قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: kutteken

قۇتتېكىن: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر «ھىدايەتنامە»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

12

دوست

3695

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   56.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 76
تۆھپە : 1150
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 23:08:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qutzat يوللىغان ۋاقتى  2013-10-28 22:50
مەندە ئاۋازلىق نۇسخىسى بار ئىدى مۇنبەرگە يوللىيالمىدى ...

uyghuray

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 4172
توردىكى ۋاقتى: 1024
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-28 23:26:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋازلىق نۇسخىسىنى يوللاپ بەك ياخشى قىلدىڭلا....كۆپ تەشەككۈر.

0

تېما

0

دوست

106

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43893
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-14 22:54:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆز قول يازمىسى بىلەن يازغان «ھىدايەتنامە»دېگەن شېئىرى. توردا ئېلان قىلىنغانلىرى بىلەن ئاز-تولا پەرىق قىلىدۇ. بۇنى قىزىل رەڭدە ئىسكەرتىپ قويدۇم. مېنىڭچە بۇ ئەسلى نۇسخىسى.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
ھىدايەتنامە
                       لەئىبادەتى كەتتەپەككۇر(ھەدس)
                           (تەپەككۇردىن ئۇلۇغراق ئىبادەت يوق)
مۇقەددىمە
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزدىدىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى،
دىلىم ئىستەيىتتى ئىزھارگە ھەمىشە مەقبۇلى پۇرسەتنى،
كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى!

سۆزۇمنىڭ بېشى بسمىللاھ، بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانايۇ ھەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ،
قۇرۇق تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل، ئەقىدەمدۇر،
بۇ دەۋايىمغا بورھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر،
تىلەيمەن رەببىم ئاللاھتىن قۇلۇمغا كۇچ ۋە قۇۋۋەتنى

تەئەجۇپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇقەسىدەمدىن،
    ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن،
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن،
شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۇڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن،
ئىلاھا ئەيلىگىل مەڭگۈ ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى

    تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن، ئۈتۇپ ئەللىكتە سەككىز يىل،
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۇرنى ئەمدى ئەستايىدىل،
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يۇلۇمغا بولمايىن غاپىل،
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئىرىتىش ۋە ياكى نىل،
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادامەتنى

ياھەققە ئەتمىدىم قۇللۇق، يائەلگە قىلمىدىم خىزمەت،
      بېغىمغا كۈز يېتىپ كەلدى، قولۇمدىن كەتتى كۆپ پۇرسەت،
ھېمىشە ئورتىبان دىلنى يېلىنجاپ بىر ئەلەم-ھەسرەت،
ئازاپلاپ كېچەيۇ كۈندۈز قىلۇر جانىمنى بىتاقەت،
راۋادۇر قانچىلىك قىلسام ئۆزەمگە دوق-مەلامەتنى،  

سەھەردە ھەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە،
  نىمىشقا بولمىسۇن بىر ھىس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە؟
ۋاھالەنكى ئادا بولماي ھىساپسىز قەرز بۇ زىممەمدە،
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمان ئابى دىدەمدە،
ئۆمۇرنى زايە قىلما سەن ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى،
ئېرىقچە بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى،
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى،
  ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى،
  ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزنەسىدىن قەترە رەھمەتنى.

سىراتەلمۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە،
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنيەمدە،
ئۆمۈدۈم بىر بېقىپ ئىقبال، كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە،
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە،
       نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى.

2 ياراتقۇچى زاتنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىگى ھەققىدە
خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق،
كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق،
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق،
كى تەڭرىم ئۆزى يار بولغاي ئۆمۈدۈمگە يەنە كۆپراق،
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشەققەتنى.

پىكىر دەرياسىغا قانچە تېرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۈن،
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى، تارقىدى ئەپسۇن،
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق، دىلىمدۇر ناتىۋان، مەھزۇن،
  ۋە لېكىن جان كىتابىگە قۇشۇلدى  مىڭ تۇمەن مەزمۇن،
   يېقىن كەلتۈرمە ئې رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى.

تەپەككۇر كۆزلە باقسا كىشى ئالەمگە بىر كەررە،
ئەمەستۇر خالىي ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ئەسەل ئەرە،
   ئادىمىزات يۇكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول مەررە،
      ۋە لېكىن بىپايان سىر غەزىنىسىدىن بۇ تېخى ئازغىنە زەررە،
    ئىلاھا، قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ-ھېكمەتنى.

   بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك،
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق،
       مىسال قارىغۇ نىچۈك بىلسۇن، قۇياش قانداغۇ- ئاي قانداق،
   بىلۈر ئەمما گۈدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل، نىچۈك ياپراق،
     دېمەككى مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى -پاراسەتنى.

     پالان مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش،
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش،
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش،
  ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش،
     ئاخىرى ئۇ ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى.

مىسال بىر قەترەدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپ باق،
ئانا قارنىدا بۇ جانغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپ باق،
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە، ئانا بولغاننى ئويلاپ باق،
بۇ مۈشكۈلگە نېمە قانۇن پاناھ بولغاننى ئويلاپ باق،
  شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن،
ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياققۇسى يالقۇن،
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە-تەھسىن،
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نىچۈك مۇمكىن؟
    ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى.

ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈرەلمەكلىك تەبىئەتتۇر،
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر،
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇز بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر،
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر، زۇمۇرەت يەنە زۇمرەتتۇر،
    تەپەككۇر تاشقىنى يۈيسۇن كۆرەڭ باتىل-جاھالتنى.

مىسال پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھېكمەت دۇكانىنى،
ياراتتى بۇ ئىپتىخارلىق بۇ مۇجىزاتلار  زامانىنى،
يەنە ھەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى،
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى،
      ياسالماس ھەر نىچۈك ئالىم، قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى .

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان،
تۇخۇيسىزمۇ ئالۇر ھەر كىم تۇخۇمدىن چۈجىنى ئاسان،
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران،
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان،
      دېمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق، بىلۇر خالىقلا خىلقەتنى.

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا،
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دېھقان ھوسۇل تولمايدۇ خامانغا؛
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا،
زاۋۇتلار دان ياساپ ھەر كۈن، خۇنى توختايتتى ئەرزانغا،
دېمەك، مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى.

نېمىشقا ئاياغ ئىككى-يۇ، كۆز ئىككى، ئېغىز بىردۇر،
     يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر؟
نىمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر؟
قېنى ئېيتىڭچۇ بۇ سىرغا نىچۈك سۆز توغرا تەئبىردۇر؟  
       تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.

ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۈر ئۆز زاتىنى ئاندىن،
   تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن،
    لېكىن نەدە، قاچان، قانداق ئۈلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن،
     ئېچىلماس سىر بۇلۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى-دەۋراندىن،
    ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى.

ئۈلۈمگە بىر داۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دانا،
ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا،
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھېكىملەرمۇ بى مۇستەسنا،
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا،
    دېمەك،مۈمكۈن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.

  قۇياشۇ-،ئاي ۋە يۇلتۇزلار سامادا سەيىر ئېتىپ ھەر كۈن،
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئېتەر كۈن-تۈن،
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن،
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن،
  يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇھالەتنى.

ھاياتلىق سىرلىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر،
بىلىپ يەتكىنىمىز تامچە، ئەگەر ئۇ بەھرى- دەريادۇر،
جېمىكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھېكمەتلە ئەھيادۇر،
كى تۇپراق بولمىدى كىميا، مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر،
   ھاياتنىڭ قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.

     مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان،
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەلا ئۇلۇغ مۆجىزىدۇر قۇرئان،
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى سۈرەئى«ئەر رەھمان»
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە«ماتۇ كەززىبان»
  قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ دەۋەتنى.

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نى ئىشلار بولمىدى سادىر؟
نېمىكى دېسە قۇرئاندا، بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر،
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشكە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر،
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ، شائىر،
نېسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەر تىلغا بالاغەتنى.

    ئۈتۈپ بىر مىڭدە تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر،
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغان تەغيىر،
بىراۋلار قەسىت بىلەن قۇرئان بېتىنى قىلسىمۇ تەھرىر،
  لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرپ، ۋە ھەتتا بىر ساكىن يا زىر،
چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە-كارامەتنى.

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات،
ئوقۇپ بىر كۈن«ئىفرى بىسمى رەببىكەللەزى»نى ھەيھات،
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئېرشات،
نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىياد،
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى!

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ھېكمەتتۇر،
مۇبارەك تەرجىمىھالى تامامى پەزلى-خىسلەتتۇر،
رەقىپلەر ئېتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر،
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەددۇر،
    ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ھالىنى ئەسلەڭ،
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ،
زىلالەت ھەم رىزالەتنىڭ  ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ،
مىسال: بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ،
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى.

  «ۋەھى »نى بەزىلەر «ئىلھام» دىيىشتى بىر زامان ھۆكمەن،
         ۋەھالەنكى«كالا مۇللا» (ئۇلۇغ قۇرئان) ئەمەستۇر قىسسە يا رومان،
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان،
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان،
نىچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق مۆجىزاتنى؟

بىراۋلار قىلدى ھەتتاكى نەبىلىك ئۈستىدە دەئۋا،
تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا،
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر، ۋەھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا،
جاھاندىن كەتتلەر لېكىن بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا،
  تاپالماس چۈنكى باتىللىق، ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتنى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى نادىر كامال مۆجىزە ئەلبەتتە،
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە؟
ئەقىل ساھىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق، قانائەتتە،
ئەگەرچە ياق دېسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە،
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل، مەردانە پىكرەتنى.
خاتىمە
بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا،
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەئنا،
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا،
  كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.

ئەقىدەم ھەققە باغلانغان، بۇ يولدا ئېتىمادىم بار،
شۈكرىكىم، ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە، ئېتىقادىم بار،
ئەقىدە ساھىبى بولغانغا دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار،
دېمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق، قىلىشقا نېمە ھەددىم بار،
        پىسەنت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى.

جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان،
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساپ كارۋان،
   ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرگۈسى دەۋران،
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.
   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )