- تىزىملاتقان
- 2013-5-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2308
- نادىر
- 0
- يازما
- 240
ئۆسۈش
  10.27%
|
دىكتور ،رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسى ھەققىدە ئىككى كەلىمە
نوۋەتتە شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۆتكۇزىلىۋاتقان ،دىكتور .رىياسەتچىلەر مۇسابىقىسىنى ھەممىمىز كۆرىۋاتىمىز . يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىستانسا نۇرغۇن پىروگىراممىلارنى ئىشلەپ كۆرۈرمەنلەرگە سۇندى ، بۇنىڭ ئىچىىدە كۆرۈرمەنلەر رازى بولغىنىمۇ -رازى بولمىغىنىمۇ بار . جۇملىدىن مەنمۇ بىر ئەستايىدىل كۆرۈرمەن بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن . بەزى پىروگىراممىلاردىن تازا رازى بولمىغان ھەم تۇلۇق كۆرمىگەن ئىدىم . ئەمما بۇقېتىم ئۇنداق بولمىدى . يەنى بۇ مۇسابىقە مىنى ئوزىگە قاتتىق جەلىپ قىلىۋالدى .سەۋەبى:
1. مۇسابىقىنى تەشكىللەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن . بۇلۇپمۇ باھالىغۇچىلار ياخشى تاللانغان . ھەممىسى دىگۇدەك مۇشۇ ساھەدىكى ئالىم ،مۇتەخەسىسلەر بۇلۇپ ،تەكلىپ ،پىكىر بېرىش ،سۇئال قويۇشلار كۆرۈرمەنلەرنىڭ كوڭلىدىكى سۇئاللار بۇلۇپ كىشىنى قائىل قىلىدۇ . نومۇر قۇيۇشمۇ ئوبىكتىپ ،ئادىل بۇلۇپ ماھىر ھەم كۆرۈرمەننىڭ كۆڭلىدە ھىچقانداق ئارمان ھەم ئەپسۇسلىنىشلار قالدۇرۇلمىدى .
2.مۇسابىقىگە ئوخشىمىغان ساھەلەردىن ماھىرلار قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ ،كەسپى خادەملەرگە بىر خىل تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كەلدى .
3. مۇسابىقە ئۇسۇلى ،شەكلى ھەقىقەتەن ياخشى قۇراشتۇرۇلغان مەزمۇنى ساغلام ،مەنىسى چوڭقۇر ،بىلىدىغان ئادەمگە ئاسان ،بىلمەيدىغان ئادەمگە تەس بۇلۇپ ، ماھىرلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۇنۋېرسال ساپاسىنى ، كەسپى تەجىربىسىنى سىناشتا ئۇنىمى ئىنتايىن ياخشى بولغان . ھەتتا مەنمۇ ھەربىر ماھىر بىر قېتىملق سۇئالنى بىرتەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوزۇمچە نۇمۇر قويۇپ ئولتادىم ،نەتىجە ئاساسەن ئوخشاش بولدى . دىمەك مەن شەخسەن باھالىغۇچىلار نىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىدىن بەكمۇ رازى بولدۇم . ھەم رادىئۇ تىلىۋىزىيە ئىشلىرىمىزدىن بىر ئۇمۇتنى كوردۇم .
4. مۇسابىقىنىڭ شەكلى ئوزگىچە بۇلۇپ ،بىزلەر ئۆگىنىپ قالغان ئەنئەنىۋى شەكىل بۇزۇپ تاشلانغان .يەنى جەمئىيەتتكى ئىلغار تىپلار نەق مەيداندا زىيارەت قىلىنىپ ،مۇسابىقەبىرخىل جانلىقلىققا ،تەسىرچانلققا ئىگە قىلىنغان مۇسابىقە سەۋىيىسى ،نۆۋەتتىكى دىكتور رىياسەتچىلەرنىڭ كەسپى ئىقتىدارىدىن ھالقىپ كەتكەن . مۇسابىقە ئۇسۇلىدا يىڭىلىق يارتىلغان . يەنى ھەر بىر ماھىر مەيدانغا چىققاندا شۇ ماھىر ئەمەس ،كۆرۈرمەنلەرمۇ جىددىلىشىپ ،ساراسىمگە چۇشتى . دىمەك بۇ كەسپى ماھىرلارنىڭلا مۇسابىقىسى بولماستىن بەلكى بارلىق كۆرۈرمەنلەرنىڭمۇ مۇسابىقىسى بولدى .
5. مۇسابىقە پەقەت مۇسابىقە ئوتكۇزۇش ئۇچۇنلا ئەمەس بەلكى دىيارىمىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى رادىئۇ -تىلىۋىزىيەئىشلىرى ئۇچۇن ئاساس سېلىش ، تالانت ئىگىلىرىنى بايقاش ،ئۇلارنى يىتەكلەش ، مۇسابىقىدە ، ئىكرانغا چىقىشنى ئوزىنىڭ تەلىيى ئەمەس بەلكى ئالاھىدە ئىقتىداردىن دەپ قاراپ ، خىزمەتتە ئەستايىدىل بولمايدىغان ،بىرقىسىملارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن . ھەم رادىئۇ -تىلىۋىزيە كەسپى ھەققىدە كۆرۈرمەنلەرگە ئەتراپلىقچۇشەنچە بېرىلىپ . رادىئۇ تىلىۋىزىيە ئورۇنلىرى بىلەن جەمئىيەت ، كۆرۈرمەن ئوتتۇرسىدا چۇشۇنۇش ھاسىل قىلىنىپ . شىنجاڭ تىلىۋزىيە ئىستانسىسنىڭ ئامما ئارسىدىكى ئوبرازى يۇقۇرى كورۇتۇلگەن .
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، بۇ پىروگىرامما كورورمەنلەرنىڭ كوڭلىگە ياققان ، ئامما رازى بولغان ، دىيارىمىز تىلىۋىزىيە ئىشلىرىنىڭ سەۋىيىسى ھەقىقى نامايەن قىلىنغان ياخشى پىروگىرامما بولدى . خەلقىمىز دەل مۇشۇنداق يۇقۇرى ئۇنۇملۇك تىلىۋىزىيەگە مۇھتاج .
|
|