281151976 يوللىغان ۋاقتى 2014-1-11 21:16
سىز دىكەن ئىنقلىمىدىكى مىقدار مۇناسىۋەرلىرنى دىمەمسى ...
بۇنداق مارافۇنچە سوئال قويغىنى تۇرسىڭىز مەن قېرىنى كاردىن چىقىرىسىز.بۇ تۇلا گەپ.مەن ئاساسى ئىدىيە ۋە ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.سىز زادى نىمىگە قايىل بولمايۋاتىسىز شۇنى دەڭا.مەن ئۇقالمايۋاتىمەن.
ماۋۇ بۇرۇن يوللىغان ئىنكاسنىمۇ ئەستايىدىل كۇرۇپ قويۇڭ:
ئەركىن چۈشكەن جىسىمنىڭ ھەركىتى
جىسىملارنىڭ ئېغىرلىق كۈچى تەسىرىدىن تېنىچ ھالەتتىن باشلاپ تۆۋەنگە چۈشۈش ھەركىتى.يەر يۇزىگە يېقىن جايدا ھاۋانىڭ قارشىلىغىنى ئېتىۋارغا ئالمىغاندا،جىسىمنىڭ تۆۋەن چۈشۈشىنى تەقرىبى ھالدا تۆز سىزىقلىق تەكشى تىزلىنىشچان ھەركەت دەپ قاراشقا بولىدۇ.ئۇنىڭ تىزلىنىشى ئېغىرلىق كۈچى تىزلىنىشى بولۇپ،تەخمىنەن 9.8مىتىر سىكونىت كىۋادىراتقا تەڭ بولىدۇ.
"قىسقىچە فىزىكا لوغىتى" _ شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1993-يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى 106-بەت.
ئەمدى يۇقۇرقى 9.8مىتىر سىكونىت تىزلىكىنى نىيوتۇن ئالمىسىنىڭ بېغىدىن ئايرىلمىغان چېغىدىكى ئومۇمى ھەركەت مىقدارى ۋە ياكى تىزلىكى بىلەن سىلىشتۇرۇپ كۆرۆڭ.مۇنداقلا قارىساقمۇ نىيوتۇننىڭ ئالمىسى شېخىدىكى چاغدا بۇنداق ھەركەت مىقدارى ۋە تىزلىكتىن غايەت زور تىزلىككە ،ھەركەت مىقدارىغا ئىگە ئىدى.چۈنكى بۇ ئالما يەرشارىنىڭ ئوربىتىلىق ھەركىتى،قوياشنىڭ ئوربىتىلىق ھەركىتى،يەرشارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتى قاتارلىق ھەركەتلەرگە قاتنىشىۋاتقان بولۇپ بېغىدىن ئۆزۆلۈپ يەرگە چۈشكىچە بولغان جەرياندا ئەشۇ ھەركەت مىقدارىنى ساقلىغان بولىشى كىرەك.بۇ تىزلىكنىڭ ئەقەللى مىقدارى 800كىلومىتىر سىكونىتتىن كەم ئەمەسقۇ دەيمەن.مۇشۇنداق سېلىشتۇرۇپ كۇرىدىغان بولساق"تارتىش كۈچى"ئىدىيىسى بەكمۇ بېچارە ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.ئالمىنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمى ھەركەت مىقدارى ۋە تىزلىكى 800كىلومىتىر سىكونىت دەپ قارالغان (ھەقىقىسىنى ئايرىم ھىساپلاش كىرەك،بۇ بىر مىسال )ئەھۋالدا يەرگە چۈشۈش جەريانىدا بۇتىزلىكتىن ئېشىپ ئونىڭغا 9.8مىتىر سىكونىت تىزلىك قوشۇلۇپ قالغان ئەھۋالدىلا تارتىش كۈچى مەۋجۈتكەن دىيەلەيمىز.ئۇنداق بولمىغاندا تارتىش كۈچى ئۇقۇمىدىن گومانلىنىشقا ۋە ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە ھەقلىق بولۇپ قالىمىز.
قارىغاندا ئېغىرلىق كۈچى تىزلىنىشى جىسىم( ئالما)نىڭ ئۇزىگە خاس مىقدار بولۇپ،ئۇنىڭ يەر شارىنىڭ «تارتىش كۈچى»بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقتەك قىلىدۇ.
|