىلەن بىردەك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە زاماننىڭ ئوبىكتىپ مەۋجۈت ئىكەنلىكىدىن ۋاز كەچكەندە، زىنو پارادۇكىسلىرىنى ھەل قىلىش مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى نوقتىنەزەرلىرىمۇ شەكىل نەزەرىيىسى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگەئىكەن.شەكىل نەزەريىسى ئوبىكتىپ زاماننىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىگى ۋە مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ زىنۇ پارادوكىسلىرىنى ھەل قىلىش مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى  1990-يىلى ئۇتتۇرىغا قويغان.چەتئەللىكلەر ئوخشاش ئىدىيەنى 21 يىلدىن كىيىن ،يەنى2011-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.
تورداشلارنىڭ ۋە شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقاتىغا قىزىققۇچى، قاتناشقۇچىلارنىڭ بۇ نوقتىغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
                      قاسىم سىدىق
                      2011-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى.


4维空间或比4维时空更准确
http://www.stdaily.com   2011年05月28日  来源: 科技日报  作者: 常丽君

bagdax

73

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 10229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2616
تۆھپە : 24295
توردىكى ۋاقتى: 9271
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 11:58:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-12 06:56  

ھەر قانداق جىسىمنىڭ مەۋجۇتلىگى جەزمەن مۇئەييەن پايدىلىنىش سىستىمىسىغا ئېھتىياجىلىق بولىدۇ،بۇ خىل پايدىلىنىش سىستىمىسى بىزنىڭ جىسىم ھەركىتى ۋە مەۋجۇتلىگىنى تەسۋىرلىشىمىزدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.پايدىلىنىش سىستىمىسى بولمىسا جىسىمنىڭ مەۋجۇتلىگىنى تەسۋىرلىگىلى بولمايلا قالماي،ئۇزنۇۋىتىدە يەنە جىسىمنىڭ مەۋجۇتلۆك شەكلىنى بىلىشكىمۇ ئامالسىز قالىمىز.

_________ ئېينىشتېيىن: "نىسبىلىك نەزەريىسى"-جۇشۇجىڭ،شۇيوجىڭ تەرجىمە قىلىپ تۇزگەن.بىجىڭ نەشىريات گۇرۇھى شىركىتى ۋەبىجىڭ نەشىرياتى، 2012-يىلى 5-ئاي 1-نەشىرى،1-باسمىسى ،5-بەتتىن ئېلىندى.

ھەببەللى،ئېينىشتېيىن ئالىمىگىمۇ ئوخشاش تەلەپ قويۇلىدۇ.ئېينىشتېيىن ئالىمى "ئاق قەغەز مودىلى"دىكى Aچەمبەرگە يىغىچاقلانغان ئەھۋالدا B چەمبەر ئارقا كۇرۇنۇشكە،نىيوتۇنچە ماكانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
"ئاق قەغەز مودىلى"غا نىسبىلىك پىرىنسىپى ئۇزى يول قويۇدۇ.ئازراقمۇ تەدبىقلاش ئىقتىدارى بولمىغان بەزى ئەپەندىلەر بۇ نۇقتىنى ھەرقانچە قىلساقمۇ چۈشەنمەيۋاتىدۇ!.



http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=10920&page=1&extra=#pid48871

73

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 10229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2616
تۆھپە : 24295
توردىكى ۋاقتى: 9271
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 14:39:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-11 20:07  
mobul يوللىغان ۋاقتى  2013-4-10 10:07
بۇ دېگەن نىسپىلىك، ئەمدى ئىنكار فورمۇلالارنى كوروپ با ...

mobulئەپەندىم، ئېتىشىڭىزچە سىز ھەم ماتىماتىكىچى ھەم فىزىكىچى ئىكەنسىز،مەن ماتىماتىكمۇ ،فىزىكمۇ ئەمەس.سىز فۇرمۇلا،تەڭلىمەنى موھىمنىڭ مۇھىمى قاتارىدا كۇرۇدىكەنسىز،مەنمىغۇ موھىم بىلىمەن. لىكىن ،مۇقەددەس ،مۇتلەق توغرا دەپ قارىمايمەن.ھەرقانداق بىر ماتىماتىكىلىق ياكى فىزىكىلىق ئىپادىنىڭ كەينىدە ھارغىچە لوگىكىلىق ئىدىيە،ئەمگەك ۋە قاراشلار بار دەپ قارايمەن.گىپىمگە ئىشەنمىسىڭىز ئىككىمىز مۇنازىرىلىشىپ باقايلى.سىزنى ئىلاھى مۇجىزە سۇپىتىدە چۇقۇندۇرغان تۇۋەندىكى تەڭلىمىنى ئوپىراتسىيە قىلىپ كۇرسەك بولىدۇ.ئالدى بىلەن سىزماڭا تولا تەڭلەيدىغان تۇۋەندىكى تەڭلىمىنىڭ ئەزالىرىنى قىسقىچە ئىزاھلىۋىتىڭ،ئەمدى يەنە قىچىپ كەتسىڭىز سەت تۇرىدۇ.ئىزاھلىرىڭىزنى كۆتىمەن!،مانا سىز ماڭا تەڭلىگەن تەڭلىمە:


E=Mc^2

ھەر بىر ئىپادىنى،ئەزانى قىسقىچە تونۇشتۇرۇڭ،ئىزاھلاڭ!

73

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 10229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2616
تۆھپە : 24295
توردىكى ۋاقتى: 9271
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 18:39:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-11 18:45  

bagdax

73

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 10229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2616
تۆھپە : 24295
توردىكى ۋاقتى: 9271
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 07:00:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-12 12:29  

..نىيوتۇن ئېفىرىنىڭ يەنە بىر موھىم خۇسۇسىيىتى بار ،ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۆزلۆكسىزلىگى ،بۇ خۇددى ئوڭاي كۆرگىلى بولىدىغاندەكلا.بىراق،ئۇنىڭ ئارقىسىدا مۇنداق ئىنتايىن موھىم بىر ئەھۋال بار:ئەگەر ئېفىر تۇتاش بولماستىن، تارقاق بولىدۇ دەپ قارالسا،ئۇ ھالدا ساقلانغىلى بولمايدىغان ھالدا ئېفىر زەررىچىلىرى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى مەۋھۆم بوشلۇقنى كەلتۆرۆپ چىقىرىدۇ.

ــــــــــــ رېدنىك،«مەيدان» ـ40-41-بەتلەر.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
رېدنىك «نىيوتۇن ئېفىرى»نى مۇھاكىمە قىلغاندا يۇقۇرقى يەكۇننى چىقارغان.ھازىر،كۋانىت نەزەريىسى،مەيدان زەررىچىلىرى نۇقتىسىدىن قارىساق، ئەھۋال دەل شۇنداق.ھالبۇكى، بۇ مەسىلە ئېينىشتېيىننىڭ ماكان ئۆزلۆكسىزلىگى بىلەن كەسكىن زىددىيەت شەكىللەندۈرۈدۇ.بۇ زىددىيەتنى پەقەت ئاق قەغەز مودىلىدىكى Bتەكشىلىكنى(نىيوتۇنچە مۇتلەق ماكان ـ يوقلۇقنى) قايتا ئېلىپ كىرىش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
يەنە شۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۆشكە بولىدۇكى،ئېينىشتېيىن كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىدە تەشەببۇس قىلغان"ئېفىر' ماھىيەتتە نىيوتۇن بوشلىغى(شەكىل نەزەريىسىدىكى "يوقلۇق")نىڭ ئۇزى شۇ.فىزىكىغا يەنە ھەررەڭ-ھەرشەكىلدىكى"ئېفىر"لارنىڭ ھاجىتى يوق.نىيوتۇنچە ھەقىقى بوشلۇق "مۇتلەق ھەركەت"نىڭ تاشقى شەرتى.بۇنداق بوشلۇقنىڭ مەۋجۇتلىگى ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە سىر ئەمەس."ئاق قەغەز مودىلى"دىكى Bتەكشىلىك بۇنداق رىياللىقنى رۇشەن ئىپادىلەيدۇ.يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۇزگەرمەسلىكى پىرىنسپى ماھىيەتتە مۇتلەق قىممەت،مۇتلەق ھەركەت ئىدىيىسىدىن ئىبارەت.بۇ خىل مۇتلەقلىق تەبىئى ۋە مۇقەررەر ھالدا مۇتلەق پايدىلىنىش سىستىمىسى بولغان نىيوتۇنچە بوشلۇقنى تەقەززا قىلىدۇ.بۇ مەنزىرىدە شەكىل نەزەريىسىنىڭ"نىسبىلىك ئىككى مۇتلەقلىقنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ"دىگەن تەشەببۇسى ئۇزىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىگىگە پاكىت كۇرسەتكەن بولىدۇ.
*

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17546
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 15:54:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىددىق ئەپەندىنىڭ«شەكىل» نەزەرىيەسى(پەرىزى) گە بولغان قاراشلىرىم
بىلىكيار تەخەللۇسىدىكى تورداش نىڭ  « مۇكاپاتلىق ئىلمىي تەنقىت قوبۇل قىلنىدۇ» غا جاۋاپ
بىلىكيار ئەپەندى «كائىنات» مۇنبىرىدە قاسىم سىددىق ئەپەندىنىڭ «شەكىل» نەزەرىيەسى(پەرىزى) گە قارىتا، قوللىغانلار ياكى ئىنكار قىلالىغانلارغا نىسبەتەن بىرقىسىم شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن، كەمىنە بىلىمىم چولتا بولسىمۇ ئازراق بىرنىمە دەي دېگەن مەخسەتتە بۇ يازمامنى كوپچىلىككە سۇندۇم، ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلىنسا.
تەبئىي پەن بىلەن شۇغۇنلۇنۇش بىز ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۈچۈن بىر پەخىرلىك ئىش، كەڭ ياشلار قاسىم سىددىق ئەپەندىنىڭ ياشىنىپ قالغاندىمۇ ئىلىم- پەن بىلەن شۇغۇنلىنىشدەك خىسلىتىنى ئۆرنەك قىلسا بولىدۇ.لېكىن پەن دېگەن پەن، قىلچە ساختىلىقنى، مەن-مەنچىلىكنى ۋە سۆزمەنلىكنى ئېتراپ قىلمايدۇ. مەن ئاتالمىش «شەكىل» نەزىريىسىنى قايتا- قايتا ئوقۇپ چىقتىم، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار بولسا  ئادەتتىكى كىشىلەر ئوقۇسا راستتەك ياكى بىر ئولۇق قەدەم تاشلانغاندەك بىلىنىدىغان، ئەمما بىرسىنىڭمۇ ئىسپاتى بولمىغان پەرەزلەر دۆۋىسىدىن ئىبارەت ئىكەن.بۇ يازمىغا نىسبەتەن كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ توغرا چۈشۈنۇپ، ئىلمىي پوزۇتسىيەدە بولۇشىنى، ئادىل باھالىغۇچىدىن بىرنى تېپىپ بىلىكيار ئەپەندى ۋەدە قىلغان سوممىنى (ئەلبەتتە سومما مۇھىم ئەمەس ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ تولۇق توغرا ئۇچۇرغا ئېرىشىشى مۇھىمدۇر) نەخ جايىغا يەتكۈزۈلىشنى ئۆمىد قىلىمەن!
قاسىم سىددىق ئەپەندى بايانىدا، شەكىل نەزەريىسىنى تەنقىت قىلىشتا بىر پۈتۈن نەزەريە سىستېمىسى بىلەن ھەپىلىشىشنىڭ ئورنى يوق.پەقەت ئۇنىڭ ئۈچ ئوقۇمى،بىر مودىلى ئىلمى تەنقىت بىلەن ئاغدۇرولسا شەكىل نەزەريىسى غۇلاپ چۈشۇدۇ دەيدۇ.ئۇلار:

«1."فىزىكىلىق شەكىل"ئۇقۇمى ۋە ئاساسلىرى؛
2. ئۇقۇمى ۋە ئاساسلىرى؛
3."مۇتلەق ھەجىم"ئۇقۇمى ۋە ئاساسلىرى؛
4. "ئاق قەغەز مودىلى"ۋە ئاساسلىرى» دۇر.

نەزەرىيە ۋە مەنتىقە جەھەتتىن مۇشۇ تۆتىنىڭ بىرسى ئىنكار قىلىنسا قالغانلىرىمىۇ تەبئىيلا كۈچتىن قالىدۇ.
1-شەكىل ئۇقۇمى ئادەتتە مۇئەييەن گېئومېتىرىيەلىك تۈزۇلۇشكە ئىگە بولغان بوشلۇقتىكى مەنزىل دىن ئىبارەت، شەكىل دېگەن فىزىكىلق شەكىل ياكى خىمىيەلىك شەكىل دەپ ئايرىلماسلىقى كېرەك! ئۇ يېپىق تىپلىق شەكىللەر گورۇپىسى(نوقتا،كېسىك دېگەنلەر بىر ئولچەملىك. چەمبەر،كوپ تەرەپلىك دېگەنلەر ئىككى ئولچەملىك.  شار ،كوب دېگەنلەر 3 ئۆلچەملىك)، بىلەن ئوچۇق تىپلىق شەكىللەر ( تەكشىلىك، تۇزسىزىق،پارابولائىد...) گورۇپىسىغا بولۇنىدۇ.شەكىل نەزىريىسى گەرچە شەكىلسىز ماددا يوق دېگەننى چىقىش قىلىپ تەپەككۇر يۇرگۇزگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ كىچىك بولغان «ئېىين» نى بىراقلا ئوتتۇرغا چىقىرىپ، مۇتلەقلەشتۇرۇپ، ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى «ئېىين» نىڭ پۈتۈن سان ھەسسىسى بويىچە سۆرەتلەپ،فوتۇننىڭ يۇتۇلۇشى ۋە قوزغۇلىشى، ماگىنىت مەيدانى ، تارتىشىش مەيدانى ، مۇسبەت مەنفى زەرەتلەر دېگەنلەر بىلەن زىتلاشتۇرۇپ قويغان. ئادەتتە مىكرو زەرىچىلەرنىڭ بايقىلىش تارىخىغا قارايدىغان بولساق،ھەممىسى مۇقىم تەجىربە ئاساسىدا،يۇقرى ئېنىرگىيەلىك تېزلەتكۈچلەرنىڭ يارىدىمىدە چۇڭقۇر كۇزۈتىش ۋە دەلىلەش بىلەن تەھقىقلەنگەندۇر. «ئېىين»نىڭ مۇتلەق بولۇپ قېلىشى ھېچقانداق تەجىربە ۋە تەڭلىمىنىڭ ۋاستىسىسىز تۇرغۇزۇلغان،بۇ بولسا مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇرۇۋاتقان ماسسا ئېنىرگىيە پىرىنسىپى، ماكان - زاماننىڭ ۋە ماسسىنىڭ نىسپىلىك قائىدىسىگە قەتىي خىلاپ بولغان تۇرغۇ بولۇپ قەتىي ئىلمى ئاساسى يوق.
نىسپىلىك پىرىنسىپى ئاللىقاچان  ماتېماتىكىلىق يول ۋە يۇقرى ئېنىرگىيەلىك تېزلەتكۇچ ھەمدە قۇياش تولۇق تۇتلغاندىكى ھادىسىلەر بىلەن تولۇق ئىسپاتلاندى.يادرو تېخنىكىسى بولسا دەل نىسپىلىك  ۋە ماسسا ئېنىرگىيە مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ(ئەلبەتتە باشقا تېخنىكىلارمۇ بار) روياپقا چىققان. ئۇنى تولۇقلاشغا بولىدۇكى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.بىر ئاللاھ تىن باشقا مۇتلەق ماددا قەتئي مەۋجۇت ئەمەس(3-پەرەز ئۇچۇن)،تېزلىك نىسپىلىكنىڭ ئاساسى!
2- "ئارقا كۇرۆنۆش" بولسا بىر سوبىكتىپ سۆز بولۇپ، ئۇ ھەرقانداق تەسەۋۋۇردىكى ئوبىكتىپ مەۋجۇتلۇق باشقا بىر ئاقا كۆرنۇشكە ئىگە دەپ قارايدۇ.ئىككى ماددا ئوتتۇرسىدىكى تارتىشىش مەيدانى، زەرەتلەر ئوتتۇرسىدىكى تېپىشىش ، ماگىنىتنىڭ ئوخشاش قۇتۇپلىرىنىڭ تېپىشىشى ۋە قارمۇ-قارشى قۇتۇپلىرىنىڭ تارتىشىشى قاتارلىقلارنى قانداقتۇر بىر ئارقا كۆرۇنۇش چۈشەندۇرۇپ بېرەلمەيدۇ، مەيداننىڭ باشقا بىر ئارقا كورىنىشى بولمايدۇ.بۇنى ماكاننىڭ ئەگرىلىكى دىيش كېرەك.مۇسپەت مەنفى زەرەتلەر تەڭ مەۋجۇت بولغان سېستىمىنىڭ (مەسىلەن بىر پارچە تاشنىڭ) سىرتقا قارىتا روشەن زەرەتلىك خۇسۇسىيەتنى ئىپا دىلىمەسلىگى، مۇسپەت ئەگرىلىك بىلەن مەنفى ئەگرىلىكنىڭ ييىيىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئەگەر مۇسبەت(مەنفى) زەرەتنىڭ ئەتراپىدىكى تارتىشىش مەيداىنى قاسىم سىددىق ئېيتقان «ئېين» لاردىن تۇزۇلسە،ئۇھالدا (نېيتىرال سېستىمىدا)تارتىشىش مەيدانى ۋە  تېپىشىش مەيدانى يىيىشىپ كەتمەسلىگى كېرەكتى،  ماگىنىت مەيدانى  ئوبىكتىپ شەكىلگە ئىگە بولسا، ئۇنداقتا  توك توختىسا ماگىنىت مەيدانى يوقاپ كەتمىسە بولاتتى، ئەگەر ماگىنىت مەيدانى مەۋجۇت بولمىسا ئۇ شەيئىلەرگە تەسىر قىلمىسا بولاتتى . ئوڭ قول ۋېنت قائىدىسىنى ئارقا كورنۇش دېگەنلەر بىلەن چۈشەندۇرگىلى بولمايدۇ.
3- "ئاق قەغەز مودىلى" بۇمۇ بىر سىرلىق ئەمما ئىچى قۇپقۇرۇق، پەقەتلا ئاساسى يوق بولغان بىر پەرەز. ئۇ ھامان ھازىرغىچە مۇستەھكەم پۇت دەسسەپ تۇرۇۋاتقان ئالەملىك تارتىشىش كۇچى قانۇنى ۋە كولۇن قانۇنىغا قەتىي زىت بولۇپ، سىرلىق قىلىپ ماكاننى ئېينىشتېيىن ۋە نيوۋتوندىن ئىبارەت ئىككى ئالىمغا«بۆلۈپ» بەرگەن.ئا رايوندىكى ماسسا ب رايونغا تەسىر قىلمامدۇ؟زەرەتچۇ؟ بۇ ئېنىقلا خاتا بولغان پەرەز.
قاسىم سىددىقنىڭ قاراشلىرىدا ئومۇمەن «چوڭ سەكرەپ» ئىلگىرىلەش خاھىشى باشتىن ئاخىرى ساقلانغان،« `ئورۇنلۇق بولىدۇ`، `لوگىكىغا ئۇيغۇن`، ` دەپ قارايدۇ`... »لار  پاكىتسىزلا،ھېچ كۈچىمەيلا ئوتتۇرىغا چىقىۋەرگەن، ناھايىتى ئاسانلا  ئوزى دەۋالغان «ئين» غا مۇتلەق ماسسا،  مۇتلەق ھەجىم نىسبەت بەرگەن. ماسسا ئېنىرگىيە فومۇلىسى،      تارتىشىش كۇچ قانۇنلىرى، ماسسا ۋاقىت ئۇزۇنلۇقنىڭ نىسپىلىك فورمۇلىسى قاتارلىقلارئىنكار قىلىنماي تۇرۇپ مۇتلەق ھەجىم مۇتلەق ماسسىدىكى ھەممە بەپ «ئېين»نى قەتىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.
ھەركەتلا بولىدىكەن مۇتلەق ماسسا، مۇتلەق شار مەۋجۇت بولمايدۇ.بۇنىڭدا داۋاملىق لوگىكىنىڭ گېپى قىلىنغان ھال بۇكى ماتېماتىكا سېستىمىسىنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ لوگىكا سېستىمىسى ئىدى.لوگىكىنىڭ يەرىدىمىدە ئەمەس بەلكى يۇقرى ئېنىرگىيلىك تېزلەتكۇچ ئارقىلىق ئاندىن يېڭى زەرىچىلەرگە ئېرىشكىلى بولىشى مۇمكىن.
بىز ئالىم مۇتلەقلىقنى ئەلبەتتە قوبۇل قىلمايمىز، ئەمما باش پاشتاقلىق بىلەن خالىغانچە قىلىنغان تەسەۋۋۇرنى ئويغۇر ئىلىم ساھەسىدە نەزەرىيە يۇكسەكلىكىگە كۆتۇرۇپ ئاممىنى ئالدىشقا قول قويۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرالمايمىز!
«شەكىل» (پەرىزى دېگەن تۇزۇك) نەزىريىسى ئەسلىدىنلا نوپۇزلۇق سالاھىيەتلىك ئورۇن تەرىپىدىن باھالىنىشى كېرەك، ئۇ تېخى تىكلەنمىدى، شۇڭا ئاغدۇرۇش دېگەنمۇ مەنىسىز بىر گەپ بولۇپ قالىدۇ.تارىختىن بېرى لوگىكا دېگەن شۇ ماتېماتىكىن ئىبارەت بولۇپ كەلدى، ماتېماتىكا ئوبىكتىپ دۇنيانىڭ لوگىكىلق ئابىستىراكىتلىنىشىدىن ئىبارەت،ئىسپاتنىڭ كۆۋرۈكىدىن ئوتكۇزمەي، تەجىربىنىڭ تارازىسىدا ئۆلچىمەي تۇرۇپ بىر پەرەزنى قانداقمۇ نەزەرىيە دېگىلى بولسۇن، ئەگەر ماگىنىت مەيدانى شەكەلگە ئىگە بولسا ئونىڭ شەكلى،ھەجىمى، زىچلىقى ،تېزلىكى ۋە ئۇ ئوزئىچىگە ئالغان ماددنىڭ پارامېتىرلىرى بۇلۇشى لازىم، توك توختىسا يوقاپ كەتمەسلىگى كېرەك.
«شەكىل» نەزەرىيەسى ئۆزىمۇ بۇخىل قاراشنىڭ نيوتۇن مېخاينىكىسى،كۋانت مېخاينىكىسى ۋە كەڭ-تار مەنىدىكى نىسپىلىك پىرىنسىپلىرىغا زىت ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلىدۇ،ئۇنىڭ ئويلىغىنى دادىل قەدەم تاشلاش ، لېكىن قەدەم دېگەنمۇ مەنتىقە ۋە ئىسپات ئاساسىدا بولۇشى كېرەكتە، بۇ كىچىك بالىمۇ بىلىدىغان ئەقەللى تەلەپ!
ھازىرغىچە مەن«شەكىل» نەزەرىيەسى بابىدىكى مۇنازىرىلەرنى كوپ كورگەن بولساممۇ، بىرەركىم چىقىپ فىزىمات ئۇسۇلىدا ماۋۇ مۇنداق بولىدۇ دېمىدى،ھەممىسى شۇ توردىن كورۇۋالغان ئۇنداق- مۇنداق ئەپقاچتى گەپلەركەن.ئەلۋەتتە پەرەز دېگەننى قانداق قىلىش، قانداق ئويلاش ھەركىمنىڭ ئوز ئىختىيارلىقىدا. ھەر ھالدا قاسىم سىددىق مۇئەللىمنىڭ ياشىنىپ قالغاندىمۇ تەبىي پەن ئۇستىدە ئىزدىنىش روھى كەڭ يەشلىرىمىزنىڭ ئوگۈنىشىگە ئەرزىيدۇ!
«شەكىل» نەزەرىيەسى خاتا بولغان پەرەز! مەيلى كىم بولسۇن يۇقارقى تەھلىلەرگە گەپدانلىق بىلەن ئەمەس، فىزىكا-ماتېماتىكا ۋە تەجىرىبە نۇقتىسىدىن چىقىپ  ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، سالاھىيەتلىك باھالىغۇچى ئارقىلىق جاۋاپ بېرىشىنى سەمىمىلىك بىلەن ئۆمىد قىلىمەن.
قوشۇمچە:
«شەكىل» نەزەرىيەسىنىڭ يادرولۇق پەرىزى «ئېين» بولۇپ، پۇتۇن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان تەجىربىلەردىن تالاي قېتىم ئۆتكەن فىزىكا –خىمىيە فورمۇلالىرىنى چۈشەندۇرەلمەيدۇ،ئۇلارنىڭ مۇھىمراقى ماۋۇلار:
1- ماسسىنىڭ نىسپىلىكى:
⊿m=m0/[1﹣(v/c)2](1/2)  بۇيەردە ⊿mبولسا تېنچ ماسسىسى m0 بولغان ماددىنىڭ v تېزلىككە يەتكەندىكى ماسسىسى،  c ۋاكوئومدىكى نۇر تېزلىكى.
2- ھەركەت يونۈلشىدىكى ئۇزۇنلۇقنىڭ نىسپىيلىكى:
⊿l=l0•[1﹣(v/c)2](1/2)بۇيەردە ⊿l بولسا ھەركەت يونۇلىشىدىك تېنچ ئۇزۇنلىق l0 بولغان ماددىنىڭ v تېزلىككە يەتكەندىكى ئۇزۇنلىقى.
3-كولۇن قانۇنى  ۋە  ئالەملىك تارتىشىش قانۇنى:
F=Qq/r2  ،    F=Mm/r2 .
4-ماسسا ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى:
E=mc2 بۇيەردىكىm بولسا خورىغان(ئېنىرگىيەگە ئايلانغان) ماسسا،  E بولسا ماسسا بەدىلىىگە كەلگەن ئېنىرگىيە.
5-فوتوننىڭ يۇتۇلىشى:
ئادەتتە فوتۇنلار ھەركەت جەريانىدا ئاتوم يادروسىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان توۋەن ئېنىرگىيە ھالىتىدىكى ئېلىكترونلار تەرىپىدىن يۇتۇلۇپ قوزغىلىش ھالىتىگە ئۆتىدۇ
h≈6.62×10 (﹣34) J•s،    E=hv بۇ يەردە h بولسا پلانىك تۇراقلىغى، v بولسى فوتۇننىڭ (ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق زەرىچىنىڭ) دولقۇن چاستوتىسى، E بولسا فوتۇننىڭ (زەرىچىنىڭ) ئېنىرگىيەسى.
6-ماگىنىت مەيدانى:
               (I=qvB) ، H=B/μ0﹣M  بۇيەردە H بولسا ماگىنىت مەيدان كۈچۈنىشلىگىنى، Bبىرلىك يۇزدىكى ماگىنىت زىچلىغىنى،  μ0ۋاكوئومدىكى    ماگىنىت تۇراقلىقىنى، M بولسا ماگىنىتلاش كۇچلۇكلىگىدۇر. روشەنكى(توك) 0 I= بولسا  B مۇ  0 بولىدۇ.


مۇھەممەد ئەلى
2013.4.11                        شەھرى شاڭخەي

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17546
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 16:08:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەمدى سالاھىيەتلىك بىر باھالىغۇچى بولمىسا، ئاتالمىش شەكىل نەزىريىسى ئۇستىدە قاسىم ئەپەندىم بىلەن تاكاللاشمايمەن! ئەمما ئادەم تىللىماڭ ! بىلىش بىلمەسلىك ھەققىدە بىز 3-بىراۋ ئالدىدا ئىمتىھان بەرمىدۇق جۇمۇ، شۇڭا «ئازراقمۇ خەۋېرى يوق».... دىمەڭ!!!بولامدۇ؟!

73

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 10229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2616
تۆھپە : 24295
توردىكى ۋاقتى: 9271
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 16:23:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-12 18:47  
absussalam يوللىغان ۋاقتى  2013-4-12 15:54
قاسىم سىددىق ئەپەندىنىڭ«شەكىل» نەزەرىيەسى(پەرىزى) گە  ...

بىلىكيار: مۇكاپاتلىق ئىلمىي تەنقىت قوبۇل قىلنىدۇ
*http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2440
قارشى ئالىمىز،ھەرھالدا بۇ ئەپەندى شەكىل نەزەريىسى ئۇستىدە بېۋاستە توختۇلۇپ  ياخشى قىلدى.بەزى دوكتۇرلارمۇ مۇشۇنچىلىك ئىشنى قىلالماي "ھە"دىسىلا قاسىم سىدىقنىڭ سالاھىيىتىنى سۇرۇشتۇرۇپ ئاۋارە بولۇپ كەتكەنتى.گەرچە يۇقۇرقى يازما شەكىل نەزەريىسىدىكى 3ئۇقۇم،بىر مودىل ھەققىدە نۇقتىلىق توختالمىغان ،شەكىل نەزەريىسىنى ئاغدۇرىۋىتىش نىشانىدىن تولىمۇ يىراقتا تۇرغان بولسىمۇ،بۇ بىر ياخشى باشلىنىش،مۇشۇنداق قىلىپ يۆرۆپ ئاساسى ئۇقۇملار بىر قۇر تاسقىلىپ چىقىدۇ."باھالىغۇچىلار"باھالاپ باقسۇن.مۇھاكىمە-مۇنازىرە قىلىپ باقايلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )