قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: ziya

"نىيوتۇننىڭ ئالمىسى"ئۆستىدە قايتا ئويلۇنۇش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

69

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 9834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 23421
توردىكى ۋاقتى: 9046
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 10:50:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تارتىش كۈچى ئەسلا بىر كۈچ ئەمەس.

______  ئېرىك ۋېرلىندې


ئېرىك ۋېرلىندې (Erik Verlinde,1962年1月27日-)گوللاندىيە نەزەريىۋى فىزىكا ئالىمى،تار نەزەريىچىسى،تەتقىقات دائىرىسى:تار(يىپ)نەزەريىسى،تارتىش كۈچى،قارا ئۇڭكۆر ۋە ئالەمشۇناسلىق.ھازىر ئامىستىردام ئونېۋېرىستېتىنىڭ نەزەريىۋى فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا خىزمەت قىلىدۇ.
2009-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇ مەخسۇس تېمىلىق ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇزىنىڭ نىيوتۇن كىلاسسىك فىزىكىسىدىن يېڭى بىر نەزەريىنى قانداق كەلتۈرۈپ چىقارغانلىغىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.ماقالىسى:(On the Origin of Gravity and the Laws of Newton ____ ئېغىرلىق كۈچىنىڭ مەنبەسى ۋە نىيوتۇن قانونلىرى)  
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇ يۇقۇرقى ئەمگىگىدىن يېڭى بىر پەرەزنى _ تارتىش كۈچى ئەسلا بىر كۈچ ئەمەس،ئۇ بىر ئىنىتىرۇپىيە كۈچىدىن ئىبارەت دىگەن قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

مەنبە:


ئېرىك ۋېرلىندېنىڭ تارتىش كۈچىگە ئالاقىدار قاراشلىرىغا ئائىت بىر قەدەر تەپسىلى ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۇرۇڭ:

http://bigthink.com/videos/gravity-doesnt-exist
uyghuray

69

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 9834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 23421
توردىكى ۋاقتى: 9046
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 10:53:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 10:50
تارتىش كۈچى ئەسلا بىر كۈچ ئەمەس.
______  ئېرىك ۋېرلىندې

دۇنيادىكى داڭلىق 3ئونىۋېرىستېت تەجىربە ئارقىلىق ئىرىشكەن «قاراڭغۇ ئىنىرگىيە يوق بولىشى مۆمكىن»دىگەن يەكۈن پۇت تىرەپ تۇرالىسا بۇ ئەپەندىمنىڭ«تارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس»دىگەن قارىشى ئورۇنلۇق بولۇپ قېلىشى مۆمكىن.

*
چىكاكو ئونىۋېرىستېتى،توكىيۇ ئونىۋېرىستېتى،پىرىنىستون ئونىۋېرىستېتى تەجىربە ئىشلەپ قاراڭغۇ ئىنىرگىيەنىڭ مەۋجۈت بولماسلىغى مۇمكىنلىگىنى بايقىدى
芝加哥大学、东京大学、普林斯顿大学实验发现暗能量或许并不存在
http://scholarsupdate.hi2net.com/news.asp?NewsID=13892

69

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 9834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 23421
توردىكى ۋاقتى: 9046
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 11:14:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇۋەندىكى تېمىنىڭ ماۋزۇسىمۇ كۇزۇمگە ئەجەپ چىرايلىق كۇرۇندى.زادى بۇ "تارتىش كۈچى دولقۇنى"دىگەن نىمىدە زىدىيەت ۋە باش ئاغرىغى بەك تولىكەن.


ئالەمدە چوڭ پارتىلاش يۇز بەرگەن،لىكىن تارتىش كۈچى دولقۇنى مەۋجۈت ئەمەس
Cosmic explosion, but no gravitational waves
宇宙大爆炸,但没有引力波

http://physicsworld.com/cws/article/news/2008/jan/16/cosmic-explosion-but-no-gravitational-waves


69

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 9834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 23421
توردىكى ۋاقتى: 9046
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 11:25:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنى ھەيران قالدۇرىۋاتقىنى،ئىللىپىسسىمان ئوربىتا بىلەن ئېغىرلىق كۈچ تېزلىنىشىنىڭ تۆز سىزىقلىق يۆنىلىشى ئېينىشتېيىن ماكان ئەگرىلىكى ئىدىيىسىنىمۇ ئىنكار قىلىۋىتىپ بارغانلىغىدا.29-تىئورمىچە ئېغىشقۇ باياملا ئىنكار قىلىۋىتىدۇ.ئىشەنمىسەڭلار ئېينىشتېيىن ماكان ئەگرىلىگىگە ئالاقىدار ئەڭ ئۆلچەملىك گىراپىكلارغا قاراپ بېقىڭلار!
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1070

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32407
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 13:10:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xinjiang يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 00:59
ئىسيانكار   ئەپەندىم !   قاسىم سىدىق ئۆزىنىڭ ماتىماتىكا  ...

قارىغاندا سىلى خەت تونۇمايدىغان ئادەمنى ساۋاتسىز دىسە «ياق» دەيدىكەنلىدە. سىلىمۇ قارىغاندا چالا ساۋات ئوخشايدىلا.... ئىسيانكار ئەپەندىنىڭ دىگەنلىرى %100 ئورۇنلۇق دەپ قارايمەن.
كىلوگىرام دىگەن ماسسىنىڭ بىرلىكى، ماسسا ئۆزگەرمەس مىقدار. تارتىش كۈچىنىڭ بىرلىكى كىلوگىرام ئەمەسقۇ دەيمەن.
بىلمىگەن نەرسىلىرىگە بۇ يەردە ئېغىز غېرىچلاپ نىمە كەپتۇ.

0

تېما

0

دوست

1070

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32407
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 13:18:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ« 29-تئېو رىما »سىغا رەدىيە
مەنبەسى : مىسرانىم مۇنبىرى ;يوللانغان ۋاقتى : 2013-06-29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تورىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار! مەن ئاۋال بۇ ئوبزورنى يىزىشىمدىكى ئاساسلىق مەقسەتنى دەپ ئۆتەي،مەن نەچچە كۈن ئالدىدا قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ "ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتا قاراش" دىگەن تىمىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇغۇنۇمدا ئۇنىڭدا ئوتتۇرغا قويۇلغان "29-تېئورىما "دىققىتىمنى تارتتى ،ۋە قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى ۋە ئىلمى پاكىتلىرىغا قىزىقىپ ئۇ ھەقتە بەرگەن چۈشەنچىسىنى ئوقۇدۇم،شۇنى ھىس قىلدىمكى قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ 29-تېئورىما نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ناھايتى بىمەنە ،قىلچە ئىلمى ئاساسى بولمىغان ھەم نىيوتون نىڭ كۈچ تەسىرى ۋە ھەركەت قانۇنىغا زىت بولغان كۆز قاراشلار ئارقىلىق ئوتتۇرغا قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم.
بۇ ھەقتە قاسىم سىدىق ئەپەندىگە ئىلمى ئاساسلار بىلەن خاتالىقىنى كۆرسەتكەن بولساممۇ ،پەقەتلا بوينىغا ئالمىغانلىقى ھەم مەن سورىغان سوئاللىرىمغا جاۋاپ بېرىشتىن قاچقانلىقى ئۈچۈن ،كەڭ قىرىنداشلار سەمىگە بۇ ئىسپاتلىرىمنى كۆرسىتىش ،بۇ ئاتالمىش 29-تېئورىما نىڭ ئەسلا مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىش،شۇ ئارقىلىق بۇ تېمىغا ئالدىنىپ يەنە قىممەتلىك ۋاقىت ۋە زېھنىڭلارنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماسلىقىڭلارنى تەۋسيە قىلىمەن.
قاسىم سىدىق ئەپەندى 29-تېئورىما غا ئىزاھات بەرگەندە ،29-تېئورىما نىڭ ئەمەلىيەتتە نىيوتون قانۇنىنىڭ كېڭەيتىلىشى ئىكەنلىكى،يەنى "جىسىم تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمىسا ياكى ئۇچىرغان تاشقى كۈچلەرنىڭ يىغىندا كۈچى نۆلگە تەڭ بولسا بۇجىسىم مەڭگۈ ئۆزىنىڭ تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركىتى ياكى تىنىچ ھالىتىنى ساقلايدۇ"دىگەن بۇ تېئورىمىنى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىمغىمۇ ماس كېلىدۇ،ئۇنى بارلىق جىسىمللار دەپ ئىلىشى كېرەك دىگەن نۇقتىنەزەرنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ،ھەم ئۆزىنىڭ بۇ 29-تېورىماسى نىيوتون قانۇنىغا زىت ئەمەس بەلكى ئۇنى تولۇقلايدىغانلىقىنى يىزىپتۇ. ئەمىسە بىز ئاۋال مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزەيلى: نىيوتون ئۆزىنىڭ ھەركەت قانۇنىدا پەقەت تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەركەت قىلىۋاتقان ۋە تىنىچ تۇرغان جىسىمنىڭلا سىرىتقى كۈچلەرنىىڭ يىغىندا كۈچى نۆلگە تەڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساخلاپ قالىدىغانلىقىنى ئىيىتقان ،يەنى باشقا ھارقانداق شەكىلدىكى ئەگرى سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتقان جىسىم سىرىتقى يىغىندا كۈچ نۆل بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلىيالمايدۇ. شۇڭا ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئاتالمىش 29-تېورىمىسى نىيوتۇن قانونىنىڭ تولۇقلىمىسى بولماستىن بەلكى نىيوتۇن نىڭ ھەركەت قانۇنىغا مۇتلەق زىت كىلىدىغان تىئورىما. ئەسلىدەمۇشۇنىڭ ئۆزىلا بۇ تىېئورىمىنىڭ بىر ئەخمىقانە پەرەز ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەرسىمۇ لېكىن سادىق ئەپەندى "مېنىڭ 29-تېئورىمامنى خاتا دىگۈچىلەر بولسا ،كىيىن توردائېلان قىلغان ئۈچ ئەسىردىن ھالقىغان خاتالىق تىمىسىدى كەلتۈگەن ئىسپاتلارنىڭ ھەممىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىسۇن !" دىگەن تەلىپى بويىچە ،مەن بۇ ئاساسلار توغرىسدا بىر-بىرلەپ توختالماقچىمەن.
قاسىم سىدىق ئەپەندى ماقالىسىدە ئاۋال 4نەپەر ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىكخام تەپكەن توپ نىڭ ماتىماتىكىلىق فورمىلاسىنى ماگنوس ئېفىكتى دىن پايدىلىنىپ تۈزۈپ چىققانلىقنى ئىيتىپتۇ ۋە بۇنىڭدا تىلغا ئىلىنغان ھاۋا زىچلىقى ئۆزىنىڭ 29-تېئورىمىسدا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئيتىپتۇ ، قاسىم سىدىق ئەپەندى تەجىربىنى ۋاكۇمدا ئىلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ھاۋانىڭ زىچلىقى مەۋجۇد ئەمەس دەپتۇ،دىمەك ئۇنىڭ قىممىتى نۆلگە تەڭ دىگەن گەپ،ئەمىسە بۇ تەڭلىمە ئۇنىڭ تەجىربىسىگە نىسبەتەن ئۇچىرغان كۈچنىڭ نۆلگە تەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى توپ ۋاكۇمدا ئۇنى ئاغما ھەركەت قىلىدۇرىدىغان كۈچ تەسىرگە ئۇچۇرمايدۇ.ئۇنداقتا ئۇ قانداقسىگە ئاغما ھەركەت قىلىدۇ؟؟؟؟؟
قاسىم سىدىق ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ 29-تېورىماسىنىڭ ماگنوس ئىففېكتى ۋە بىرنوللى قانۇنى قاتارلىقلاربىلەن ئالاقىسى يوق ئكەنلىكىنى تەكىتلەپتۇ،ئارقىدىنلا ماگنوس ئىففېكتى گە ئىنىقلىما بىرىپ ئۆزىنىڭ بۇ قانۇنىنىڭ ماگنوس ئىففېكتى بىلەن پىرىنسىپال پەرىقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ،پەقەت ئۇنى ۋاكۇم دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنلىكىنى ئىيتىپتۇ.ماۋۇ زىتلىقنى كۆرۈڭ!!! قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ تېورىمىسىنىڭ ماگنوس ئىففىكتى بىلەن مۇناسىۋىتى زادى بارمۇ يوقمۇ؟؟؟؟؟ماگنوس ئېففىكتى دە دىيىلگەن ئېغىتىش كۈچى ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى سەۋەبىدىن بولىدۇ ،ئۇنداقتا قاسىم سىدىق ئەپەندى دىگەن ۋاكۇمدىكى ئېغىتىش كۈچى نەدىن كېلىدۇ؟؟؟؟
ئەمدى ئۇنىڭدىن كىيىنكىسىگە كەلسەك،قاسىم سىدىق ئەپەندى ئوڭغا ئايلانما ھەركەت قىلىۋاتقان توپنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشتىن كەلگەن ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى تۈپەيلى ئېغىشىش ھەركىتىنىڭ ئۈستىدىكى رەسىمدىكىسىنى خاتا ،ئەسلىدە ئاستىدىكىسىدەك بولسا توغرا بولدۇ دەپتۇ، ئەمدى شۇ رەسىمگە ياخشى قاراپ باقايلى ،ئىككىسى ئۇچىراۋاتقان بېسىم كۈچنىڭ يۆنىلىشى ، يەنى ھاۋانىڭ ئېقىش يۆنىلىشى ئوخشاشمۇ؟؟؟؟قاسىم سىدىق ئەپەندى ئۈستىدىكى رەسىمنى خاتا دەيدىكەن ئۇنداقتا ئاسىتىكى رسىمىنىڭ بېسىمغا ئۇچراش ئەھۋالىمۇ خاتا بولىشى كىرەك!!!! يەنى توپنىڭ ئوخشىمىغان يونىلىشتىكى بېسىم كۈچىگە ئۇچىرغاندىكى ئەھۋالنى زورىغا ئۆزىنىڭ 29-تېئورىمىسىغا چۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى خاتا تەھلىل قىلغان.
قاسىم سىدىق ئەپەندى يەنە بىرنوللى قانۇنى ۋە ماگنوس ئېففىكتى نىڭ ئۇچار قۇش ۋە ئايروپىلانغا توغرا تەدبىقلانغان بىلەن ،مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا بىكخامچە تەپكەن توپقا نىسبەتەن تا ھازىرغىچە خاتا تەدبىقلىنىۋاتقانلىقىنى ،يەنى ماگنوس ئىففېكتى،بېرنوللى قانۇنىنىڭ بۇنىڭغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى يېزىپتۇ.
ۋە كەينىدىنلا تېزلىكتە كېتىۋاتقان بىرماشىنىڭ ئوڭغا ئايلانغاندىكى ئۇچىرغان كۈچنى مىسالغا ئاپتۇ،ئەڭ كۈلكىلىك يېرى شۇكى نەچچە توننا ماسسىغا ئىگە بىر ماشىنىڭ يەر يۈزىدە ئايلانغاندىكى ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى ماشىنىغا قانچىلېك تەسىر قىلالايدۇ ؟؟؟؟ ماشىنا ئۇچىرىغان ئاساسلىق كۈچ ھاۋادىن كېلەمدۇ ياكى چاق بىلەن يەر يۈزى ئارىسىدىكى سۈركۈلۈش كۈچىدىن كېلەمدۇ؟؟؟؟ قاسىم سىدىق ئەپەندى بۇ خۇسۇسىيىتى، شەكلى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان يەنە كېلىپ بىرى يەر يۈزىكى سۈركىلىشىش كۈچى سەۋەبىدىن ئايلىنىۋاتقان ،يەنە بىرى بوشلۇقتا ھاۋانىڭ بېسىم كۈچى سەۋەبىدىن ئېغىش ھاسىل قىلىۋاتقان جىسىمنى ئوخشاش قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ دەپتۇ، بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئەخمىقانىلىق بولامدۇ؟؟؟؟ مەن قاسىم سىدىق ئەپەندى كەلتۈرگەن بارلىق مىساللىرىنىڭ زىت يەرلىرىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتتۈم.
ئەمدى يىغىنچاقلىساق ،بايا مەن كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك،قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ بارلىق كەلتۈرگەن مىساللىرى قانداقتۇر بىر 29-تېرىما نى بارلىققا كەلتۈرمەستىن ئۇنىڭ دەل ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ئاتالمىش تېورىمىسىغا زىت كېلىدۇ ،يەنى بۇنداق بىر تېورىمىنىڭ ئەسلا مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ!!!خۇددى بىرىنجى قىتىملىق مەڭگۈلۈك دېگۋاتېل ئنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ياساش مۇمكىن بولمىغىنىغا ئوخشاش،بۇ ئاتالمىش 29-تېئورىما نىىيوتوننىڭ ھەركەت قانۇنىغا زىت بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇنىڭ ۋاكومدا ئېغىش ھاسىل قىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس!!!

0

تېما

0

دوست

1070

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32407
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 322
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 13:53:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسيانكار ئەپەندى قاسىمجاننىڭ ماتىماتىكىدا ۋە فىزىكىدا ساۋاتسىزلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىپ بوپتۇ.
ماتىماتىكىدا ساۋاتسىز تۇرۇپ تەجىربە ئىشلەش ۋە تەجىربە ئۈسكۈنىلىرىنى ياساپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس. 30 يىل تەتقىق قىپتۇ، يەنە مۇشۇ ھالەتتە 300 يىل تەتقىق قىلسىمۇ ئوخشاش.
ئەمدى خېمىيەگە تۇتۇش قىلىپ «ئېلىمنىتلار دەۋرى جەدىۋىلى»نىڭ قانۇنيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا تۇتۇش قىلسا، ياكى ماتىماتىكىدا 1دىن 100 گىچە بولغان سانلارنىڭ رەت تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۇتۇش قىلسا بولغىدەك.

69

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 9834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 23421
توردىكى ۋاقتى: 9046
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 15:49:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-2 19:06  

بەزى ئەپەندىلەر قايناپلا كېتىپتۇغۇ!.
ئىلمى ھەققەت يەر شارىدىكى بارلىق مۇتەئەسسىپ كۈچلەر بىرلىشىپ قارشى چىقسىمۇ ھامان ئىلمى ھەقىقەت بولۇپ قالىۋىرىدۇ.ئىلىم -پەن مەسىلىلىرى يېزىلاردا شاۋدۇيجاڭ سايلىغاندەك ئاۋازغا قويۇپ بېكىتىلىدىغان نەرسە ئەمەس.
بىلىپ قېلىڭلاركى،شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسى ھەرقانداق سەپسەتە،ھەرقانداق ھەرقانداق مۇنازىرىنى بىر تىيىنغا ئەرزىگۇسىز قىلىۋەتكىدەك تەجىربە ئاساسلىرىغا ئىگە.

ساغلام بولمىغان مۇددىئالاردا قې-چۇۋ قىلىۋاتقان بىر نەچچەيلەننى مۇشۇ تاپتا 29-تىئورما مەسخىرە قىلىپ كۆلىۋاتىدۇ!.


ئاشكارە سالاھىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقىپ  مەن بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇنازىرىلىشەلەيدىغانلار بولسا قارشى ئالىمەن.قالغان قەستەن قالايمىقانچىلىق چىقىرىۋاتقانلارنى ئاللىقانداقتۇر بىر گۇرۇھ ياكى شەخىسلەرنىڭ غالچىسى دەپ چۈشۈنۆمەن!.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )